دېھقانچىلىق ئىشلەپقىرىش مۇراسىملىرى

دېھقانچىلىق ئىشلەپقىرىش مۇراسىملىرىنى ئۆتكۈزۈش ئادىتىنىڭ ئارا تۈرك ئۇيغۇرلىرىدا يېقىنقى دەۋرلەرگە قەدەر ساقلىنىپ كەلگەنلىكىگە ئاساسەن، ئۇ بۇرۇن باشقا رايونلاردىكى ئۇيغۇرلار ئىچىدىمۇ بار ئادەت بولۇپ، كېيىنكى ۋاقىتلاردا ئۇيغۇرلار ئىچىدىمۇ بار ئادەت بولۇپ، كېيىنكى ۋاقىتلاردا ئۇنتۇلغان بولۇشى مۇمكىن دەپ ئېيتىشقا بولىدۇ. 

ئۇيغۇرچە ئىسمى دېھقانچىلىق ئىشلەپقىرىش مۇراسىملىرى
خەنزۇچە ئىسمى 农业生产仪式

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

  سۇ-يامغۇر تىلەش مۇراسىمى

سۇيامغۇرسۇ-يامغۇر تىلەش مۇراسىمى: بۇ مۇراسىم ئەجدادلىرىمىزنىڭ ئىپتىدائىي ئاساسىدا شەكىللەنگەن بولۇپ، مۆچەل كالېندارى ھېسابىدا ھەر يىلى 3-ئاينىڭ 22-كۈنى ئۆتكۈزۈلەتتى. بۇنىڭدا تەڭرىدىن مو ھوسۇل، سۇ-يامغۇر تىلەش مەقسەت قىلىنغاچ «سۇ-يامغۇر تىلەش» مۇراسىمى دەپ ئاتالغان. بۇ مۇراسىم ئىسلامىيەتتىن كېيىن «زاراخەتمە» دەپ ئاتىلىدىغان بولغان. بىز ئىجتىمائىي تەكشۈرۈش جەريانىدا بەزى يېزا-قىشلاقلاردا بۇ مۇراسىمنىڭ رېئال تۇرمۇش ئەمەلىيىتىگە ماسلاشقان ئاددى، ئەمما ئەھمىيەتلىك شەكىللىرىنىڭمۇ مەۋجۇتلۇقىنى بايقىدۇق. 

ئەجدادلىرىمىزنىڭ سۇ-يامغۇر تىلەش مۇراسىمىنىڭ ئەسلى شەكلىنىڭ، مەزمۇنىنىڭ قانداقلىقى توغرىسىدا تەپسىلىي مەلۇماتقا ئىگە ئەمەسمىز. ئەمما، خوتەن رايونىدىكى داڭلىق تىۋىپ ئەمەت ھاجى قاتارلىق 100 ياشتىن ھالقىغان پېشقەدەملەرنىڭ ئۆتكەنكىلەرنىڭ رىۋايەتلىرىنى نەقىل قىلىشىچە شەكلى، پائالىيەت مەزمۇنلىرى مۇنداق ئىكەن: 

مۆچەل كالېندارى ھېسابى بويىچە 3-ئاينىڭ 22-كۈنى ياكى ئۇنىڭ ئالدى-كەينىدە (چۈنكى مۇشۇ كۈندە تۈن بىلەن كۈن تەڭلىشىپ كۈن نۇرى يەرنىڭ توڭىنى ئېرىتىدىكەن) پۈتۈن يۇرت-مەھەللە ئاھالىسى مەھەللە سىرتىدىكى ھاۋالىق، ئېقىن سۇ بويىدىكى كەڭ مەيدانغا چىقىپ مەھەللە ئاقساقاللىرىنىڭ رىياسەتچىلىكىدە داغدۇغىلىق مۇراسىم ئۆتكۈزۈلىدىكەن. بۇ كۈنگە ئاتاپ مەھەللە ئاھالىسى ئۆز ئىختىيارى بىلەن يىغىش قىلىپ مەلۇم ساندا ئاتا-تۆگە، قوي-كالا توپلايدىكەن. مۇراسىم كۈنى ئۇ مال-جاندارلارنى مەيدانغا ئېلىپ چىقىپ دەرياغا قارىتىپ بوغۇزلاپ سويۇپ، قازان-داشلارغا سالىدىكەن. گۆش پىشقىچە ھەممە ئادەم بىر پەس يۈزىنى كۆككە قاتراتقان ھالدا ساما شەكلىدە سەكرەپ پىرقىراشتا، بىر پەس دەريا ئېقىنىغا قاراپ چوقۇنىدىكەن، گۆش تەييار بولغاندا ھەممە ھەرىكەتتىن توختاپ، ئاقساقاللارنىڭ سۇ-يامغۇر تىلەپ تەڭرىگە قىلغان ئىلتىجا ساداسىغا قوشۇلۇپ ۋارقىرىشىدىكەن. ئاندىن نەزىر نېمىتىگە ئېغىر تەگكۈزۈشىدىكەن. گۆشنىڭ تىرپا ۋە سۆڭەكلىرى دەرياغا، چېچىلىدىكەن. مۇراسىم شۇنىڭ بىلەن ئاخىرلىشىدىكەن. ئەتىسىدىن باشلاپ ھەممە ئادەم تېرىلغۇغا كىرىشىدىكەن. 

زاراخەتمە: بۇ زاراخەتمىنىڭ ماھىيىتى سۇ-يامغۇر تىلەش مۇراسىمىنىڭ ماھىيىتىگە ئوخشاش بولۇپ، بىر پەرقى ئۇنىڭ ئىسلام ئەقىدىسىگە ماسلاشتۇرۇلغانلىقى بىلەن خاراكتېرلىنىدۇ ۋە مۇنداق ئۆتكۈزۈلىدۇ. 

پۈتۈن يۇرت-مەھەللە ئاھالىسى كۆپىنچە ھاللاردا مەھەللە سىرتىدىكى قەبرىستانلىق ياكى مازار جايلاشقان جايلارنىڭ بويىدىكى كەڭ مەيدانغا توپلىشىپ ئاخۇنۇم، ئىمام، مەزىن ۋە مۆتىۋەرلەرنىڭ رىياسەتچىلىكىدە قۇرئان تىلاۋەت قىلىدۇ، خەتمە ئوقۇيدۇ. قۇرئان تىلاۋىتى قىلىنىشتىن بۇرۇن زاراخەتمىگە ئاتالغان مال-جاندازلار قىبلىگە قارىتىلىپ بوغۇزلىنىپ، سويۇلۇپ گۆشلىرى پارچىلىنىپ، داشقازانلارغا سېلىنىدۇ. گۆش پىشقىچە بولغان ئارىلىقتا قۇرئان تىلاۋىتى ئاخىرلىشىپ بالىلاردىن باشقا ھەممە ئادەم قولىغا ئۇششاق تاش (تاش يوق يەردە قوي مايىقى ياكى قوناق) ئېلىپ خەتمە ئوقۇيدۇ. قۇرئان تىلاۋىتى، خەتمە ئوقۇش زراخەتمىنىڭ ئاساسلىق مەزمۇنى بولۇپ، ئۇنىڭدا «خۇدادىن يۇرتقا ئامانلىق، نەرخقە ئەرزانلىق (ھەممە نەرسىگە ئەلۋەكچىلىك) ۋە ئاپقا ( سۇ-يامغۇرغا ) راۋانلىق» تىلىنىدۇ. بۇ ئەمەلىيەتتە ئەجدادلىرىمىز كۆك ئىلاھى بىلەن سۇ ئىلاھىدىن سۇ-يامغۇر تىلەش ئەقىدىسىنىڭ ئىسلام شارائىتىغا ماسلاشتۇرۇلغانلىقىدىن دېرەك بەرسە، مۇراسىم پائالىيىتىنىڭ قەبرىستانلىق ياكى مازار جايلاشقان جايلاردىكى كەڭ سورۇندا ئۆتكۈزۈلۈشى ئەجدادلارغا سېغىنىش ئەقىدىسى سىڭدۈرۈلگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ. بۇندىن باشقا يەنە بىر پەرقى شۇكى، زاراخەتمىگە چىققان ھەممە ئادەم ھەربىر ئائىلە بىرلىكى بويىچە قازان-قۇمۇچ، ئازىراقتىن قوناق ئۇنى ئالغاچ چىقىدۇ. قۇرئان تالاۋىتى، خەتمە ئوقۇش تاماملانغاندىن كېيىن ھەر ئائىلە قازان ئېسىپ ئۇماچ چالىدۇ. مۇتىۋەللى ئارىلاپ يۈرۈپ، پىشۇرۇلغان گۆشتىن ھەر بىر قازانغا بىر پارچىدىن تاشلاپ بېرىدۇ. ھەممە ئادەم غىزالىنىپ بولغاندىن كېيىن ئاخۇنۇم خەتمە قۇرئان قىلىپ، قول كۆتۈرۈپ ئامىن دەپ «يۇرتقا ئامانلىق، نەرخقە ئەرزانلىق، ئاپقا راۋانلىق بەرگەيسەن» دەپ دۇئا قىلىدۇ. سورۇندىكىلەرمۇ قول كۆتۈرۈپ ئىچىدە ئاشۇ ئۈچ جۈملە سۆزنى تەكرارلاپ، ئاخۇنۇمغا ئەگىشىپ دۇئا قىلىدۇ. مۇراسىم شۇنىڭ بىلەن ئاخىرلىشىدۇ. جايلاردا زاراخەتمىنىڭ شەكلى ھەرخىل بولىدۇ، بىز بىر قەدەر تىپىك شەكلىنى تونۇشتۇردۇق. 

بۇنىڭدىن باشقا بەزى يېزا-قىشلاقلاردا، بولۇپمۇ ئارا تۈرك ئۇيغۇرلىرى ئىچىدە سۇ باشلاش مۇراسىمى، تېرىم مۇراسىمى، ھوسۇل قۇتلۇقلاش مۇراسىمى قاتارلىق مۇراسىم ئۆتكۈزۈش ئادىتى بولۇپ، بۇ ئادەت تا يېقىنقى دەۋرلەرگە قەدەر داۋاملىشىپ كەلگەن. 

سۇ باشلاش مۇراسىمى

سۇ باشلاش سۇ باشلاش مۇراسىمى: بۇ بىرخىل ئاددىي، ئەمما ئەمەلىيەت ئاساس قىلىنغان ئىنتايىن ئەھمىيەتلىك كوللېكتىپ ئەمگەك شەكلىدىكى مۇراسىم پائالىيىتى بولۇپ، ھەر يىلى باش باھاردا ئۆتكۈزۈلىدۇ. بۇ كۈنى پۈتۈن يېزا-كەنت بويىچە ھەممە ئائىلە قازان-قومۇچلىرىنى ئېلىپ ھارۋىدا ئېرىق، ئۆستەڭ بېشى، بۇلاق بويلىرىغا چىقىدۇ. بۇ كۈن ئۈچۈن ياش-ئۆسمۈرلەر، جۇۋان-چوكانلار ئالدىن تەييارلىق قىلىپ بىر قۇر يېڭى كىيىم كىيىپ چىقىدۇ. ئەرلەر بۇلاق كۆزلىرىنى تازىلاش، ئېرىق-ئۆستەڭلەرنىڭ لاتقىلىرىنى چىقىرىش، دۆشلىرىنى تەكشىلەش، قاش-چۈشۈرگىلەرنى ياساش بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. ياش-ئۆسمۈرلەر چوڭلارغا ياردەملىشىدۇ. ئاياللار چاي قاينىتىش، تاماق ئېتىش بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. ئەمگەك ئارىلىقىدىكى ھاردۇق ئېلىش ۋاقتىدا قىزىق چاقچاق، كۈلكىلىك پاراڭلار بولىدۇ. ناخشا ئېيتىشىدۇ، قىزلار ئۇسسۇل ئوينايدۇ، ياشلار چېلىشىش ئويۇنلىرىنى ئوينايدۇ. ئىش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن ئۆزئارا مېھمان بولۇشۇپ ئاندىن قايتىدۇ. قايتار يولىدا ھارۋا چاپتۇرۇش مۇسابىقىسى بولىدۇ. بۇ بىر كۈنلۈك مۇراسىم پائالىيىتى ئەنە شۇنداق خۇشال-خۇرام كەيپىيات ئىچىدە ئاخىرلىشىدۇ. 

 تېرىم مۇراسىمى

ئۇرۇق سېلىش تېرىم مۇراسىمى: بۇ يەرگە ئۇرۇق سالىدىغان كۈنى ئۆتكۈزۈلىدىغان ئائىلىۋى مۇراسىم. ھەر يىلى يەرگە ئۇرۇق سالىدىغان كۈنى ھەممە ئائىلە دېگۈدەك ئەتىگەن تۇرۇپ، ياغ بۇرۇتۇپ، قۇيماق-پوشكال سالىدۇ ۋە ئېتىز بېشىغا بىر تاۋاقتىن قۇيماق-پوشكال، نان، بىر چۆگۈن چاي ئېلىپ چىقىپ، داستىخان سېلىپ، ھەربىر ئائىلە بالا-چاقىلىرى جەم بولۇپ تويغۇچە يەپ، قانغۇچە ئىچىپ، سالغان ئۇرۇقنىڭ تەكشى ئۈنۈپ چىقىشىنى تىلەپ دۇئا قىلىشىدۇ. داستىخان يىغىلغاندىن كېيىن يەرگە ئۇرۇق سېلىنىدۇ. 

ھوسۇل قۇتلۇقلاش مۇراسىمى

ھۇسۇلھوسۇل قۇتلۇقلاش مۇراسىمى: بۇمۇ ھەر يىلى خامان ئېلىشتا ئۆتكۈزۈلىدىغان ئائىلىۋى مۇراسىم بولۇپ، بىرلىككە كەلگەن ۋاقتى يوق. كىم خامىنىنى تېپىپ، چەشلەپ بولسا، شۇ ئائىلىنىڭ بارلىق ئەزالىرى ئەتىسى ئەتىگەن تۇرۇپ ياغ بۇرۇتۇپ، قۇيماق، پوشكال سالىدۇ ۋە باشقا غىزا-تاماق قىلىپ، نان-چاي، قوغۇن-تاۋۇز ئېلىپ خامانغا ئېلىپ چىقىدۇ ۋە مەھەللىدىكى پېشقەدەملەردىن بىرەرى مەخسۇس تەكلىپ قىلىنىدۇ. ھەممە بىرلىكتە غىزالىنىپ بولغاندىن كېيىن خامانغا بەرىكەت تىلەپ دۇئا قىلىشىدۇ. داستىخان يىغىلغاندىن كېيىن دۇئا ھوسۇل كەملىنىپ، تاغارغا قاچىلىنىپ ئۆيگە توشۇلىدۇ.

يۇقىرىدا بايان قىلىنغان ئۈچ خىل مۇراسىم ئۆتكۈزۈش ئادىتىنىڭ ئارا تۈرك ئۇيغۇرلىرىدا يېقىنقى دەۋرلەرگە قەدەر ساقلىنىپ كەلگەنلىكىگە ئاساسەن، ئۇ بۇرۇن باشقا رايونلاردىكى ئۇيغۇرلار ئىچىدىمۇ بار ئادەت بولۇپ، كېيىنكى ۋاقىتلاردا ئۇيغۇرلار ئىچىدىمۇ بار ئادەت بولۇپ، كېيىنكى ۋاقىتلاردا ئۇنتۇلغان بولۇشى مۇمكىن دەپ ئېيتىشقا بولىدۇ. چۈنكى ئارا تۈرك ئۇيغۇرلىرىنىڭ بىر قىسمى جەنۇبىي شىنجاڭ رايونىدن كۆچۈپ كەلگەنلەرنىڭ ئەۋلادى. بۇ ئادەتنىڭ ئۇلاردا ساقلىنىشى ئارا تۈركنىڭ چوڭ قاتناش لىنىيىسىدىن يىراق، قاتنىشى قۇلايسىز، تاغلىق، خىلۋەت جاي بولۇشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولسا كېرەك. 


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#