ئاسىيا ۋە ياۋروپا

ئاسىيا ۋە ياۋروپا
دۇنيادىكى ئالتە چوڭ ماتىرىك ئىچىدە يەر مەيدانى ئەڭ چوڭ ماتىرىك، ئۇنىڭ يەر مەيدانى (ئەتراپىدىكى ئاراللارنى قوشۇپ ھېسابلىغاندا) 54 مىليون 200 مىڭ كۋادرات كىلومېتر بولۇپ، پۈتۈن دۇنيادىكى قۇرۇقلۇقلار مەيدانىنىڭ %36 نى تەشكىل قىلىدۇ. ئاسىيا، ياۋروپا ماتىرىكى تەبىئىي جەھەتتىن بىر پۈتۈن گەۋدە بولۇپ، قۇرۇقلۇقلار ئارقىلىق تۇتۇشۇپ تۇرىدۇ.

نامى ئاسىيا ۋە ياۋروپا
خەنزۇچە نامى 亚洲和欧洲

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ئاسىيا ۋە ياۋروپادۇنيادىكى ئالتە چوڭ ماتىرىك ئىچىدە يەر مەيدانى ئەڭ چوڭ ماتىرىك، ئۇنىڭ يەر مەيدانى (ئەتراپىدىكى ئاراللارنى قوشۇپ ھېسابلىغاندا) 54 مىليون 200 مىڭ كۋادرات كىلومېتر بولۇپ، پۈتۈن دۇنيادىكى قۇرۇقلۇقلار مەيدانىنىڭ %36 نى تەشكىل قىلىدۇ. ئاسىيا، ياۋروپا ماتىرىكى تەبىئىي جەھەتتىن بىر پۈتۈن گەۋدە بولۇپ، قۇرۇقلۇقلار ئارقىلىق تۇتۇشۇپ تۇرىدۇ. گېئوگرافلار بۇ ئىككى قىتئەنى ئۆگخنىش ۋە تەتقىق قىلىشقا قولاي بولسۇن ئۈچۈن كېيىنكى ۋاقىتلاردىكى كېڭىشىشلەر ئارقىلىق بۇ ئىككى قىتئەنىڭ چېگرىسىنى بەلگىلەپ چىقتى. بەلگىلىمە بويىچە ئاسىيا بىلەن ياۋروپانىڭ چېگرىسى—شىمالدا يېڭى يەر ئارىلىدىن باشلىنىپ جەنۇبقا قاراپ ئىرال تاغلىرى، ئورال دەرياسى، كاسپىي كۆلى، كاۋكاز تاغلىرى، قارا دېڭىز، بوسفور بوغۇزى، مەرمەر دېڭىزى، داردانىل بوغۇزى، ئىگەي دېڭىزلىرى ئارقىلىق ئايرىلىپ چىقتى.

ھازىرقى ئاسىيا قىتئەسىدە 40 دۆلەت ۋە رايون بار، ئاھالىسى 2 مىليارد 800 مىليوندىن ئوشۇق (1985) بولۇپ، پۈتۈن دۇنيا ئاھالىسىنىڭ%56.9 نى تەشكىل قىلىدۇ. ئاھالىنىڭ ئاساسىي قىسمىنى سېرىق تەنلىكلەردىن بولغان خەنزۇ، موڭغۇل، خۇيزۇ، زاڭزۇ، تايلاند، ياپون، چاۋشيەن، كخېمر، مالاي، تۈركىي قاتارلىق مىللەتلەر ئىگىلەيدۇ. بۇ خىل مىللەتلەر ئاسىيانىڭ شەرقىي، شەرقىي جەنۇبى قىسىملىرىغا جايلاشقان. سېرىق تەنلىكلەردىن قالسا ئاق تەنلىكلەر(ياۋروپا ئىرقىدىكىلەر) تۇرىدۇ، ئۇلار ئاساسەن ئاسىيانىڭ جەنۇبىي، غەربىي قىسمىغا ئولتۇراقلاشقان ھىندى، بېنگال، ئافغان، پارس، ئەرەب قاتارلىق مىللەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ياۋروپا قىتئەسىدە 32 دۆلەت بار، ئۇلارنى مۇتلەق كۆپ قىسمى تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەر، ئاھالىسى 770 مىليوندىن ئوشۇق (1985) بولۇپ، مۇتلەق كۆپ قىسمىنى سلاۋىيان، گېرمان، لاتىن تىل سىستېمىسىدا سۆزلىشىدىغان ئاق تەنلىكلەر تەشكىل قىلىدۇ. بۇلاردىن باشقا ئاز ساندا سېرىق تەنلىكلەر بار. ياۋروپا دۇنيادا ئاھالىسى ئەڭ زىچ قىتئە ھېسابلىنىدۇ. 

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

1 نومۇر (1 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    0%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    100%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#