ئەڭ زور گۈل-گىياھ بازىرى

گوللاندىيىدىكى گۈللەر
گوللاندىيە دۇنيا بويىچە ئەڭ كۆپ گۈل ئۆستۈرىدىغان دۆلەت بولۇپ، گۈل ئۇنىڭ ئاساسلىق ئېكىسپورت توۋالىرىنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. ھارلېم ئەتراپىدا گۈلزارلىق ۋە گۈل ئۆستۈرىدىغان ئۆيلەر ناھايىتى كۆپ ئۇچرايدۇ. گۈللەرنىڭ سورتى ناھايىتى كۆپ. 

ئۇيغۇرچە ئىسمى گوللاندىيە
خەنزۇچە ئىسمى 荷兰

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

گوللاندىيىلىكلەر گۈلگە ناھايىتى ئامراق. ئۇلار دەرىزىلىرىغا پەردە تارتماستىن، دەرىزلىرىگە دائىم ھەرخىل گۈللەر بىلەن تولدۇرىدۇ. گۈللەر بارغانسېرى كۆپلىگەن ئائىلىلەرنىڭ ھاياتىدا كەم بولسا بولمايدىغان نەرسىگە ئايلىنىپ قالغان، كىشىلەر بايرام كۈنلىرىدەە بىر-بىرىگە گۈل تەقدىم قىلىشىدۇ.

گوللاندىيە دۇنيا بويىچە ئەڭ كۆپ گۈل ئۆستۈرىدىغان دۆلەت بولۇپ، گۈل ئۇنىڭ ئاساسلىق ئېكىسپورت توۋالىرىنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. ھارلېم ئەتراپىدا گۈلزارلىق ۋە گۈل ئۆستۈرىدىغان ئۆيلەر ناھايىتى كۆپ ئۇچرايدۇ. گۈللەرنىڭ سورتى ناھايىتى كۆپ. بۇلارنىڭ ئىچىدە گۈللالە، سۇنبۇل ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش گۈللەر ئەڭ ئاتاقلىق گۈللەر ھېسابلىنىدۇ. گوللانىدىيىدە سېتىش ئۈچۈن ئۆستۈرۈلىدىغان گۈللەرنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك مەملىكەت بويىچە 13 گۈل بازىرىدا سېتىلىدۇ. ئارسمىر گۈل بازىرىدا كۈنىگە ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ئالتە مىليون دەستە گۈل ۋە تەشتەك گۈل سېتىلىدۇ. بۇلارنىڭ سەكسەن پىرسەنتى چەتئەللەرگە چىقىرىلىدۇ. كۈنىگە بىر قىسىم گۈللەر سوغۇق ساقلايدىغان ماشىنىلار بىلەن ياۋروپانىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا توشۇلىدۇ. يەنە بىر قىسىم گۈللەر ئايرۇپىلان بىلەن توشۇلىدۇ. بۇلار يۈزدىن ئارتۇق مەملىكەتكە سېتىلىدۇ. 

گۈل بازىرىدا گۈل سېتىش ئۇسۇلىمۇ كىشىنى قىزىقتۇرىدۇ. گۈل سېتىشتا، ساتقۇچى(ئادەتتە بىر زالدا ئىككى كىشى بولىدۇ) چوڭ ئېلىكتىرونلۇق سائەتنىڭ ئالدىدا ئولتۇرىدۇ؛ كېچىك رېلىستىكى سىرىلما ۋاگونغا تىزىلغان ھەرخىل گۈللەر خېرىدارلارنىڭ ئالدىدىن ئۆتۈۋاتقان چاغدا، ساتقۇچى خېرىدارلارغا گۈللەرنى ۋە ئۇلارنىڭ باھاسىنى تونۇشتۇرىدۇ. خېرىدارلار خۇددى داشۆ سىنىپلىرىدىكى پەلەمپەيلىك بەندىڭدەك ئورۇندۇقلاردا ئولتۇرىدۇ. ئۇرۇندۇققا بېكتىلگەن كۇنۇپكىنى باسسىلا، ئېلىكتىرلىك سائەت توختايدۇ. كۇنۇپكىنى كىم بالدۇر باسسا، شۇنىڭغا سېتىپ بېرىلىدۇ. پۈتكۈل جەريان ئېلېكتىرونلۇق ھېسابلاش ماشىنىسى ئارقىلىق ئورۇنلىنىدۇ.

ئارسمىردا دۇنيا بويىچە ئەڭ زور گۈل كۆرگەزمىسى ئۆتكۈزىلىدۇ. ھەريىلى بىرىنچى سىنتەبىر شەنبە كۈنى گۈل قاچىلانغان نەچچە يۈز چاتما كېمە قاتار تىزىلىپ، ئامستېردام شەھرىنىڭ مەركىزىگە قاراپ ماڭىدۇ. بۇ كېمىلەر يەتتە سائەتتە شەھەر مەركىزىگە يېتىپ بارىدۇ. (ۋېن جې) 

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#