ئەڭ چوڭ كاكتۇس

كاكتۇس ئائىلىسىدىكى ئۆسۈملۈكلەر ئەسلىدە ئامېرىكا قىتئەسىدە ئۆسىدۇ. ھازىر ئۇنىڭ پۈتۈن يەرشارى بويىچە تەخمىنەن 150 ئۇرۇق، 2000 تۈرى بار، بۇلار شىمالىي ۋە جەنۇبىي ئامېرىكىنىڭ ئېكۋاتور قىسمنىڭ ئىككى تەرىپىدىكى ئىسسىق بەلۋاغ رايونلىرىغا مەركەزلەشكەن.

نامى شاگىلو كاكتۇسى
دىئامېتىرى 30-60 سانتىمېتىردىن
ئېگىزلىكى 15-18 مېتىر
ئېغىرلىقى 10 توننىدىن كۆپرەك

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

2000 خىل كاكتۇسنىڭ تۈزۈلۈشى ھەرخىل؛ بەزىلىرى خۇددى پوڭزەككە، ماندارىنغا ئوخشاش يۇمۇلاق؛ بەزىلىرى خۇددى ئالقاندەك، پەلەقتەك ياپىلاق؛ بەزىلىرى خۇددى قامچىدەك، ھاسىدەك ئۇزۇن؛ بەزىلىرى خۇددى گۇيلىنشەن تېغىنىڭ سۈيىدەك، يەككە-يىگانە چوققىدەك چوقچىيىپ چىققان؛ بەزىلىرى خۇددى بالىلار ئوينايدىغان رەگەتكە ئوقىچىلىك كەلسە، چوڭلىرى ھەتتا ئادەم بوينىدىنمۇ ئېگىزرەك كېلىدۇ. بۇلارنىڭ ئىچىدە ئەڭ چوڭى ئا ق ش نىڭ جەنۇبىدا ۋە مېكسىكا چۆللۈكىدە ئۆسىدىغان كاتتا كاكتۇس بولۇپ، يەرلىك كىشىلەر ئۇلارنى «شاگىلو كاكتۇسى» دەپ ئاتايدۇ. خۇددى ئۇنىڭ لاتىنچە ئىلمىي نامى-giganeusدە كۆرسىتىلگىنىدەك. بۇ كاكتۇسنىڭ تۈپى تەڭداشسىز دەرىجىدە چوڭ بولۇپ ئېگىزلىكى 15-18 مېتىر كېلىدۇ. ئەڭ ئېگىزى 21 مېتىردىن ئاشىدۇ. دىئامېتىرى 30-60 سانتىمېتىردىن، ئېغىرلىقى 10 توننىدىن كۆپرەك كېلىدۇ. غولى سىلىندىر شەكلىدە بولۇپ، ئۇنىڭ تومپىيىپ چىققان 12-20 تال قوغۇرغىسى بولىدۇ. غولنىڭ يۇقۇرى قىسمى شامدانغا ئوخشىغان شاخ ئايرىپ، ئاق چېچەكلەپ، يىگىلى بولىدىغان قىزىل مېۋە بېرىدۇ. (چيۇ ليەنچىڭ)

ھازىر كاكتۇس ئائىلىسىدىكى ئۆسۈملۈكلەر ئېسىل مەنزىرە ئۆسۈملۈكلىرى بولۇپ، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا تېرىلغان بولسىمۇ، لېكىن كىشىلەر ئۇلارنىڭ تىكەنلىك گەۋدىسىنى كۆرگەندە ھامان ئۇلارنىڭ ئەسلى ماكانىنى-چوغداندەك قىزىق چۆلدىكى ساينى ئەسلىشىدۇ. ئۇلار باشقا ئۆسۈملۈكلەر ئاسانلىقچە ياشىيالمايدىغان ئوتتەك قىزىق دەشت-باياۋانلاردا ئۆسىدۇ. ئۇلارنىڭ ئېگىلمەس-سۇنماس خىسلىتى ئىسسىق بەلۋاغدىكى ئامرىكىلىقلارنىڭ غورۇرى سانىلىدۇ. ئۇلارنىڭ شەربەتلىك غولى ۋە تاتلىق مېۋىسى ئىسسىق بەلۋاغدىكى ئامېرىكىلىقلارنىڭ كۆكتات ۋە مېۋە مەنبەلىرىنىڭ بىرى بولۇپ قالغان.

 شىمالىي ۋە جەنۇبىي ئامېرىكىنىڭ ئېكۋاتور قىسمنىڭ ئىككى تەرىپىدىكى ئىسسىق بەلۋاغ رايونلىرىغا مەركەزلەشكەن.

ئىسسىق بەلۋاغدىكى ئامېرىكىلىقلار كاكتۇسنى دۇنيانىڭ باشقا رايۇنلىرىدىكى خەلقلەرگە قارىغاندا تېخىمۇ قىزغىن سۆيىدۇ. ھەتتا مېكسىكىنىڭ دۆلەت بايرىقى، دۆلەت گىربى ۋە پۇللىرىغا بىر بۈركۈتنىڭ كاكتۇستىن ياسالغان گۈلچەمبىرەككە قونۇپ تۇرغانلىقى چۈشۈرۈلگەن.

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

خەتكۈچلەر:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#