ئالەم بوشلۇقى ئېلېكتر ئىستانىسىسى

ئالەم بوشلۇقى ئېلېكتر ئىستانىسىسى

قۇياش ئېنېرگىيەسىدىن پايدىلىنىپ  توك ھاسىل قىلىش ئۈچۈن ئالىملار دادىللىق بىلەن ئالەم بوشلۇقىدا قۇياش ئېنېرگىيەسى ئېلېكتىر ئىستانسىسى قۇرۇشنى پىلانلىماقتا.

ئۇيغۇرچە نامى ئالەم بوشلۇقى ئېلېكتر ئىستانىسىسى
ئېنىقلىما سۈنئىي ھەمراھتا چوڭ قۇياش ئېنېرگىيەلىك باتارىيە تاختىسى ئورنىتىش
خەنزۇچە نامى 太空发电厂
پرىنسىپ قۇياش ئېنېرگىيەسىنى بىۋاسىتە ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسىگە ئايلاندۇرۇش

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار


ئالەم بوشلۇقى ئېلېكتر ئىستانىسىسىئالەم بوشلۇقىدا قۇياش ئېنېرگىيەسىدىن پايدىلىنىپ توك ھاسىل قىلىش ھېچقانداق قىيىن ئىش ئەمەس. بىز كۆرگەن بەزى ئالەم قاتنىشى ئۈسكۈنىلىرىنىڭ ئۇزۇن چىقىپ تۇرغان چوڭ قانىتى دەل قۇياش ئېنېرگىيەسى باتارېيە تاختىسى بولۇپ، ئۇلار قۇياش ئېنېرگىيەسىدىن پايدىلىنىپ ئالەم قاتنىشى ئۈسكۈنىسىنى قىسمەن ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى بىلەن تەمىنلەيدۇ.

ئېلېكتىر ئىستانسىسى قۇرۇشنى پىلانلاش سەۋەبى

ئالەم بوشلۇقىدا ئاتموسفېرا قاتلىمىنىڭ توسقۇنلۇقى بولمىغاچقا، قۇياش رادىياتسىيەسىنىڭ كۈچلۈكلۈكى يەر يۈزىدىكىدىن كۆپ كۈچلۈك بولىدۇ، ئەگەر ئوخشاش قۇياش ئېنېرگىيەسى باتارېيە تاختىسىدىن پايدىلانغاندا، ئۇنىڭ توك ھاسىل قىلىش ئىقتىدارى يەر شارىدىكىدىن ئون ھەسسىدىن ئارتۇق يۇقىرى بولىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئالەم بوشلۇقىدا كېچە-كۈندۈز دېگەن پەرق بولمايدۇ، تۆت پەسىل، ھاۋا تۇتۇق كۈن، يامغۇرلۇق كۈن دېگەنلەر يوق بولۇپ، قۇياش ئېنېرگىيەسىدىن پايدىلىنىشقا بولىدىغان ۋاقىتمۇ يەر شارىدىكىدىن كۆپ جىق بولىدۇ. شۇڭا ئالىملار دادىللىق بىلەن ئالەم بوشلۇقىدا قۇياش ئېنېرگىيەسى ئېلېكتىر ئىستانسىسى قۇرۇشنى پىلانلىماقتا.

ئېنېرگىيەنى يەر شارىغا يەتكۈزۈش

ئالەم بوشلۇقى ئېلېكتر ئىستانىسىسىئالىملار ئالەم بوشلۇقى قۇياش ئېنېرگىيەسى ئېلېكتىر ئىستانسىسىنىڭ ئىككى خىل لايىھەسىنى لايىھەلەپ چىقتى. بىر خىلى، قۇياش ئېنېرگىيەسىدىن پايدىلىنىپ توك ھاسىل قىلىدىغان سۈنئىي ھەمراھ قويۇپ بېرىشتىن ئىبارەت. يەنە بىر خىلى، ئاي شارىدا قۇياش ئېنېرگىيەسى ئېلېكتىر ئىستانسىسى قۇرۇشتىن ئىبارەت. مەيلى قايسى خىل ئېلېكتىر ئىستانسىسى قۇرۇلسۇن، ئاچقۇچ ئالەم بوشلۇقى ئېلېكتىر ئىستانسىسى ھاسىل قىلغان ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسىنى يەر شارىغا قانداق يەتكۈزۈشتىن ئىبارەت. ئالىملار، ئالەم بوشلۇقىدىكى قۇياش ئېنېرگىيەسىنى باتارېيە تاختىسى ھاسىل قىلغان ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسىنى مىكرو دولقۇن ياكى لازېر نۇرىغا ئايلاندۇرۇپ، ئاندىن ئۇنى يەر شارىغا يوللاشنى، يەر شارىدىكى قوبۇل قىلىش سىستېمىسىدىن پايدىلىنىپ بۇ مىكرو دولقۇن ياكى لازېر نۇرىنى قوبۇل قىلىشنى ھەمدە ئۇلارنى ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسىگە ئايلاندۇرۇپ، يەر يۈزىدىكى ئېلېكتىر تورىغا يوللاشنى تەسەۋۋۇر قىلماقتا. مۇشۇنداق بولغاندا، ئىنسانلار ئالەم بوشلۇقىدىن يېتەرلىك ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسىگە ئىگە بولۇپ، دۇچ كېلىۋاتقان ئېنېرگىيە كىرىزىسىدىن ئۈزۈل-كېسىل قۇتۇلالايدۇ.

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (4 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    100%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#