گالاتس شەھىرى
گالاتىس شەھىرى رومىنىيىنىڭ شەرقىي شىمال قىسمىدىكى چوڭ شەھەر، مۇھىم دەريا پورتى، گالاتس ناھىيىسىنىڭ مەركىزى. بۇ شەھەر پروت دەرياسى بىلەن سېرېت دەريا ئاغزى ئارىلىقىدىكى دوناي دەرياسىنىڭ سول ياقىسىغا جايلاشقان. ئاھالىسى300 مىڭ دىن ئاشىدۇ.گالاتس 16-ئەسىردىن باشلاپ مۇھىم سودا ئورنى بولغان. ھازىر رومىنىيىنىڭ ئەڭ چوڭ تىپتىكى پولات-تۆمۈر سانائەت ھەم كېمىسازلىق سانائەت مەركىزى.
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
بۇ جايدا ئىشلەپچىقىرىلىدىغان پولات مەھسۇلاتى رومىنىيە پولات مەھسۇلاتىنىڭ %50 نى تەشكىل قىلىدۇ. پولا سانائىتىدىن باشقا يەنە ستانوك، يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى، خىمىيە، ياغاچ ماتېرىياللىرىنى پىششىقلاپ ئىشلەش، توقۇمىچىلىق، يېمەك-ئىچمەك قاتارلىق سانائەتلىرىمۇ مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ. گالاتس گەرچە ئىچكى قۇرۇقلۇقتىكى دوناي دەريا بويىغا جايلاشقان بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ سۇ، قۇرۇقلۇق قاتنىشى تەرەققىي قىلغان. قارا دېڭىزدىن دوناي دەرياسىنىڭ يۇقىرى ئېقىنىغا قاراپ يولغا چىققان پاراخوتلىرى شەھەرگە كىرەلەيدۇ. تاشيول، تۆمۈريول ئارقىلىق دۆلەتنىڭ ھەرقايسى چوڭ شەھەرلىرى ۋە سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن تۇتىشىپ تۇرىدۇ. بۇ جاي ئارقىلىق يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى، ياغاچ ماتېرىياللىرى ئېكسپورت قىلىنىدۇ. تۆمۈر رۇدىسى، كوكس، پاختا، ئۈسكۈنىلەر ئىمپورت قىلىنىدۇ.
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.