ئېينىشتېين

ئېينىشتېيىن

ئېينىشتېيىن 20-ئەسىردىكى ئەڭ ئۇلۇغ ئالىم، ئىنسانىيەت تارىخىدا ئىجادچانلىق ئىقتىدارى ئەڭ كۈچلۈك، دەپ ھەممە ئېتىراپ قىلغان كىشىلەرنىڭ بىرى، ئۇنىڭ نامى نىسپىيلىك نەزەرىيەسى بىلەن زىچ باغلانغان.

ئۇيغۇرچە ئىسمى ئېينىشتېين
باشقا نامى Albert Einstein
تۇغۇلغان ۋاقتى 1879-يىلى
كەسپى فىزىك، ماتىماتىك، پەيلاسوپ
خەنزۇچە ئىسمى 阿尔伯特·爱因斯坦
دۆلەت تەۋەلىكى شۋېتسارىيە، ئامېرىكا
ۋاپات بولغان ۋاقتى 1955-يىلى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ئېينىشتېيىنئېينىشتېين 20-ئەسىردىكى ئەڭ ئۇلۇغ ئالىم، ئىنسانىيەت تارىخىدا ئىجادچانلىق ئىقتىدارى ئەڭ كۈچلۈك، دەپ ھەممە ئېتىراپ قىلغان كىشىلەرنىڭ بىرى، ئۇنىڭ نامى نىسپىيلىك نەزەرىيەسى بىلەن زىچ باغلانغان. ئەمەلىيەتتە، نىسپىيلىك نەزەرىيەسى مۇنداق ئىككى خىل نەزەرىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ؛ بىرسى، 1905-يىلى ئوتتۇرىغا قويغان تار مەنىدىكى نىسپىيلىك نەزەرىيەسى؛ يەنە بىرسى، ئۇ 1915-يىلى ئوتتۇرىغا قويغان كەڭ مەنىدىكى نىسپىيلىك نەزەرىيەسى. كېيىنكىسىنى بىز ئەڭ ياخشىسى «ئېينىشتېين تارتىش كۈچى نەزەرىيەسى» دەپ ئاتىغىنىمىز تۈزۈك. بۇ ئىككى نەزەرىيە ناھايىتى مۇرەككەپ، بىز بۇ يەردە بۇلارنى چۈشەندۈرۈپ ئولتۇرمايمىز. بىراق تار مەنىدىكى نىسپىيلىك نەزەرىيەسى ئۈستىدە قىسقىچە توختىلىپ ئۆتمەكچىمىز. 

ھەرقانداق نەرسە نىسپىي بولىدۇ، دېگەن قائىدە ھەممىگە ئايان بىر قائىدىدۇر. ئېينىشتېيننىڭ نەزەرىيەسى بۇ قائىدىنى قايتا بايان قىلغان ياكى تەكرارلىغان نەزەرىيە ئەمەس. ئۇنىڭ نەزەرىيەسى؛ ئەگەر بارلىق پايدىلىنىش سىستېمىسىغا نىسبەتەن نۇرنىڭ تېزلىك كوئېففېتسېنتى تۇراقلىق سان بولسا، ھەم بارلىق تەبىئەت قانۇنىيەتلىرىنىڭ ھەممىسى ئوخشاش بولسا، ئۇنداقتا، ۋاقىت بىلەن ھەرىكەت كۆزەتكۈچىگە نىسبەتەن نىسپىي بولىدۇ، دەپ ھېسابلايدۇ. ئېينىشتېين دەۋرىدىن ئىلگىرى، كۆپ ساندىكى كىشىلەر بۇ خىل سۇبيېكتىپ ئوي-پىكىر بىر ماكان مەسىلىسى بىلەن نازۇك ئەسۋاب ئارقىلىق ئوبيېكتىپ ئۆلچەپ چىققىلى بولىدىغان بىر مۇتلەق زامان مەسىلىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان، دەپ قاراپ كەلگەنىدى. بىراق ئېينىشتېيننىڭ ھەرقانداق مۇتلەق زاماننىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئىنكار قىلىدىغان نەزەرىيەسى ئىلىم-پەن، ئىدىيە ساھەسىدە بىر قېتىملىق ئىنقىلابقا سەۋەبچى بولدى. تۆۋەنكى مىسال ئېينىشتېيننىڭ ئۆزىنىڭ زامان ۋە ماكان نەزەرىيەسى ئارقىلىق بىزنىڭ پۈتكۈل ئالەمگە بولغان قارىشىمىزنى قانداق قىلىپ تۈپ-نېگىزىدىن ئۆزگەرتىپ تاشلىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.

بىر دانە ئالەم كېمىسى بار، دەپ پەرەز قىلايلى، ھازىرچە ئۇنى X كېمە دەپ ئاتايلى. بۇ ئالەم كېمىسى سېكۇنتىغا 100 مىڭ كىلومېتىر تېزلىكتە ئۇچۇپ يەر شارىدىن يىراقلاپ كېتىۋاتماقتا، ئالەم كېمىسى بىلەن يەر شارىنىڭ ئۆز ئوقىدا ئايلىنىش سۈرئىتى كۆزەتكۈچى تەرىپىدىن ئۆلچەپ تۇرۇلماقتا. دېمەك، ئۆلچەم ئوپئوخشاش، شۇنىڭ بىلەن بىرۋاقىتتا، يەنە بىر ئالەم كېمىسى بار، دەپ پەرەز قىلايلى، ئۇنى Y دەپ ئاتايلى، ئۇنىڭ ئۇچۇش يۆنىلىشى X بىلەن ئوخشاش، بىراق ئۇنىڭ سۈرئىتى بۇنىڭدىن كۆپ تېز، كۆزەتكۈچىنىڭ يەر شارىدا تۇرۇپ Y كېمىنىڭ سۈرئىتىنى كۆزىتىشچە، بۇ كېمە سېكۇنتىغا 180 مىڭ كىلومېتىر تېزلىكتە ئۇچۇپ يەر شارى دىن يىراقلاپ كېتىۋاتىدۇ. دېمەك، Y كېمىدىكى كۆزەتكۈچىنىڭ ئېرىشكەن نەتىجىسىمۇ شۇنىڭغا ئوخشاش بولىدۇ. 

ئىككى ئالەم كېمىسىنىڭ ئۇچۇش يۆنىلىشى ئوخشاش بولغانلىقى، ئۇلارنىڭ سۈرئىتىنىڭ سېكۇنتىغا 80 مىڭ كىلومېتىردىن پەرقلىنىپ تۇرىدىغانلىقى ئۈچۈن، سۈرئىتى تېز ئالەم كېمىسى، سۈرئىتى ئاستا ئالەم كېمىسى سېكۇنتىغا 80 مىڭ كىلومېتىر يىراقلىقتا تاشلاپ ئۇچۇشى كېرەك. 

گەرچە شۇنداق بولسىمۇ، ئېينىشتېيننىڭ نەزەرىيەسى بويىچە شۇنداق پەرەز قىلىشقا بولىدۇكى، بۇ ئىككى ئالەم كېمىسىدە تۇرۇپ كۆزەتكەندە، ئىككى ئالەم كېمىسىدىكى كۆزەتكۈچى بىردەك بۇ ئىككى ئالەم كېمىسىنىڭ بىر-بىرىدىن سېكۇنتىغا 80 مىڭ كىلومېتىردىن ئەمەس بەلكى 100 مىڭ كىلومېتىردىن يىراقلاپ كېتىۋاتقانلىقىنى بايقايدۇ. 

بۇ خىل نەتىجە كىشىگە كۈلكىلىك تۇيۇلىدۇ. ھەتتا كىتابخانىلار بۇ بىر تېپىشماق بۇلۇشى مۇمكىن ۋە ياكى بولمىسا، بۇ مەسىلىگە مۇناسىۋەتلىك مەلۇم مۇھىم ھالقىلار نەزەردىن ساقىت قالغان بولۇشى كېرەك. دەپ قېلىشىمۇ مۇمكىن، ئەمەلىيەتتە، بۇ ئىككى مۇمكىنچىلىكنىڭ ھېچقايسىسى بۇنىڭغا سەۋەب بولالمايدۇ، بۇنىڭ ئالەم كېمىسىنىڭ ياسىلىش ئەھۋالى بىلەن ۋە ياكى ئىتتىرىش كۈچى بىلەن ھېچقانداق مۇناسىۋىتى يوق؛ ياكى بولمىسا، كۆزىتىشتىكى سەۋەنلىكمۇ ئەمەس ۋە ياكى ئۆلچەش ئەسۋابىنىڭ كاشىلىسىمۇ ئەمەس، ئۇنىڭ ئۈستىگە، بۇنىڭ ئىچىدە قىلچىمۇ ئالدامچىلىق يوق. ئېينىشتېيننىڭ قارىشىچە، يۇقىرىقى نەتىجە زامان ۋە ماكاننىڭ ئاساسىي ماھىيىتى تەرىپىدىن بەلگىلەنگەن. 

بىزنىڭ دېگەنلىرىمىزنىڭ ھەممىسى نوقۇل نەزەرىيە مەسىلىسى. ئەمەلىيەتتە، ئۆتكەنكى نۇرغۇن يىللار ئىچىدە، كىشىلەر نىسپىيلىك نەزەرىيەسىنى بىر خىل پەرەز، قىلچە ئەمەلىي ئەھمىيىتى يوق دەپ قاراپ كەلدى. ۋەھالەنكى، 1945-يىلى ئاتوم بومبىسى خىروسىما بىلەن ناگاساكىغا تاشلانغاندىن كېيىنلا، كىشىلەر ئاندىن نىسپىيلىك نەزەرىيەسىنى پەرەز دەپ قارىمايدىغان بولدى. نىسپىيلىك نەزەرىيەسىنىڭ خۇلاسىسىنىڭ بىرى بولغان ماسسا بىلەن ئېنېرگىيە باراۋەر بولىدۇ.

يورۇقلۇقنىڭ تېزلىكى سېكۇنتىغا تەخمىنەن 300 مىڭ كىلومېتىر بولىدۇ. بۇ ناھايىتى چوڭ بىر سان، يورۇقلۇق تېزلىكىنىڭ كۋادراتى بولسا تېخىمۇ چوڭ بىر سان. ئەقلىي خۇلاسە بويىچە ھېسابلىغاندا، ئاز مىقداردىكى ماددا ئۆزگىرىش ياساش ئارقىلىق، غايەت زور مىقداردىكى ئېنېرگىيىنى قويۇپ بېرەلەيدۇ. 

دەرۋەقە، كىشىلەر تەڭلىمە E=MC2  بويىچىلا ئاتوم بومبىسى ياكى ئاتوم رېئاكتورى ياساپ چىقالمايدۇ. بىز نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ئاتوم ئېنېرگىيىسىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش جەريانىدا مۇھىم رول ئوينىغانلىقىنى ئۇنتۇپ قالماسلىقىمىز كېرەك. بىراق، ئېينىشتېيننىڭ تۆھپىسىگە سەل قاراشقا بولمايدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، 1939-يىلى ئېينىشتېين ئامېرىكا زۇڭتۇڭى روزۋېلتقا خەت يېزىپ، ئاتوم قورالىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ مۇمكىنچىلىكىنى، فاشىستلار گېرمانىيىسى بۇ ھەقتىكى تەتقىقاتنى ئېلىپ بېرىشتىن ئىلگىرى ئامېرىكىنىڭ بۇخىل قورالنى ئىشلەپ چىقىرىشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى كۆرسىتىپ ئۆتكەنىدى. دەل مۇشۇ خەت ئامېرىكىنىڭ ئاتوم بومبىسى تەتقىقاتىنى باشلاش ئۈچۈن مانخاتتان پىلانىنى تۈزۈشكە تۈرتكە بولدى. شۇنىڭ بىلەن ئامېرىكا بىرىنچى ئاتوم بومبىسىنى ياساپ چىقالىدى. 

تار مەنىدىكى نىسپىيلىك نەزەرىيەسى كەسكىن مۇنازىرە قوزغىدى. بۇ خىل نەزەرىيە ئەينى ۋاقىتتا ئىلىم-پەن نەزەرىيەسىدىكى ئاجايىب-غارايىب سۆزلەر بىلەن قارىلىپ كەلگەنىدى، ئەمەلىيەت بۇخىل قاراشنىڭ پۈتۈنلەي خاتا ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىدى. ئېينىشتېيننىڭ نەزەرىيەسى ئەقىلگە مۇۋاپىق بىر خىل ئالدىنقى شەرت ئاساسىغا قۇرۇلغان؛ تارتىش كۈچى نيۇتون ئوتتۇرىغا قويغان كۈچ ئەمەس، ئۇ پەقەت ماسسىنىڭ مەۋجۇت بولغانلىقى سەۋەبىدىن پەيدا بولغان زامان ۋە ماكاننىڭ تۇتۇشۇش مەيدانىنىڭ ئېگىلىشى. 

ماكان ئېگىلسە، ئادەم قانداق ياشايدۇ؟ ماكاننىڭ ئېگىلىشى نېمىنى كۆرسىتىدۇ؟ ئېينىشتېين بۇ نەزەرىيەنى ئوتتۇرىغا قويۇپلا قالماستىن، بەلكى يەنە ئۆزىنىڭ بۇ ئالدىنئالا ئېيتقانلىرىنىڭ سىناقتىن ئۆتەلىشى ۋە پەرزىنىڭ توغرىلىقىنى ئىسپاتلاشقا ئوڭاي بولسۇن ئۈچۈن ئۇنى ماتېماتىكىلىق فورمۇلا بىلەن ئېنىق يېزىپ قويدى. بىر يۈرۈش تەجرىبە ۋە كۆزىتىشلەر ئېينىشتېيننىڭ نەزەرىيەسىنىڭ توغرىلىقىنى ئىسپاتلاپ چىقتى. بولۇپمۇ ئەنگلىيە خان جەمەتى ئىلمىي جەمئىيىتى ئىلمىي تەكشۈرۈش ئەترىتى 1919-يىلى 5-ئاينىڭ 29-كۈنى گۋىنېيە قولتۇقى پرىنسىپى ئارىلىدا سۈرەتكە ئېلىۋالغان قۇياشنىڭ تۇتۇلۇش كۆرۈنۈشى ۋە كېيىنكى ھېسابلاشلار بۇنى ئىسپاتلاپ چىقتى. بۇنىڭ بىلەن ئۇ خەلقئارادا ئىنتايىن زور ئابروي قازاندى. 

ئېينىشتېيىنئېينىشتېين 1879-يىلى گېرمانىيە نىڭ ئۇلم شەھىرىدە تۇغۇلغان. كېيىن ئۇ شىۋېتسارىيە دىكى سيۇررىى فىدىراتسىيە سانائەت ئىنىستىتۇتىغا ئوقۇشقا كىرگەن. 1900-يىلى مەكتەپنى پۈتكۈزۈپ شۋېتسارىيە گراژدانى بولۇپ قالغان. شۇ يىلى نىسپىيلىك نەزەرىيەسىنى ئېلان قىلىپ، داڭق چىقارغان. بىراق ئۇنىڭ نەزەرىيەسى نۇرغۇن بەس-مۇنازىرىلەرنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. دۇنيادا دارۋىننىڭ تەدرىجىي تەرەققىيات نەزەرىيەسىدىن قالسا، ئېينىشتېيننىڭ نەزەرىيەسىدەك كەسكىن مۇنازىرە قوزغىغان نەزەرىيە بولغان ئەمەس. 

شۇنداق بولسىمۇ، 1913-يىلى ئېينىشتېين بېرلىن ئۇنىۋېرسىتېتىدە پروفېسسورلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشتى ھەمدە شۇ يىلى پادىشاھ ۋىليام فىزىكا تەتقىقات ئورنىنىڭ باشلىقى قىلىپ تەيىنلەندى. 1914-يىلى بېرلىن پرۇسسىيە پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ ئاكادېمىكلىكىگە تەيىنلەندى. بۇ شارائىتلار ئۇنىڭ خالىغانچە تەتقىقات ئېلىپ بېرىشىغا ۋاقىت يارىتىپ بەردى. 1921-يىلى نوبېل فىزىكا مۇكاپاتىغا ئېرىشتى. 1933-يىلى گىتلېر ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەندىن كېيىن، ئېينىشتېين يەھۇدىي بولغانلىقى ئۈچۈن، گېرمانىيە پۇقرالىقىدىن ۋاز كەچتى. ئۇ ئامېرىكا پرىنستون ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەكلىپىنى قوبۇل قىلىپ، گېرمانىيىدىن ئايرىلىپ ئامېرىكىغا باردى ۋە ئامېرىكا تەۋەلىكىگە ئۆتتى. 1955-يىلى 4-ئاينىڭ 18-كۈنى، ئۇ ئامېرىكىنىڭ پرىنستون شەھىرىدە ئالەمدىن ئۆتتى. 

ئوقۇۋاتقان مەزگىل 

1888-يىلى (9 ياش)، ئېينىشتىيىن لۇئى بوردې  تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپكە كىرىپ ئوقۇغان. مەكتەپتە دىنىي تەربىيە، ئەمرىمەرۇپ قىلىش مۇراسىمىغا قوبۇل قىلىپ، فرىدمان يېتەكچى ئوقۇتقۇچىسى بولغان. 

1889-يىلى (10 ياش)، تېببىي ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى مۇنارى ئېرمېي يېتەكچىلىكىدە، ئاممىباب پەننىي ئوقۇشلۇقلار ۋە پەلسەپە ئەسەرلىرىنى ئوقۇغان.  

1891-يىلى (12 ياش) ئېۋكلىد گېئومېتىرىيىسىنى ئۆز ئالدىغا ئۆگەنگەن، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئېينشتېين ئېۋكلىد پەرەزدىن گۇمانلىنىشقا باشلىغان. 

1892-يىلى (13 ياش)، كانت ئەسەرلىرىنى  ئوقۇشقا باشلىدى. 

1894-يىلى (15 ياش)، ئېينىشتېيىن بىر ئائىلە كىشىلىرى ئىتالىيەگە كۆچۈپ بارغان.  

1895-يىلى (16 ياش)، ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىپ بولۇپ چىققان . شۇ يىلى، ئېينشتېين شۋېتسارىيە تەبىئىي پەن ۋە سانائەت پەنلىرى ئوقۇشقا كىرىش ئىمتىھانىدا مەغلۇپ بولدى . ئېينشتېين بىر ئادەم يورۇقلۇق تېزلىكىدە ھەرىكەت قىلغاندا نېمىنى كۆردىڭىز توغرىسىدا ئويلىنىشقا باشلىدى. كىلاسسىك نەزەرىيەلەرنىڭ ئىچكى زىددىيەت گاڭگىرىتىپ قويدى. 

1896-يىلى (17 ياش)، ئالائوترا ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتكۈزدى. 10–ئاينىڭ 29-كۈنى، ئېينشتېين سيۇرىخقا كۆچۈپ بارغان ھەمدە شۋېيتسارىيىدىكى تەبىئىي پەن ۋە سانائەت پەنلىرى ئوقۇغان. 

1899-يىلى 10-ئاينىڭ 19-كۈنى (20 ياش)، ئېينشتېين پۇقرالىق ھوقۇقىن شۋېتسارىيەدىن رەسمىي ئىلتىماس قىلدى. 

1900-يىلى (21 ياش)، ئېينىشتىيىن سيۇرىخ فىدىراتسىيە سانائەت ئۇنىۋېرسىتېتى پۈتكۈرگەن. 12-ئايدا «كاپىلليار ھادىسىسى ئېرىشكەن يەكۈن» ئىلمىي ماقالىسىنى پۈتتۈرۈپ، كېيىنكى يىلى ئېلان قىلىنغان، «فىزىكا ژۇرنىلى» دا قوشۇلۇپ، شۋېتسارىيە دۆلەت تەۋەلىكىگە ئۆتكەن. 

1901-يىلى 3-ئاينىڭ 21-كۈنى (22 ياش)، شىۋېيتسارىيە گىراژدانى بولغان. ئېلېكتر پوتېنسىئالى پەرقى ئىسسىقلىق مىخانىكىسى نەزەرىيەسىنىڭ ئىلمىي ماقالىسىنى  شۇ يىلى 5-، 7-ئايلاردا تاماملىغان.

ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن

1902-يىلى 6-ئاينىڭ 16-كۈنى (23 ياش)، شۋېتسارىيە بېرن پاتېنت ئىدارىسى تەرىپىدىن ياللاندى.

1903-يىلى (24 ياش)، ئۇ ئالىي مەكتەپتىكى ساۋاقداشلار مىلىۋىيا مارىك بىلەن  توي قىلغان . ئۇلار توي قىلشتىن بۇرۇن ئاللىقاچان تۇنجى بالىسى بولۇپ بولغان.

1904-يىلى (25 ياش) 9-ئايدا، پاتېنت ئىدارىسى سىناق خادىملىرى رەسمىي دەرىجىلىك تېخنىك بولغان.

1905-يىلى (26 ياش) 3-ئايدا، كۋانت نەزەرىيەسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، قىياسى، فوتو ئېلېكتر ئېففېكتى مەسىلىسىنى ھەل قىلدى.

1906-يىلى (27 ياش) 4-ئايدا، پاتېنت ئىدارىسىدە 2-دەرىجىلىك تېخنىك بولۇپ ئۆستۈرۈلدى. قاتتىق جىسىمنىڭ سېلىشتۇرما ئىسسىقلىقى ماقالىسى 11-ئايدا تاماملاندى، بۇ قاتتىق جىسىملارنى كۋانت نەزەرىيەسىدىكى بىرىنچى ماقالە.  

1907-يىلى (28 ياش) پاتېنت ئىدارىسىدە بىرىنچى دەرىجىلىك تېخنىك بۇلۇپ ئۆستۈرۈلدى. 

1908-يىلى (29 ياش) 10-ئايدا، بېرن ئالىي مەكتەپ ئىشتات سىرتىدىكى قوشۇمچە لېكتور بولغان.

1909-يىلى (30 ياش) 10-ئايدا، بېرن پاتېنت ئىدارىسىدىن ئايرىلىپ، نەزەرىيە فىزىكا دوتسېنتى بولغان.   

1910-يىلى (31 ياش) 10-ئايدا، كرىتىك سۈت رەڭ يورۇقلۇق توغرىسىدا ئىلمىي ماقالىسىنى تاماملىغان. 

1191-يىلى (32 ياش)، شىۋېتسارىيەدىكى بۇلاققا كۆچۈپ بارغان.

1921-يىلى (33 ياش)، « فوتوخىمىيىلىك ئېكۋىۋالېنت « قانۇنىنى ئوتتۇرغا قويغان.

1913-يىلى (34 ياش)، گېرمانىيەگە قايتىپ كەلدى، بېرلىن پادىشاھ ۋېليام فىزىكا تەتقىقات ئورنى باشلىقى ۋە بېرلىن ھومبولد ئۇنىۋېرسىتېتى پروفېسسورى، ھەمدە پرۇسسىيە پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ ئاكادېمىكى بولۇپ سايلانغان. 

1914-يىلى (35 ياش) 4-ئايدا، ئېينىشتېيىن گېرمانىيەنىڭ ئىلىم–پەن ساھەسىگە تەكلىپ قىلدى. بېرلىنغا كۆچۈپ بارغان سەككىزىنچى ئايدا بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى پارتلىدى.

1915-يىلى (36 ياش) 11-ئايدا، «كەڭ مەنىدىكى نىسپىيلىك نەزەرىيەسى «تارتىشىش كۈچى تەڭلىمىسىنىڭ مۇكەممەل شەكلى، ھەمدە مېركۇرىينىڭ قۇياشقا يېقىن نۇقتىدىكى ھەرىكىتىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك چۈشەنـدۈرۈپ بـەردى.  

1916-يىلى (32 ياش)، 3-ئايدا، «كەڭ مەنىدىكى نىسپىيلىك نەزەرىيەسىنىڭ ئاساسى» خاراكتېرلىك ئىلمىي ماقالىسىنى خۇلاسىلەپ چىققان. بەشىنچى ئايدا، ئالەم بوشلۇقى چەكلىك چېگرىسىز قىياسى ئوتتۇرىغا قويدى. سەككىزىنچى ئايدا «رادىئاتسىيە كۋانتى نەزەرىيەسى توغرىسىدا» ماقالىسىنى يەكۈنلەپ، كۋانت نەزەرىيەسىنىڭ تەرەققىياتى، قوزغىتىلما رادىئاتسىيە نەزەرىيەسى ئوتتۇرىغا قويدى.

1919-يىلى (40 ياش)، ئېينشتېين مىلىۋىيا بىلەن نىكاھتىن ئاجرىشىپ،شۇ يىلى نەۋرە ئاچىسى ئېسا توي قىلغان.

1921-يىلى (42 ياش)، ئېينشتېين فوتو ئېلېكتر ئېففېكتى تەتقىق قىلىش ئۈچۈن نوبېل فىزىكا مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن، ئۇنىڭ تەتقىقاتى ئاتوم كۈچنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈردى.   

1922-يىلى (43 ياش) 1-ئايدا، بىر تۇتاش مەيدان نەزەرىيەسى توغرىسىدا تۇنجى بىر پارچە ماقالىسىنى تاماملىدى. 3-، 4–ئايلاردا فرانسىيەدە زىيارەتتە بولغان، فرانسىيە-گېرمانىيە مۇناسىۋىتىنى نورماللاشتۇرۇشتا تىرىشىپ ئىلگىرى سۈرۈلدى.

1922-يىلى 11-ئاينىڭ 9-كۈنى، ياپونىيە- شاڭخەي يولدا، ئېينشتېين تېلېگرامما ئارقىلىق 1921-يىلى نوبېل فىزىكا مۇكاپاتىغا ئېرىشكەنلىكىنى بىلدى. 

1923-يىلى (44 ياش) 2-ئاينىڭ 2-كۈنى، ياپونىيە قايتىش سەپىرىدە، پەلەستىنگە زىيارەتتە 12 كۈن تۇرۇپ قالدى.

1923-يىلى 2-ئاينىڭ 8-كۈنى، نام - شۆھرەت تېلئاۋېفتىكى شەھەرلىك تۇنجى پەخىرى پۇقراسى بولۇپ قالدى.  

 1924-يىلى (45 ياش) بېرلىندىكى يەھۇدىي تەشكىلاتىغا كىرگەن، ھەمدە ئەزالىق بەدىلى تاپشۇرۇپ ئەزاسى بولغان.

1925-يىلى (46 ياش)، شۇنداق تېزۇ ھەمكارلىق تەشكىلاتى «شەرق مەدەنىيىتى تېخنىكا جەمئىيىتى» نىڭ كېڭەش ئەزاسى بولغان.

1926-يىلى (47 ياش) پايدىلىنىپ خوراساندا كۋانت مېخانىكىسى پەلسەپە مەسىلىسى توغرىسىدا مۇزاكىرە قىلغان. «خانلىق ئاسترونومى» ئالتۇن مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. رۇسىيە فېدېراتسىيەسى پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ ئاكادېمىكى قوبۇل قىلىنغان. 

1927-يىلى (48 ياش) 2-ئايدا، باربۇسى تەييارلىغان فاشىزمغا قارشى خىتابنامىسى ئۈستىگە ئىمزا قويغان. 

1954-يىلى (75 ياش) 3-ئايدا، 75 ياشقا كىرگەن تۇغۇلغان كۈنى، «پۇقرالارنىڭ ئەركىنلىك پەۋقۇلئاددە كومىتېت ئەزالىق» ىنى قولغا كەلتۈرگەن، ئامېرىكا خەلقىنى فاشىستىك كۈچلەرگە قارشى كۈرەش قىلىشقا چاقىرغان. 1955–يىل 18–ئاپرېل ۋاپات بولغان. 

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (4 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    100%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#