قۇياش ھەرىكىتى

قۇياش ھەرىكىتى

قۇياش ھەرىكىتى «قۇياش دولقۇنى» دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئۇ، قۇياش ئاتموسفېراسىدىكى بارلىق ھەركەتلەرنىڭ ئۇمۇمىي ئاتىلىشىدىن ئىبارەت.

ئۇيغۇرچە نامى قۇياش ھەرىكىتى
ئوتتۇرغا قۇيۇلغان ۋاقتى 1783-يىلى
باشقا نامى قۇياش دولقۇنى
خەنزۇچە نامى 太阳运动
ھەرىكەت تېزلىكى ھەر بىر سېكۇنتتا 19.7 كىلومېتىر

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

قۇياش ھەرىكىتى «قۇياش دولقۇنى» دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئۇ، قۇياش ئاتموسفېراسىدىكى بارلىق ھەركەتلەرنىڭ ئۇمۇمىي ئاتىلىشىدىن ئىبارەت. 

قۇياش ھەرىكىتىنىڭ ئاساسلىق بەلگىلىرى ___ قۇياش داغلىرى، قۇياش چاقناش، قۇياش قۇلىقى ۋە «قۇياش بورىنى» قاتارلىقلارنىڭ ئۆزگىرىش ھادىسسىدىن ئىبارەت. بۇلار قۇياشتا بىر قاتار فىزىكىلىق جەريانلارنىڭ ئۆزگىرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

قۇياش داغلىرى 

قۇياش ھەرىكىتىقۇياش داغلرى قۇياشنىڭ فوتوسفېرا قاتلىمىدا پەيدا بولدىغان غايەت زور قاينامسىمان گاز ئېقىنىدىن ئىبارەت. ئۇ قۇياش ھەركىتىنىڭ ئەڭ كۆرۈنەرلىك ئالاھىدىلىكى ھېسابلىنىدۇ. ئۇنىڭ تېمپىراتۇرىسى فوتوسفېرانىڭكىدىن 1000-2000 سېلسىيە گرادۇستىن تۆۋەن، فوتوسفېراغا سېلىشتۇرغاندا سەل قاراڭغۇ داغ شەكىلىدە بولغاچقا، «قۇياش داغلىرى» دەپ ئاتىلىدۇ. قۇياش داغلىرى بەزىدە يەككە، بەزىدە جۈپ ۋە توپ-توپ پەيدا بۇلۇپ، قۇياش يۈزىدە غەتبتىن شەرققە قاراپ يۆتكىلىپ، مەلۇم ۋاقىت ئۆتكەندە ئۆزلۈكىدىن يوقىلىپ كېتىدۇ، كىچىكلىرىنىڭ دىئامېتىرى 1000 كىلومېتىر، چوڭلىرىنىڭ دىئامېتىرى 200 مىڭ كىلومېتىرغا يېتىدۇ، كۆلىمى يەر شارى كۆلىمىنىڭ نەچچە ئون ھەسسىسىدىنمۇ چوڭ كېلىدۇ. قۇياش داغلىرىنىڭ پەيدا بۇلۇش دەۋرى ئوتتۇرچە تەخمىنەن 11 يىل بولىدۇ.

قۇياش بورىنى

قۇياش ھەرىكىتىقۇياش بورىنى «قۇياش دېغى» دەپ ئاتالغان بىر خىل ئاسترونومىيە ھادىسىلىرى، ئۇ قۇياش نىڭ ئاتموسفېرادا قىسمەن پارتلاش پەيدا قىلىدۇ، قۇياش يۈزىدە قۇياش بورىنى ھاسىل قىلغان. 

قۇياش بورىنى قۇياش ئاتموسفېراسىنىڭ ئەڭ سىرتقى قەۋىتى بولغان قۇياش ئۆسۈكى ئۈزلۈكسىز چىقىپ تۇرىدىغان، مۇقىم زەررىچىلەرنىڭ ئېقىمى بولۇپ، ئاساسلىق تەركىبى پروتۇن بىلەن ئېلىتىرۇندىن ئىبارەت، بۇ خىل بوراننىڭ سۈرئىتى ئىنتايىن تىز بولۇپ، ئۇزۇن يول بىسىپ يەر شارىغا يىقىن كەلگەندىمۇ، سۈرئىتى 450kms قا يىتىدۇ، بۇ مىكرو زەررىچىلەر نىسبەتەن بىر قەدەر زىچ بولۇپ، ھەر كۇب مېتىرىدىكى سانى 8 مىليون دانىگە يىتىدۇ.

قۇياش بورىنى يەر شارى دىكى بوران چاپقۇنغا ئوخشاش قۇم-شېغىللارنى ئۇچۇرۇپ، جاھاننى چاڭ-توزانغا قاپلىۋەتمەيدۇ، بىراق ئۇ ئۆزگىچە ئۇسۇل ئارقىلىق ئېنېرگىيەسىنى نامايەن قىلىدۇ، ئۇ قۇيرۇقلۇق يۇلتۇزنىڭ قۇيرۇقىنى «پۈۋلەپ» ئۇچۇرۇپ ئۇزارتىۋېتىدۇ، ھەمدە ئۇنى قۇياشقا تەتۇر يۆنىلىشكە قارىتىپ قويالايدۇ.

 ئالاھىدىلىكى        / قەۋەتلار  فوتوسفېرا  خروموسفېرا  قۇياش تاجى 
 ئورنى  قۇيش ئاتموسفېراسىنىڭ ئەڭ تۆۋەنكى قەۋىتى، قۇياش نۇرى تارقىتىدىغان ئاساسىي قەۋەت  فوتوسفېرانىڭ سىرتىقى يۈزىدىن ئىبارەت. ئەتىرگۈل رەڭگىدە بۇلۇپ، ئۇ چىقارغاندا كۆرۈندىغان نۇر فوتوسفېرا چىقارغان نۇرنىڭ 1000/1 گىمۇ يەتمەيدۇ. فوتوسفېرانىڭ سىرتىدىكى ئىنتايى شالاڭ، پۈتۈنلەي ئىئونلانغان ھاۋا قاتلىمى، يۇرۇقلۇق دەرىجىسى فوتوسفېرا يۇرۇقلۇق دەرىجىسىنىڭ 1/1000000 گە تەڭ. 
 قېلىنلىقى  تەخمىنەن 500 كىلومېتىر  تەخمىنەن نەچچە مىڭ كىلومېتىر  بىر قانچە قۇياش رادىئۇسىغا تەڭ ياكى ئۇنىڭدىن قېلىن. 
 تېپمىراتۇرىسى  تەخمىنەن 500 K تۆۋەندىن يۇقىرىغا قاراپ تەخمىنەنن 4000 گرادۇستىن نەچچە تۇمەن گرادۇسقىچە بولىدۇ.  1000000 گرادۇس 
 قۇياش ھەركىتى  قۇياش داغلىرى (فوتوسفېرانىڭ سىرتقى يۈزدىكى قارا داغلار. تېمپىراتۇرىسى فوتوسفېرا يۈزىنىڭ تېمپىراتۇرسىدىن K1500 تۆۋەن، ئۇ قۇياش ھەرىكىتىنىڭ ئاساسىي بەلگىسى بۇلۇپ، دەۋرى تەخمىنەن 11 يىل). قۇياش چاقناش (فوتوسفېرانىڭ مەلۇم رايونىدىكى قىسقا ۋاقىت ئۇستۇمتۇت نۇرلىنىش ھادىسسى. ئۇ قۇياش ھەرىكىتىنىڭ ئاساسىي بەلگىسى بۇلۇپ، دەۋرى 11 يىل). قۇياش قۇلىقى (فوتوسفېرادىن ئېتىلىپ چىققان ئېگىز ھەم چوڭ قىزىل ئوت يالقۇنىدىن ئىبارەت). قۇياش بورىنى (قۇياش تاجىنىڭ يۇقىرى تېمپىراتۇرىسى قۇياشنىڭ تارتىش كۈچى كىچىك بولغان يۇقىرى ئىنىرگىيەلىك بەلباغدىكى ئېلېكتىرون زەرىچىلىرىنى يۇقىرى سۈرئەتتە پلانېتلار ئارا بوشلۇققا ئىتتىرىدۇ).


قۇياش ھەرىكىتىقۇياش ھەركىتى يەر شارى غا مۇھىم تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئۇنىڭ ئىپادىلىرى: ئئونوسفېرانى قالايمىقانلاشتۇرۇپ، يەر يۈزىدىكى قىسقا دولقۇنلۇق سىمسىز رادىئو ئالاقىسىگە تەسىر يەتكۈزىدۇ، ھەتتا قىسقا ۋاقىت ئۈزۈپمۇ قويىدۇ؛ «ماگىنىت بورىنى» پەيدا قىلىپ، يەر شارى نىڭ ماگىنىت مەيداننى قالايمىقان قىلىدۇ؛ قۇتۇپ شولىسى ھادىسسى ۋە باشقا غەيرىي تەبىئىي ھادىسىلەرنى پەيدا قىلىدۇ. [0]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

1.

تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى قوللانمىسى ___ جۇغراپىيە

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#