كۇڭ چيۇ

كۇڭ چيۇ(مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 551 −479-يىللار) جۇڭگو تارىخىدا ئۆتكەن ئۇلۇغ مۇتەپەككۇر ۋە مائارىپشۇناس، كۇڭزىچىلار ئىلمى ئېقىمىنىڭ پېشۋاسى بولۇپ، تارىختا كۇڭزى دەپ ئاتالغان.

ئۇيغۇرچە ئىسمى كۇڭ چيۇ
خەنزۇچە ئىسمى 孔丘
باشقا نامى 孔子,尼父,孔夫子
مىللىتى خۇاشيا مىللىتى
تۇغۇلغان ۋاقتى مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 551 يىل
ۋاپات بولغان ۋاقتى مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 479-يىل
ياشىغان زامان ئەمىنىيە دەۋرنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرى
كەسپى مۇتەپەككۇر ، مائارىپشۇناس

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

كۇڭ چيۇ (مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 551 −479-يىللار) جۇڭگو تارىخىدا ئۆتكەن ئۇلۇغ مۇتەپەككۇر ۋە مائارىپشۇناس، كۇڭزىچىلار ئىلمى ئېقىمىنىڭ پېشۋاسى بولۇپ، تارىختا كۇڭزى دەپ ئاتالغان. قەدىمكى چاغلاردا، مەكتەپلەرگە كۇڭزىنىڭ رەسىمى ئېسىلغان، بالىلار مەكتەپكە كىرگەن تۇنجى كۈندە قىلىدىغان بىرىنچى ئىش كۇڭزىنىڭ رەسىمىگە تەزىم قىلىپ ھۆرمەت بىلدۈرۈش بولغان. ئۇ چاغلاردا كۇڭزى ئۇلۇغلىنىپ «ھەممىدىن ئۇلۇغ ئەۋلىيا، ھەممىدىن بۇرۇنقى ئۇستاز» دەپ ئاتالغان، ھەتتا خان-پادىشاھلارمۇ ھەر يىلى كۇڭزى ئىبادەتخانىسىغا بېرىپ ئۇنىڭغا باش ئۇرغان.

كۇڭزىنىڭ ئىسمى چيۇ، لەقىمى جۇڭنى بولۇپ، لۇ بەگلىكىدىكى چۇفۇ(بۈگۈنكى شەندۇڭ ئۆلكىسى چۇفۇ ناھىيىسىنىڭ شەرقىي جەنۇبى) دىن. ئۇنىڭ ئاتا-بوۋىسى سۇڭ بەگلىكىدىكى ئاقسۆڭەكلەردىن بولۇپ، كېيىن بالا-قازاغا يولۇقۇپ لۇ بەگلىكىگە كۆچۈپ كەتكەن. كۇڭزى ئۈچ ياش چېغىدا دادىسى ئۆلۈپ كېتىپ، نامراتلىقتا مۇنتىزىم تەربىيە ئېلىشقا قادىر بولالمىغان، بىلىملەرنى تامامەن ئۆزلۈكىدىن تىرىشىپ ئۆگىنىۋالغان. كۇڭزى كىچىكىدىنلا ئىنتايىن تىرىشچان بولۇپ، «ئۈچ ئادەم بار يەردە چوقۇم ماڭا ئۇستاز چىقىدۇ» دەپ، ئۆزىدىن تۆۋەن كىشىلەردىن سوراشنى ھار ئالماي، ھەرقانداق ئىشنى باشقىلاردىن سورىغان؛ بىلىمىنى كۆپەيتىش ئۈچۈن، نۇرغۇن كىشىنى ئۇستاز تۇتقان، شۇڭا ئەدەپ-قائىدە، مۇزىكا، ئوقيا ئېتىش، ھېسابلاش قاتارلىق ماھارەتلەرنى ئىگىلىگەن. ياش چاغلىرىدا، ئامبار باشقۇرىدىغان، ئۇلاغ باشقۇرىدىغان كىچىك ئەمەلدار بولغان، 50 يېشىدا ئاندىن لۇ بەگلىكىنىڭ زىندانبېگى بولۇپ، بەگلىكنىڭ چوڭ ئىشلىرىغا دائىر سىياسەت-تەدبىرلەرنى تۈزۈشكە قاتناشقان. ئۇزاق ئۆتمەي، سىياسىي قاراشلىرى باشقىلارنىڭكى بىلەن ئوخشاش چىقمىغاچقا، ئاچچىقىدا لۇ بەگلىكىدىن ئايرىلىپ، بىر قىسىم تالىپلىرىنى ئېلىپ بەگلىكلەردە سەرسان بولۇپ يۈرگەن. ئۆمرىنىڭ ئاخىرىدا يۇرتىغا قايتىپ كېلىپ، باش چۆكۈرۈپ دەرس ئۆتۈش ۋە قەدىمىي كىتابلارنى رەتلەش بىلەن شۇغۇللانغان. 

كۇڭزى ئەدەپ نورمىلىرىغا قاتتىق رىئايە قىلىشنى تەشەببۇس قىلغان. بۇ يەردە دېيىلگەن «ئەدەپ» جۇ سۇلالىسى خان-ۋەزىرلەر، يۇقىرى بىلەن تۆۋەن، ئاتا بىلەن بالا، ئېسىلزادىلەر بىلەن ئاۋام خەلق(پەس خەلق) قاتارلىقلار ئوتتۇرىسىدىكى تەبىقە چېگرىسىنى ئايرىش ئۈچۈن تۈزگەن قائىدە-تۈزۈملەردۇر. ئۇ «رەھىمدىللىق» نى ئالاھىدە تەكىتلەپ، «رەھىمدىللىق» دېمەك «كىشىلەرگە مېھرىبان بولۇش دېمەكتۇر» دەپ قاراپ، «ئۆزۈڭگە راۋا كۆرمىگەننى باشقىلارغا زورلىما» دېگەنگە ئوخشاش نۇقتىئىنەزەرلەرنى ئوتتۇرىغا قويغان. كۇڭزى «كىشىلەرگە مېھرىبان» بولۇشنى تەشەببۇس قىلغاندا، بىر ياقتىن، ھۆكۈمرانلاردىن ئۆزئارا يېقىن ئۆتۈش، كۆيۈنۈشنى، ئىچكى ئىتتىپاقلىقنى كۈچەيتىشنى تەلەپ قىلغان، يەنە بىر ياقتىن، ھۆكۈمرانلاردىن خەلقنىڭ كۈچىنى قەدىرلەشنى، خەلقنى زىيادە ئېكسپىلاتاتسىيە قىلماسلىقنى، ئەزمەسلىكنى تەلەپ قىلغان.

كۇڭزى قەدىمكى دەۋر مائارىپ ئىشلىرى ئۈچۈن ناھايىتى زور تۆھپە قوشقان. ئۇ شەخسلەر دەرس ئۆتۈشتەك ئوقۇتۇش ئۇسلۇبىنى ياراتقان. ئۇ «مەرىپەت ئالدىدا ھەممە ئادەم باراۋەر» دېگەن شوئارنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، بۇرۇنقىدەك ئەمەلدارلارنىڭ مەھكىمىلىرىدىلا ئوقۇش، ئېسىلزادىلەرنىڭ پەرزەنتلىرىلا تەلىم ئېلىشتەك ۋەزىيەتنى تامامەن ئۆزگەرتكەن. ئۇ ئۆزىگە تالىپ قوبۇل قىلغاندا ئېسىلزادە ياكى ئادەتتىكى ئاۋام-پۇقرا دەپ ئايرىمىغان. ئېيتىشلارغا قارىغاندا، ئۇ 3000 تالىپ قوبۇل قىلغان بولۇپ، ئۇلاردىن72 سى مۇنەۋۋەر تالىپ بولۇپ چىققان. ئۇ ئۆز تالىپلىرىغا «ھەرقانداق ئىشنى سورا» ، كاللاڭنى ئىشلىتىشكە ھۇرۇنلۇق قىلما، ئۆگەنگەنلىرىڭنى تەكرارلاۋەرسەڭ يېڭى بىلىمگە ئېرىشىسەن، دەپ تەلىم بەرگەن؛ ئۇ ئوقۇشتا تەڭ ئىلگىرىلەش، ئادەمگە قاراپ دەرس بېرىش، يېتەكلەپ ئىلھاملاندۇرۇشتەك ئوقۇتۇش مېتودىنى تەشەببۇس قىلغان.

كۇڭزىنىڭ يەنە بىر زور تۆھپىسى شۇكى، ئۇ قەدىمكى مەدەنىيەتكە ئائىت كلاسسىك كىتابلاردىن «نەسرنامە، نەزمنامە، يوسۇننامە، نەغمىنامە، پالنامە» دېگەنلەرنى رەتلەپ تۈزۈپ چىققان، كېيىنكى كىشىلەر بۇ كىتابلارنى كلاسسىك ئۇلۇغ كىتاب، دەپ ئۇلۇغلاپ «بەش دەستۇر» دەپ ئاتاشقان. ئۇ لۇ بەگلىكىگە دائىر تارىخىي ماتېرىياللارغا ئاساسەن «ئەمىنىيە» دېگەن كىتابنى تۈزۈپ چىققان، بۇ كىتاب جۇڭگونىڭ تۇنجى سالنامىسى بولۇپ قالغان. كۇڭزىنىڭ تالىپلىرى ئۇنىڭ سۆز-مۇھاكىمىلىرىنى توپلاپ «مۇھاكىمە ۋە بايان» دېگەن كىتابنى تۈزگەن. بۇ كىتاب1000 يىللار مابەينىدە ئېغىزدىن ئېغىزغا، قولدىن قولغا كۆچۈپ كەلمەكتە. بۇ كىتابلارنىڭ ھەممىسى كۇڭزىچىلار ئىلمىي ئېقىمىغا دائىر كلاسسىك ئەسەرلەر بولۇپ، كېيىنكى دەۋرلەرگە نىسبەتەن مۇھىم تەسىر كۆرسەتكەن، تارىختا ئۆتكەن فېئودال ھۆكۈمرانلار كۇڭزىنى «ئەۋلىيا» دەپ ئۇلۇغلاپ كەلگەن.

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#