رېن بىشى

رېن بىشى (1904-1950-يىللار) خۇنەننىڭ شياڭيىن دېگەن يېرىدىن، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ ئەزاسى، پرولېتارىيات ئىنقىلابچىسى،  سىياسىئون، تەشكىللىگۈچى،  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ۋە جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ كۆزگە كۆرۈنگەن رەھبىرى، يولداش ماۋزېدۇڭ يادرولۇقىدىكى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ بىرىنچى ئەۋلاد رەھبەرلىك كوللېكتىپىنىڭ مۇھىم ئەزاسى. 

ئۇيغۇرچە ئىسمى رېن بىشى
باشقا نامى 任培国
مىللىتى خەنزۇ
تۇغۇلغان ۋاقتى 1904-يىل 4-ئاينىڭ 30-كۈنى
كەسپى پرولېتارىيات ئىنقىلابچىسى، سىياسىئون
خەنزۇچە ئىسمى 任弼时
دۆلەت تەۋەلىكى جۇڭگو
يۇرتى خۇنەن
ۋاپات بولغان ۋاقتى 1950-يىل 10-ئاينىڭ 27-كۈنى
پۈتتۈرگەن مەكتىپى موسكۋا شەرق ئەمگەكچى ئۇنىۋېرسىتېتى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

 رېن بىشى (1904-1950-يىللار) خۇنەننىڭ شياڭيىن دېگەن يېرىدىن. 1921-يىلى رۇسىيە فېدېراتسىيەسىگە بېرىپ موسكۋا شەرق ئەمگەك ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇغان ھەمدە شۇ يەردە جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە كىرگەن.

1924-يىلى ۋەتەنگە قايتىپ كېلىپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى مەركىزىي كومىتېتى تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى بولغان. 1927-يىلى كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شۇجىسى بولغان.

1927 -يىلىدىكى كۈزلۈك يىغىم قوزغىلىڭىدىن كېيىن، ئۇ مەركىزىي كومىتېتنىڭ بۇيرۇقىغا بىنائەن خۇنەنگە تەكشۈرۈشكە بېرىپ، خۇنەن ئۆلكىسى تۈزگەن 2-قېتىملىق چاڭشا قوزغىلىڭى كۆتۈرۈشتىن ئىبارەت تەۋەككۈلچىلىك پىلانىنى كەسكىن تۈزىتىپ، ئىنقىلابنى زىيانغا ئۇچراشتىن ساقلاپ قالغان. 1929-يىلى ج ك پ خۇبېي ئۆلكىلىك كومىتېتىنىڭ شۇجىسى بولغان. 1931-يىلى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيۇروسىنىڭ ئەزالىقىغا سايلانغان.

 1934-يىلى 7-ئايدا، رېن بىشى رەھبەرلىكىدىكى قىزىل ئارمىيىنىڭ 6-جۈنتۇەنى قىزىل ئارمىيە ئۇزۇن سەپىرىنىڭ ئالدىن ئەۋەتىلگۈچى قىسىملىق ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئېلىپ، گۇيجۇنىڭ شەرقىي شىمالىدا دۈشمەن قورشاۋىدا قالغان. نۇرغۇن جەڭچى ئوق-دورا، ئوزۇق-تۈلكى تۈگەپ قالغان ئەھۋالدا قىيادىن سەكرەپ ئۆلۈۋالغان. رېن بىشى ئېغىر كېسەلگە بەرداشلىق بېرىپ ھاسىسىغا تايانغىنىچە قوشۇنغا قوماندانلىق قىلىپ دۈشمەن مۇھاسىرىسىنى باتۇرلۇق بىلەن بۆسۈپ ئۆتكەن. كېيىن، قىزىل ئارمىيەنىڭ 6-جۈنتۇەنى خې لۇڭ رەھبەرلىكىدىكى قىزىل ئارمىيىنىڭ 2-جۈنتۇەنى بىلەن ئۇچرىشىپ، قىزىل ئارمىيە 2-يۆنىلىش ئارمىيىسى بولۇپ تەشكىللەنگەن، رېن بىشى سىياسىي كومىسسارلىققا تەيىنلىنىپ، خۇنەن-خۇبېي-گۇيجۇ ئىنقىلابىي بازىسىنى قۇرۇشقا رەھبەرلىك قىلغان. 1936-يىلى قىزىل ئارمىيىنىڭ 2-يۆنىلىش ئارمىيىسى گەنزى دېگەن يەردە جاڭ گوتاۋ رەھبەرلىكىدىكى قىزىل ئارمىيىنىڭ4-يۆنىلىش ئارمىيىسى بىلەن ئۇچراشقاندىن كېيىن، رېن بىشى جاڭ گوتاۋنىڭ پارتىيىنى، ئارمىيىنى بۆلۈۋېتىشكە ئۇرۇنۇشتەك خاتا قىلمىشىغا قەتئىي قارشى تۇرغان ھەمدە 4-يۆنىلىش ئارمىيەسىدىكى كادىرلارغا ئىدىيىۋى خىزمەت ئىشلەپ، 4-يۆنىلىش ئارمىيەسىنىڭ داۋاملىق شىمالغا يۈرۈش قىلىشىنى قولغا كەلتۈرۈشكە نۇرغۇن يۈرەك قېنىنى سەرپ قىلىپ، ئاخىر قىزىل ئارمىيىنىڭ1-يۆنىلىش ئارمىيەسى بىلەن قوشۇلۇش ۋەزىپىسىنى غەلىبىلىك ئورۇندىغان.

ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش پارتلىغاندىن كېيىن، رېن بىشى  8-ئارمىيە سىياسىي بۆلۈمىنىڭ مۇدىرلىقىغا تەيىنلىنىپ، شىمالىي جۇڭگو ئالدىنقى سېپىگە بېرىپ ئۇرۇشقا قوماندانلىق قىلغان. 8-ئارمىيىنىڭ باش شتابىدا، ئۇ كېچىنى كۈندۈزگە ئۇلاپ، يۈرەك قېنىنى سەرپ قىلىپ جاپالىق ئىشلەۋەرگەچكە، ئاخىر قان قۇسۇپ ئاغرىپ يېتىپ قالغان. 1943-يىلى ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى بولغان.

ئازادلىق ئۇرۇشى مەزگىلىدە، رېن بىشى ئۆزىنىڭ ئېغىر كېسەل بولۇپ قالغىنىغا قارىماي، ئىستىل تۈزىتىش ھەرىكىتىگە رەھبەرلىك قىلغان، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيە =سىنىڭ مەملىكەتلىك7-قۇرۇلتىيىنى ئېچىشقا تەشكىلاتچىلىق قىلغان، لياۋشېن، پىڭجىن، خۇەيخەيدىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ جەڭگە قاتناشقان ھەمدە ھەربىي لازىمەتلىكلەر ۋە ماددىي ئەشيالارنى يۆتكەش، تەمىنلەش خىزمىتىگە مەسئۇل بولغان. يولداشلار ئۇنى دەم ئېلىشقا ئۈندىگەندە، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىمۇ ئۇنىڭ داۋالانغاچ دەم ئېلىشىنى تەلەپ قىلغاندا، ئۇ: بىز ھەممىمىز كومپارتىيە ئەزالىرى، زىممىمىزدە ئىنقىلابنىڭ ئېغىر ۋەزىپىسى بار؛ 100 قەدەم بەرداشلىق بەرگىلى بولسىلا، بىر قەدەمنىمۇ ئاز ماڭماسلىقىمىز كېرەك، دەپ دەم ئېلىشنى رەت قىلغان.

 1950-يىلى  10-ئايدا، رېن بىشى بېيجىڭدا كېسەل سەۋەبىدىن ۋاپات بولغان. مارشال يې جيەنيىڭ رېن بىشىنىڭ ھايات ۋاقتىدىكى ئىش ئىزلىرىنى ئەسلەپ: ئۇ پارتىيىمىزنىڭ تۆگىسى ئىدى، جۇڭگو خەلقىنىڭ تۆگىسى ئىدى، دېگەن. [0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#