يەنئەن شەھىرى

يەنئەن

يەنئەن شەنشى ئۆلكىسىنىڭ شىمالىي قىسمىغا، يەنخې دەرياسى بىلەن نەنچۇەن دەرياسى بىرلەشكەن جايغا جايلاشقان. 

نامى يەنئەن شەھىرى
دۆلىتى جۇڭگو
مەمۇرىي رايون شەكلى شەھەر
نوپۇسى 2 مىلىيون 230 مىڭ
پوچتا نومۇرى 716000
خەنزۇچە نامى 延安市
ئۆلكىسى جىياڭشى ئۆلكىسى
يەر مەيدانى 36712 كىۋادىرات كىلومىتىر
كىلىماتى قۇرۇقلۇق يېرىم قۇرغاق كىلىمات
رايۇن نومۇرى 0911

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

يەنئەنيەنئەن شەنشى ئۆلكىسىنىڭ شىمالىي قىسمىغا، يەنخې دەرياسى بىلەن نەنچۇەن دەرياسى بىرلەشكەن جايغا جايلاشقان. شەھەر رايونىدا باۋتاشەن تېغى، فېڭخۇاڭشەن تېغى، چىڭلياڭشەن تېغى قاتارلىق ئۈچ تاغ بار بولۇپ، بۇ تاغلار ئۇدۇل قارىشىپ ھەيۋەت بىلەن قەد كۆتۈرۈپ تۇرىدۇ. يەنخې دەرياسى شەھەرنى ئايلىنىپ ئېقىپ ئۆتىدۇ، يەنئەن ئىستراتېگىيىلىك مۇھىم جاي،

سۇڭ، جىن سۇلالىلىرى دەۋرلىرىدە تاڭغۇتلارنىڭ تاجاۋۇز قىلىپ كىرىشىدىن مۇداپىئەلىنىشتىكى مۇھىم جاي بولغان. سۇڭ سۇلالىسىنىڭ سەركەردىسى فەن جۇڭيەن بۇ يەرنى ساقلىغان؛ مىڭ سۇلالىسىنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدىكى دېھقانلار قوزغىلاڭچىلار قوشۇنىدىكى جاڭ شيەنجۇڭ، لى زىچېڭلار مۇشۇ يەردە قوزغىلاڭ كۆتۈرگەن. يەنئەن يەنە ھازىرقى زامان جۇڭگو ئىنقىلابىنىڭ بۆشۈكى. 1937-يىلى يەنئەن شەھىرى تەسىس قىلىنىپ، شەنشى-گەنسۇ-نىڭشيا چېگرا رايونىنىڭ مەركىزى بولغان. 1937 −1947-يىللىرى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتى بۇ يەردە پۈتۈن مەملىكەتتىكى ئىنقىلابقا رەھبەرلىك قىلىپ، نۇرغۇن ئىنقىلابىي يادىكارلىقلار ۋە ئورۇنلارنى قالدۇرغان، ئاساسلىقلىرى: فېڭخۇاڭشەن، ۋاڭجياپىڭ، «7-قۇرۇلتاي» نىڭ يىغىن مەيدانى، ياڭجيالىڭ، زاۋيۇەن قاتارلىقلار. يەنە شەھەرنىڭ جەنۇبىغا35 كىلومېتىر كېلىدىغان نەننىۋەن بار.

يەنئەن شەھىرىنىڭ  يەر مەيدانى 36712 كىۋادىرات كىلومىتىر بۇلۇپ بىر رايۇن12 ناھىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ .

يەنئەن شەھىرى 
 يەنئەن شەھىرىگە قاراشلىق 
     ناھىيە-رايۇنلار 
 باۋتا رايۇنى  فۇ شىيەن ناھىيەسى 
 يەن چاڭ ناھىيەسى  لو چۇەن ناھىيەسى 
 يەن چۇەن ناھىيەسى  يى چۇەن ناھىيەسى 
 زى چاڭ ناھىيەسى  خۇاڭ لوڭ ناھىيەسى 
 ئەن سەي ناھىيەسى  خۇاڭ لىڭ ناھىيەسى 
 جې دەن ناھىيەسى  
 ۋۇ چى ناھىيەسى 
 گەن چۇەن ناھىيەسى 

يەنئەنيەنئەننىڭ ساياھەت بايلىقى ئىنتايىن مول،پۈتۈن شەھەردە 5808 ئۇرۇندا قەدىمى يادىكارلىق ،445 ئورۇندا ئىنقىلابى خاتىرە ئورۇنلىرى بار .

 يەنئەن شەھىرىدە خىرىستىئان دىنى ، كاتولىك دىنى ، ئىسلام دىنى ، بۇددا دىنى ، تويىن دىنى قاتارلىق  بەش چوڭ دىن بار، 

يەنئەن

 ئۆز كۈچىگە تايىنىپ ئىش كۆرۈش ، جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلىشتەك ئىگىلىك تىكلەش  .  جان - دىل بىلەن خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش  . 

 نەزەرىيە بىلەن ئەمەلىيەتنى بىرلەشتۈرۈش ، ئۈزلۈكسىز يول ئېچىپ يېڭىلىق يارىتىدىغان روھقا ئىگە . ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەشتىن ئىبارەت ئىدىيىۋى لۇشيەندە چىڭ تۇرايلى .

 

[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

بەيدۇ تورى قامۇسى 

http://baike.baidu.com/

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#