ئۇيغۇرچە نامى قاراجول يېزىسى
دۆلىتى جۇڭگو
مەمۇرىي رايون شەكلى يېزا
يەر مەيدانى 8452 كۋادرات كىلومېتىر
كىلىماتى مۆتىدىل بەلۋاغنىڭ قۇرۇقلۇق تىپىدىكى قۇرغاق كىلىماتى
خەنزۇچە ئاتىلىشى 哈拉峻乡
ئۆلكىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى
تەۋە رايون ئاتۇش شەھىرى
نوپۇسى 16005 ئادەم

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

قاراجول يېزىسىقاراجول يېزىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ ئاتۇش شەھىرىگە جايلاشقان. قاراجول يېزىسى ئاپتونوم ئوبلاستى، ھەتتا مەملىكەت بويىچە قىرغىزلارنىڭ نوپۇسى ئەڭ كۆپ، ئەڭ مەركەزلىك بولغان يېزا، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، تېخىمۇ مۇھىمى قىرغىز مەدەنىيەت ماكانى.

قاراجول يېزىسى قاراجول يېزىسىغا قاراشلىق توققۇز كەنت ئاھالە كومىتېتى بار: چوڭ قاراجول كەنتى،ئوتتۇرا قاراجۇل كەنتى، ئاياغ سۇغۇن كەنتى، شېھىت كەنتى، قىزىلتو كەنتى، پىچان كەنتى، گۈركۈرە كەنتى، كۇتېرەك كەنتى، ئاڭقازى كەنتى. 

قاراجول يېزىسى قاراجول يېزىسى ئاتۇش شەھىرىنىڭ شەرقىي شىمالىغا جايلاشقان، شەرقتە مارالبېشى ناھىيەسى ۋە كەلپىن ناھىيەسى، جەنۇب تەرەپتە كاتتايلاق يېزىسى ۋە پەيزىۋات بىلەن، غەربتە تۈگۈرمىتى يېزىسى بىلەن قوشنا، شىمالىي تەرىپى ئاقچى ناھىيەسى بىلەن، قىرغىزىستان جۇمھۇرىيىتى بىلەن چېگرىلىنىدۇ.

قاراجول يېزىسىقاراجول يېزىسىنىڭ ئومۇمىي نوپۇسى 16005 ئادەم، كۆچمە نوپۇس 637 ئادەم. نوپۇس ئىچىدە ئەر 8091 نەپەر، ئومۇمىي نوپۇسنىڭ %50.55 نى ئىگىلەيدۇ؛ ئاياللار 7914 نەپەر، ئومۇمىي نوپۇسنىڭ %49.45 نى ئىگىلەيدۇ؛ 18 ياشتىن تۆۋەن 5137 نەپەر، %31 ئىگىلىگەن؛ 60-18 ياشلىقلار 9400 نەپەر، ئومۇمىي نوپۇسنىڭ %58.73 نى ئىگىلىەيدۇ؛ 60 ياشتىن ئاشقانلار 1468 نەپەر، ئومۇمىي نوپۇسنىڭ %10.27 نى ئىگىلەيدۇ. نوپۇس ئىچىدە قىرغىزلار ئاساس سالماقنى ئىگىلەيدۇ. 2011-يىلى نوپۇسنىڭ تۇغۇلۇش نىسبىتى % 35.8، ئۆلۈش نىسبىتى ‰7.7، نوپۇسنىڭ تەبىئىي كۆپىيىش نىسبىتى %28.1. تەۋەلىكىدىكى شەرق-غەرب ئەڭ چوڭ ئارىلىقى 160 كىلومېتىر، جەنۇب-شىمال ئەڭ چوڭ ئارىلىق 95 كىلومېتىر، ئومۇمىي كۆلىمى 8452 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ. ئاھالە زىچلىقى ھەر كۋادرات كىلومېتىرغا 1.89 ئادەم. 

قاراجول يېزىسىقاراجول يېزىسى تاغلىق رايونغا جايلاشقان، شەرقىي قىسمى قاراباشتو تېغى، جەنۇبىي قىسمىدا قارا تاقى تېغى، غەربىي رايوندا قەشقەر تېغى ۋە بوزتاۋ تېغى، شىمالىي قاراتىك تېغى شەھەرنى توغرىسىغا كېسىپ ئۆتىدۇ، تۆت تەرىپى تاغلار بىلەن ئورىلىپ بىر ئويمانلىقنى شەكىلەندۈرىدۇ، ئەڭ پەس جاي دېڭىز يۈزىدىن 1500 مېتىر ئېگىز، ئەڭ ئېگىز يېرى تاشقوتان بېشى چوققىسى، دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 4562 مېتىر. 

قاراجول يېزىسىقاراجول يېزىسىنىڭ كىلىماتى مۆتىدىل بەلۋاغنىڭ قۇرۇقلۇق تىپىدىكى قۇرغاق كىلىماتىغا كىرىدۇ، تۆت پەسىل ئېنىق، ئەتىيازدا ھاۋا بالدۇر ئىسسىيدۇ، ھاۋارايى ئۆزگىرىشچان، ياز پەسلى قاتتىق ئىسسىق، پارغا ئايلىنىشى تېز بولۇپ، كۈز پەسلىدە تېمپېراتۇرا تېز تۆۋەنلەپ، قىش پەسلى سوغوق، يىللىق ئۆزگىرىش دائىرىسى چوڭ، پارغا ئايلىنىشى كۈچلۈك، يىللىق ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى ℃12.9 ، مۇتلەق ماكسىمۇم ھاۋا تېمپېراتۇرىسى℃39 ، مۇتلەق مىنىمۇم تېمپېراتۇرا ℃32-. ئەڭ چوڭ توڭ تۇپراق چوڭقۇرلۇقى 88سانتىمېتىر، قىروسىز مەزگىلى 171 كۈن، يىللىق ھۆل-يېغىن مىقدارى 118.4 مىللىمېتىر. 

قاراجول يېزىسىقاراجول يېزىسى تەۋەسىدە قېزىلما بايلىقلاردىن ئاساسلىقى مىس، قوغۇشۇن، سىنىك،تۆمۈر، ۋانادىي تىتان ئالتۇن قاتارلىقلار بار. بۇنىڭ ئىچىدە ئېچىش قىممىتى بار كان ياتمىسى: چىجىر بۇلاق مىس-سىنك كېنى، پىچانچى ۋانادىي تىتان تۆمۈر ماگنېت كېنى، قوشبۇلاق قوغۇشۇن-سىنك كېنى، سايس بۇلاق ئالتۇن كېنى قاتارلىقلار. غەيرىي مېتال كان تۈرلىرى ناھايىتى كۆپ، زاپىسى مول، ئاساسلىق ھاك تېشى، ئىسلاندىيە تېشى، تاش مۇم ،يۇنمۇ، كۋارتس، پىچانچى تەڭگىسىمان قۇم تېشى، پىچانچى مەرمەر تاش كېنى، شوركۆل تۇز كۆلى، تۇز كېنى قاتارلىقلار  ئاپتونوم ئوبلاستتىكى ئەڭ چوڭ غەيرىي مېتال كان ياتمىسى. يەر ئاستى سۇ بايلىقى زاپىسى 230 مىليون كۇب مېتىر. [0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#