زۈلۈك
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
ﺑﯧﺸﻰ ﻗﺎرا، ﻳﯘﻣﯩـلاق ﻛﯧﻠﯩﺪۇ، ﻗﻮرﺳﯩﻘﯩﻨﯩﯔ ﺗﯧﮕﻰ ﻗﯩﺰﯨﻞ، دۈﻣﺒﯩﺴﯩﺪە ﻛﯚك ﺳﯩﺰﯨﻘﻠﯩﺮى ﺑﻮﻟﯩﺪۇ، ﺑﯘﻧﺪاﻗﻠﯩﺮﯨﻤﯘ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﮬﯧﺴﺎﺑﻠﯩﻨﯩﺪۇ، ﺑﻪزﯨﺴﻰ ﺑﻪك ﻗﺎرا، ﻳﻮﻏﺎن ﻛﯧﻠﯩﺪۇ، ﺑﯘﻧﺪاﻗﻠﯩﺮى ﻧﺎﭼﺎر ﮬﯧﺴﺎﺑﻠﯩﻨﯩﺪۇ.
ﮬﻪﻳﺰ ﺗﯘﺗﯘﻟﯘش، ﺳﯩﺮﺗﻘﻰ زەﺧﯩﻤﻠﯩﻨﯩﺶ، ﺑﺎﻟﯩﻴﺎﺗﻘﯘ ﻣﯘﺳﻜﯘﻟﻠﯩﺮى ﺋﯩﺸﺸﯩﺶ، ﮬﯩﺴﺘﯧﺮﯨﻴﻪ (ﮬﻪﻳﺰ ﺗﻮﺳﯘﻟﯘﺷﺘﯩﻦ ﺑﻮﻟﻐﺎن ﺗﯘﺗﻘﺎﻗﻠﯩﻖ) ﻗﺎﺗﺎرﻟﯩﻘـلارﻏﺎ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﻠﯩﺪۇ.
ﻗﺎﻧﺪﯨﻜﻰ ﻣﺎﻳﻨﻰ ﺗﯚۋەﻧﻠﯩﺘﯩﺶ، ﻳﺎﻟﻠﯘﻏﻨﻰ ﻗﺎﻳﺘﯘرۇش، ﮬﺎﻣﯩﻠﯩﺪارﻟﯩﻘﺘﯩﻦ ﺳﺎﻗـلاش، ﻣﯧﯖﯩﻨﻰ ﺗﯩﻨﯩﭽـلاﻧﺪۇرۇش ﻗﺎﺗﺎرﻟﯩﻖ روﻟﻰ ﺑﺎر.
1. زۈلۈك، ﺳﺎﻧﺎ 15 ﮔﺮام، زاراﯕﺰا ﮔﯜﻟﻰ 10 ﮔﺮام، ﺋﯘﺑﮭﻪل 7 ﮔﺮام، 8 ﮔﺮام، ﺧﯩﻴﺎر ﺷﻪﻧﺒﻪر 15 ﮔﺮام، ﺗﯘﺧﯘﻣﻰ ﺳﯘﻳﺎ 10 ﮔﺮام، ﺑﺎدام ﻣﯧﻐﯩﺰى 15 ﮔﺮام، ﻗﺎﺋﯩﺪە ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﻗﺎﻳﻨﺎﺗﻤﺎ ﺗﻪﻳﻴﺎرلاپ ﺋﯩﭽﯩﭗ ﺑﻪرﺳﻪ، ﮬﻪﻳﺰﻧﻰ راۋان ﻗﯩﻠﯩﺪۇ.
2.زۈلۈكنىڭ ﭼﻮﯕﯩﺪﯨﻦ 15 داﻧﯩﻨﻰ ﺗﯩﺮﯨﻚ ﺋﯧﻠﯩﭗ، ﺋﯘﻧﻰ 80 ﮔﺮام ﻗﯘرۇق ﺧﯩﺮاﺗﯩﻦ (ﻳﻪر ﺗﯧﮕﯩﺪﯨﻦ ﭼﯩﻘﯩﺪﯨﻐﺎن ﺑﯩﺮ ﺧﯩﻞ ﻗﯩﺰﯨﻞ ﻗﯘرت) ﺑﯩﻠﻪن 300 ﮔﺮام ﻳﯧﯖﻰ ۋە ﭘﺎﻛﯩﺰ ﻛﯜﻧﺠﯜت ﻳﯧﻐﻰ ﺑﯩﻠﻪن ﺗﺎزا ﻗﺎﻳﻨﯩﺘﯩﭗ، ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺳﯜزۈك ﺷﯧﺸﯩﮕﻪ ﺳﯧﻠﯩﭗ ﺳﺎﻗـلاپ ﻗﻮﻳﯘپ، ﮬﺎﺟﻪت ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪا ﺋﻪرﻟﻪرﻧﯩﯔ ﺟﯩﻨﺴﯩﻲ ﺋﻪزاﺳﯩﻨﯩﯔ ﺋﻪﺗﺮاﭘﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ۋە ﺋﯚزﯨﮕﻪ ﭼﺎﭘﺴﺎ، ﺟﯩﻨﺴﯩﻲ ﺋﻪزاﻧﻰ ﻗﻮزﻏﺎﻳﺪۇ.
3. زۈلۈكنىڭ ﻳﺎﺧﺸﯩﺴﯩﻨﻰ ﺑﯘزۇق ﻗﺎن ﺑﺎر ﻳﻪرﮔﻪ ﻣﻪﺳﯩﻠﻪن: ﺳﺎﻗﺎﻳﻤﯩﻐﺎن ﻳﯩﺮﯨﯖﻠﯩﻖ ﭼﺎﻗﯩـلار ۋە ﺗﻪﻣﺮەﺗﻜﻪ ﺑﺎر ﺋﻪزالارﻏﺎ ﻳﯧﭙﯩﺸﺘﯘرۇپ ﻗﻮﻳﯘﻟﺴﺎ، ﺑﯘزۇق ﻗﺎﻧﻨﻰ ﺷﻮراپ ﻳﻮﻗﯩﺘﯩﺪۇ، ﺷﯘﻧﯩﯖﺪەك ﻧﻪﺷﺘﻪر ﺑﯩﻠﻪن ﻗﺎن ﺋﺎﻟﻐﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎن ﻧﺎزۇك ﺋﻪزالارﻏﺎ ﻳﯧﭙﯩﺸﺘﯘرۇپ ﻗﻮﻳﯘﻟﺴﯩﻤﯘ، ﺑﯘزۇق ﻗﺎﻧـلارﻧﻰ ﺷﻮراپ ﺗﺎزﯨـلاﻳﺪۇ.
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.