نۇرى يېزىسى
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
نۇرى يېزىسى تەكلىماكان قۇملۇقى نىڭ جەنۇبىي چېتى، كوئېنلۇن تېغىنىڭ شىمالىي ئېتىكىگە، چىرا ناھىيەسى نىڭ شەرقىي جەنۇبىغا جايلاشقان، چىرا ناھىيەسى بازىرىغا 120 كىلومېتىر كېلدىغان تاغلىق رايون بۇلۇپ، يېرىم دېھقانچىلىق، يېرىم چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. يېزىلىق ھۆكۈمەت تۇرۇشلۇق جاينىڭ دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 2350 مېتىر كېلىدۇ، ئۇنىڭ قارىمىقىدا 18 مەمۇرىي كەنت بۇلۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە تۆت چارۋىچىلىق كەنتى، 44 كەنت گۇرۇپپىسى بار، ئومۇمىي كۆلىمى 5225.5 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ، نوپۇسى 10437 ئادەم، تېرىلغۇ يەر كۆلىمى 32 مىڭ مو، ئاساسلىقى بۇغداي، قوناق، ياغلىق دانلىق زىرائەتلەر تېرىلىدۇ.
يېزا تەۋەسىدە 18 كەنت ئاھالە كومىتېتى بار بۇلۇپ، قۇمباغ كەنتى، چىمەنباغ كەنتى، يارباغ كەنتى، ئاقتاش كەنتى، تۆۋەن ئاچما كەنتى، ئاچما كەنتى، ئاراقۇم كەنتى، يالغۇز باغ كەنتى، دوما كەنتى، رىزەك كەنتى، چارتاش كەنتى، باغبېشى كەنتى، چوڭكۆل كەنتى، قاشيەر كەنتى، لەڭگەر كەنتى، ياچى كەنتى، بۇزاڭ كەنتى، چاغانقۇم كەنتى قاتارلىقلار. [0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.