ئاق قېيىن

ئاق قىيىن
ئاق قېيىننىڭ غولى تىك، شاخ-يوپۇرماقلىرى شالاڭ، قوۋزىقى ئاپئاق، نوتا-شاخلىرى يۇمشاق؛ شامالدا ئىرغاڭلاپ لىڭشىپ تۇرىدۇ، تۇرقى ناھايىتى كېلىشكەن بولۇپ، يىراقتىن قارىغاندا بىر توپ ئاق خالاتلىق پەرىشتىلەر ئەركىن ئۇسسۇلغا چۈشۈۋاتقاندەك كۆرۈنىدۇ. ئاق قېيىن ئەزەلدىنلا «پەرىزات دەرەخ» دەپ ئاتىلىپ كەلگەن.

ئۇيغۇرچە نامى ئاق قېيىن
خەنزۇچە ئاتىلىشى 白桦

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ئاق قېيىننىڭ غولى تىك، شاخ-يوپۇرماقلىرى شالاڭ، قوۋزىقى ئاپئاق، نوتا-شاخلىرى يۇمشاق؛ شامالدا ئىرغاڭلاپ لىڭشىپ تۇرىدۇ، تۇرقى ناھايىتى كېلىشكەن بولۇپ، يىراقتىن قارىغاندا بىر توپ ئاق خالاتلىق پەرىشتىلەر ئەركىن ئۇسسۇلغا چۈشۈۋاتقاندەك كۆرۈنىدۇ. ئاق قېيىن ئەزەلدىنلا «پەرىزات دەرەخ» دەپ ئاتىلىپ كەلگەن.

ئاق قېيىن يوپۇرماق تاشلايدىغان دەرەخ، ئېگىزلىكى25 مېتىر، كۆكرەك ئېگىزلىكىدىكى غولىنىڭ دىئامېتىرى50 سانتىمېتىر، يوپۇرمىقى ئۈچبۇلۇڭسىمان تۇخۇم شەكىللىك. دەرەخ قوۋزىقى ئاقلىقى بىلەن مەشھۇر، چۈنكى تەركىبىدە %35 ئاق رەڭلىك قېيىن قوۋزىقى جەۋھىرى(بېتولىن) بولغاچقا، دائىم دەرەخ قوۋزىقىغا جۇغلىنىپ بىر قەۋەت «ئاق قىرو» ھاسىل قىلىۋالىدۇ. دەرەخ قوۋزىقى قەغەز ماددىلىق بولۇپ قەۋەتلەرگە بۆلۈنگەن، پىچاق بىلەن تىلسىلا بىر قەۋەت-بىر قەۋەتتىن سويغىلى بولىدۇ. خۇددى بىر ۋاراق قاتتىق قەغەزگە ئوخشايدۇ، خەت يېزىشقا ۋە رەسىم سىزىشقىمۇ، نەپىس ھۈنەر-سەنئەت بۇيۇملىرى ياساشقىمۇ بولىدۇ. دەرەخ قوۋزىقىدا سىزىقسىمان توغرىسىغا كەتكەن تۆشۈكچىلىرى بولۇپ، يىراقتىن قارىغاندا خۇددى دەرەخ غولىدىكى سانسىزلىغان كۆزلەر ئەتراپقا قاراۋاتقاندەك كۆرۈنىدۇ.

ئاق قېيىن دەرىخى قېيىن ئائىلىسىگە كىرىدۇ. پۈتۈن يەر شارىدا قېيىننىڭ40 تۈرى بار، مەملىكىتىمىزدە22 تۈرى بولۇپ، كۆپىنچىسى شەرقىي شىمال ۋە ئوتتۇرا قىسىمدىن غەربىي جەنۇب قىسمىغىچە بولغان رايونلاردا ئۆسىدۇ. ئۇلارنىڭ ئىچىدە ھېچنېمە ئۆتمەيدىغان تۆمۈر قېيىن، سۇغا كىرسىلا چۆكىدىغان قاتتىق قېيىن، «قىزىل تون» يېپىنغان قىزىل قېيىن ۋە قوڭۇر كىيىنگەن قارا قېيىن قاتارلىقلار بار.

ئاق قېيىن ئەتىيازدا يوپۇرماق چىقىرىشتىن ئىلگىرى چېچەكلەيدۇ، گۈلى بىر جىنسلىق، ئاتىلىق-ئانىلىقلىرى بىر تۈپتە، نۇرغۇن ئۇششاق گۈللىرى توپلىشىپ پوتلىسىمان گۈل رېتىنى شەكىللەندۈرىدۇ. بارماقچىلىك توملۇقتىكى گۈل باشىقى شاخلارنىڭ ئۇچىدا ساڭگىلاپ تۇرىدۇ. گۈلدىن كېيىن يوپۇرماقلىرى ئۆسۈپ، پۈتۈن دەرەخ باراقسىنىنى قاپلاپ، ياپيېشىل، ئېگىز-تىك سالاپەتلىك ھەم چىرايلىق كۆرۈنىدۇ. ئۆكتەبىردە مېۋىسى پىشىدۇ، قاتتىق شاكاللىق مېۋىسى كىچىك ھەم ياپىلاق، ئىككى يېنىدا مېۋە قانىتى بولۇپ، شامال بىلەن ئۇچۇپ تارقىلىپ ئۆزلۈكىدىن تېرىلىپ ئۆسىدۇ.

ئاق قېيىن يورۇقلۇقنى ياخشى كۆرىدۇ، سوغۇققا قارشى تۇرالايدۇ، قۇرغاقچىلىققا چىداملىق، نەم ھەم مۇنبەت تۇپراقتا ناھايىتى تېز ئۆسىدۇ، كۆكەرتىش، ئورمان بىنا قىلىشتىكى ئاۋانگارت دەرەخ تۈرى ھېسابلىنىدۇ. 

ئاق قېيىننىڭ ياغىچى قاتتىق، پۇختا ھەم ئېلاستىكلىقى ياخشى بولۇپ، ئىشلىتىلىشى ناھايىتى كەڭ. قوۋزىقىدىن ئاق قېيىن مېيى چەككىلەپ ئېلىشقا ۋە ئۇنى گىرىم بۇيۇملىرىغا پۇراق ماتېرىيالى قىلىپ ئىشلىتىشكە، قېيىن شىرنىسىنى دورا قىلىشقا بولىدۇ.

گېرمانىيە خەلقى ئارىسىدا كىشىلەر ئاق قېيىننى ئالىيجاناب مۇھەببەتنىڭ سىمۋولى دەپ قارايدۇ. ھەر يىلى1-مايدا ياش قىزلار بالكونلىرىغا بىر تۈپ ئاق قېيىن شېخىنى قاداپ قويىدۇ. ياش يىگىتلەر ئۆزى ياخشى كۆرىدىغان قىزىغا زۇمرەتتەك يېشىل ئاق قېيىن كۆچىتى سوۋغا قىلىشىدۇ.

ئاق قېيىننىڭ دۇنيادىكى تارقىلىش خەرىتىسى

ئاق قېيىننىڭ غولى تىك، شاخ-يوپۇرماقلىرى شالاڭ، قوۋزىقى ئاپئاق، نوتا-شاخلىرى يۇمشاق؛ شامالدا ئىرغاڭلاپ لىڭشىپ تۇرىدۇ، تۇرقى ناھايىتى كېلىشكەن بولۇپ، يىراقتىن قارىغاندا بىر توپ ئاق خالاتلىق پەرىشتىلەر ئەركىن ئۇسسۇلغا چۈشۈۋاتقاندەك كۆرۈنىدۇ. ئاق قېيىن ئەزەلدىنلا «پەرىزات دەرەخ» دەپ ئاتىلىپ كەلگەن.

ئاق قېيىن دەرىخى قېيىن ئائىلىسىگە كىرىدۇ. پۈتۈن يەر شارىدا قېيىننىڭ40 تۈرى بار، مەملىكىتىمىزدە22 تۈرى بولۇپ، كۆپىنچىسى شەرقىي شىمال ۋە ئوتتۇرا قىسىمدىن غەربىي جەنۇب قىسمىغىچە بولغان رايونلاردا ئۆسىدۇ. ئۇلارنىڭ ئىچىدە ھېچنېمە ئۆتمەيدىغان تۆمۈر قېيىن، سۇغا كىرسىلا چۆكىدىغان قاتتىق قېيىن، «قىزىل تون» يېپىنغان قىزىل قېيىن ۋە قوڭۇر كىيىنگەن قارا قېيىن قاتارلىقلار بار.

ئاق قېيىن يوپۇرماق تاشلايدىغان دەرەخ، ئېگىزلىكى25 مېتىر، كۆكرەك ئېگىزلىكىدىكى غولىنىڭ دىئامېتىرى50 سانتىمېتىر، يوپۇرمىقى ئۈچبۇلۇڭسىمان تۇخۇم شەكىللىك. دەرەخ قوۋزىقى ئاقلىقى بىلەن مەشھۇر، چۈنكى تەركىبىدە %35 ئاق رەڭلىك قېيىن قوۋزىقى جەۋھىرى(بېتولىن) بولغاچقا، دائىم دەرەخ قوۋزىقىغا جۇغلىنىپ بىر قەۋەت «ئاق قىرو» ھاسىل قىلىۋالىدۇ. دەرەخ قوۋزىقى قەغەز ماددىلىق بولۇپ قەۋەتلەرگە بۆلۈنگەن، پىچاق بىلەن تىلسىلا بىر قەۋەت-بىر قەۋەتتىن سويغىلى بولىدۇ. خۇددى بىر ۋاراق قاتتىق قەغەزگە ئوخشايدۇ، خەت يېزىشقا ۋە رەسىم سىزىشقىمۇ، نەپىس ھۈنەر-سەنئەت بۇيۇملىرى ياساشقىمۇ بولىدۇ. دەرەخ قوۋزىقىدا سىزىقسىمان توغرىسىغا كەتكەن تۆشۈكچىلىرى بولۇپ، يىراقتىن قارىغاندا خۇددى دەرەخ غولىدىكى سانسىزلىغان كۆزلەر ئەتراپقا قاراۋاتقاندەك كۆرۈنىدۇ.

ئاق قېيىن ئەتىيازدا يوپۇرماق چىقىرىشتىن ئىلگىرى چېچەكلەيدۇ، گۈلى بىر جىنسلىق، ئاتىلىق-ئانىلىقلىرى بىر تۈپتە، نۇرغۇن ئۇششاق گۈللىرى توپلىشىپ پوتلىسىمان گۈل رېتىنى شەكىللەندۈرىدۇ. بارماقچىلىك توملۇقتىكى گۈل باشىقى شاخلارنىڭ ئۇچىدا ساڭگىلاپ تۇرىدۇ. گۈلدىن كېيىن يوپۇرماقلىرى ئۆسۈپ، پۈتۈن دەرەخ باراقسىنىنى قاپلاپ، ياپيېشىل، ئېگىز-تىك سالاپەتلىك ھەم چىرايلىق كۆرۈنىدۇ. ئۆكتەبىردە مېۋىسى پىشىدۇ، قاتتىق شاكاللىق مېۋىسى كىچىك ھەم ياپىلاق، ئىككى يېنىدا مېۋە قانىتى بولۇپ، شامال بىلەن ئۇچۇپ تارقىلىپ ئۆزلۈكىدىن تېرىلىپ ئۆسىدۇ.

ئاق قېيىن يورۇقلۇقنى ياخشى كۆرىدۇ، سوغۇققا قارشى تۇرالايدۇ، قۇرغاقچىلىققا چىداملىق، نەم ھەم مۇنبەت تۇپراقتا ناھايىتى تېز ئۆسىدۇ، كۆكەرتىش، ئورمان بىنا قىلىشتىكى ئاۋانگارت دەرەخ تۈرى ھېسابلىنىدۇ. sf

ئاق قېيىننىڭ ياغىچى قاتتىق، پۇختا ھەم ئېلاستىكلىقى ياخشى بولۇپ، ئىشلىتىلىشى ناھايىتى كەڭ. قوۋزىقىدىن ئاق قېيىن مېيى چەككىلەپ ئېلىشقا ۋە ئۇنى گىرىم بۇيۇملىرىغا پۇراق ماتېرىيالى قىلىپ ئىشلىتىشكە، قېيىن شىرنىسىنى دورا قىلىشقا بولىدۇ.

گېرمانىيە خەلقى ئارىسىدا كىشىلەر ئاق قېيىننى ئالىيجاناب مۇھەببەتنىڭ سىمۋولى دەپ قارايدۇ. ھەر يىلى1-مايدا ياش قىزلار بالكونلىرىغا بىر تۈپ ئاق قېيىن شېخىنى قاداپ قويىدۇ. ياش يىگىتلەر ئۆزى ياخشى كۆرىدىغان قىزىغا زۇمرەتتەك يېشىل ئاق قېيىن كۆچىتى سوۋغا قىلىشىدۇ.

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#