تاباشىر

تاباشىر

تاباشىر  نولسا يەڭگىل، چۈرۈك، سۇدا ئېرىمەيدۇ، تەمى تاتلىق، ئېغىزغا سالسا تىلغا چاپلىشىدۇ. بۇ «تاباشىر» نامىدا دورىغا ئىشلىتىلىدۇ.قىزىتما ۋە ئۇسسۇزلۇقنى پەسەيتىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.

ئۇيغۇرچە نامى تاباشىر
ئىنگلىزچە Taba sheer
ۋاقتى قىش پەسلىدە
باشقا نامى قومۇش جەۋھىرى تاباشىر (ئە)؛ تاباشىر (پ)؛ بېنسولوچىن(ئو).
خەنزۇچە نامى 天竺黄
تەمى تاتلىق
تەبىئىتى ئىككىنچى دەرىجىدە قۇرۇق سوغۇق.

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

تاباشىرباشىر بولسا باشاقلىق ئۆسۈملۈكلەر ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق ياغاچ غوللۇق ئۆسۈملۈك كۆك بامبۇك قاتارلىقلارنى بامبۇك پارازىت ھەرىلىرى يەپ كاۋاك قىلغاندا، بامبۇك كاۋاك ئارىلىقلىرىدا ساقلانغان سۇيۇقلۇقنىڭ ئېقىپ چۈشۈپ، قېتىپ قالغان مونەكلىرىدىن ئىبارەت بولۇپ، ئۆلچەمسىز كەلگەن، ئاق شېكەرگە ياكى پارقىرايدىغان سەدەپكە ئوخشايدۇ. سىرتى سۈتتەك ئاق ياكى ئاقۇش كۈلرەڭ، يەڭگىل، چۈرۈك، سۇدا ئېرىمەيدۇ، تەمى تاتلىق، ئېغىزغا سالسا تىلغا چاپلىشىدۇ. بۇ «تاباشىر» نامىدا دورىغا ئىشلىتىلىدۇ. قىش پەسلىدە يىغىۋېلىنىدۇ. بامبۇكنىڭ ئوتتۇرسىنى يېرىپ قالغان مۇنەك ماددا يىغىۋېلىنىدۇ.ئېلىمىزنىڭ گۇاڭدۇڭ، يۈننەن، گۇاڭشى قاتارلىق ئۆلكىلىرىدىن چىقىدۇ.

قورۇش، تۇتۇش، كۆڭۈلگە خۇشلۇق يەتكۈزۈش، يۈرەك ۋە جىگەرنى قۇۋۋەتلەش، مەنىي تۇتۇش، ئىچى سۈرۈشنى توختىتىش، قىزىتما ۋە ئۇسسۇزلۇقنى پەسەيتىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.[

ئەكىس تەسىرى

باھ ۋە ئۆپكىگە زىيان قىلىدۇ.

1. ئۇخلىتىدۇ؛ 2. قان ئېقىم مىقدارىنى تۆۋەنلىتىدۇ، قان تومۇرنى كېڭەيتىدۇ، ياللۇغقا، ئۆسمىگە، زىيادە سېزىمچانلىققا قارشى تۇرىدۇ.

تاباشىرغەيرىي تەبىئىي سەپرا خىلىتىدىن بولغان قۇسۇش، ئىچ سۈرۈش، مەنىي تېز كېتىش، بالىياتقۇدىن سۇيۇقلۇقنىڭ كۆپ كېلىشى، يۈرەك چالاڭغۇراش (خەفەقان)، يۈرەك ئاجىزلىق، كۆڭۈل ئېلىشىش، بوۋاسىر قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدۇ.

1. تاباشىرنى قىزىلگۈل بىلەن قوشۇپ، سۇپۇپ قىلىپ ئىچىپ بەرسە، ئېغىز بوشلۇقى كېسەللىكلىرى ئۈچۈن پايدا قىلىدۇ.

2. قېتىق سۈزمىسى دىن 20 گرام، تاباشىردىن10 گرام، يۇمغاقسۈت ئۇرۇقىدىن 5 گرام، قائىدە بويىچە سۇپۇپ قىلىپ ئىچسە، قان ۋە سەپرادىن بولغان ئىسھالنى توختىتىدۇ.

3.تاباشىردىن 10 گرام، ئاقاقىيا، ئەنجىباھاردىن 7 گرامدىن، خۇنسىياۋشاندىن 5 گرام ئېلىپ، قائىدە بويىچە قاينىتىپ ئىچسە، بوۋاسىرغا مەنپەئەت قىلىدۇ.

مىقدارى

1~3 گرامغىچە

ئەكىس تەسىرى

باھ ۋە ئۆپكىگە زىيان قىلىدۇ.

تۈزەتكۈچىسى

ھەسەل، چىلان، زەپەر

ئورۇنباسارى

سېمىزئوت، سۇماق، گىلى مەختۇم

ھەببى تاباشىر، سۇپۇپى گۈل قورسى تاباشىرقابىز.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

ۇيغۇر تېبابىتىگە ئائىت ئەسەرلەرنى ئىزدەش سۇپىسى 

http://uy.idrak.cn/HeripServlet?sandan=2&contentNameId=460

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#