ئاتموسفېرا
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
بىز ياشاۋاتقان يەرشارىنى بىر چوڭ ئاتموسفېرا قاتلىمى ئوراپ تۇرىدۇ. ئەگەر بىز ئالەم ئايروپىلانى ياكى سۈنئىي ھەمراھ ئۈستىدە تۇرۇپ يەرشارىغا قارىساق، كۆز ئالدىمىزدا نامايەن بولغان يەر شارىنىڭ سۇس كۆك رەڭلىك چىرايلىق تونى دەل ئاتموسفېرا قاتلىمىدۇر. بىز ئىنسانلار قەدىمدىن تارتىپ دەل بۇ ئاتموسفېرا قاتلىمىنىڭ ئاستىدا ياشاپ كېلىۋاتىمىز. ئەگەر ئاتموسفېرا قاتلىمى بولمىغان بولسا، يەرشارىدا بىز ئىنسانلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھېچقانداق ھاياتلىق بولمىغان بولاتتى. ئاتموسفېرا قاتلىمى ئېگىزلىكى 1000 كىلومېتىردىن ئارتۇق بولۇپ، يۇقۇرى ھاۋا بوشلىقىغا ئۆرلىگەنسىرى ھاۋانىڭ زىچلىقى تۆۋەنلەپ ماڭىدۇ.
ئاتموسفېرا قاتلىمى ئېگىزلىكىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا قاراپ، ھەرخىل قەۋەتلەرگە بۆلۈنىدۇ، ھەرقايسى قەۋەتلەرنىڭ رولىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ.
(بىراق قەۋەتلەر ئايرىمىسىدا ئېنىق چىگرا سىزىقى بولمايدۇ)
تروپوسفېرا
تروپوسفېرا (كونۋېكسىيە) قەۋىتى
تروپوسفېرا يەرشارى ئاتموسفېرا قاتلىمىنىڭ ئەڭ ئاستىدىكى بىر قەۋىتى. ئېگىزلىكى 7-18 كىلومېتىرغىچە.
ستاتوسفېرا
ستاتوسفېرا (تەكشى ئېقىم قەۋىتى)
تروپوسفېرا قەۋىتىنىڭ ئۈستۈنكى قاتلىمى ستاتوسفېرا قەۋىتى ھېسابلىنىدۇ.
مېزوسفېرا
مېزوسفېرا (ئوتتۇرا قاتلام)
ستاتوسفېرا قاتلىمىنىڭ ئەڭ ئۈستىدىن يەر يۈزىگە 85 كىلومېتىر ئېگىزلىكتىكى ئاتموسفېرا قاتلىمى مېزوسفېرا دەپ ئاتىلىدۇ.
ئېكزوسفېرا
ئېكزوسفېرا (سىرتقى قاتلام)
يەر يۈزىدىن 500 كىلومېتىر ئېگىزلىكتىكى ئاتموسفېرا قاتلىمى ئېكزوسفېرا دەپ ئاتىلىدۇ.
ئوزونوسفېرا
ئوزونوسفېرا (ئاتموسفېرانىڭ ئوزون قاتلىمى)
يەر يۈزىدىن 20-25 كىلومېتىر ئېگىزلىكتىكى ئاتموسفېرا قاتلىمىدا ئوزون مالېكۇلالىرى نىسبەتەن كۆپ توپلانغان بولغاچقا، بۇ قاتلام ئوزونوسفېرا دەپ ئاتالغان.
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.