كالىنىڭ ئاشقازىنى

كالىنىڭ ئاشقازىنى

كالىنىڭ قېرىنىنىڭ قۇرۇلمىسى باشقا ھايۋانلارنىڭكىگە ئوخشاشمايدۇ. ئادەتتە ھايۋانلارنىڭ قېرىندا پەقەت بىر بۆلۈمچە بولىدۇ. كالىنىڭ قېرىندا تۆت  بۆلۈمچە بولىدۇ.

ئۇيغۇرچە نامى كالىنىڭ ئاشقازىنى
خەنزۇچە نامى 牛胃

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

كالىنىڭ ئاشقازىنىيېزىلاردا بىز كالىنىڭ ئوت-چۆپ يېگەندىن كېيىن ئۇنى خۇددى مەڭگۈ چايناپ بولمايدىغاندەك خېلى ئۇزۇنغىچە توختىماي چايناۋاتقانلىقىنى كۆرىمىز. بۇنىڭ سەۋەبى نېمە؟

ئەسلىدە، كالىنىڭ قېرىنىنىڭ قۇرۇلمىسى باشقا ھايۋانلارنىڭكىگە ئوخشاشمايدۇ. ئادەتتە ھايۋانلارنىڭ قېرىندا پەقەت بىر بۆلۈمچە بولىدۇ.  كالىنىڭ قېرىندا تۆت بولۈمچە بولىدۇ. يەنى بىرىنچى بۆلۈمچە چوڭ قېرىن، ئىككىنچى بۆلۈمچە تورلۇق قېرىن، ئۈچىنچى بۆلۈمچە توققۇز تونلۇق، تۆتىنچى بۆلۈمچە شىرداندىن ئىبارەت. بۇنىڭ ئىچىدە چوڭ قېرىنىنىڭ سىغىمى ئەڭ چوڭ.

كالىنىڭ ئاشقازىنىكالا ئوت-چۆپ يېگەندە، ئوتلارنى چايناپ بولالماستىنلا يۇتۇۋېتىدۇ، بۇ بىرىنچى تەرتىپىنىڭ ئاخىرلاشقانلىقى بولۇپ، يىرىك پىششىقلاپ ئىشلەشتىن ئىبارەت. يېمەكلىكلەر قېرىنىڭ بىرىنچى بۆلۈمچىسىگە، يەنى چوڭ قېرىنغا كىرىدۇ. چوڭ قېرىن ئىچىدە ھەزىم قىلىش بەزلىرى بولمايدۇ. يېمەكلىك چوڭ قېرىن ئىچىدە سۇ ۋە شۆلگەي سۇيۇقلۇقىغا چىلىنىپ يۇمشايدۇ، ئاندىن قېرىن ئىچىدىكى مىكرو ئورگانىزملار تەرىپىدىن دەسلەپكى قەدەمدە ھەزىم قىلىنىدۇ، يەنى ئىككىنچى قېتىملىق پىششىقلاپ ئىشلەش تەرتىپى ئاخىرلىشىدۇ، يەنى ئىككىنچى قېتىملىق پىششىقلاپ ئىشلەش تەرتىپى ئاخىرلىشىدۇ. كېيىن يېمەكلىكلەر ئېغىز بوشلۇقىغا كەلتۈرۈلۈپ كېلىپ ئىنچىكلىك بىلەن چاينىلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن، ئۇچىنىچى قېتىملىق پىششىقلاپ ئىشلەش تەرتىپى ئاخىرلىشىدۇ. قايتىدىن چاينالغان يېمەكلىكلەر تورلۇق قېرىنغا يۆتكلىپ ئەڭ ئاخىرىدا شىردانغا كىرىدۇ. شىردان ھەزىم قىلىش سۇيۇقلۇق بەزلىرىنى ئاجرىتىپ چىقارغاچقا، يېمەكلىكلەر شىرداندا تولۇق ھەزىم قىلىنىپ، ئەڭ ئاخىرقى پىششىقلاپ ئىشلەش تەرتىپى تاماملىنىدۇ.

كالىنىڭ ئاشقازىنىكالا ئارام ئالغان چاغلاردىمۇ توختىماستىن بىر نەرسىنى چاينىشى، چوڭ قېرىن ئىچىدە ساقلانغان ئوت-چۆپلەرنى ئېغىز بوشلۇقىغا قايتۇرۇپ كېلىپ قايتىدىن چاينىشىدىن ئىبارەت. يۇتۇۋەتكەن يېمەكلىكلەرنى يېڭىۋاشتىن ئېغىزغا قايتۇرۇپ كېلىپل چاينايدىغان بۇنداق ھايۋانلار كۆشىگۈچى ھايۋان دەپ ئاتىلىدۇ.

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (1 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    100%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#