ماراتخا ئۇرۇشى

ماراتخا ئۇرۇشى ئەنگلىيەنىڭ 18-ئەسىردىن 19-ئەسىرگىچە ئەنگلىيەنىڭ ھىندىستاندىكى ماراتخا دۆلىتىگە قوزغىغان بويسۇندۇرۇش ئۇرۇشىنى كۆرسىتىدۇ.

نامى ماراتخا ئۇرۇشى
ئۇرۇشقا قاتناشقۇچىلار ماراتخا، ئەنگلىيە

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

1757-يىلى ئەنگلىيە شەرقى ھىندىستان شىركىتىنىڭ قوشۇنى بېنگالنى ئىشغال قىلىپ، ھىندىستاننى بويسۇندۇرۇش ئۈچۈن پۇختا ئاساس سالغان. ئەينى ۋاقىتتا ھىندىستاننىڭ غەربىي قىسىمدىكى ماراتخا ئىتتىپاقى، ھىندىستاندىكى بەگلىكلەر ئارىسىدا كۈچى ئەڭ زور ئىتتىپاقداش دۆلەت بولسىمۇ، ماراتخا ئىتتىپاقىنى تەشكىل قىلغان ماراتخا بەگلىكلىرى ئارىسىدا ئىچكى زىددىيەت ئۈزۈلمەي يۈز بېرىپ تۇرغاچقا، ئىتتىپاقنىڭ ھۆكۈمرانى پەيسىھانىڭ ھاكىمىيىتى كۈنسايىن خارابلىشىپ، ئەنگلىيەنىڭ پارچىلىۋېتىش، بىر-بىرلەپ يوقىتىشتىن ئىبارەت تاجاۋۇزچىلىق سىياسىتى ئۈچۈن پايدىلىق شارائىت ھازىرلانغان.

بىرىنچى قېتىملىق ماراتخا ئۇرۇشى

1775-يىلى ئەنگلىيە تاجاۋۇزچىلىرى پەيسىھاباجنىڭ سىياسىي دۈشمىنى راگوناتنىڭ پادىشاھلىق تەختىنى قولغا كەلتۈرۈشىنى قوللاش بەدىلىگە راگونات بىلەن تەڭسىز شەرتنامە ئىمزالاشقان، بىرىنچى قېتىملىق ماراتخا ئۇرۇشىنى قوزغىغان. ماراتخا گەرچە ئەنگلىيە بىلەن سالباھ شەرتنامىسى ئىمزالاپ سالست ئارىلىنى ۋە بارسيىن رايونىنى شەرقىي ھىندىستان شىركىتىنىڭ ئىلكىگە ئايرىپ بېرىشكە مەجبۇر بولغان بولسىمۇ، يەنىلا ئەسلىدىكى قۇدرەتلىك كۈچىنى ساقلاپ قالغان. 1799-يىلى ئەنگلىيە سورنى بويسۇندۇرغاندىن كېيىن ماراتخا ئەنگلىيەنىڭ ھىندىستاننى بويسۇندۇرۇش يولىدىكى بىردىنبىر ئاساسىي پۇتلىكاشاڭ بولۇپ قالدى. شۇڭا ئەنگلىيە ماراتخانى يەنىمۇ ئاجىزلاشتۇرۇش قارارىغا كەلدى. 1802-يىلى پەيسىھاباجى ئەنگلىيە بىلەن ئىگىلىك ھوقۇقىنى يوقىتىپ، دۆلەتكە ھاقارەت كەلتۈرىدىغان باسېيىن شەرتنامىسى ئىمزالاشتى. شەرتنامىگە ئاساسلانغاندا ماراتخا بەگلىكلىرى مۇستەقىللىقتىن مەھرۇم بولاتتى. شۇڭا، ماراتخا بەگلىكلىرىنىڭ بۇنىڭغا قارشى تۇرىدىغانلىقى مۇقەررەر ئىدى. 

 ئىككىنچى قېتىملىق ماراتخا ئۇرۇشى

ئىككىنچى يىلى ئەنگلىيە پەيسىھانى قوللاش باھانىسىدە پەيسىھا بىلەن بەگلەر ئوتتۇرىسىدىكى ئۇرۇشقا قول تىقىپ، ئىككىنچى قېتىملىق ماراتخا ئۇرۇشىنى قوزغىغان. ئەنگلىيە قوشۇنى ئالدى بىلەن ماراتخا بەگلىرىدىن ھىندىيان بىلەن ناسىرلارنىڭ بىرلەشمە ئارمىيەسىنى مەغلۇپ قىلدى. ئاندىن كېيىن يەنە بەگ ھوركانىڭ قوشۇنىنى يەڭدى. ئۈچىنچى قېتىملىق ماراتخا ئۇرۇشى ئەنگلىيە قوشۇنلىرىنىڭ ماراتخا بېگى قوللىغان «مۇساپىر قاراقچى» پىنداللارغا قورشاپ ھۇجۇم قىلىشى بىلەن قوزغالغان. بۇ چاغدا ئەنگلىيە باش ۋالىيسى ماراتخا بەگلىكلىرىنى ئۈزۈل-كېسىل بويسۇندۇرۇش ئۈچۈن، ھىندىستاننى بويسۇندۇرۇش مەزگىلىدە ئىشقا سالغان ئەڭ قۇدرەتلىك قوشۇننى توپلىغان. 300 زەمبىرەككە ئىگە 120 مىڭ كىشىلىك ئەنگلىيە تاجاۋۇزچى قوشۇنى ماراتخا ئىتتىپاقىغا بېسىپ كىرگەندە غەربىي ناباردى ۋە ناغبول سەپلىرىدە ماراتخادىكى ئارمىيە ۋە خەلقنىڭ قەيسىرانە قارشىلىقىغا ئۇچرىغان، 1818-يىلى 6-ئايدا ئەنگلىيە ئارمىيەسى ئەڭ ئاخىرقى غەلبىگە ئېرىشكەن. 

ئىككىنچى قېتىملىق ماراتخا ئۇرۇشىدىن كېيىن ماراتخا بەگلىرىنىڭ كۆپ قىسىم زېمىنى ئەنگلىيىگە تەۋە بومباي باشقۇرۇش رايونغا قوشۇۋېتىلىپ، ئەنگلىيەنىڭ بىۋاستە ياكى ۋاسىتىلىك ھۆكۈمرانلىقىغا ئۆتكۈزۈلگەن. نۇرغۇن بەگلەر ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ، ئۇلارنىڭ ئورنىغا ئەنگلىيە بىۋاستە يۆلەپ تۇرغۇزغان قورچاق بەگلەر قويۇلغان. ماراتخا ئىتتىپاقىدىن ئىبارەت ئەنگلىيەنىڭ ھىندىستاننى بويسۇندۇرۇش جەريانىدىكى قۇدرەتلىك رەقىبى مەۋجۇتلۇقتىن قالغان. ئەنگلىيە بېنگال قولتۇقىدىن تارتىپ ئەرەب دېڭىزىغىچە بويسۇندۇرۇلغان زېمىنىنى تۇتاشتۇرۇشقا مۇۋەپپەق بولغان.[0]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#