جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئوتلاق قانۇنى

ئوتلاق قانۇنى
جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئوتلاق قانۇنى ئوتلاق بەرپا قىلىش ۋە ئۇنىڭدىن مۇۋاپىق پايدىلىنىش، ئېكولوگىيىلىك مۇھىتنى ياخشىلاش، جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقىنى ساقلاش، زامانىۋى چارۋىچىلىقنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، ئىقتىساد ۋە جەمئيەتنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن تۈزۈلگەن قانۇن. 

ئۇيغۇرچە نامى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئوتلاق قانۇنى
يولغا قويۇلغان ۋاقتى 2003–يىلى 3–ئاينىڭ 1–كۈنى
تۈزىتىلگەن ۋاقتى 2009–يىلى 8–ئاينىڭ 27–كۈنى، 2013–يىلى 6–ئاينىڭ 29–كۈنى
خەنزۇچە نامى 中华人民共和国草原法
ماقۇللانغان ۋاقتى 1985–يىلى 6–ئاينىڭ 18–كۈنى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

1985–يىلى 6–ئاينىڭ 18–كۈنى 6–نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 11–يىغىنىدا ماقۇللانغان، 2002– يىلى 12–ئاينىڭ 28–كۈنى 9–نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 31–يىغىنىدا ئۆزگەرتىلگەن، 2009–يىلى 8–ئاينىڭ 27–كۈنى 11–نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 10–يىغىنىنىڭ «بىر قىسىم قانۇنلارغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارار»ىغا ئاساسەن 1–قېتىم تۈزىتىلگەن، 2013–يىلى 6–ئاينىڭ 29–كۈنى 12–نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 3–يىغىنىنىڭ «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقىنى قوغداش قانۇنى قاتارلىق 12 قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارارى»غا ئاساسەن 2–قېتىم تۈزىتىلگەن.   

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى رەئىسىنىڭ 5–نومۇرلۇق پەرمانى

«مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ <جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقىنى قوغداش قانۇنى> قاتارلىق 12 قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارارى» 2013–يىلى 6–ئاينىڭ 29–كۈنى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى 12–نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 3–يىغىنىدا ماقۇللاندى، ھازىر ئېلان قىلدىم، ئېلان قىلىنغان كۈندىن باشلاپ يولغا قويۇلسۇن.

 جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ

 2013–يىلى 6–ئاينىڭ 29–كۈنى

مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقىنى قوغداش قانۇنى« قاتارلىق 12 قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارارى (ئۈزۈندە)

12–نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 3–يىغىنىنىڭ قارارى:

«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئوتلاق قانۇنى»غا تۈزىتىش كىرگۈزۈلدى.

 (1)55–ماددىسى: «ئاپەت ۋە خەتەردىن قۇتقۇزۇشقا، چارۋىچىلارنى كۆچۈرۈشكە ئىشلىتىلىدىغان موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىدىن باشقا موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنىڭ ئوتلاقتا مېڭىپ، ئوتلاق يېپىنچا ئۆسۈملۈكىنى بۇزۇۋېتىشى مەنئى قىلىنىدۇ؛ گېئولوگىيەلىك چارلاش، ئىلمىي تەكشۈرۈش قاتارلىق پائالىيەتلەر ئۈچۈن، ئوتلاقتا مېڭىشقا توغرا كەلسە، شۇ جايدىكى ناھىيە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئوتلاق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقىغا مېڭىش رايونى ۋە مېڭىش يۆنىلىشىنى دوكلات قىلىش ھەمدە دوكلاتتىكى مېڭىش رايونى ۋە مېڭىش يۆنىلىشى بويىچە مېڭىش كېرەك» دەپ تۈزىتىلدى.

(2)70–ماددىسى: «خەتەردىن، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشقا ۋە چارۋىچىلارنى كۆچۈرۈشكە ئىشلىتىلىدىغان موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىدىن باشقا موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنى ئوتلاقتا ھەيدەش ياكى گېئولوگىيەلىك چارلاش، ئىلمىي تەكشۈرۈش قاتارلىق پائالىيەتلەرنى قىلىشتا، شۇ جايدىكى ناھىيە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئوتلاق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقىغا دوكلات قىلمىغان ۋە ياكى دوكلاتتىكى مېڭىش رايونى ۋە مېڭىش يۆنىلىشىگە قارىماي، ئوتلاق يېپىنچا ئۆسۈملۈكىنى بۇزۇۋەتكەنلەرنى ناھىيە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئوتلاق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى قانۇنغا خىلاپ قىلمىشىنى توختىتىپ، يېپىنچا ئۆسۈملۈكنى بەلگىلەنگەن مۆھلەتتە ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە بۇيرۇيدۇ، ئوتلاق بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراشتىن ئۈچ يىل بۇرۇنقى ئوتتۇرىچە مەھسۇلات قىممىتىنىڭ ئۈچ ھەسسسىىدىن يۇقىرى، توققۇز ھەسسىسىدىن تۆۋەن قوشۇمچە جەرىمانە قويسا بولىدۇ؛ ئوتلاق ئىگىسى ياكى ئوتلاقتىن پايدىلانغۇچىغا زىيان سالغانلار قانۇن بويىچە تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ» دەپ تۈزىتىلدى.

 بۇ قارار ئېلان قىلىنغان كۈندىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.

 «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش قانۇنى«، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئوتلاق قانۇنى»، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ تاموژنا قانۇنى»، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئىمپورت–ئېكسپورت تاۋارلىرى پېرىيوم قانۇنى»، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ باج ئېلىش، باشقۇرۇش قانۇنى»، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ قاتتىق تاشلاندۇقنىڭ مۇھىتنى بۇلغىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش قانۇنى»، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ كۆمۈر قانۇنى»، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ھايۋانات يۇقۇم مۇداپىئەسى قانۇنى»، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاكسىيە قانۇنى»،«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئۇرۇقچىلىق قانۇنى»، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ پۇقرا مائارىپىنى ئىلگىرى سۈرۈش قانۇنى»، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ يۇقۇملۇق كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش قانۇنى» مۇشۇ قارارغا ئاساسەن مۇناسىپ تۈزىتىلگەندىن كېيىن قايتا ئېلان قىلىنىدۇ.

1–باب ئومۇمىي پىرىنسىپ

1–ماددا بۇ قانۇن ئوتلاقنى قوغداش، بەرپا قىلىش ۋە ئۇنىڭدىن مۇۋاپىق پايدىلىنىش، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ياخشىلاش، جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقىنى ساقلاش، زامانىۋى چارۋىچىلىقنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلارنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش مەقسىتىدە چىقىرىلدى.

2–ماددا بۇ قانۇن جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى تەۋەسىدە ئوتلاقنى پىلانلاش، قوغداش، بەرپا قىلىش، پايدىلىنىش ۋە باشقۇرۇشتا تەتبىقلىنىدۇ.

بۇ قانۇندا ئېيتىلغان ئوتلاق تەبىئىي ئوتلاق ۋە سۈنئىي ئوتلاقنى كۆرسىتىدۇ.

3–ماددا دۆلەت ئوتلاقنى ئىلمىي پىلانلاش، ئومۇميۈزلۈك قوغداش، نۇقتىلىق بەرپا قىلىش ۋە ئۇنىڭدىن مۇۋاپىق پايدىلىنىش فاڭجېنىنى يولغا قويۇپ، ئوتلاقتىن ئىمكانىيەتلىك سىجىل پايدىلىنىشنى ۋە ئېكولوگىيە، ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ ماس تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

 4-ماددا ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئوتلاقنى قوغداش، بەرپا قىلىش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىشنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئوتلاقنى قوغداش، بەرپا قىلىش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىشنى خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلانىغا كىرگۈزۈشى لازىم.

ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئوتلاقنى قوغداش، بەرپا قىلىش ۋە ئۇنىڭدىن مۇۋاپىق پايدىلىنىش جەھەتتىكى تەشۋىق–تەربىيەنى كۈچەيتىشى كېرەك.

 5–ماددا ھەرقانداق ئورۇن ۋە شەخسنىڭ ئوتلاققا دائىر قانۇن–نىزاملارغا رىئايە قىلىش، ئوتلاقنى قوغداش مەجبۇرىيىتى بار، ئوتلاققا دائىر قانۇن–نىزاملارغا خىلاپلىق قىلىش، ئوتلاققا بۇزغۇنچىلىق قىلىش قىلمىشلىرىنى نازارەت قىلىش، پاش قىلىش ۋە شىكايەت قىلىش ھوقۇقىمۇ بار.

6–ماددا دۆلەت ئوتلاقنى قوغداش، بەرپا قىلىش، ئوتلاقتىن پايدىلىنىش ۋە ئۇنى كۆزىتىش جەھەتتىكى ئىلمىي تەتقىقاتنى قانات يايدۇرۇشقا، ئىلغار تېخنىكا ۋە ئىلغار نەتىجىلەرنى كېڭەيتىشكە، پەن–تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرىنى يېتىشتۈرۈشكە ئىلھام ۋە مەدەت بېرىدۇ.

7–ماددا دۆلەت ئوتلاقنى باشقۇرۇش، قوغداش، بەرپا قىلىش، مۇۋاپىق پايدىلىنىش ۋە ئىلمىي تەتقىق قىلىش قاتارلىق خىزمەتلەردە كۆرۈنەرلىك نەتىجە ياراتقان ئورۇن ۋە شەخسلەرنى مۇكاپاتلايدۇ.

8–ماددا گوۋۇيۈەننىڭ ئوتلاق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئوتلاقنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدۇ.

ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئوتلاق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى شۇ مەمۇرىي رايون دائىرىسىدىكى ئوتلاقنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدۇ.

يېزىلىق (بازارلىق) خەلق ھۆكۈمىتى شۇ مەمۇرىي رايون دائىرىسىدىكى ئوتلاقنى قوغداش، بەرپا قىلىش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش ئەھۋالىنى نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىشى لازىم، ئېھتىياجىغا قاراپ كونكرېت نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈش خىزمىتىگە مەخسۇس ياكى قوشۇمچە خادىملارنى قويسا بولىدۇ.

2–باب ئوتلاق ھوقۇقى تەۋەلىكى

9–ماددا ئوتلاق دۆلەت ئىگىدارلىقىدا بولىدۇ، قانۇندا كوللېكتىپ ئىگىدارلىقىدا بولىدىغانلىقى بەلگىلەنگەنلىرى بۇنىڭ سىرتىدا. دۆلەت ئىگىدارلىقىدىكى ئوتلاقنىڭ ئىگىدارلىق ھوقۇقىنى گوۋۇيۈەن دۆلەتكە ۋاكالىتەن يۈرگۈزىدۇ.

ھەرقانداق ئورۇن ياكى شەخسنىڭ ئوتلاقنى ئىگىلىۋېلىشىغا، ئېلىپ سېتىشىغا ياكى باشقا شەكىللەر بىلەن قانۇنسىز ئۆتۈنۈپ بېرىشىگە يول قويۇلمايدۇ.

 10–ماددا دۆلەت ئىگىدارلىقىدىكى ئوتلاق ئومۇمىي خەلق مۈلۈكچىلىكىدىكى ئورۇن، كوللېكتىپ ئىقتىسادىي تەشكىلات قاتارلىقلارنىڭ پايدىلىنىشىغا قانۇن بويىچە بېكىتىپ بېرىلسە بولىدۇ.

ئوتلاقتىن پايدىلانغۇچى ئورۇنلار ئوتلاقنى قوغداش، بەرپا قىلىش ۋە ئۇنىڭدىن مۇۋاپىق پايدىلىنىش مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىشى لازىم.

11–ماددا ئومۇمىي خەلق مۈلۈكچىلىكىدىكى ئورۇن ۋە كوللېكتىپ ئىقتىسادىي تەشكىلات قاتارلىقلارنىڭ پايدىلىنىشىغا قانۇن بويىچە بېكىتىپ بېرىلگەن دۆلەت ئىگىدارلىقىدىكى ئوتلاقنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى تىزىملاپ، پايدىلىنىش ھوقۇقى گۇۋاھنامىسى بېرىپ، ئوتلاقتىن پايدىلىنىش ھوقۇقىنى مۇئەييەنلەشتۈرىدۇ.

دۆلەت ئىگىدارلىقىدىكى ئوتلاقلاردىن پايدىلىنىش ھوقۇقى بېكىتىلمىگەنلىرىنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى تىزىمغا ئالىدۇ ھەمدە قوغداش، باشقۇرۇشقا مەسئۇل بولىدۇ.

كوللېكتىپ ئىگىدارلىقىدىكى ئوتلاقنى ناھىيە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتى تىزىملاپ، ئىگىدارلىق ھوقۇقى گۇۋاھنامىسى بېرىپ، ئوتلاقتىن ئىگىدارلىق ھوقۇقىنى مۇئەييەنلەشتۈرىدۇ.

ئوتلاق ھوقۇق تەۋەلىكىنى قانۇن بويىچە ئۆزگەرتىشتە تىزىم ئۆزگەرتىش رەسمىيىتىنى ئۆتەش كېرەك.

12–ماددا قانۇن بويىچە تىزىمغا ئېلىنغان ئوتلاق ئىگىدارلىق ھوقۇقى ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش ھوقۇقىنى قانۇن قوغدايدۇ، ھەرقانداق ئورۇن ياكى شەخسنىڭ چېقىلىشىغا يول قويۇلمايدۇ.

13–ماددا كوللېكتىپ ئىگىدارلىقىدىكى ئوتلاق ياكى كوللېكتىپ ئىقتىسادىي تەشكىلاتلارنىڭ پايدىلىنىشىغا قانۇن بويىچە بېكىتىپ بېرىلگەن دۆلەت ئىگىدارلىقىدىكى ئوتلاقنى كوللېكتىپ ئىقتىسادىي تەشكىلاتتىكى ئائىلىلەر ئۆز ئالدىغا ياكى بىرلىشىپ ھۆددە ئېلىپ باشقۇرسا بولىدۇ.

ئوتلاق ھۆددە مەزگىلىدە، ھۆددە ئالغۇچى پايدىلىنىۋاتقان ئوتلاقنى تەڭشەشكە بولمايدۇ. ئايرىملىرىنى ھەقىقەتەن مۇۋاپىق تەڭشەشكە توغرا كەلسە، شۇ كوللېكتىپ ئىقتىسادىي تەشكىلات ئەزاسى بولغان دېھقان – چارۋىچىلارنىڭ ئۈچتىن ئىككى قىسمىدىن كۆپرەكىنىڭ ياكى دېھقان–چارۋىچىلار ۋەكىللىرىنىڭ ئۈچتىن ئىككى قىسمىدىن كۆپرەكىنىڭ ماقۇللۇقىنى ئېلىشى ھەمدە يېزىلىق (بازارلىق) خەلق ھۆكۈمىتىگە ۋە ناھىيە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئوتلاق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقىغا تەستىقلىتىشى شەرت.

كوللېكتىپ ئىگىدارلىقىدىكى ئوتلاق ياكى كوللېكتىپ ئىقتىسادىي تەشكىلاتلارنىڭ پايدىلىنىشىغا قانۇن بويىچە بېكىتىپ بېرىلگەن دۆلەت ئىگىدارلىقىدىكى ئوتلاقنى شۇ كوللېكتىپ ئىقتىسادىي تەشكىلات سىرتىدىكى ئورۇن ياكى شەخسلەرنىڭ ھۆددە ئېلىپ باشقۇرۇشىغا بېرىشتە، شۇ كوللېكتىپ ئىقتىسادىي تەشكىلات ئەزاسى بولغان دېھقان–چارۋىچىلارنىڭ ئۈچتىن ئىككى قىسمىدىن كۆپرەكىنىڭ ياكى دېھقان–چارۋىچىلار ۋەكىللىرىنىڭ ئۈچتىن ئىككى قىسمىدىن كۆپرەكىنىڭ ماقۇللۇقىنى ئېلىش ھەمدە يېزىلىق (بازارلىق) خەلق ھۆكۈمىتىگە تەستىقلىتىش شەرت.

 14–ماددا ئوتلاقنى ھۆددە ئېلىپ باشقۇرۇشتا، ھۆددە بەرگۈچى بىلەن ھۆددە ئالغۇچى يازما توختام تۈزۈشى كېرەك. ئوتلاق ھۆددىگەرلىك توختامى ئىككى تەرەپنىڭ ھوقۇقى ۋە مەجبۇرىيىتى، ھۆددە بېرىلگەن ئوتلاقنىڭ تۆت تەرەپ چېگراسى، كۆلىمى، دەرىجىسى، ھۆددە مۇددىتى، ئۇنىڭ باشلىنىش ۋە ئاخىرلىشىش ۋاقتى، ھۆددە بېرىلگەن ئوتلاقتىن پايدىلىنىش ئورنى، خىلاپلىق جاۋابكارلىقى قاتارلىق مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئېلىشى كېرەك. ھۆددە مۇددىتى توشقاندا، ئەسلىي ھۆددە ئالغۇچى ئوخشاش شەرت ئاستىدا، ئاۋۋال ھۆددە ئېلىش ھوقۇقىغا ئىگە بولىدۇ.

ئوتلاقنى ھۆددە ئېلىپ باشقۇرغۇچى ئورۇن ۋە شەخسلەر ئوتلاقنى قوغداش، بەرپا قىلىش ۋە ھۆددىگەرلىك توختامىدا پۈتۈشكەن پايدىلىنىش ئورنى بويىچە مۇۋاپىق پايدىلىنىش مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىشى لازىم.

15–ماددا ئوتلاقنى ھۆددە ئېلىپ باشقۇرۇش ھوقۇقىنى قانۇن قوغدايدۇ، ئۇنى ئىختىيار قىلىش ۋە ھەقلىق بولۇش پىرىنسىپىغا ئاساسەن، قانۇن بويىچە ئۆتۈنۈپ بېرىشكە بولىدۇ.

ئوتلاقنى ھۆددە ئېلىپ باشقۇرۇش ھوقۇقىنى ئۆتۈنۈپ بېرىشتە، ئۆتۈنۈلگۈچى چارۋىچىلىق ئىقتىدارىنى ھازىرلىغان بولۇشى ھەمدە ئوتلاقنى قوغداش، بەرپا قىلىش ۋە ھۆددىگەرلىك توختامىدا پۈتۈشكەن پايدىلىنىش ئورنى بويىچە مۇۋاپىق پايدىلىنىش مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىشى كېرەك.

ئوتلاق ھۆددە ھوقۇقىنى ئۆتۈنۈپ بېرىشتە، ھۆددە بەرگۈچىنىڭ ماقۇللۇقىنى ئېلىش كېرەك. ھۆددە ئالغۇچى بىلەن ئۆتۈنۈلگۈچىنىڭ ئۆتۈنۈش توختامىدا پۈتۈشكەن ئۆتۈنۈش مۆھلىتى ئەسلىي ھۆددە توختامىدىكى قېلىپ قالغان مۆھلەتتىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك.

16–ماددا ئوتلاق ئىگىدارلىق ھوقۇقى، پايدىلىنىش ھوقۇقى ئۈستىدىكى تالاش – تارتىشنى ئالاقىدارلار كېڭىشىپ ھەل قىلىدۇ، كېلىشەلمىسە مۇناسىۋەتلىك خەلق ھۆكۈمىتى بىر تەرەپ قىلىدۇ.

ئورۇنلار ئوتتۇرىسىدىكى تالاش–تارتىشنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى بىر تەرەپ قىلىدۇ. شەخسلەر ئوتتۇرىسىدىكى ۋە شەخسلەر بىلەن ئورۇنلار ئوتتۇرىسىدىكى تالاش–تارتىشنى يېزىلىق (بازارلىق) خەلق ھۆكۈمىتى ياكى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى بىر تەرەپ قىلىدۇ.

ئالاقىدارلار مۇناسىۋەتلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ بىر تەرەپ قىلىش قارارىغا قايىل بولمىسا، خەلق سوت مەھكىمىسىگە قانۇن بويىچە دەۋا قىلسا بولىدۇ.

 ئوتلاق ھوقۇق تەۋەلىكى تالاش–تارتىشىنى ھەل قىلىشتىن ئىلگىرى، ھەرقانداق بىر تەرەپنىڭ ئوتلاقتىن پايدىلىنىش ھالىتىنى ئۆزگەرتىشىگە، ئوتلاق ۋە ئوتلاقتىكى ئەسلىھەلەرنى بۇزۇۋېتىشىگە يول قويۇلمايدۇ.

3–باب پىلانلاش

17–ماددا دۆلەت ئوتلاقنى قوغداش، بەرپا قىلىش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىشتا بىرتۇتاش پىلانلاش تۈزۈمىنى يولغا قويىدۇ. گوۋۇيۈەننىڭ ئوتلاق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى گوۋۇيۈەننىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى بىلەن بىرلىكتە، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئوتلاقنى قوغداش، بەرپا قىلىش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش يىرىك پىلانىنى تۈزۈپ، گوۋۇيۈەنگە تەستىقلىتىپ يولغا قويىدۇ.

ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئوتلاق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى تەڭ دەرىجىلىك ئالاقىدار تارماق بىلەن بىرلىكتە، بىر دەرىجە يۇقىرى ئورۇننىڭ ئوتلاقنى قوغداش، بەرپا قىلىش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش يىرىك پىلانىغا ئاساسەن، شۇ مەمۇرىي رايوننىڭ ئوتلاقنى قوغداش، بەرپا قىلىش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش يىرىك پىلانىنى تۈزۈپ، شۇ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىگە تەستىقلىتىپ يولغا قويىدۇ.

تەستىقلانغان ئوتلاقنى قوغداش، بەرپا قىلىش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش يىرىك پىلانىنى تەڭشەش ياكى ئۆزگەرتىشكە توغرا كەلسە، ئەسلىي تەستىقلىغان ئورگانغا تەستىقلىتىش شەرت.

18–ماددا ئوتلاقنى قوغداش، بەرپا قىلىش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش يىرىك پىلانىنى تۈزۈشتە، خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات يىرىك پىلانىغا ئاساسلىنىش ھەمدە تۆۋەندىكى پىرىنسىپلارغا ئەمەل قىلىش كېرەك:

(1)  ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ياخشىلاش، جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقىنى ساقلاش، ئوتلاقتىن ئىمكانىيەتلىك سىجىل پايدىلىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈش؛

(2) ھازىرقى ئوتلاقنى ئاساس قىلىش، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈش، بىر تۇتاش پىلانلاش، تۈرلەر بويىچە يېتەكلەش؛

(3) قوغداشنى ئاساس قىلىش، بەرپا قىلىشنى كۈچەيتىش، تۈركۈم بويىچە ياخشىلاش، مۇۋاپىق پايدىلىنىش؛

(4) ئېكولوگىيەلىك ئۈنۈم، ئىقتىسادىي ئۈنۈم ۋە ئىجتىمائىي ئۈنۈمنى بىرلەشتۈرۈش.

19–ماددا ئوتلاقنى قوغداش، بەرپا قىلىش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش يىرىك پىلانى ئوتلاقنى قوغداش، بەرپا قىلىش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش نىشان، تەدبىرلىرى، ئوتلاقنىڭ فۇنكسىيەلىك رايونلارغا بۆلۈنۈشى ۋە قۇرۇلۇشلارنىڭ ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى، تۈرلۈك كەسپىي يىرىك پىلان قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئېلىشى كېرەك.

20–ماددا ئوتلاقنى قوغداش، بەرپا قىلىش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش يىرىك پىلانى يەردىن پايدىلىنىش ئومۇمىي پىلانى بىلەن جىپسىلاشتۇرۇلۇشى، مۇھىت ئاسراش يىرىك پىلانى، سۇ–تۇپراقنى ساقلاش يىرىك پىلانى، قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش، قۇم تىزگىنلەش يىرىك پىلانى، سۇ بايلىقى يىرىك پىلانى، ئورمانچىلىق كەلگۈسى يىرىك پىلانى، شەھەر ئومۇمىي پىلانى، يېزا–بازار يىرىك پىلانى ھەمدە باشقا

ئالاقىدار پىلانلار بىلەن ماسلاشتۇرۇلۇشى لازىم.

21–ماددا ئوتلاقنى قوغداش، بەرپا قىلىش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش يىرىك پىلانىنى تەستىقلانغان ھامان قاتتىق ئىجرا قىلىش شەرت.

22–ماددا دۆلەت ئوتلاق تەكشۈرۈش تۈزۈمىنى ئورنىتىدۇ. ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئوتلاق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى تەڭ دەرىجىلىك ئالاقىدار تارماقلار بىلەن بىرلىكتە ئوتلاقنى قەرەللىك تەكشۈرىدۇ؛ ئوتلاق ئىگىسى ياكى ئوتلاقتىن پايدىلانغۇچىلار تەكشۈرۈشنى قوللىشى، ماسلىشىشى ھەمدە ئالاقىدار ماتېرىياللارنى بېرىشى كېرەك.

23–ماددا گوۋۇيۈەننىڭ ئوتلاق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى مەملىكەتنىڭ ئوتلاق دەرىجىسىنى بېكىتىش ئۆلچىمىنى گوۋۇيۈەننىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى بىلەن بىرلىكتە تۈزۈپ چىقىدۇ.

ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئوتلاق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى ئوتلاق دەرىجىسىنى ئوتلاق تەكشۈرۈش نەتىجىسى، ئوتلاق سۈپىتىگە قاراپ، ئوتلاق دەرىجىسىنى بېكىتىش ئۆلچىمى بويىچە بېكىتىدۇ.

24–ماددا دۆلەت ئوتلاق ئىستاتىستىكا تۈزۈمىنى ئورنىتىدۇ.

ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئوتلاق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى تەڭ دەرىجىلىك ئىستاتىستىكا تارمىقى بىلەن بىرلىكتە، ئوتلاقنى ئىستاتىستىكىلاش، تەكشۈرۈش چارىسىنى تۈزۈپ چىقىپ، ئوتلاقنىڭ كۆلىمى، دەرىجىسى، ئوت–چۆپ مىقدارى، چارۋا سىغىمچانلىقى قاتارلىقلارنى قانۇن بويىچە ئىستاتىستىكىلاپ، ئوتلاق ئىستاتىستىكا ماتېرىياللىرىنى قەرەللىك ئېلان قىلىدۇ.

ئوتلاق ئىستاتىستىكا ماتېرىياللىرى ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئوتلاقنى قوغداش، بەرپا قىلىش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش يىرىك پىلانىنى تۈزۈشنىڭ ئاساسى.

25–ماددا دۆلەت ئوتلاقنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ۋە ئېكولوگىيەسىنى كۆزىتىش-سىگنال بېرىش سىستېمىسىنى بەرپا قىلىدۇ.

ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئوتلاق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى ئوتلاقنىڭ كۆلىمى، دەرىجىسى، يېپىنچا ئۆسۈملۈك قۇرۇلمىسى، ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى، تەبىئىي ئاپەت ۋە بىيو ئاپەت قاتارلىق ئاساسىي ئەھۋالىنى ھەرىكەت ھالىتىدە كۆزىتىپ، شۇ دەرىجىلىك ھۆكۈمەت ۋە ئالاقىدار تارماقلارنى ھەرىكەت ھالىتىدە كۆزىتىش ئۇچۇرى ۋە سىگنال ئۇچۇرىنى ۋاقتىدا يەتكۈزۈپ بېرىدۇ.

4–باب بەرپا قىلىش

26–ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى ئوتلاق بەرپا قىلىش سېلىنمىسىنى كۆپەيتىشى، ئوتلاق قۇرۇلۇشىنى قوللىشى كېرەك.

 دۆلەت ئورۇن ۋە شەخسلەرنى مەبلەغ سېلىپ ئوتلاق بەرپا قىلىشقا ئىلھاملاندۇرىدۇ، كىم مەبلەغ سالسا، شۇ مەنپەئەتلىنىش پىرىنسىپى بويىچە، مەبلەغ سېلىپ ئوتلاق بەرپا قىلغۇچىلارنىڭ قانۇنىي ھوقۇق–مەنپەئىتىنى قوغدايدۇ.

 27–ماددا دۆلەت ئوتلاق بەرپا قىلىش، تەبىئىي ئوتلاقنى ياخشىلاش ۋە يەم–چۆپ بازىسى بەرپا قىلىشقا ئىلھام ۋە مەدەت بېرىدۇ. ئوتلاقنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى مۇقىملاشتۇرىدۇ ۋە ئۆستۈرىدۇ.

 28–ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى دېھقان–چارۋىچىلارنىڭ ئوتلاق قاشالاش، يەم–چۆپ زاپىسى تەييارلاش، قورۇ–قوتان ۋە چارۋىچىلارنى ئولتۇراقلاشتۇرۇش قاتارلىق ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش ئەسلىھەسى قۇرۇلۇشىغا مەدەت، ئىلھام بېرىشى ۋە يېتەكچىلىك قىلىشى كېرەك.

ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى ئوتلاق سۇچىلىق ئەسلىھەسى قۇرۇلۇشىنى قوللىشى، ئوتلاقنى تېجەشلىك سۇغىرىشى، ئادەم ۋە چارۋىلارنىڭ ئىچىملىك سۇ شارائىتىنى ياخشىلىشى لازىم.

29–ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى ئوتلاقنى قوغداش، بەرپا قىلىش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش يىرىك پىلانى بويىچە، ئوت–چۆپ ئۇرۇقى بازىسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشى، سۈپەتلىك ئوت–چۆپ سورتىنى يېتىشتۈرۈش، كىرگۈزۈش ۋە كېڭەيتىشكە ئىلھام بېرىشى لازىم.

يېڭى ئوت–چۆپ سورتىنى مەملىكەتلىك ئوت–چۆپ سورتلىرىنى تەكشۈرۈپ بېكىتىش كومىتېتىنىڭ بېكىتىشىدىن ئۆتكۈزۈپ، گوۋۇيۈەننىڭ ئوتلاق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى ئېلان قىلغاندىن كېيىن كېڭەيتىش شەرت. چېگرا سىرتىدىن ئوت–چۆپ ئۇرۇقى كىرگۈزۈشتە، قانۇن بويىچە تەستىقلىتىش شەرت.

 ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئوتلاق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى ئوت–چۆپ ئۇرۇقى ئىشلەپچىقىرىش، پىششىقلاش، كارانتىن قىلىش ۋە پىرىيوم قىلىشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى قانۇن بويىچە كۈچەيتىپ، ئوت–چۆپ ئۇرۇقىنىڭ سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلىشى لازىم.

30–ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى ئوت ئاپىتى ئەھۋالىنى كۆزىتىش، ئوت مۇداپىئە ئەشيا زاپىسى تەييارلاش، ئوتتىن ئايرىۋېتىش بەلبېغى قويۇش قاتارلىق ئوتلاق ئوت مۇداپىئە ئەسلىھەسى قۇرۇلۇشىنى پىلانلىق قىلىپ، ئوت مۇداپىئە ئېھتىياجىغا كاپالەتلىك قىلىشى لازىم.

31–ماددا چېكىنگەن، قۇملاشقان، شورلاشقان، چۆللەشكەن ۋە سۇ–تۇپراق ئېقىپ كەتكەن ئوتلاقنى يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتى ئوتلاقنى قوغداش، بەرپا قىلىش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش يىرىك پىلانىغا ئاساسەن، تىزگىنلەش رايونلىرىغا ئايرىپ، مەخسۇس تىزگىنلىشى لازىم.

ئوتلاقنى كەڭ كۆلەمدە ھەر تەرەپلىمە ياخشىلاش دۆلەتنىڭ زېمىن رەتلەش پىلانىغا كىرگۈزۈلىدۇ.

32-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى ئوتلاقنى قوغداش، بەرپا قىلىش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش يىرىك پىلانىغا ئاساسەن، شۇ دەرىجىلىك خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلانىدا ئوتلاقنى ياخشىلاش، ئوت–چۆپ تېرىش ۋە ئوت–چۆپ ئۇرۇقى ئىشلەپچىقىرىش مەبلىغىنى ئورۇنلاشتۇرۇشى كېرەك؛ ھەرقانداق ئورۇن ياكى شەخسنىڭ ئۇنى قىسىۋېلىشى، ئىشلىتىۋېلىشىغا يول قويۇلمايدۇ؛ ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مالىيە ۋە ئىقتىسادىي تەپتىش تارمىقى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىشى لازىم.

5–باب پايدىلىنىش

33–ماددا ئوتلاقنى ھۆددە ئېلىپ باشقۇرغۇچىلار ئوتلاقتىن مۇۋاپىق پايدىلىنىشى، ئوتلاقنىڭ چارۋا سىغىمچانلىقىنى ئوتلاق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى بېكىتكەن ئۆلچەمدىن ئاشۇرۇۋەتمەسلىكى كېرەك؛ ئوتلاقنى ھۆددە ئېلىپ باشقۇرغۇچىلار ئوت–چۆپ تېرىش ۋە يەم–چۆپ تەييارلاش، يەم–چۆپ تەمىنات مىقدارىنى كۆپەيتىش، چارۋىلارنى تەڭشەپ بىر تەرەپ قىلىش، پادا قۇرۇلمىسىنى سەرخىللاشتۇرۇش، چارۋىلارنىڭ قولدىن چىقىرىلىش نىسبىتىنى ئۆستۈرۈش قاتارلىق تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، چارۋا–چۆپ تەڭپۇڭلۇقىنى ساقلىشى كېرەك.

ئوتلاقنىڭ چارۋا سىغىمچانلىق ئۆلچىمى ۋە چارۋا–چۆپ تەڭپۇڭلۇقىنى باشقۇرۇش چارىسىنى گوۋۇيۈەننىڭ ئوتلاق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى تۈزىدۇ.

34–ماددا چارۋىچىلىق رايونلىرىدا ئوتلاقنى ھۆددە ئېلىپ باشقۇرغۇچىلار چارۋىلارنى رايونلار بويىچە نۆۋەتلەشتۈرۈپ بېقىپ، پادىنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئوتلاقتىن تەڭپۇڭ پايدىلىنىشى كېرەك.

35–ماددا دۆلەت دېھقانچىلىق، يېرىم دېھقانچىلىق، يېرىم چارۋىچىلىق رايونلىرىدا ۋە شارائىتى بار چارۋىچىلىق رايونلىرىدا چارۋىنى قوتاندا بېقىشنى تەشەببۇس قىلىدۇ. ئوتلاقنى ھۆددە ئېلىپ باشقۇرغۇچى بېقىلىۋاتقان چارۋا تۈرى ۋە سانىغا ئاساسەن يەم–چۆپ تەڭشىشى، تەييارلىشى، سىلوسلاش، يەم – چۆپ پىششىقلاش قاتارلىق يېڭى تېخنىكىنى قوللىنىپ، چارۋىنى تەبىئىي ئوتلاقتىلا باقىدىغان ئىشلەپچىقىرىش ئۇسۇلىنى تەدرىجىي ئۆزگەرتىشى كېرەك.

چارۋا بېقىش مەنئى قىلىنغان، توختىتىپ تۇرۇلغان، نۆۋەتلەشتۈرۈلگەن ئوتلاقتا چارۋىنى قوتاندا بېقىۋاتقانلارغا دۆلەت ئاشلىق ۋە مەبلەغ ياردىمى بېرىدۇ. كونكرېت چارىسىنى گوۋۇيۈەن ياكى گوۋۇيۈەن ھوقۇق بەرگەن ئالاقىدار تارماق چىقىرىدۇ.

36–ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئوتلاق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى چاپمىلىق ۋە ياۋا ئوت–چۆپ ئۇرۇق بازىسىدىكى ئوت–چۆپنى ئورۇش مەزگىلى، ئوت–چۆپ ئۇرۇقىنى يىغىش مەزگىلى، ئېڭىزنىڭ ئېگىزلىكى ۋە ئورۇش–يىغىش دەرىجىسىنى مۇۋاپىق بەلگىلەپ، نۆۋەتلەشتۈرۈپ ئورۇشى ۋە يىغىشى لازىم.

37–ماددا تەبىئىي ئاپەت قاتارلىق ئالاھىدە ئەھۋال تۈپەيلىدىن، ئوتلاقنى ۋاقتىنچە تەڭشەپ ئىشلىتىشكە توغرا كەلسە، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش پىرىنسىپى بويىچە، ئىككى تەرەپ كېڭىشىپ ھەل قىلىدۇ؛ باشقا ناھىيەدىكى ئوتلاقتىن ۋاقتىنچە تەڭشەپ پايدىلىنىشقا توغرا كەلسە، ئالاقىدار ناھىيە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتى ياكى ئۇلارغا ئورتاق بولغان يۇقىرى دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتى كېڭىشىپ ھەل قىلىدۇ.

38–ماددا كان ئاچقاندا ياكى قۇرۇلۇش قىلغاندا، ئوتلاقنى ئىگىلىۋالماسلىق ياكى ئاز ئىگىلەش لازىم؛ ئوتلاقنى ھەقىقەتەن ئېلىش، ئىشلىتىش ياكى پايدىلىنىشقا توغرا كەلسە، ئۆلكە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئوتلاق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقىنىڭ ماقۇللۇقىنى ئالغاندىن كېيىن، يەر باشقۇرۇشقا دائىر قانۇن، مەمۇرىي نىزاملار بويىچە قۇرۇلۇش يېرى تەستىق رەسمىيىتى ئۆتەش شەرت.

39–ماددا كوللېكتىپ ئىگىدارلىقىدىكى ئوتلاقنى قۇرۇلۇش ئۈچۈن ئېلىش ۋە ئىشلىتىشكە توغرا كەلسە، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ يەر باشقۇرۇش قانۇنى»دىكى بەلگىلىمە بويىچە تولۇقلىما بېرىش كېرەك. دۆلەت ئىگىدارلىقىدىكى ئوتلاقنى قۇرۇلۇشقا ئىشلىتىشكە توغرا كەلسە، گوۋۇيۈەننىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسى بويىچە ئوتلاقنى ھۆددە ئالغۇچىغا تولۇقلىما بېرىش كېرەك.

 ئوتلاقنى قۇرۇلۇش ئۈچۈن ئېلىش، ئىشلىتىش ياكى پايدىلىنىشتا، ئوتلاق يېپىنچا ئۆسۈملۈكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ھەققى تاپشۇرۇش كېرەك. ئوتلاق يېپىنچا ئۆسۈملۈكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ھەققىنى ئوتلاق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى بەلگىلىمە بويىچە، ئوتلاق يېپىنچا ئۆسۈملۈكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە ئىشلىتىدۇ. ھەقنى ھەرقانداق ئورۇن ۋە شەخسنىڭ قىسىۋېلىشىغا، ئىشلىتىۋېلىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئوتلاق يېپىنچا ئۆسۈملۈكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ھەققى ئېلىش، ئىشلىتىش ۋە باشقۇرۇش چارىسىنى گوۋۇيۈەننىڭ باھا مەسئۇل تارمىقى ۋە گوۋۇيۈەننىڭ مالىيە تارمىقى گوۋۇيۈەننىڭ ئوتلاق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى بىلەن بىرلىكتە چىقىرىدۇ.

 40–ماددا ئوتلاقنى ۋاقىتلىق ئىگىلەپ ئىشلىتىشكە توغرا كەلسە، ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئوتلاق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقىنىڭ ماقۇللۇقىنى ئېلىش كېرەك.

ئوتلاقنى ۋاقىتلىق ئىگىلەپ ئىشلىتىش مۇددىتىنى ئىككى يىلدىن ئاشۇرۇۋېتىشكە ھەمدە ۋاقىتلىق ئىگىلەپ ئىشلىتىلگەن ئوتلاقتا مەڭگۈلۈك ئىمارەت، قۇرۇلمىلارنى سېلىشقا بولمايدۇ؛ ئىشلىتىش مۇددىتى توشقاندا، يەر ئىشلەتكۈچى ئورۇن ئوتلاق يېپىنچا ئۆسۈملۈكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشى ھەمدە ۋاقتىدا قايتۇرۇشى شەرت.

41–ماددا ئوتلاقتا ئوتلاقنى قوغداش ۋە چارۋىچىلىق ئىشلەپچىقىرىشىغا بىۋاسىتە مۇلازىمەت قىلىدىغان قۇرۇلۇش ئەسلىھەلىرى سېلىش ئۈچۈن ئوتلاقنى ئىشلىتىشكە توغرا كەلسە، ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئوتلاق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى تەستىقلايدۇ، ئوتلاقتا چارۋىچىلىق بىلەن مۇناسىۋەتسىز باشقا قۇرۇلۇشلارنى سېلىشقا توغرا كەلسە، قانۇن بويىچە قۇرۇلۇش يېرىنى تەستىقلىتىش رەسمىيىتى ئۆتەش شەرت.

ئالدىنقى تارماقتا ئېيتىلغان ئوتلاقنى قوغدايدىغان ۋە چارۋىچىلىق ئىشلەپچىقىرىشىغا بىۋاسىتە مۇلازىمەت قىلىدىغان قۇرۇلۇش ئەسلىھەلىرى:

(1) ئوت–چۆپ ئۇرۇقى، يەم–چۆپ ئىشلەپچىقىرىش، ساقلاش ئەسلىھەلىرى؛

(2) قوتان، نەسىللەندۈرۈش ئورنى، يۇڭ قىرقىش ئورنى، ۋاننىلاش كۆلچىكى، ئادەم ۋە چارۋىلارنىڭ ئىچىملىك سۇ ئەسلىھەلىرى؛

(3) پەن تەتقىقات، سىناق ۋە ئۈلگە بازىلىرى؛

(4) ئوتلاق ئوت مۇداپىئەسى ۋە سۇغىرىش ئەسلىھەلىرى.

6–باب قوغداش

42–ماددا دۆلەت ئاساسىي ئوتلاقنى قوغداش تۈزۈمىنى يولغا قويىدۇ. تۆۋەندىكى ئوتلاقلارنى ئاساسىي ئوتلاق قىلىپ ئايرىپ قاتتىق باشقۇرۇش كېرەك:

 (1) مۇھىم يايلاق؛

 (2) چاپمىلىق؛

 (3) چارۋىچىلىق ئىشلەپچىقىرىشىغا ئىشلىتىلىدىغان سۈنئىي ئوتلاق، تېرىقچىلىقتىن بوشىتىپ ئوت–چۆپ ئۆستۈرۈلگەن يەر شۇنىڭدەك سۈپەتلىك ئوتلاق، ئوت–چۆپ ئۇرۇقى بازىسى؛

 (4) كىلىمات تەڭشەش، سۇ مەنبەسىنى يېتىلدۈرۈش، سۇ–تۇپراقنى ساقلاش، بوراندىن مۇداپىئەلىنىش، قۇمنى تۇراقلاشتۇرۇشتا ئالاھىدە رول ئوينايدىغان ئوتلاق؛

 (5) دۆلەت نۇقتىلىق قوغدايدىغان ياۋايى ھايۋانات ۋە ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ھاياتلىق مۇھىتى قىلىنغان ئوتلاق؛

 (6) ئوتلاق پەن تەتقىقاتى، ئوقۇتۇش سىناق بازىسى؛

 (7) گوۋۇيۈەن ئاساسىي ئوتلاق دەپ ئايرىشنى بەلگىلىگەن باشقا ئوتلاقلار.

 ئاساسىي ئوتلاقنى قوغداش، باشقۇرۇش چارىسىنى گوۋۇيۈەن چىقىرىدۇ.

 43–ماددا گوۋۇيۈەننىڭ ئوتلاق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى ياكى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونىنى باشقۇرۇشقا ئالاقىدار بەلگىلىمە بويىچە، تۆۋەندىكى رايونلاردا ئوتلاق تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونى قۇرسا بولىدۇ:

(1) ۋەكىللىككە ئىگە ئوتلاقلار؛

(2) ئەتىۋارلىق، ئاز ئۇچرايدىغان، يوقىلىش ئالدىدا تۇرۇۋاتقان ياۋايى ھايۋانات ۋە ئۆسۈملۈك جايلاشقان رايونلار؛

(3) مۇھىم ئېكولوگىيەلىك رولى ۋە ئىقتىسادىي پەن تەتقىقات قىممىتى بار ئوتلاقلار.

 44–ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى ئوتلاقتىكى ئەتىۋارلىق، ئاز ئۇچرايدىغان، يوقىلىش ئالدىدا تۇرۇۋاتقان ياۋا ئۆسۈملۈك ۋە گېرىمپىلازما بايلىقىنى قوغداش، باشقۇرۇشنى قانۇن بويىچە كۈچەيتىشى كېرەك.

45–ماددا دۆلەت ئوتلاقتا ئوت–چۆپكە قاراپ چارۋا بېكىتىش، چارۋا–چۆپنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇش تۈزۈمىنى يولغا قويىدۇ. ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئوتلاق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى گوۋۇيۈەننىڭ ئوتلاق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى بېكىتكەن ئوتلاق چارۋا سىغىمچانلىق ئۆلچىمىگە ئاساسەن، شۇ جاينىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، ئوتلاقنىڭ چارۋا سىغىمچانلىقىنى قەرەللىك بېكىتىشى كېرەك، ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللىنىپ، ئوتلاقتا زىيادە چارۋا بېقىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشى كېرەك.

 46–ماددا ئوتلاقتا يەر ئېچىش مەنئى قىلىنىدۇ. يەر ئېچىلغان ئوتلاقلاردىن سۇ ۋە تۇپراقنىڭ ئېقىپ كېتىشى ئېغىر بولغان، قۇملىشىۋاتقان، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنى ياخشىلاش زۆرۈر بولغانلىرىدا پىلانلىق، تەدرىجىي ھالدا ئوت–چۆپ ئۆستۈرۈش كېرەك؛ قۇملىشىپ، شورلىشىپ، چۆللىشىپ كەتكەنلىرىنى بەلگىلەنگەن مۆھلەتتە تىزگىنلەش كېرەك.

47–ماددا ئېغىر دەرىجىدە چېكىنگەن، قۇملاشقان، شورلاشقان، چۆللەشكەن ئوتلاق ۋە ئېكولوگىيەسى ناچار جايلاردىكى ئوتلاقتا چارۋا بېقىشنى مەنئى قىلىش ۋە توختىتىپ تۇرۇش تۈزۈمى يولغا قويۇلىدۇ.

48–ماددا دۆلەت قانۇن بويىچە تېرىلغۇدىن ئوتلاققا قايتۇرۇش ۋە ئوتلاقتا چارۋا بېقىشنى مەنئى قىلىش، توختىتىپ تۇرۇشنى قوللايدۇ. كونكرېت چارىسىنى گوۋۇيۈەن ياكى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى چىقىرىدۇ.

گوۋۇيۈەن تەستىقلىغان يىرىك پىلان دائىرىسىدە، يېرىنى تېرىلغۇدىن ئوتلاققا قايتۇرغان دېھقان – چارۋىچىلارغا دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە ئاشلىق، نەق پۇل، ئوت–چۆپ ئۇرۇقى خىراجەت ياردىمى بېرىلىدۇ. يەر تېرىلغۇدىن ئوتلاققا قايتۇرۇلغاندىن كېيىن، ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئوتلاق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى تەكشۈرۈپ تىزىملايدۇ، يەرنىڭ ئىشلىتىلىشىنى ئۆزگەرتىش رەسمىيىتىنى قانۇن بويىچە ئۆتىگەنلەرگە ئوتلاق ئىگىدارلىق ھوقۇقى گۇۋاھنامىسى بېرىدۇ.

49–ماددا چۆل، يېرىم چۆل ۋە ئېغىر دەرىجىدە چېكىنگەن، قۇملاشقان، شورلاشقان، چۆللەشكەن، سۇ–تۇپراق ئېقىپ كەتكەن ئوتلاق شۇنىڭدەك ئېكولوگىيەسى ناچارلاشقان رايونلاردىكى ئوتلاقتا ئۆسۈملۈك كولاش ۋە ئوتلاق يېپىنچا ئۆسۈملۈكىنى بۇزىدىغان باشقا ھەرىكەتلەرنى قىلىش مەنئى قىلىنىدۇ.

50–ماددا ئوتلاقتىن توپا، شېغىل، تاش ئېلىشتا، ناھىيە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئوتلاق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقىغا تەستىقلىتىش كېرەك، قېزىلما بايلىق ئېچىشتا، قانۇن بويىچە ئالاقىدار رەسمىيەتلەرنى ئۆتەش لازىم.

ئوتلاقتا تەستىق ئارقىلىق بۇ ماددىنىڭ 1–تارمىقىدا كۆرسىتىلگەن ھەرىكەتلەرنى قىلغانلار بەلگىلەنگەن ۋاقىت ۋە دائىرىدە رۇخسەت قىلىنغان ئېلىش ئۇسۇلى بويىچە مەشغۇلات قىلىشى ھەمدە ئوتلاق يېپىنچا ئۆسۈملۈكىنى قوغداش تەدبىرى قوللىنىشى لازىم.

باشقىلار پايدىلىنىۋاتقان ئوتلاقتا بۇ ماددىنىڭ 1–تارمىقىدا كۆرسىتىلگەن ھەرىكەتلەرنى قىلغانلار ئالدى بىلەن ئوتلاقتىن پايدىلانغۇچىنىڭمۇ ماقۇللۇقىنى ئېلىشى كېرەك.

51–ماددا ئوتلاقتا ئوت–چۆپ ياكى يەم–خەشەك زىرائەتلىرىنى تېرىشتا، ئوتلاقنى قوغداش، بەرپا قىلىش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش يىرىك پىلانىغا ئەمەل قىلىش كېرەك؛ ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئوتلاق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئوتلاقنىڭ قۇملىشىشى ۋە سۇ–تۇپراق ئېقىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشى كېرەك.

52–ماددا ئوتلاقتىكى تىجارەتلىك ساياھەت پائالىيىتىدە ئوتلاقنى قوغداش، بەرپا قىلىش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش يىرىك پىلانىغا ئەمەل قىلىش ھەمدە ئالدى بىلەن ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئوتلاق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقىنىڭ ماقۇللۇقىنى ئېلىپ ئالاقىدار رەسمىيەتلەرنى ئۆتەش كېرەك.

ئوتلاقتىكى تىجارەتلىك ساياھەت پائالىيىتىدە ئوتلاق ئىگىسى، ئوتلاقتىن پايدىلانغۇچى ۋە ھۆددە ئېلىپ باشقۇرغۇچىنىڭ قانۇنىي ھوقۇق– مەنپەئىتىگە چېقىلىشقا، ئوتلاق يېپىنچا ئۆسۈملۈكىنى بۇزۇۋېتىشكە يول قويۇلمايدۇ.

53–ماددا ئوتلاق ئوت مۇداپىئە خىزمىتىدە، ئالدىنى ئېلىشنى ئاساس قىلىش، ئالدىنى ئېلىش بىلەن ئۆچۈرۈشنى بىرلەشتۈرۈش فاڭجېنى ئىزچىللاشتۇرۇلىدۇ.

ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئوتلاق ئوت مۇداپىئە مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى ئورنىتىپ، ئوتلاق ئوت مۇداپىئە مەزگىلىنى بەلگىلەپ، ئوتلاق ئوت مۇداپىئە، ئوت ئۆچۈرۈش لايىھەسىنى تۈزۈپ، ئوتلاق ئوت ئاپىتىنىڭ ئالدىنى ئېلىشى، ئوت ئۆچۈرۈش خىزمىتىنى ھەقىقىي ياخشى ئىشلىشى لازىم.

54–ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى ئوتلاقتىكى چاشقان ئاپىتى، كېسەل، ھاشارات ئاپىتى ۋە زەھەرلىك، زىيانلىق ئوت–چۆپلەرنى يوقىتىش، تىزگىنلەشنى تەشكىللەش، باشقۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشى كېرەك. ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئوتلاق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى تەدبىر قوللىنىپ، ئوتلاقتىكى چاشقان ئاپىتى، كېسەل، ھاشارات ئاپىتى ۋە زىيانلىق ئوت–چۆپلەرنى كۆزىتىش، سىگنال بېرىش، تەكشۈرۈش، ئالدىنى ئېلىش ۋە يوقىتىش خىزمىتىنى كۈچەيتىشى، ھەر تەرەپلىمە تۈگىتىش، تىزگىنلەش چارىلىرىنى مۇھاكىمە قىلىش ۋە كېڭەيتىشنى تەشكىللىشى كېرەك.

ئوتلاقتا ئۆتكۈر زەھەرلىك، كۆپ ساقلىنىپ قالىدىغان ۋە ئىككىلەمچى زەھەرلەش ئېھتىمالى بولغان دېھقانچىلىق دورىلىرىنى ئىشلىتىش مەنئى قىلىنىدۇ.

55–ماددا ئاپەت ۋە خەتەردىن قۇتقۇزۇشقا، چارۋىچىلارنى كۆچۈرۈشكە ئىشلىتىلىدىغان موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىدىن باشقا موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنىڭ ئوتلاقتا مېڭىپ، ئوتلاق يېپىنچا ئۆسۈملۈكىنى بۇزۇۋېتىشى مەنئى قىلىنىدۇ؛ گېئولوگىيەلىك چارلاش، ئىلمىي تەكشۈرۈش قاتارلىق پائالىيەتلەر ئۈچۈن، ئوتلاقتا مېڭىشقا توغرا كەلسە، شۇ جايدىكى ناھىيە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئوتلاق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقىغا مېڭىش رايونى ۋە مېڭىش يۆنىلىشىنى دوكلات قىلىش ھەمدە دوكلاتتىكى مېڭىش رايونى ۋە مېڭىش يۆنىلىشى بويىچە مېڭىش كېرەك.

7–باب نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈش

56–ماددا گوۋۇيۈەننىڭ ئوتلاق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى ۋە ئوتلاق كۆلىمى چوڭراق ئۆلكە، ئاپتونوم رايونلاردىكى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئوتلاق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى ئوتلاقنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئاپپاراتى تەسىس قىلىدۇ. ئۇ، ئوتلاققا دائىر قانۇن–نىزاملارنىڭ ئىجىراسىنى نازارەت قىلىپ تەكشۈرىدۇ، ئوتلاققا دائىر قانۇن–نىزاملارغا خىلاپ قىلمىشلارنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىدۇ.

ئوتلاق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى ۋە ئوتلاقنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئاپپاراتى قانۇن ئىجرا قىلغۇچىلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشى، ئوتلاقنى نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈش خادىملىرىنىڭ سىياسىي ۋە كەسپىي ساپاسىنى ئۆستۈرۈشى كېرەك. ئوتلاقنى نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈش خادىملىرى خىزمىتىگە سادىق بولۇپ، قانۇننى ئادىل ئىجرا قىلىشى كېرەك.

57–ماددا ئوتلاقنى نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈش خادىملىرى نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈش مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشتا، تۆۋەندىكى تەدبىرلەرنى قوللىنىشقا ھوقۇقلۇق:

(1) تەكشۈرۈلگۈچى ئورۇن ياكى شەخسلەردىن ئوتلاقنىڭ ئىگىدارلىق ھوقۇقىغا ئائىت ھۆججەت ۋە ماتېرىياللارنى بېرىشنى تەلەپ قىلىش، ماتېرىياللارنى كۆرۈش ياكى كۆپەيتىۋېلىش؛

(2) تەكشۈرۈلگۈچى ئورۇن ياكى شەخسلەردىن ئوتلاقنىڭ ئىگىدارلىق ھوقۇقى قاتارلىق مەسىلىلەر ھەققىدە چۈشەنچە بېرىشنى تەلەپ قىلىش؛

(3) قانۇنغا خىلاپ ئەھۋاللار كۆرۈلگەن نەق مەيدانغا كىرىپ سۈرەت تارتىش، سىنغا ئېلىش ۋە تەكشۈرۈش؛

 

(4) تەكشۈرۈلگۈچى ئورۇن ياكى شەخسلەرنى ئوتلاققا دائىر قانۇن–نىزاملارغا خىلاپ قىلمىشىنى توختىتىشقا، قانۇندا بەلگىلەنگەن مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىشقا بۇيرۇش.

58–ماددا گوۋۇيۈەننىڭ ئوتلاق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى ۋە ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئوتلاق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى ئوتلاقنى نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈش خادىملىرىنى تەربىيەلەش ۋە باھالاشنى كۈچەيتىشى كېرەك.

59–ماددا ئالاقىدار ئورۇن ۋە شەخسلەر ئوتلاقنى نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈش خادىملىرىنىڭ نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈش خىزمىتىگە مەدەت بېرىشى، ماسلىشىشى كېرەك؛ ئوتلاقنى نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈش خادىملىرىنىڭ قانۇن بويىچە ۋەزىپە ئىجرا قىلىشىنى رەت قىلىشىغا ياكى ئۇنىڭغا توسقۇنلۇق قىلىشىغا يول قويۇلمايدۇ.

ئوتلاقنى نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈش خادىملىرى مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشتا، تەكشۈرۈلگۈچى ئورۇن ۋە شەخسلەرگە قانۇن ئىجرا قىلىش كىنىشكىسىنى كۆرسىتىشى لازىم.

60–ماددا ئوتلاققا دائىر قانۇن–نىزاملارغا خىلاپ قىلمىشلارنى قانۇن بويىچە مەمۇرىي بىر تەرەپ قىلىش كېرەك؛ يۇقىرى دەرىجىلىك ئوتلاق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى ئالاقىدار ئوتلاق مەمۇرىي مەسئۇل تارماقلىرىدىن مەمۇرىي بىر تەرەپ قىلىش قارارى چىقارمىغانلىرىنى مەمۇرىي بىر تەرەپ قىلىش قارارى چىقىرىشقا بۇيرۇشقا ياكى بۇ ھەقتە مەمۇرىي بىر تەرەپ قىلىش قارارىنى بىۋاسىتە چىقىرىشقا ھوقۇقلۇق.

8–باب قانۇن جاۋابكارلىقى

61–ماددا ئوتلاق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى خادىملىرى ۋە دۆلەت ئورگىنىدىكى باشقا ئالاقىدار خادىملاردىن خىزمەتتە بىپەرۋالىق قىلىپ، خىزمەت ھوقۇقىدىن كەلسە–كەلمەس پايدىلىنىپ، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشتا قانۇنغا ئەمەل قىلماي ياكى قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارنى سەزسىمۇ بىر تەرەپ قىلماي ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلىپ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرى قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ؛ جىنايى جازا بېرىشكە توشمايدىغانلىرىغا قانۇن بويىچە مەمۇرىي چارە كۆرۈلىدۇ.

62–ماددا ئوتلاقنى ياخشىلاش، ئوت–چۆپ تېرىش ۋە ئوت–چۆپ ئۇرۇقى ئىشلەپچىقىرىش مەبلىغى ياكى ئوتلاق يېپىنچا ئۆسۈملۈكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش خىراجىتىنى قىسىۋېلىپ، ئىشلىتىۋېلىپ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەر قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ؛ جىنايى جازا بېرىشكە توشمايدىغانلارغا قانۇن بويىچە مەمۇرىي چارە كۆرۈلىدۇ.

63–ماددا ئوتلاقنى ئېلىش، ئىشلىتىش ۋە پايدىلىنىشنى تەستىقلاش ھوقۇقى يوق ئورۇن ۋە شەخسلەردىن ئوتلاقنى ئېلىش، ئىشلىتىش ۋە پايدىلىنىشنى قانۇنسىز تەستىقلىغانلىرى، ئوتلاقنى ئېلىش، ئىشلىتىش ۋە پايدىلىنىشنى تەستىقلاش ھوقۇق دائىرىسىدىن ھالقىپ قانۇنسىز تەستىقلىغانلىرى ياكى ئوتلاقنى ئېلىش، ئىشلىتىش ۋە پايدىلىنىشنى قانۇندا بەلگىلەنگەن تەرتىپكە خىلاپ ھالدا تەستىقلاپ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرى قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ؛ جىنايى جازا بېرىشكە توشمايدىغانلىرىغا قانۇن بويىچە مەمۇرىي چارە كۆرۈلىدۇ. ئوتلاقنى ئېلىش، ئىشلىتىش ۋە پايدىلىنىشنى قانۇنسىز تەستىقلىغان ھۆججەت بىكار قىلىنىدۇ. قانۇنسىز تەستىق بىلەن ئېلىنغان، ئىشلىتىلگەن، پايدىلىنىلغان ئوتلاقنى قايتۇرۇۋېلىش، قايتۇرۇشنى رەت قىلغانلار ئوتلاقتىن قانۇنسىز پايدىلانغانلار قاتارىدا بىر تەرەپ قىلىنىدۇ.

ئوتلاقنى ئېلىش، ئىشلىتىش ۋە پايدىلىنىشنى قانۇنسىز تەستىقلاپ ئالاقىدارلارنى زىيانغا ئۇچراتقانلار قانۇن بويىچە تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ.

64–ماددا ئوتلاقنى ئېلىپ–سېتىپ ياكى باشقا ئۇسۇللار بىلەن قانۇنسىز ئۆتۈنۈپ بېرىپ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەر قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ؛ جىنايى جازا بېرىشكە توشمايدىغانلارنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئوتلاق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى خىزمەت ھوقۇقى بويىچە بەلگىلەنگەن مۆھلەتتە تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنى مۇسادىرە قىلىدۇ، قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنىڭ بىر ھەسسىسىدىن يۇقىرى، بەش ھەسسىسىدىن تۆۋەن قوشۇمچە جەرىمانە قويىدۇ.

65–ماددا تەستىقلاتماي تۇرۇپ ياكى ئالدامچىلىق ۋاسىتىسى بىلەن تەستىقلىتىۋېلىپ ئوتلاقتىن قانۇنسىز پايدىلىنىپ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەر قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ؛ جىنايى جازا بېرىشكە توشمايدىغانلارنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئوتلاق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى قانۇنسىز پايدىلىنىۋاتقان ئوتلاقنى قايتۇرۇشقا خىزمەت ھوقۇقى بويىچە بۇيرۇيدۇ، ئوتلاقنى قوغداش، بەرپا قىلىش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش يىرىك پىلانىغا خىلاپلىق قىلىپ، ئوتلاقنى ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن قۇرۇلۇش يېرى قىلىۋالغانلارنى قانۇنسىز پايدىلىنىۋاتقان ئوتلاقتا يېڭىدىن قۇرغان ئىمارەت ۋە باشقا ئەسلىھەلەرنى بەلگىلەنگەن مۆھلەتتە چېقىپ، ئوتلاق يېپىنچا ئۆسۈملۈكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە بۇيرۇيدۇ، ئوتلاقتىن قانۇنسىز پايدىلىنىشتىن بۇرۇنقى ئۈچ يىللىق ئوتتۇرىچە مەھسۇلات قىممىتىنىڭ ئالتە ھەسسىسىدىن يۇقىرى، 12 ھەسسىسىدىن تۆۋەن قوشۇمچە جەرىمانە قويىدۇ.

66–ماددا ئوتلاقتا قانۇنسىز يەر ئېچىپ، جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەر قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ؛ جىنايى جازا بېرىشكە توشمايدىغانلارنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئوتلاق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى خىزمەت ھوقۇقى بويىچە قانۇنغا خىلاپ قىلمىشىنى توختىتىش، يېپىنچا ئۆسۈملۈكنى بەلگىلەنگەن مۆھلەتتە ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە بۇيرۇيدۇ، قانۇنسىز پۇل–مېلى ۋە قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنى مۇسادىرە قىلىدۇ، قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنىڭ بىر ھەسسىسىدىن يۇقىرى، بەش ھەسسىسىدىن تۆۋەن قوشۇمچە جەرىمانە قويىدۇ؛ قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى بولمىغانلارغا قوشۇمچە 50 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ؛ ئوتلاق ئىگىسىگە ياكى ئوتلاقتىن پايدىلانغۇچىلارغا زىيان سالغانلار قانۇن بويىچە تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ.

67–ماددا چۆللۈك، يېرىم چۆللۈك ۋە ئېغىر دەرىجىدە چېكىنگەن، قۇملاشقان، شورلاشقان، چۆللەشكەن، سۇ–تۇپرىقى ئېقىپ كەتكەن ئوتلاق شۇنىڭدەك ئېكولوگىيەلىك مۇھىتى ناچارلاشقان جايلاردىكى ئوتلاقتا ئۆسۈملۈك كولاش ياكى ئوتلاق يېپىنچا ئۆسۈملۈكىنى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىتىدىغان باشقا ھەرىكەتلەردە بولغانلارنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئوتلاق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى خىزمەت ھوقۇقى بويىچە قانۇنغا خىلاپ قىلمىشىنى توختىتىشقا بۇيرۇيدۇ، قانۇنسىز مال–مۈلكى ۋە قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنى مۇسادىرە قىلىدۇ، قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنىڭ بىر ھەسسىسىدىن يۇقىرى، بەش ھەسسىسىدىن تۆۋەن قوشۇمچە جەرىمانە قويسا بولىدۇ؛ قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى بولمىغانلارغا قوشۇمچە 50 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويسا بولىدۇ؛ ئوتلاق ئىگىسى ياكى ئوتلاقتىن پايدىلانغۇچىغا زىيان سالغانلار قانۇن بويىچە تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ.

68–ماددا ئوتلاقتا قۇم، تاش، توپىنى تەستىقلاتماي تۇرۇپ ياكى بەلگىلەنگەن ۋاقىت، ئورۇن ۋە كولاش ئۇسۇلىغا خىلاپ ھالدا ئالغانلارنى ناھىيە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئوتلاق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى قانۇنغا خىلاپ قىلمىشىنى توختىتىپ، يېپىنچا ئۆسۈملۈكنى بەلگىلەنگەن مۆھلەتتە ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە بۇيرۇيدۇ، قانۇنسىز پۇل–مېلى ۋە قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنى مۇسادىرە قىلىدۇ، قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنىڭ بىر ھەسسىسىدىن يۇقىرى، ئىككى ھەسسىسىدىن تۆۋەن قوشۇمچە جەرىمانە قويسا بولىدۇ؛ قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى بولمىغانلارغا قوشۇمچە 20 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويسا بولىدۇ؛ ئوتلاق ئىگىسى ياكى ئوتلاقتىن پايدىلانغۇچىغا زىيان سالغانلار قانۇن بويىچە تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ.

69–ماددا بۇ قانۇننىڭ 52–ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، ئوتلاقتا ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن تىجارەتلىك ساياھەت پائالىيىتىنى قىلىپ، ئوتلاق يېپىنچا ئۆسۈملۈكىنى بۇزۇۋەتكەنلەرنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئوتلاق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى خىزمەت ھوقۇقى بويىچە، قانۇنغا خىلاپ قىلمىشىنى توختىتىپ، يېپىنچا ئۆسۈملۈكنى بەلگىلەنگەن مۆھلەتتە ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە بۇيرۇيدۇ، قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنى مۇسادىرە قىلىدۇ، قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنىڭ بىر ھەسسىسىدىن يۇقىرى، ئىككى ھەسسىسىدىن تۆۋەن قوشۇمچە جەرىمانە قويسا بولىدۇ؛ قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى بولمىغانلارغا ئوتلاق بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراشتىن ئۈچ يىل بۇرۇنقى ئوتتۇرىچە مەھسۇلات قىممىتىنىڭ ئالتە ھەسسىسىدىن يۇقىرى، 12 ھەسسىسىدىن تۆۋەن قوشۇمچە جەرىمانە قويسا بولىدۇ؛ ئوتلاق ئىگىسى ياكى ئوتلاقتىن پايدىلانغۇچىغا زىيان سالغانلار قانۇن بويىچە تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ.

70–ماددا خەتەردىن، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشقا ۋە چارۋىچىلارنى كۆچۈرۈشكە ئىشلىتىلىدىغان موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىدىن باشقا موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنى ئوتلاقتا ھەيدەش ياكى گېئولوگىيەلىك چارلاش، ئىلمىي تەكشۈرۈش قاتارلىق پائالىيەتلەرنى قىلىشتا، شۇ جايدىكى ناھىيە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئوتلاق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقىغا دوكلات قىلمىغان ۋە ياكى دوكلاتتىكى مېڭىش رايونى ۋە مېڭىش يۆنىلىشىگە قارىماي، ئوتلاق يېپىنچا ئۆسۈملۈكىنى بۇزۇۋەتكەنلەرنى ناھىيە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئوتلاق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى قانۇنغا خىلاپ قىلمىشىنى توختىتىپ، يېپىنچا ئۆسۈملۈكنى بەلگىلەنگەن مۆھلەتتە ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە بۇيرۇيدۇ، ئوتلاق بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراشتىن ئۈچ يىل بۇرۇنقى ئوتتۇرىچە مەھسۇلات قىممىتىنىڭ ئۈچ ھەسسسىىدىن يۇقىرى، توققۇز ھەسسىسىدىن تۆۋەن قوشۇمچە جەرىمانە قويسا بولىدۇ؛ ئوتلاق ئىگىسى ياكى ئوتلاقتىن پايدىلانغۇچىغا زىيان سالغانلار قانۇن بويىچە تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ.

71–ماددا ۋاقىتلىق ئىگىلەپ ئىشلەتكەن ئوتلاقتا مەڭگۈلۈك ئىمارەت ۋە قۇرۇلما سالغانلارنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئوتلاق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى خىزمەت ھوقۇقى بويىچە، بەلگىلەنگەن مۆھلەتتە چېقىشقا بۇيرۇيدۇ؛ مۆھلەت ئۆتسىمۇ چاقمىغانلارنى قانۇن بويىچە مەجبۇرىي چاقتۇرىدۇ، خىراجىتىنى قانۇنغا خىلاپلىق قىلغۇچى چىقىرىدۇ.

ئوتلاقنى ۋاقىتلىق ئىگىلەپ ئىشلەتكەن ئورۇنلاردىن ۋاقىتلىق ئىگىلەپ ئىشلىتىش مۇددىتى توشقاندا، ئوتلاق يېپىنچا ئۆسۈملۈكىنى ئەسلىگە كەلتۈرمىگەنلىرىنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئوتلاق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى خىزمەت ھوقۇقى بويىچە، بەلگىلەنگەن مۆھلەتتە ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە بۇيرۇيدۇ؛ مۆھلەت ئۆتسىمۇ ئەسلىگە كەلتۈرمىسە، ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئوتلاق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ قويىدۇ، خىراجىتىنى قانۇنغا خىلاپلىق قىلغۇچى چىقىرىدۇ.

72–ماددا تەستىقلاتماي تۇرۇپ، ئوتلاقنى قوغداش، بەرپا قىلىش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش يىرىك پىلانىنى ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن ئۆزگەرتكەنلەرنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى بەلگىلەنگەن مۆھلەتتە تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىم ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلارغا قانۇن بويىچە مەمۇرىي چارە كۆرىدۇ.

 73–ماددا بۇ قانۇندىكى چارۋا–چۆپنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇش تۈزۈمىگە ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلىپ، بېقىلىدىغان چارۋا سانىنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئوتلاق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى بېكىتكەن چارۋا سىغىمچانلىق ئۆلچىمىدىن ئاشۇرۇۋەتكەنلەرنى تۈزەتكۈزۈش ياكى جازالاش تەدبىرىنى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتىيى ياكى ئۇنىڭ دائىمىي كومىتېتى بەلگىلەيدۇ.

9–باب قوشۇمچە پىرىنسىپ

74–ماددا بۇ قانۇننىڭ 2–ماددىسىنىڭ 2–تارمىقىدا ئېيتىلغان تەبىئىي ئوتلاق ئوتلۇق يەر، ئوتلۇق تاغ ۋە ئوتلۇق يانتۇلۇقنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، سۈنئىي ئوتلۇق ياخشىلانغان ئوتلۇق ۋە تېرىلغۇدىن ئوتلاققا قايتۇرۇلغان يەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، شەھەر، بازارلاردىكى ئوتلۇقنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ.

75–ماددا بۇ قانۇن 2003–يىلى 3–ئاينىڭ 1–كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.[0]

 

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

1.

بەيدۇ قامۇسى

http://baike.baidu.com/view/84130.htm

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#