تۇرۇپ ئۇرۇقى

تۇرۇپ ئۇرۇقى
بۇ كىرېست گۈللۈكلەر ئائىلىسىدىكى ئۆسۈملۈك ئاق ياكى كۆك تۇرۇپنىڭ قۇرۇتۇلغان پىششىق ئۇرۇقىدۇر، شەكلى بىر ئاز ياپىلاق، رەڭگى قىزغۇچ قوڭۇر، پۇرىقى سۇس، تەمى بىر ئاز قېرىق كېلىدۇ.
ئۇيغۇرچە نامى تۇرۇپ ئۇرۇقى
خەنزۇچە ئاتىلىشى 莱菔子

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

بۇ كىرېست گۈللۈكلەر ئائىلىسىدىكى ئۆسۈملۈك ئاق ياكى كۆك تۇرۇپنىڭ قۇرۇتۇلغان پىششىق ئۇرۇقىدۇر، شەكلى بىر ئاز ياپىلاق، رەڭگى قىزغۇچ قوڭۇر، پۇرىقى سۇس، تەمى بىر ئاز قېرىق كېلىدۇ.

ئۇرۇقىنىڭ تەركىبىدە ئاز مىقداردا ئۇچۇچان ماي ۋە %45 ماي بار. يەنە باكتېرىيەگە قارشى ماددا زاپانىن (Raphanin) ۋە ئاز مىقداردىكى ئۆسۈملۈك سېترولى، ترى ئاكونتان (Triacontane) لارمۇ بار.

1. باكتېرىيەگە قارشى تەسىرى: تۇرۇپ ئۇرۇقىدا باكتېرىيەگە قارشى ماددا بولۇپ، بۇنىڭ ئۆسۈملۈك تەركىبى رافانىندىن ئىبارەت. بۇنىڭ ھەر بىر مىللىلىتىرىدا بىر گىرام تۇتقان قويۇقلۇقتىكى ئېرىتمىسى ئۈزۈمسىمان شارچە باكتېرىيەسى ۋە چوڭ ئۈچەي تاياقچە باكتېرىيەلىرىنى ئۈنۈملۈك ھالدا تورمۇزلايدۇ ھەمدە ھەرخىل ئۆسۈملۈك ئۇرۇقلىرىنىڭ بىخ چىقىرىشىغا تەسىر قىلىدۇ. تۇرۇپ ئۇرۇقىدىن چىقىرىلغان بىرخىل ماي بولۇپ، بۇ «Sulforaphen» دېيىلىدۇ، بۇنىڭ %1 لىك قويۇقلۇقى زەنجىرسىمان شارچە باكتېرىيەسى، يىرىڭ شارچە باكتېرىيەسى، ئۆپكە ياللۇغ تاياقچە باكتېرىيەسى، چوڭ ئۈچەي تاياقچە باكتېرىيەلىرىنىڭ ئۆسۈشىگە تاقابىل تۇرىدۇ.

2. زەمبۇرۇغقا قارشى تەسىرى: تۇرۇپ ئۇرۇقىنىڭ سۇدىكى چىلانمىسى (Sulforaphen) تەجرىبە نەيچىسىدە ئورتاق مەركەزلىك تۈك تەمرەتكىسى زەمبۇرۇغى قاتارلىق ئالتە خىل زەمبۇرۇغلارنى ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدە تورمۇزلايدۇ.

3. باشقا تەسىرى: ئۆزگەرگەن خىلى (Raphanus Satiuuml) دىن ئېلىنغان ماددىسى ئۇزۇن مۇددەت چوڭ چاشقاننىڭ ئوزۇقلۇقى قىلىنسا قالقان بەز ھورمىنىنىڭ بىرىكىشىنى توسالغۇغا ئۇچرىتىدۇ.

ئىككىنچى دەرىجىدە قۇرۇق ئىسسىق.

قەي قىلدۇرۇش، يەل تارقىتىش، سۈيدۈك ھەيدەش، ئىشتىھانى ئېچىش، ھەزىمگە ياردەم بېرىش، تاش پارچىلاش، نەپەسنى راۋانلاشتۇرۇش، بەلغەم بوشىتىش، چىرايىغا جۇلا بېرىش.

ھەزىمنىڭ بۇزۇلۇشى، كۆڭۈل ئېلىشىش، قۇسۇش، ئاشقازان ياللۇغى، سۈيدۈك تۇتۇلۇش، بۆرەك دوۋساق تاش كېسەللىكلىرى، داغ، بەرەس، بەھەق ۋە باشقا تېرە كېسەللىكلىرىگە ئىشلىتىلىدۇ.

1. قەلەمپۇر، پىننە، بەدىيان، تۇرۇپ ئۇرۇقى، لاچىندانە 5 گىرامدىن، زەنجىۋىل 10 گىرام، چاي تەييارلاپ ئىچسە، ھەزىم ناچارلىققا مەنپەئەت قىلىدۇ.

2. تۇرۇپ ئۇرۇقى 10 گىرام، قوغۇن ئۇرۇقى 7 گىرام، تاۋۇز ئۇرۇقى 5 گىرام، تەرخەمەك ئۇرۇقى 10 گىرامدىن، كەرەپشە ئۇرۇقى 15 گىرام، قايناتما تەييارلاپ ئىچسە، تاش پارچىلايدۇ، سۈيدۈك ۋە ھەيزنى راۋانلاشتۇرىدۇ.

1~3 گىرام.

ئىسسىق مىزاج كىشىلەرگە زىيان قىلىدۇ.

سۇماق، بىنەپشە.

شۇمشا ئۇرۇقى، ئاق قىچا.

ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەممە يەرلىرىدە تېرىپ ئۆستۈرلىدۇ.

سۈيدۈك ھەيدەش شەربىتى.

تۇرۇپ ئۇرۇقىنى تازىلاپ، سۇس ئوتتا ئازراق ئۆرلىگۈچە ھەمدە بىر خىل خۇش پۇراق چىققۇچە قورۇپ ئىشلەتكەن ياخشى.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

خەتكۈچلەر:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (1 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    100%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#