سەيتۇلا بازىرى
سەيتۇلا بازىرى گۇما ناھىيەسى نىڭ جەنۇبىدىكى كەڭقىر قىرغىز يېزىسى نىڭ جەنۇبىغا، قاراقۇرۇم تېغىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىغا جايلاشقان، مەمۇرىي كۆلىمى 8250 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ.
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
سەيتۇلا بازىرى گۇما ناھىيەسى نىڭ جەنۇبىدىكى كەڭقىر قىرغىز يېزىسى نىڭ جەنۇبىغا، قاراقۇرۇم تېغىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىغا جايلاشقان، مەمۇرىي كۆلىمى 8250 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ. 2010-يىلى 5-ئايدا ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تەكشۈرۈپ تەستىقلىشى بىلەن رەسمىي يېزا قىلىپ قۇرۇلغان. بازارلىق ھۆكۈمەت 219-دۆلەت يولىنىڭ 364 كىلومېتىر كېلىدىغان يول بۆلىكىگە شىنجاڭ-شىزاڭ لىنىيەسى تەسىس قىلىنغان، دۆلەت چېگراسىنىڭ لىنىيە ئۇزۇنلۇقى 28 كىلومېتىر. دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 3700 مېتىر بولۇپ، مەمۇرىي كۆلىمى 8250 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ.
30 چاقىرىملىق گازارمىنى مەركەز قىلىپ، ئايرىپ بېرىلگەن شەھەر-بازار رايون كۆلىمى 4 كىۋادرات كىلومېتىر، گۇما ناھىيەسى بازىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى 434 كىلومېتىر، غەربتە قەشقەر ۋىلايىتى نىڭ قاغىلىق ناھىيەسى بىلەن، غەربىي جەنۇبتا ھىندىستان بىلەن چېگرالىنىدۇ، شەرقىي جەنۇبتا خوتەن ناھىيەسى بىلەن قوشنا. چېگرا بازىرى بۇلۇپلا قالماي، شىنجاڭ-شىزاڭنى تۇتاشتۇردىغان مۇھىم قاتناش يولى.
دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 3700 مېتىر، يىل بويى قار ياغىدۇ. يىللىق ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى ℃6، 1-ئايدىكى ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى ℃11.3-، 7-ئايدىكى ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى ℃9.8، ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرىسى ℃25، ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃31-. يىللىق ھۆل-يېغىن مىقدارى 36.6 مىللىمېتىر، بوران چىقىدىغان كۈن سانى 123 كۈن، ئۇلترا بىنەپشە نۇرىنىڭ كۈچى يۇقىرى.
سەيتۇللا بازىرى ئاساسلىقى چارۋىچىلىقنى تەرەققىي قىلدۇرغان، جەمئىي 620 مىڭ مو ئوتلاقنى قاشالىغان، يەم-خەشەك تېرىلغۇ كۆلىمى 8466 مو بولغان، چارۋا سانى 7360 تۇياققا يەتكەن، كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ساپ كىرىم 2484 يۈەن بولغان.[0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.