2000 نەچچە يۈز يىل ئىلگىرى ياسالغان دۇجياڭيەن توسمىسى تا ھازىرغىچە جۇڭگونىڭ سىچۇەن ئۆلكىسىدىكى چېڭدۇ تۈزلەڭلىكىدە كەلكۈننىڭ ئالدىنى ئېلىش، سۇغىرىش، سۇ قاتنىشى جەھەتلەردە رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، دۇنيا سۇ ئىنشائاتى تارىخىدىكى مۆجىزىگە ئايلاندى. ئۇنى لايىھىلىگۈچى ۋە ياساتقۇچى ئېلىمىزنىڭ يېغىلىق دەۋرىدىكى نادىر سۇچىلىق قۇرۇلۇشى ئالىمى لى بىڭ  (مىلادىيىدىن ئىلگىرىكى 280-يىلدىن مىلادىيىدىن ئىلگىرىكى 220-يىلغىچە) ئىدى.

ئۇيغۇرچە ئىسمى لى بىڭ
ياشىغان زامان يىغلىق دەۋرى
كەسپى سۇ ئىنشائاتلىرى مۇتەخەسسىسى
خەنزۇچە ئىسمى 李冰
مىللىتى خۇاشىيا مىللىتى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

مىلادىيىدىن ئىلگىرىكى 250-يىللىرى لى بىڭ سىچۇەندە مەنسەپ تۇتۇپ، شۇ جايدىكى ئېغىر ئاپەتنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرىدۇ، خەلقنىڭ سۇنى تىزگىنلەش كۈچلۈك مۇراجىئەتلىرىنى ئاڭلاپ، مىنجياڭ دەرياسىنى تىزگىنلەش ئىرادىسىگە كېلىدۇ. ئۇ نەق مەيداندا سۇ رايى، يەر شارائىتىنى تەكشۈرۈپ لايىھە تۈزۈپ، نەچچە 100 مىڭ خەلقنى ئاۋۋال يۈلىشەن تېغىنى يېرىشقا تەشكىللەيدۇ. ئەينى چاغدا پارتلاتقۇچ دورا، ماشىنا-ئۈسكۈنە بولمىغاچقا، لى بىڭ ئاممىنىڭ تەكلىپىگە قۇلاق سېلىپ، قورام تاشلار ئۈستىگە ئېرىق ئېچىپ، ئوت-چۆپلەرنى قويۇپ كۆيدۈرىدۇ، بۇنىڭ بىلەن تاشلار يېرىلىپ قۇرۇلۇش سۈرئىتى تېزلەيدۇ. مۇشۇ خىل ئۇسۇل بىلەن يۈلىشەن تېغىدىن 20 مېتىر كەڭلىكتە ئېغىز ئاچىدۇ، مانا بۇ مەشھۇر «باۋپىڭكۇ ئېغىزى» قۇرۇلۇشى.

دۇجياڭيەن توسمىسىنى ياساش جەريانىدا، دەريا مەركىزىگە تاش تاشلاپ توسما ياساش چارىسى قوللىنىلىدۇ، لېكىن ئېقىن تېز بولغاچقا، تاشلانغان تاشلارنى ئېقىتىپ كېتىدۇ. لى بىڭ شۇ يەردە بامبۇك بارلىقىدىن پايدىلىنىپ، ئىشچىلارنى ئۇزۇنلۇقى 3 جاڭ، كەڭلىكى 2 جاڭ كېلىدىغان بامبۇك سېۋەت توقۇپ ئىچىگە شېغىل-تاشلارنى قاچىلاپ ئاندىن دەرياغا تاشلاشقا تەشكىللەيدۇ، ئاخىرىدا جىددىي ئاقىدىغان دەريا سۈيى تىزگىنلىنىپ، سۇ بۆلگۈچ چوڭ توسما ياسىلىپ چىقىدۇ.

لى بىڭ سۇ ئورنىنى توغرا ئۆلچەش ئۈچۈن، تاش ئادەمدىن بىرنى ياساپ دەريادا تۇرغۇزىدۇ، سۇنىڭ تاش ئادەمنىڭ بەدىنىدىكى ئورنى ئارقىلىق سۇ ئورنىنىڭ يۇقىرى-تۆۋەنلىكىگە ھۆكۈم قىلىپ، دەريا سۈيىنىڭ ئېقىن مىقدارىنى تىزگىنلەيدۇ. سۇ قۇرۇلۇشى تاماملانغاندىن كېيىن، لى بىڭ ھەر يىلى رېمونت قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىدۇ. ئۇ يىللىق رېمونتتا «لاتقىنى چوڭقۇر تارتىش، توسمىنى پاكار ياساش» نى ئوتتۇرىغا قويىدۇ، بۇ لاي-لاتقىنى كۆپرەك ئېلىۋېتىش، توسمىنى بەك ئېگىز ياسىۋەتمەسلىك دېگەننى بىلدۈرىدۇ. كېيىنكىلەر بۇ سۆزنى، لى بىڭنى خاتىرىلەش ئۈچۈن، ياسىغان بۇتخانىنىڭ تاش تېمىغا ئويۇپ قويدى.

دۇجياڭيەن توسمىسىنىڭ پۈتۈشى كۆپ ئاپەت بولىدىغان سىچۈەن ئويمانلىقىنى جۇڭگو ۋە چەت ئەللەرگە مەشھۇر «جەننەتتەك يۇرت» قا ئايلاندۇرۇپلا قالماي، يەنە مەملىكەت ئىچى-سىرتىدىكىلەرنى سۇ ئىنشائاتىنى لايىھىلەش، ياساشنىڭ نەمۇنىسى بىلەن تەمىنلىدى.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#