سۇنتاغ يېزىسى

سۇنتاغ يېزىسى

سۇنتاغ يېزىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئاتۇش شەھىرىنىڭ شەرقىي جەنۇب قىسمىغا جايلاشقان بولۇپ، يېزىلىق ھۆكۈمەت تۇرۇشلۇق جاينىڭ شەھەر مەركىزى بىلەن بولغان ئارىلىقى 3.5 كىلومېتىر كېلىدۇ.

ئۇيغۇرچە نامى سۇنتاغ يېزىسى
دۆلىتى جۇڭگو
مەمۇرىي رايون شەكلى يېزا
يەر مەيدانى 183 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر
خەنزۇچە ئاتىلىشى 松他克乡
ئۆلكىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى
تەۋە رايون ئاتۇش شەھىرى
نوپۇسى 29268 ئادەم

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

سۇنتاغ يېزىسىسۇنتاغ يېزىسى ئاتۇش شەھىرىنىڭ شەرقىي جەنۇب قىسمىغا جايلاشقان بولۇپ، يېزىلىق ھۆكۈمەت تۇرۇشلۇق جاينىڭ شەھەر مەركىزى بىلەن بولغان ئارىلىقى 3.5 كىلومېتىر كېلىدۇ. شەرقتىن غەربكە ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 20 كىلومېتىر، جەنۇبتىن شىمالغا كەڭلىكى تەخمىنەن 17 كىلومېتىر، پۈتۈن يېزىنىڭ ئومۇمىي كۆلىمى 183 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر. پۈتۈن يېزا تەۋەلىكىدە ئون مەمۇرىي كەنت، 99 كەنت ئاھالە گۇرۇپپىسى، بىر چارۋىچىلىق فېرمىسى، 3 ئوتتۇرا مەكتەپ، 10، باشلانغۇچ مەكتەپ بار. پۈتۈن يېزا ئومۇمىي ئاھالىسى 29268 ئادەم، ئائىلىلەر ئومۇمىي سانى 6332. 

سۇنتاغ يېزىسىيېزا يەر شەكلى تۈزلەڭلىك بولۇپ، دېڭىز يۈزىدىن ئوتتۇرىچە ئېگىزلىكى 1200 مېتىر، تېرىلغۇ يەر مۇنبەت، تەڭرى تېغىنىڭ جەنۇبىي تىزمىسىدىن باشلانغان مايىدەنشەن ئېقىنى،بوغۇز دەرياسى بۇ يېزىنىڭ ئازغان كەنتى، مەشەت كەنتى، توقۇل كەنتى، ۋاقۋاق كەنتى، كېچىز كەنتىنى كېسىپ ئۆتىدۇ، ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 20 كىلومېتىر. يېزا تەۋەسىدىكى يەر بايلىقىنىڭ ئالاھىدىلىكى شۇكى، قاقاس ساي، شورلۇق يەر كۆپ، تېرىغىلى بولىدىغان يەر ئاز.

سۇنتاغ يېزىسىباغۋەنچىلىك كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا، سۇنتاغ يېزىسىدىكى خەلق سودىغا ماھىر ئېسىل ئەنئەنىسىگە ئۈزلۈكسىز ۋارىسلىق قىلىپ ۋە ئۇنى جارى قىلدۇرۇپ، كىرىمنى ئاشۇرۇش ئىمكانىيىتىنى كېڭەيتكەن. 90-يىللارنىڭ ئاخىرىدىكى مەشھۇر «شياڭگاڭ بازىرى» دىكى %70 دۇكاننىڭ ھەممىسى بۇ يېزىدىكى دېھقانلارنىڭ، بەزى دېھقانلار دۆلەت ئىچىدە سودا قىلىپلا قالماي، يەنە چەت ئەلدە سودىنى ئىشقا ئاشۇرغان. 20-ئەسىردىن بۇيان، سودا يەنىلا بۇ يېزىنىڭ ئەۋلادتىن ئەۋلادقا مىراس قالغان خەلق ئىستىلى بۇلۇپ، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش بوشلۇقىنى زور دەرىجىدە كېڭەيتكەن. 

سۇنتاغ يېزىسى20-ئەسىرگە قەدەم قويغاندىن بېرى، يېڭى رەھبەرلىك بەنزىسى يۇقىرى دەرىجىلىك پارتكوم، ھۆكۈمەتنىڭ رەھبەرلىكى ئاستىدا، جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلىپ، دادىل ئىگىلىك تىكلەش روھىنى جارى قىلدۇرۇپ، «باغۋەنچىلىك  ئىقتىسادىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، چارۋىچىلىق ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش، كوللېكتىپ ئىگىلىكنى زورايتىپ، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش» تىن ئىبارەت ئومۇمىي تەرەققىيات پىكىر يولى بېكىتكەن. پۈتۈن يېزىدا سوتسىيالىستىك يېڭى يېزا يۈكسىلىشتەك خۇشاللىنارلىق ۋەزىيەت بارلىققا كەلگەن، ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، بۇ تەرەققىيات پىكىر يولى توغرا، سۇنتاغ يېزىسى ئەمەلىيىتىگە ئۇيغۇن كېلىدۇ، كەسىپ قۇرۇلمىسىنى تەڭشەش جەريانىدا، بولۇپمۇ دېھقانلارغا باغۋەنچىلىكتە يېتەكچىلىك قىلىپ ۋە ئىلھام بېرىپ، 2-كەسىپنى كېڭەيتىش قاتارلىق جەھەتلەردە يېزىلىق پارتكوم، ھۆكۈمەت نۇرغۇن خىزمەتلەرنى ئىشلەپ، خۇشاللىنارلىق نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەن، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئۈزلۈكسىز كۆپەيتىپ، تۇرمۇشى ئۈزلۈكسىز ياخشىلانغان.2003-يىلى يېزا بويىچە مىللىي ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 7215 تۈمەن يۈەن، كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ئوتتۇرىچە ساپ كىرىمى 1735.16 يۈەن بولغان. 

سۇنتاغ يېزىسىئوقۇش يېشىدىكى بالىلار، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ مەكتەپكە كىرىش نىسبىتى %100 كە يەتكەن، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپكە كىرىش نىسبىتى %100 كە يەتكەن. %80 يېزا ئاھالىسى سىملىق تېلېۋىزىيە كۆرەلەيدۇ، رادىيو ھەممە كەنتلەرنى قاپلىغان؛ دېھقانلارنىڭ  ساقلىقنى ساقلىشى %100 كە يەتكەن. %100 ئاھالە توك ئىشلىتەلەيدۇ، %90 ئاھالە تۇرۇبا سۈيى ئىچىدۇ. يېزا-كەنت يولى قۇرۇلۇشى ئومۇميۈزلۈك تاماملانغان، %100 يېزا-كەنت يولىغا ئاسفالت بېسىلغان، يېزا پەن-تېخنىكا ئۈلگە كۆرسىتىش ئائىلىسى 1005 ئائىلە بولۇپ، يېزا ئومۇمىي ئاھالىسىنىڭ %16 نى، يېزا مەدەنىي ئائىلە 5500 بۇلۇپ، يېزا ئومۇمىي ئاھالىسىنىڭ %88 نى ئىگىلەيدۇ، مەدەنىي كەنت 9 ،%90 نى ئىگىلەيدۇ. يېزىلىق پارتكوم كۆپ قېتىم يۇقىرى دەرىجىلىك پارتكومنىڭ تەقدىرلىشىگە ئېرىشكەن.

سۇلتان مازىرى 

سۇنتاغ يېزىسى«جۇڭگۇدىكى مەشھۇر جايلار لۇغىتى»گە كىرگۈزۈلگەن سۇلتان مازىرى ئاتۇش شەھىرىنىڭ سۇنتاغ يېزىسى مەشەت كەنتىگە جايلاشقان، شەھەر مەركىزى بىلەن بولغان ئارىلىقى 2 كىلومېتىر كېلىدۇ. ئۇنىڭ تولۇق ئىسمى «سۇلتان سۇتۇق بۇغراخان مازىرى» مىلادىيە 13-10-ئەسىردىكى ئېلىمىزنىڭ غەربىدىكى بىر يەرلىك ھاكىمىيەت-« تابغاچ قاراخانىيلار سۇلالىسى»نىڭ قەدىمىي قەبرىستانلىقى. قەبرە ئىگىسى سۇلتان سۇتۇق بۇغراخان قاراخانىيلار خاندانلىقىنىڭ ئۈچىنچى ئەۋلاد خانى، شۇنداقلا بۇ سۇلالە ئىچىدىكى تۇنجى ئىسلام دىنىغا كىرگەن خان جەمەتى ئەزاسى، ئۇ ئىسلام دىنىنى دۆلەت دىنى قىلغان ھەمدە پۈتۈن شىنجاڭغا كېڭەيتكەن. ئۇ مىلادىيە 955-يىلى (ھىجىرىيە 344 -يىلى) ۋاپات بولغان. ئۇ ۋاپات بولغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ ۋارىسى مۇسا ئابدال ئۇ ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلغان جايدا ئۇنىڭ ئۈچۈن بۇ مەقبەرىنى قۇرغان. بۇ قەبرىستانلىق مىلادىيە 955-يىلى قۇرۇلۇشقا باشلىغان، ھازىرغىچە مىڭ يىلدىن ئارتۇق تارىخقا ئىگە. 

قەبرە ئالدىدىكى مەسچىت دەل سۇلتان سۇتۇق بۇغراخان ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلغان جاي، بۇ ئىككى بىناكارلىق شىنجاڭدا ھازىرغىچە بايقالغان ئەڭ قەدىمىي ئىسلام بىناكارلىقى، ئۇ قەشقەر ھېيتكاھ مەسچىتىدىن 800 نەچچە يىل، قەشقەر ئىپارخان قەبرىگاھىدىن 680 نەچچە يىل بۇرۇن قۇرۇلغان، بۇ قۇرۇلۇش بىر نەچچە قېتىم كەلكۈن، يەر تەۋرەش سەۋەبىدىن غۇلاپ چۈشكەن، كېيىن كۆپ قېتىم قايتا قۇرۇش ۋە رېمونت قىلىش ئارقىلىق ساقلىنىپ كەلگەن. ئۇ قاراخانىيلار سۇلالىسى تارىخى ۋە ئىسلام بىناكارلىق سەنئىتىنى تەتقىق قىلىشتا ئىنتايىن زور  قىممەتكە ئىگە. 

سۇنتاغ يېزىسى يەنە مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى يولداش سەيپىدىن ئەزىزىنىڭ يۇرتى، ئۇنىڭ كونا تۇرالغۇسى بۇ يېزىنىڭ ۋاقۋاق كەنتىگە جايلاشقان.

[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#