ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنى

ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنى

ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنى خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى تەرىپىدىن ئۆتكۈزۈلىدىغان كۆپ تۈرلۈك دۇنياۋى ئۇنىۋېرسال تەنھەرىكەت يىغىنى بولۇپ، ھەر تۆت يىلدا بىر قېتىم ئۆتكۈزۈلىدۇ.

ئۇيغۇرچە ئىسمى ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنى
ئىنگلىزچە نامى Olympic Games
ئۆتكۈزىدىغان ئورۇن ھەر نۆۋەتلىك ئولىمپىك كومىتېتى تەستىقلىغان دۆلەت ۋە رايون
ئاساسلىق بېجىرگۈچى ئاپپارات خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى
ئولىمپىك كۈنى 6-ئاينىڭ23-كۈنى
خەنزۇچە ئىسمى 奥林匹克运动会
ئۆتكۈزىدىغان ۋاقىت ھەر تۆت يىلدا بىر نۆۋەت ئۆتكۈزۈلىدۇ
مۇسابىقە تىپى ئۇنىۋېرسال تەنھەرىكەت يىغىنى
بارلىققا كەلگەن ئۇرۇن قەدىمكى گرېتسىيىە

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنى خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى تەرىپىدىن ئۆتكۈزۈلىدىغان كۆپ تۈرلۈك دۇنياۋى ئۇنىۋېرسال تەنھەرىكەت يىغىنى بولۇپ، ھەر تۆت يىلدا بىر قېتىم ئۆتكۈزۈلىدۇ.

ئۇ، قەدىمكى گرېتسىيىدە بارلىققا كەلگەن. قەدىمكى گرېتسىيە كۆپلىگەن پولىسلارغا (شەھەرلىك شتاتلارغا) بۆلۈنگەن بولۇپ، ھەرقايسى پولىسلاردا دائىم دېگۈدەك تەنھەرىكەت يىغىنلىرى ئۆتكۈزۈلۈپ تۇرغان. بۇ تەنھەرىكەت يىغىنلىرى بىر تەرەپتىن ئىلاھقا چوقۇنۇشتەك قويۇق دىنىي تۈس ئالغان، يەنە بىر تەرەپتىن پولىسلار ئارا ئۇرۇشلار بېسىقماي، بەدەننى ساغلاملاشتۇرۇش زۆرۈر بولۇپ قالغانلىقتىن، ئۇ ھەربىي چېنىقىش خاراكتېرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان. ئۇرۇش ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنى مەزگىلىگە توغرا كەلگەندە، ئىككى تەرەپ ئۇرۇش توختىتىش قارارىنى چىقارغان. مۇشۇ مەنىدىن ئالغاندا، ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنى يەنە تىنچلىقنىڭ سىمۋولى بولۇپ قالغان. كۆلىمى ئەڭ زور ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنى ئافېنانىڭ غەربىي جەنۇبىغا 360 كىلومېتىر كېلىدىغان ئولىمپىيە كەنتىدە ئۆتكۈزۈلگەن. ئۇ يەردە ئىلاھلار شاھى دەپ نام ئالغان جىئوس ئىبادەتخانىسى بولغاچقا، ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىمۇ شۇ نام بىلەن ئاتالغان. 

تۇنجى نۆۋەتلىك قەدىمكى ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنى مىلادىيىدىن ئىلگىرىكى 776-يىلى ئۆتكۈزۈلۈپ. مىلادىيىنىڭ 393-يىلىغا كەلگەندە جەمئىي 293 قېتىم ئۆتكۈزۈلگەن. رىم ئىمپېرىيىسى گرېتسىيىگە تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەندىن كېيىن، رىم پادىشاھى چىئودوس خرىستىئان دىنىغا ئىتائەت قىلغاچقا، باشقا دىنىي پائالىيەتلەرنىڭ ھەممىسىنى مەنئى قىلغان. شۇڭا، تەنھەرىكەت يىغىنىمۇ ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ، قۇرۇلۇشلار كۆيدۈرۈۋېتىلگەن. 1888 -يىلى فرانسىيە مائارىپشۇناسى كوبېرتىننىڭ تەكلىپى بىلەن ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈلۈپ، تەنھەرىكەتچىلەر گرېتسىيىلىكلەر بىلەنلا چەكلەنمەي، ھەرقانداق دۆلەت تەۋەلىكى، ئىرق ۋە رەڭدىكى كىشىلەرنىڭ ھەممىسى رىقابەتچى بولۇپ قاتناشسا بولىدىغانلىقى بەلگىلەنگەن. 1894-يىلى پارىژ خەلقئارا تەنتەربىيە مەجلىسى قارار چىقىرىپ، خەلقئارا ئولىمپىك تەنھەرىكەت كومىتېتىنىڭ قۇرۇلغانلىقىنى ئېلان قىلغان ھەمدە 1896-يىل 4-ئاينىڭ 6-كۈنىدىن 15-كۈنىگىچە ئافېنادا تۇنجى نۆۋەتلىك ھازىرقى زامان ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنى ئۆتكۈزۈلگەن. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن، ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنى ھەر تۆت يىلدا بىر نۆۋەت ئۆتكۈزۈلۈپ، يىغىن مەزگىلى 16 كۈندىن ئاشمىغان. بۇ تۆت يىلنىڭ دەۋرىيلىكى «ئولىمپىيات» دەپ ئاتالغان. تەنھەرىكەت يىغىنى مەلۇم سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئۆتكۈزۈلمەي قالسىمۇ نۆۋەت قېتىمى ئىناۋەتلىك بولىۋەرگەن. 

ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىنىڭ مۇسابىقە تۈرلىرى 24-نۆۋەتلىككە كەلگەندە (1988-يىلى) جەمئىي 28 تۈرگە يەتكەن. يەنى: يېنىك ئاتلېتىكا، پۇتبول، سۇ ئۈزۈش، ۋاسكېتبول، ۋالىبول، چوماق توپ، گىمناستىكا، ئېغىرلىق كۆتۈرۈش، ۋېلىسىپىت، چېلىشىش، جۇدو (رۇداۋ) ، قارىغا ئېتىش، ئوقيا ئېتىش، شەمشەرۋازلىق، تۇلۇم قېيىق، كاتېر، يەلكەنلىك قېيىق، چەۋەندازلىق، بوكس، قول توپ، تېننىس، تىكتاك توپ، ھازىرقى زامان بەش تۈرى ھەمدە قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىنىڭ ھازىرقى زامان قىشلىق ئىككى تۈرى (چاڭغا تېيىلىش + قارىغا ئېتىش) ، مۇز تېيىلىش، قار تېيىلىش، مۇز توپ، روللۇق ۋە رولسىز چانىلار. 25-نۆۋەتلىكتىن باشلاپ (1992-يىلى) پەي توپ ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىنىڭ رەسمىي مۇسابىقە تۈرىگە كىرگۈزۈلگەن. 

قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىقىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنى ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى بولۇپ، 1924-يىلىدىن باشلاپ ئۆتكۈزۈلگەن، يازلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىغا ئوخشاش، ئۇمۇ ھەر تۆت يىلدا بىر نۆۋەت ھەمدە شۇ يىل ئىچىدە ئۆتكۈزۈلىدۇ. قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىنىڭ نۆۋەت سانى ئەمەلىي ئۆتكۈزۈلگەن نۆۋىتى بويىچە ھېسابلىنىدۇ. 1992-يىلىغىچە جەمئىي 16 نۆۋەت ئۆتكۈزۈلگەن. 

ئولىمپىك بايرىقىئولىمپىك بايرىقى ئوخشاش بولمىغان بەش خىل رەڭدىكى چەمبەرلەرنىڭ ئۇلىنىشىدىن تۈزۈلگەن، ئۇ ئايرىم-ئايرىم ھالدا ياۋروپا قىتئەسى(كۆك رەڭ) ، ئاسىيا قىتئەسى(سېرىق رەڭ) ، ئافرىقا قىتئەسى(قارا رەڭ) ، ئاۋسترالىيە قىتئەسى(يېشىل رەڭ) ، ئامېرىكا قىتئەسى(قىزىل رەڭ) لەرگە ۋەكىللىك قىلىپ، دۇنيادىكى بەش چوڭ قىتئەنىڭ ئىتتىپاقىغا، شۇنداقلا پۈتۈن دۇنيادىكى تەنھەرىكەتچىلەرنىڭ ئادىل، ئوچۇق-يورۇق مۇسابىقە ئۆتكۈزۈشىگە ۋە دوستانە روھىي كەيپىياتتا ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىدا ئۇچرىشىشىغا سىمۋول قىلىنغان. 

مەشئەل يەتكۈزۈشھەر نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىنىڭ ھارپىسىدا، ئولىمپىك باشلانغان ئولىمپىيەدىكى گرېك ئايال ئىلاھ جېللا ئىبادەتخانىسىنىڭ يېنىدا كۈن نۇرىنى پېتىنغۇ ئەينەكتە فوكۇسلاپ مەشئەلگە ئوت تۇتاشتۇرۇلىدۇ، ئاندىن مەشئەل ئۇزۇن يوللۇق كۈچ ئۇلاش ئارقىلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنى ئېچىلىشتىن بىر كۈن ئاۋۋال ئولىمپىك ئۆتكۈزۈلىدىغان شەھەرگە يەتكۈزۈلىدۇ. ئېچىلىش مۇراسىمىدا ساھىبخان دۆلەتنىڭ داڭلىق تەنھەرىكەتچىسى ئاخىرقى مەشئەلنى ئۆتكۈزۈۋېلىپ، مۇنار ئۈستىدىكى مەشئەلگە ئوت تۇتاشتۇرىدۇ. بۇ يالقۇنجاپ تۇرغان مەشئەل يورۇقلۇققا، ئىتتىپاقلىققا، دوستلۇققا سىمۋول قىلىنغان بولۇپ، شۇ نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنى يېپىلغاندا ئاندىن ئۆچۈرۈلىدۇ. 

ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىنىڭ ناخشا تېكىستى 

قەدىمدىن ئۆچمەي-يېنىپ تۇرغان ئىلاھسەن،

بەرنا سەن، ئۇلۇغسەن، چىن-ساپ ئاتىسەن. 

ئىلتىجا قىلدى دۇنيا ئاچتىڭ يۈزۈڭنى، 

ئىنتىزارلارغا كۆز تىككەن بىر ئەزىمەتسەن.

ئۇشبۇ زېمىننىڭ كۆكىدە قىلغان پەرۋازىڭ، 

سەن ئۈچۈن شاھىدى بولغاي شەرىپىڭ. 

يۈگۈرۈش، ئېتىش-تاشلاش، كۈچ ئېلىشىشتا، 

جان تىكىپ ئالىيجاناب مۇسابىقىدە. 

غالىپلار تاج تاقاپ تەۋەرۈك دەرەخ شېخىدىن، 

قەددىنى پولاتتەك تاۋلاپ روسلىغاي. 

ئېقىنلار، ئالپ تاغ، دېڭىز-ئوكيانلار، 

سەن بىلەن نۇرىنى تۆككەي-چاقنىغاي.

گويا ئاق قىيا سەن − مۇقەددەس جايسەن،

يەتتە ئىقلىمدىن كەلگەنلەر تىۋىنار ساڭا، 

ئاھ، قەدىمىي زاماندىن يانغان ئىلاھسەن! [0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#