گومېر

گومېرنىڭ رىم ئەدىپلىرىگە كۆرسەتكەن تەسىرى گرېتسىيە ئەدەبىياتىغا كۆرسەتكەن تەسىرىدىن قېلىشمايدۇ. رىمنىڭ ئەڭ ئۇلۇغ شائىر دەپ تونۇلغان ۋېرگىلىئوسنىڭ ئەسىرى «ئېنوئاس خاتىرىلىرى» بىلەن گومېرنىڭ «ئىليادا» سى قۇرۇلما ۋە ئۇسلۇب جەھەتتىن ھېچقانداق پەرقلەنمەيدۇ.

ئۇيغۇرچە ئىسمى گومېر
باشقا نامى Ὅμηρος ، Homer
تۇغۇلغان ۋاقتى مىلادىدىن بۇرۇنقى 873-يىلى
كەسپى شائىر
خەنزۇچە ئىسمى 荷马
دۆلەت تەۋەلىكى قەدىمكى يۇنان
ۋاپات بولغان ۋاقتى مىلادىدىن بۇرۇنقى 8-ئەسىر

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

گومېرمىلادىدىن 8 ئەسىر بۇرۇن پائالىيەت ئېلىپ بارغانلىقى ئېھتىمالغا ناھايىتى يېقىن ،گومېرنى «ئىليادا» دىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ. گومېر يۇقىرى ئابرويغا ئىگە، ئەما بىر كىشى ئىدى. مەن ئۇنى يۈز كىشىنىڭ تىزىملىكىدە كۆزگە تاشلانمايدىغان ئورۇنغا قويغانلىقىم ئۈچۈن، بىر ئاز بىئاراملىق ھېس قىلماقتىمەن. 

گومېر داستانلىرىنىڭ ئاپتورلۇق ھوقۇقى ھەققىدىكى قاراشلار بىردەك ئەمەس. بۇنى چۆرىدىگەن ھالدا بىر قاتار مەسىلىلەر ئوتتۇرىغا قويۇلغان: «ئىليادا» ۋە «ئودىسسا» قاچان، قەيەردە، قانداق يېزىلغان؟ ئىلگىرىكى ئەسەرلەردىن ئېلىنغانمۇ-يوق؟ «ئىليادا» بىلەن «ئودىسسا» بىر ئادەمنىڭ قولىدىغان چىققانمۇ؟ بۇنىڭغا قارىتا نۇرغۇن پەرەزلەرنى ئوتتۇرىغ قويۇشىغا ئىجازەت بەرگەيسىلەر. 

«ئىيادا» نىڭ جەزمەن بىر ئاسالىق ئاپتورى بار(بۇ بىر ئىنتايىن ياخشى داستان بولۇپ، بىرەر ھەيئەتنىڭ بىرلىكتە يازغان بولۇشى مۇمكىن ئەمەس) ، ئۇنىڭدىكى بىر قانچە بۆلەكلەر بىر قانچە شائىرنىڭ قولىدىن چىققان، بۇ داستانلارنىڭ ھەممىسى ئىلگىرى يېزىلغان بولۇپ، گومېر بۇ شېئىرلارنى توپلاپ رەتلىگەن، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۇنى تولۇقلاش ئارقىلىق ئۆزىگە خاس تۇغما تالانتىنى بۇ داستانغا سىڭدۈرگەن. «ئىليادا» نىڭ ئاپتورى گومېر مىلادىدىن 8 ئەسىر ئىلگىرىكى زاماندا ياشىغان. بىز «ئودىسسا» نىڭ ئاپتورىمۇ ئوخشاش بىر ئادەم دەپ قارايمىز. ئاساسىمىز شۇكى، ئىككى داستاننىڭ قىياپىتى ئىنتايىن ئوخشىشىپ كېتىدۇ. 

گومېردەرۋەقە ، گومېرنىڭ ھاياتىغا ئائىت ھەقىقىي ماتېرىياللار ئىنتايىن كەمچىل، ئېيتىشلارغا قارىغاندا، گومېر ئەما بولۇپ، ئىككى داستاندىكى ئادەتتىن تاشقىرى تەسەۋۋۇر قىلىش قابىلىيىتىدىن ئېيتقاندىمۇ، گومېرنىڭ ئەما ئىكەنلىكى توغرىسىدىكى ئەنئەنىۋى قاراشلارنىڭ تۇغرىلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈشكە تامامەن بولىدۇ. بىراق، تەسەۋۋۇر قىلىش قابىلىيىتىگە باي بولۇشى گومېرنىڭ تۇغۇلۇشىدىنلا ئەما بولماستىن، بەلكى كېيىن كۆزدىن ئايرىلغانلىقىنى ئىسپاتلاپ بېرىدۇ. 

بۇ ئىككى داستان جەمئىي 28000 مىسرا بولۇپ، ئىككى داستاننىڭ ئۇنىڭدىكى ۋەقەلەر يۈز بېرىپ ئۇزاق ئۆتمەي يېزىغانلىقى ئېھتىمالغا ناھايىتى يېقىن. 

گومېر شۇنچە يۇقىرى ئابرويغا ئىگە تۇرۇقلۇق، بىز ئۇنى يۈز كىشىنىڭ تىزىملىكىدە كۆزگە ئانچە چېلىقمايدىغان ئورۇنغا قويغانلىقىمىز ئۈچۈن بىر ئاز بىئاراملىق ھېس قىلىمىز. نۇرغۇن ئەدەبىيات-سەنئەتچى بۇ ئورۇنغا لايىق. ھالبۇكى، گومېرنىڭ ئابرويى ۋە تەسىرىنى ئويلاشقاندا ئۇنى بۇ ئورۇنغا قويساق زىددىيەت روشەنلىشىدۇ. گومېرنىڭ ئەسەرلىرى گەرچە دەرسلىكلەرگە تاللانغان بولسىمۇ، ئەمما ئوقۇغۇچىلار ئىنستىتۇت ياكى ئۇنىۋېرسىتېتلاردىن ئايرىلغاندىن كېيىن گومېرنىڭ ئەسەرلىرىنى ئوقۇيدىغانلىرىنىڭ ناھايىتى ئازلىقىنى بايقايمىز، ئەكسىچە شېكېسپېر دراممىلىرىنىڭ پات-پات ئوينىلىپ تۇرىدىغانلىقىنى، نۇرغۇن تاماشىبىنلىرىنىڭ بارلىقىنى، نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ مەدھىيىسىگە سازاۋەر ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋالالايمىز. 

بۇنىڭدىن تاشقىرى، بۈگۈنكى كۈندە ئەدەبىيات ساھەسى ۋە ئەدىپلەر دائىم گومېر ئارقىلىق شېكېسپېر، فرانلىكىن ۋە ئۆمەر ھەيياملارنى ئەكىس ئەتتۈرىدۇ. بىراق، گومېر داستانلىرىنىڭ قەدىمكى يۇنان خەلقلىرىگە بولغان تەسىرى ناھايىتى چوڭ، شۇنداقلا دىنىي ئېتىقاد، ئەخلاق ئۆلچىمىگە بولغان تەسىرىمۇ تەسىرىمۇ غايەت زور. گومېرنىڭ تەسىرى ھەربىي ساھەگىمۇ كېڭەيگەن، نۇرغۇن ھەربىي قوماندانلار گومېر داستانلىرىنى ئوقۇغان، ئېيتىشلارغا قارىغاندا ئىمپېراتور ئالېكساندر ھەر قېتىم جەڭگە چىققاندا گومېر داستانىنىڭ كۆچۈرۈلگەن نۇسخىسىدىن بىرنى ئېلىۋالىدىكەن. 

تېخىمۇ مۇھىمى، گومېرنىڭ ئەدەبىيات ساھەسىگە كۆرسەتكەن تەسىرى ھېسابلىنىدۇ. بارلىق شائىر ۋە دراماتورگلارنىڭ گومېرنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان، بۇنىڭ ئچىىدە سوفوكلېس ۋە ئېۋرىپىدېس، ئارىستوتېللار بار.

گومېرنىڭ رىم ئەدىپلىرىگە كۆرسەتكەن تەسىرى گرېتسىيە ئەدەبىياتىغا كۆرسەتكەن تەسىرىدىن قېلىشمايدۇ. رىمنىڭ ئەڭ ئۇلۇغ شائىر دەپ تونۇلغان ۋېرگىلىئوسنىڭ ئەسىرى «ئېنوئاس خاتىرىلىرى» بىلەن گومېرنىڭ «ئىليادا» سى قۇرۇلما ۋە ئۇسلۇب جەھەتتىن ھېچقانداق پەرقلەنمەيدۇ. چۈنكى رىم ئەدىپلىرىنىڭ ھەممىسى گومېرنى ئۆزلىرىنىڭ تەقلىد قىلىشىدىكى نەمۇنىسى ۋە مىزنى دەپ قارايدۇ. [1]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

خەتكۈچلەر:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (1 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    100%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#