سىيادان
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
سىيادان بولسا ئېيىق تاپانلىقلار ئائىلىسىدىكى ئۆسۈملۈكسىياداننىڭ ئۇرۇقى بولۇپ، بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ قۇرۇتۇلغان ئۇرۇقى سىيادان نامىدا دورىغا ئىشلىتىلىدۇ.ئۈچ قىرلىق تۇخۇم شەكىللىك، سىرتى قارا قوپال، ئۆزى قاتتىق، كەسمە يۈزى كۈلرەڭگە مايىل قارا. تەمى ئاچچىق، خۇشپۇراق كېلىدۇ.شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەممە جايلىرىدىن چىقىدۇ.
تېرىنى قۇۋۋەتلەش، رەڭ ماددىسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، ئىششىق ياندۇرۇش، يەل تارقىتىش، ھەيز راۋانلاشتۇرۇش، ئاشقازاننى قۇۋۋەتلەش، پەيلەرنى چىڭىتىش، تېرىگە جۇلا بېرىش، سۈت پەيدا قىلىش، سۈيدۈك ھەيدەش، چاچنى قارايتىش، ئاغرىق توختىتىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.
فارماكولوگىيىلىك تەسىرى
سىيادان1.قان بېسىمىنى تۆۋەنلىتىش رولى بار؛2. تەركىبىدە ياغ كانايچىنىڭ قىسقىرىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ؛ 3. ئۇچۇچان ياغنىڭ يەنە G+ w ۋە G- باكتېرىيىنى ئۆلتۈرۈش رولى بار؛4. كىچىك چاشقان تېرىسىدىكى ئەمچەكسىمان راك ۋە يۇمشاق توقۇلما راكىغا قارىتا تورمۇزلاش رولى بار. 5. كىچىك چاشقاننىڭ قان قىزىل ئاقسىلى ۋە ئاق قان ھۈجەيرىسىنىڭ تۆۋەنلىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.
تەركىبىدە داماسسىنىن(Damascinin)، ئۇچۇچان ياغ سرولېين (Serolein)، ئامىنو كىسلاتا، مايلىق ياغ قاتارلىقلار بار.
1. سىياداننىڭ تالقىنىدىن 2 گرام ئىچسە، قورساق ئېسىلىشنى ياخشىلايدۇ.
2. سىياداننى مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ چالا سوقۇپ ئازراق سۇدا قاينىتىپ ئىچسە،ھەيزنى راۋان قىلىدۇ.
3. سىيادان سـوفۇپـىدىـن 2 گرامـنى ھەسەل بىلەن قوشۇپ يېسە، پەي كېسەللىرىگەپايدا قىلىدۇ، داۋاملىق نانغا سېلىپ ياكى سوفۇپىنى ئىستېمال قىلسا، چاچ ئاقىرىشنى توختىتىدۇ.
4. سىيادان يېغىنى قايناق سۇغا تېمىتىپ ئىچكۈزسە ياكى يېغى بىلەن چاچنى ياغلىسا،چاچ ئاقىرىشنى توختىتىدۇ.
5. سىيادان، خەربەق سىيا، ھېلىلە، بەلىلە،ئامىلە، رۇم بەدىيان قاتارلىقلاردىن 10 گرامدىن، غارىقۇندىن 7 گرام، تىرەنجىبىندىن 20 گرام شېكەردىن 30 گرام ئېلىپ مەتبۇخ تەييارلاپ ئىچىپ بەرسە نورمالسىز بەلغەمنى سۈرۈپ ئاق كېسەلگە مەنپەئەت قىلىدۇ.
سىيادان ئوكۇلى، مەجۈنى كەلكەلانەج، ھەببى ھىلتىت، جاۋارىش شونىز، سىيادان يېغى، سىيادان چاچ ئۆستۈرۈش سۇيۇقلۇقى.
قورساق ئېسىلىش، زۇكام، قولۇنجى، سۇلۇق ئىششىق، ھەيز تۇتۇلۇش، پەي بوشاپ كېتىش، مېڭە ئاجىزلىقى، ئۇنتۇغاقلىق، پالەچ، تىترىمە كېسەل، چاچ ئاقىرىپ كېتىش، بەرەس قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدۇ.
كېلىش مەنبەسى(ئەسەر)
ئۇيغۇر تېبابىتى خام دورىلار ئىلمى2 (شىنجاڭ تېببي ئۇنۋېرسېتىتى تولۇق كۇرۇس نۇسخسى).[0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.