لېپەكگۈل
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
لېپەكگۈل بولسا تاجىگۈل ئائىلىسىدىكى ئۆسۈملۈك كۆپ يىللىق ساغان غوللۇق ئۆسۈملۈك لېپەكگۈل (Achy ranthis bidentatabl) نىڭ يىلتىزى بولۇپ، «لىپەكگۈل» نامىدا دورىغا ئىشلىتىىدۇ.سىرتقى شەكلى كۈلرەڭ سېرىق ياكى قوڭۇر رەڭلىك بولۇپ، پۇرىقى ئاجىز،سەل تاتلىق قىرتاق تەمى بار.قىش پەسلىدە يىغىۋېلىندۇ.شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى، خېنەن، شەندۇڭ، شەنشى، جياڭسۇ، ئەنخۇي قاتارلىق ئورۇنلاردىن چىقىدۇ.
بالىياتقۇ ۋە تۇخۇمداننى، جىگەر ۋە يۈرەكنى قۇۋۋەتلەش، قاننى جانلاندۇرۇش، ئۇيۇپ قالغان قاننى تارقىتىش، ئىششىق ياندۇرۇش، ئاغرىق پەسەيتىش قاتارلىق خۇسۇسىيەتلەرگە ئىگە.
فارماكولوگىيلىك تەسىرى
ئىممۇنىتېت كۈچىنى ئاشۇرۇش، بالىياتقۇ ھەرىكىتىنى كۈچەيتىش، ھامىلىدارلىققا قارشى تۇرۇش، سۈيدۈك ھەيدەش، ئۆسمىگە قارشى تۇرۇش، ياللۇغ قايتۇرۇش، مىكروبقا قارشى تۇرۇش، ئاغرىق پەسەيتىش، ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتىنى ۋە چىدامچانلىقىنى ئاشۇرۇش، قېرىشنى كېچىكتۈرۈش، ئارتېرىيىلىك بوتقىسىمان قېتىشىشقا قارشى تۇرۇش، سۆڭەك شالاڭلىشىشقا قارشى تۇرۇش، قاننى جانلاندۇرۇش قاتارلىق تەسىرگە ئىگە.
پولى ساخارىد، سوپۇنلار، سېرىق كتبونلار بىئولوگىيىلىك ئىشقارلار، ئۇچۇچان مايلار،β- ستوسترول، مىكرو ئىلمىنت، ئورگانىك كىسلاتا، 12 خىل ئامىنۇ كىسلاتا قاتارلىق تەركىبلەر بار.
1. لېپەكگۈل، بۇۋانە، چۈچۈكبۇيا، قاقىر تۇمشۇق ۋە داڭگۇيلارنىڭ ھەربىرىدىن 12 گرام ئېلىپ، قارا شېكەر، ئاق شېكەر ۋە ناۋاتلارنىڭ ھەر بىرىدىن 250 گرام قوشۇپ، قاينىتىپ، ھەر قېتىمدا 5 – 10 مىللىلىتىر، ھەر كۈنى ئىككى قېتىم ئىچىپ بەرسە، بالىياتقۇ، تۇخۇمداننى قۇۋۋەتلەيدۇ. بەل – پۇت ئاغرىقىغا شىپا بولىدۇ.
2. لېپەكگۈل 12 گرام، سېرىق يۆگەي 20 گرام ئېلىپ، قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، بالىياتقۇ، تۇخۇمدان ۋە جىنىسي ئەزا ئاجىزلىقى، بەل – پۇت ئاغرىقىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
3. لېپەكگۈل 12 گرام، داڭگۈي 24گرام، شاپتۇل مېغىزىدىن 12 گرام، ئېلىپ، قاينىتىپ، كۈندە 2 قېتىم ئىچىپ بەرسە، ھەيىزنى راۋانلاشتۇرىدۇ.
4. بالا ھەمرىيى چۈشمىگەندە لېىپەكگۈل 12 گرام، داڭگۈي 12 گرام، چۈەنچۇڭ 12 گرام، خام يىكەن سېرىقى 12 گرام، مۇدەن يىلىتىزى پوستى 12 گرام، قۇرۇتۇلغان زەنجىۋىل 4 گرام، ھەممىنى قوشۇپ قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، بالا ھەمرىيى چۈشمىگەنگە مەنپەئەت قىلىدۇ.
شەربىتى مۇدەركۇمەس
بالىياتقۇ، جىگەر، بۆرەك ئاجىزلىقى، بەل – پۇت ئاغرىقى، بەدەن ئاجىزلىقى، بالا ھەمرىيى چۈشمەسلىك، ھەر خىل ئىششىق، قان ئۇيۇپ قېلىش قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدۇ.
كېلىش مەنبەسى (ئەسەر)
ئۇيغۇر تېبابىتى خام دورىلار ئىلمى بىرىنچى توم(سىناق نۇسخا) شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى. [0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.