ھاۋاي تاقىم ئاراللىرى

ھاۋاي تاقىم ئاراللىرى تىنچ ئوكياننىڭ ئوتتۇرىغا جايلاشقان تاقىم ئاراللار بولۇپ، يەر مەيدانى 16 مىڭ 759 كۋادرات كىلومېتىر، ماۋئى، مولوكەي، ۋاخو، كاۋئەي قاتارلىق چوڭ-كىچىك 120 دىن ئوشۇق ۋولقان ھەم مارجان ئاراللىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، بۇ ئاراللار غەربىي شىمالدىن شەرقىي جەنۇبقا قاراپ 3600 كىلومېتىر ئۇزۇنلۇقتا سوزۇلۇپ تۇرىدۇ.

نامى ھاۋاي تاقىم ئاراللىرى
ئىنگىلىسچە نامى Hawaiian Islands
ئۇمۇمىي كۆلىمى 16 مىڭ 759 كۋادرات كىلومېتىر
خەنزۇچە نامى 夏威夷群岛
ئورنى تىنچ ئوكيان
نوپۇسى 1 مىليون 210 مىڭ (2000يىل)

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

 ھاۋاي ئاراللىرىنڭ مەركىزى ھونۇلولو شەھىرى ، ھاۋاي تاقىم ئاراللىرى تىنچ ئوكياننىڭ ئوتتۇرىغا جايلاشقان تاقىم ئاراللار بولۇپ، يەر مەيدانى 16 مىڭ 759 كۋادرات كىلومېتىر، ماۋئى، مولوكەي، ۋاخو، كاۋئەي قاتارلىق چوڭ-كىچىك 120 دىن ئوشۇق ۋولقان ھەم مارجان ئاراللىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، بۇ ئاراللار غەربىي شىمالدىن شەرقىي جەنۇبقا قاراپ 3600 كىلومېتىر ئۇزۇنلۇقتا سوزۇلۇپ تۇرىدۇ.ئاراللار ئىچىدىكى چوڭراقلىرى، دېڭىز ئاستىدىن كۆتۈرۈلۈپ چىققان ۋولقان ئاراللىرىدىن ئىبارەت. بۇ جايدىكى ھاۋاي ئارىلىغا جايلاشقان ماۋنالو يانار تېغى دېڭىز يۈزىدىن 4170 مېتىر ئېگىز، كىلاۋى يانار تېغى 1247 مېتىر ئېگىز بولۇپ، ھەممىسى ھەرىكەتتىكى ۋولقانلار ھېسابلىنىدۇ. ئەگەر ۋولقانلارنىڭ دېڭىز ئاستىدىكى قىسمىنى قوشۇپ ھېسابلىغاندا ئېگىزلىكى 8000 مېتىردىن ئاشىدۇ. بۇ جايدا داۋاملىق يانار تاغلار پارتلاپ تۇرىدۇ.

ھاۋاي ئاراللىرىنىڭ ئاھالىسى  1 مىليون 210 مىڭ (2000-يىل) ئاھالىنىڭ %37نى ياپونلۇقلار، % 17نى پولېنزىيىلىكلەر، % 40نى ئا ق ش لىقلار، %6 نى جۇڭگو قان سىستېمىسىدىكى ئامېرىكىلىقلار، قالغىنىنى فىلىپپىنلىقلار تەشكىل قىلىدۇ .ھاۋاي خەلقلىرى ئاساسەن يېزا ئىگىلىك بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. يېزا ئىگىلىك زىرائەتلىرىدىن شېكەر قومۇشى،قەھۋە ، گىياھ ، ئاناناس قاتارلىقلارنى ئۆستۈرۈش ۋە تېرىشنى ئاساس قىلىدۇ.

ھاۋاي ئاراللىرىنىڭ ئىقلىمى تروپىك يامغۇرلۇق ئورمان ئىقلىمى بىلەن تروپىك ساۋاننا ئىقلىم تىپىغا كىرىدۇ. يىللىق ھۆل-يېغىن مىقدارى 1000-3000 مىللىمېتىر كېلىدۇ، ماۋئەي ئارىلىدا 12 مىڭ مىللىمېتىرغا يېتىدۇ. بۇ جاي دۇنيا بويىچھە ئەڭ كۆپ ھۆل-يېغىنلىق ئورۇنلارنىڭ بىرى بولۇپ، يىللىق ئوتتۇرىچە ھاۋا تېمپېراتۇرىسى ℃23 ئەتراپىدا بولىدۇ.

ھاۋاي تاقىم ئاراللىرىدىكى بۇ ئاجايىپ تەبىئىي مەنزىرىلەر دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلماقتا، ھەر يىلى بۇ يەرگە ساياھەتكە كېلىدىغان ساياھەتچىلەرنىڭ سانى نەچچە مىليونغا يېتىدۇ.

يانار تاغدىن دائىم لاۋا ئېتىلىپ چىقىپ تۇرسىمۇ، لېكىن يانار تاغ ھەرىكىتى ئانچە بەك كۈچلۈك ئەمەس. لاۋىنىڭ يېپىشقاقلىق دەرىجىسىمۇ تۆۋەن، ئېقىشچانلىقى كۈچلۈك بولۇپ، ئېقىن يولى ئاسان توسۇلۇپ قالمايدۇ، شۇڭا ئۇ كىشىلەرنىڭ يانار تاغنى تاماشا قىلىدىغان ياخشى جايغا ئايلانغان. 20-ئەسرنىڭ باشلىرى، ئا ق ش ھۆكۈمىتى ئۇنى «ھاۋاي دۆلەتلىك يانار تاغ باغچىسى» قىلىپ بېكىتتى.

ساياھەت ئىشلىرى جەھەتتە بۇ ئاجايىپ تەبىئىي مەنزىرىلەر دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلماقتا، ھەر يىلى بۇ يەرگە ساياھەتكە كېلىدىغان ساياھەتچىلەرنىڭ سانى نەچچە مىليونغا يېتىدۇ.ھاۋاي تاقىم ئاراللىرىنىڭ جۇغراپىيىلىك ئورنى ئىنتايىن مۇھىم، ئۇ دېڭىز ۋە ھاۋا قاتنىشىدا ئۆتمىسە بولمايدىغان ئۆتكەل، تىنچ ئوكياننى كېسىپ ئۆتىدىغان دېڭىز ئاستى كابېلىمۇ مۇشۇ يەردىن ئۆتىدۇ. شۇڭا ئۇنىڭ «تىنچ ئوكياندىكى تۆت كوچا ئېغىزى» دېگەن نامى بار.

ھاۋاي تاقىم ئاراللىرى

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#