جاڭ چيەن باغچىسى
جاڭ چيەن باغچىسى قەشقەر يېڭىشەھەر ناھىيەسى دىكى كۈنباش يولىنىڭ شەرق تەرىپىگە جايلاشقان.
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
جاڭ چيەن باغچىسى قەشقەر يېڭىشەھەر ناھىيەسى دىكى كۈنباش يولىنىڭ شەرق تەرىپىگە جايلاشقان بولۇپ، شەرقىي ئايلانما يولنىڭ غەربىي قىسمىدىكى غەربىي جەنۇب بۇرجىكىدىكى كۈنباش يولى ۋە 315-دۆلەت تاشيولى بىلەن تۇتىشىدۇ.
يېڭىشەھەر قەدىمكى غەربىي يۇرتتىكى دۆلەت نامى بولۇپ 2000 يىلدىن ئۇزاقراق تارىخقا ئىگە بولۇپ، غەربىي خەن سۇلالىسىنىڭ جيەنيۈەن 3-يىلى (مىلادىيىدىن ئىلگىرىكى 138-يىلى) جاڭ چيەن غەربىي يۇرتقا ئەلچىلىككە بارغاندا، «سۇلى دۆلىتىنىڭ پادىشاھى سۇلى قەلئەسىنى باشقۇرىشى»نىڭ يازما خاتىرە قالدۇرۇلغان. جاڭ چيەن باغچىسى، جاڭ چيەننىڭ غەربىي يۇرتقا كەلگەنلىكىنى خاتىرىلەش ئۈچۈن قۇرۇلغان بولۇپ، جاڭ چيەن باغچىسى بىلەن جاڭ چيەننىڭ يۇرتى شەنشى ئۆلكىسىنىڭ چىڭگۇ ناھىيەسىدىكى جاڭ چيەن خاتىرە سارىيى قۇرۇلۇپ، شەرق بىلەن غەرب ھەمدەم بولىدىغان ۋەزىيەتنى بارلىققا كەلتۈرگەن.
قەشقەر يېڭىشەھەر ناھىيەسى دىكى «جاڭ چيەن باغچىسى»نىڭ كۆلىمى 1300 مو، تارىخىي مەدەنىيەت رايونى، مىللىي ئۆرپ-ئادەت رايونى، كۆڭۈل ئېچىش رايونى ۋە بالىلار كۆڭۈل ئېچىش رايونى قاتارلىق تۆت خىل ئىقتىدارى مەنزىرە رايونىغا ئايرىلغان، بۇلارنىڭ ئىچىدە جاڭ چيەن خاتىرە سارىيى، پەن-تېخنىكا سارىيى، مەدەنىيەت يۇرتى، بىلگە تۆرە مېھمانخانا قاتارلىق ئىمارەتلەر بار.
باغچا ئومۇمىي بازارلاشقان ھەرىكەت شەكلىنى قوللانغان. باغچا جاڭ چيەن خاتىرە سارىيى، قەشقەر يېڭىشەھەر تارىخ مۇزېيى ۋە پەن-تېخنىكا مەدەنىيەت مەركىزى، يۇلتۇز دەرىجىلىك مېھمانسارايلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. شىپاڭ، چايخانا، ھەيكەلتىراشلىق قاتارلىق ئەسلىھەلەر، 15000 تۈپ مېۋىلىك دەرىخى، مەنزىرە دەرىخى تىكىلگەن، كۆكەرتىش كۆلىمى 400 مىڭ كۋادرات مېتىر بولۇپ، سېلىنغان مەبلەغ 12 مىليون يۈەنگە يەتكەن.[0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
باشقا ئوقۇشلۇقلار :
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.