ۋىتامىن B12
ۋىتامىن B12 __ يامان سۈپەتلىك قان ئازلىققا قارشى ۋىتامىن بولۇپ، <كوبالامىن> دەپمۇ ئاتىلىدۇ، چۈنكى ئۇ تەركىبىدە كوبالت بولغان بىر خىل مۇرەككەپ بىرىكمە B12 نىڭ مولېكۇلىلىق تۈزۈلۈشى تۆت دانە پىرىدوكس ھالقىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ ھەمدە يۇقىرى دەرىجىدە ئالماشقان بولۇپ، ئالماشقان ئورنى ئوخشىمىغانلىقتىن، مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش شەكلى خىلمۇ خىل بولىدۇ.
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
ۋىتامىن B12ۋىتامىن B12 __ يامان سۈپەتلىك قان ئازلىققا قارشى ۋىتامىن بولۇپ، <كوبالامىن> دەپمۇ ئاتىلىدۇ، چۈنكى ئۇ تەركىبىدە كوبالت بولغان بىر خىل مۇرەككەپ بىرىكمە B12 نىڭ مولېكۇلىلىق تۈزۈلۈشى تۆت دانە پىرىدوكس ھالقىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ ھەمدە يۇقىرى دەرىجىدە ئالماشقان بولۇپ، ئالماشقان ئورنى ئوخشىمىغانلىقتىن، مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش شەكلى خىلمۇ خىل بولىدۇ. مەسىلەن: 5 1 - دې ئوكسى ئادېنوزىل كوبالامىن، سىئانوكوبالامىن، گىدروكسى كوبالامىن ۋە مېتىل كوبالامىنلار بولۇپ، ئۇلاردىن گىدروكسى كوبالامىننىڭ داۋالاش ئۈنۈمى ياخشىراق بولىدۇ. بەدەندىكى مەۋجۇت بولۇش شەكلى مۇھىم دې ئوكسى ئادېنوزىل كوبالامىن بولۇپ، خىلمۇ خىل مېتابولىزم رېئاكسىيىلىرىگە كوئېنزىم بولۇپ قاتنىشىدۇ، شۇ سەۋەبتىن كوئېنزىم B12) CoB12) دەپمۇ ئاتىلىدۇ. مېتىل كوبالامىن مېتىل رادىكالىنى توشۇيدۇ. ۋىتامىن B12 ئىزومېرازا، مېتىل پروپىئونىل كو A مۇتازا ۋە دى ئالدېگىد گىدرولازا قاتارلىقلارنىڭ كوئېنزىمى بولىدۇ.
B12 يېتىشمىگەندە نۇكلېئىك كىسلاتا ۋە ئاقسىللارنىڭ ئارىلىق مېتابولىزمىغا تەسىر قىلىپ، يامان سۈپەتلىك قان ئازلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. پروپئون كسىلاتاسىنى ئېچىتىپ ۋىتامىن B12 نى ئالغىلى بولىدۇ. ئۇ يامان سۈپەتلىك قان ئازلىقنى داۋالاشقا ئىشلىتىلىدۇ، يەنە چوشقا، توخۇ قاتارلىقلارنىڭ ئۆسۈشىنى تېزلىتىدۇ.
ھايۋانلارنىڭ جىگىرىدە B12 نىڭ مىقدارى مول بولۇپ، ئادەمنىڭ ئۈچىيىدىكى باكتېرىيەلەردە سىنتېزلىنىدۇ.[1]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
باشقا ئوقۇشلۇقلار :
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.