ئوبامانىڭ تىرامپنىڭ غەلىبىسى ھەققىدىكى نۇتۇقى

ئوبامانىڭ تىرامپنىڭ غەلىبىسى ھەققىدىكى نۇتۇقى

ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 9-نويابىر چۈشتە ئاق سارايدا ئامېرىكا زۇڭتۇڭ سايلىمى توغرىسىدا نۇتۇق سۆزلەپ، ئامېرىكا زۇڭتۇڭ سايلىمىنىڭ ئۇتۇق ئاياغلاشقانلىقى، گەرچە تىرامپ بىلەن ئۆزى ئوتتۇرىسىدا بەزى ئىختىلاپلار بولسىمۇ، ئەمما ئامېرىكىنىڭ ئىتتىپاقلىشىشقا مۇھتاج ئىكەنلىكى، ھوقۇقنى ئۆتكۈزۈپ بېرىشنىڭ تىنچ ئېلىپ بېرىلىشىنى تەكىتلىدى. 

ئۇيغۇرچە نامى ئوبامانىڭ تىرامپنىڭ غەلىبىسى ھەققىدىكى نۇتۇقى
ۋاقتى 2016-يىلى 9-نويابىر
سۆزلىگۈچى ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما
خەنزۇچە نامى 奥巴马就特朗普胜选在白宫的演讲
ئورنى ئاق ساراي

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ئوبامانىڭ تىرامپنىڭ غەلىبىسى ھەققىدىكى نۇتۇقىئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 9-نويابىر چۈشتە ئاق سارايدا ئامېرىكا زۇڭتۇڭ سايلىمى توغرىسىدا نۇتۇق سۆزلەپ، ئامېرىكا زۇڭتۇڭ سايلىمىنىڭ ئۇتۇق ئاياغلاشقانلىقى، گەرچە تىرامپ بىلەن ئۆزى ئوتتۇرىسىدا بەزى ئىختىلاپلار بولسىمۇ، ئەمما ئامېرىكىنىڭ ئىتتىپاقلىشىشقا مۇھتاج ئىكەنلىكى، ھوقۇقنى ئۆتكۈزۈپ بېرىشنىڭ تىنچ ئېلىپ بېرىلىشىنى تەكىتلىدى. ئۇ ھىلارى كىلىنتوننىڭ ئاۋامغا مۇلازىمەت قىلغانلىقىغا رەھمەت ئېيتتى، ئۇنىڭ بەدەللىرىگە ئاپىرىن ئوقۇدى. ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: بۇ سايلامدا كىم ئۇتۇپ چىقىشىدىن قەتئىينەزەر، قۇياش سەھەردە يەنىلا ئۆز بۇرۇنقىدەكلا چىقىۋېرىدۇ.

كۆپچىلىك چۈشتىن كېيىنلىكىڭلار خەيرلىك بولسۇن. تۈنۈگۈن، سايلام نەتىجىسى چىقىشتىن ئىلگىرى، مەن بىر قىسقا ۋىدىيونى تارقاتتىم، ئاراڭلاردا بەزىلەر بەلكىم كۆرگەن بولۇشۇڭلار مۇمكىن. مەن ۋىدىيودا ئامېرىكىلىقلارغا سىز قايسى تەرەپنى سايلىشىڭىزدىن قەتئىينەزەر، سىز تاللىغان نامزات يېڭىش ياكى مەغلۇب بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، سەھەردە قۇياش يەنىلا بۇرۇنقىدەكلا چىقىۋىرىدىغانلىقىنى ئېيتقان.

تۈرلۈك پەرەزلەر ئىچىدە بۇ نۇقتا راستقا ئايلاندى. قۇياش كۆتۈرۈلدى. مەن ھەربىرەيلەننىڭ ئۇزۇن بىر كېچىنى ئۆتكۈزگەنلىكىنى بىلىمەن. مەنمۇ شۇنداق بولدۇم. مەن تۈنۈگۈچ كېچە پۇرسەت چىقىرىپ زۇڭتۇڭ تىرامپ بىلەن تېلېفونلاشتىم، ئۇ چاغدا سەھەر سائەت 3:30 بولغانغۇ دەيمەن، شۇ چاغدا ئۇنى تەبرىكلىدىم. مەن ئۇنى ئەتە ئاق سارايغا كېلىپ، ئىككى زۇڭتۇڭ ئوتتۇرىسىدىكى ھوقۇقنى ئۆتكۈزۈپ بېرىش-تاپشۇرۇۋېلىشنى ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بېرىشقا كاپالەتلىك قىلىشنى سۆھبەتلىشىشكە تەكلىپ قىلدىم.

مەن بىلەن يېڭىدىن سايلانغان زۇڭتۇڭ ئوتتۇرىسىدا بەزى زور ئىختىلاپلار بار، بۇ سىر ئەمەس. بىراق ئېسىمىزدە بولسۇنكى، سەككىز يىل بۇرۇن، زۇڭتۇڭ بۇش بىلەن مېنىڭ ئارامدىمۇ بەزى ئىختىلاپلار بولغان. ئەمما زۇڭتۇڭ بۇشنىڭ ئۆمىكى ئىنتايىن كەسپىي، ئىنتايىن ئۆزگىچە ئۇسۇل بىلەن بىزنىڭ ھوقۇقىنى تىنچ ئۆتكۈزۈپ بېرىش ۋە تاپشۇرۇۋېلىشىمىغا كاپالەتلىك قىلىپ، خىزمەتكە ئۆزىمىزنى بېغىشلىشىمىزغا تۈرتكە بولغانىدى.

بۇ خىزمەتنى قىلغاندا سىز تېزلا بىر نۇقتىنى ھېس قىلىپ يېتىسىز، ئۇ دەل زۇڭتۇڭ بىلەن مۇئاۋىن زۇڭتۇڭنىڭ ۋەزىپىسىنىڭ ھەرقانداق ئادەمدىن ئېشىپ كەتكەنلىكىدۇر. شۇڭا مەن ئۆمىكىمگە زۇڭتۇڭ بۇشنىڭ ئۆمىكىنىڭ سەككىز يىل بۇرۇن تىكلىگەن ئۈلگىسىگە ھۆرمەت قىلىپ، ئەڭ زور تىرىشچانلىقىمىز بىلەن ھوقۇقنى ئۆتكۈزۈپ بېرىش ۋە تاپشۇرۇۋېلىشنىڭ تىنچ ئېلىپ بېرىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىشنى تاپىلىغانىدىم. چۈنكى بىز ھازىر ئۇنىڭ دۆلەتنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئىتتىپاقلاشتۇرۇشى ۋە رەھبەرلىك قىلىشىنى قوللاۋاتىمىز. ھوقۇقنى تىنچ ئۆتكۈزۈپ بېرىش ۋە تاپشۇرۇۋېلىش بىزنىڭ دېموكراتىيەنىڭ بىر مۇھىم ئالاھىدىلىكى. كېيىنكى بىر نەچچە ئايدا، بىز دۇنياغا بۇ نۇقتىنى نامايان قىلىمىز.

تۈنۈگۈن كېچە مەن يەنە سابىق دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى ھىلارى كىلىنتون بىلەن تېلېفونلاشتىم، بايا يەنە ئۇنىڭ نۇتۇقىنى ئاڭلىدىم. ئۇنىڭدىن بەكمۇ پەخىرلىنىمەن. ئۇ بىر ئۆمرىنى ئاۋام ئۈچۈن خىزمەت قىلىشقا سەرپ قىلدى. ئۇ ئاجايىپ قالتىس بىرىنچى خانىم. ئۇ نيۇيورك ئىشتاتىغا ۋەكىللىك قىلىدىغان قالتىس پارلامېنت ئەزاسى. ئۇ ئەڭ ياخشى دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى. مەن ئۇنىڭدىن ئىپتىخارلىنىمەن. نۇرغۇن ئامېرىكىلىق ئۇنى ھۆرمەت قىلىدۇ. ئۇنىڭ سايلامغا قاتنىشىشى ۋە نامزاتلىققا كۆرسىتىلىشى تارىخىي خاراكتېرلىك ئىش بولۇپ، بۇ ئارقىلىق پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى قىز-ئاياللارغا ئاكتىپ ئۇچۇر تاقىتىپ، ئۇلارنىڭمۇ ئەڭ ئالىي سىياسىي ئۇتۇقلارنى قولغا كەلتۈرەلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ قويدى. مەن شۇنىڭغا قەتئىي ئىشىنىمەنكى، ئۇنىڭ بىلەن سابىق زۇڭتۇڭ كىلىنتون ئامېرىكا ۋە دۇنيا خەلقىنىڭ بەخت-سائادىتى ئۈچۈن داۋاملىق تۆھپە قوشىدۇ.

ھەممەيلەن ئۆزىمىز بېلەت تاشلىغان تەرەپ مەغلۇب بولغاندا كۆڭلىمىز يېرىم بولدى، ئەمما ئىككىنچى كۈنى، بىز شۇنى ئېسىمىزدە تۇتۇشىمىز كېرەككى، ئەمەلىيەتتە ھەممىز بىر كوللېكتىپقا تەۋە. بۇ بەئەينى مەكتەپنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى ئەسەبىي مۇسابىقىلەرگە ئوخشايدۇ. بىز ئاۋۋال دېموكراتپار پارتىيەسىنىڭ ياكى جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىنىڭ تەرەپدارلىرى ئەمەس، بەلكى ئاۋۋال بىر ئامېرىكىلىق. بىز ئاۋۋال ۋەتەنسۆيەرلەردىن بولۇشىمىز كېرەك. ھەممىمىز دۆلىتىمىزنىڭ تېخىمۇ ياخشىلىنىپ كېتىشىنى ئۈمىد قىلىمىز. بۇ مەن تۈنۈگۈن كېچە تىرامپ ئەپەندىم بىلەن تېلېفونلاشقاندا ئاڭلىغان گەپلەر. بۇ مەن ئۇنىڭغا بىۋاسىتە تېلېفون قىلغاندا ئاڭلىغان گەپلەر. مەن گەپلەردىن تەسەللىي تاپتىم. دۆلىتىمىزنىڭ ئېھتىياجلىق بولغىنى، بىر خىل ئىتتىپاقلىق تۇيغۇسى، كەڭ قورساقلىق تۇيغۇسى، ئورگانلىرىمىزنىڭ تۈزۈمىگە بولغان ھۆرمەت، تۇرمۇش شەكلىمىز، قانۇنچىلىق ۋە ئۆزئارا بىر-بىرىمىزگە بولغان ھۆرمەتتىن ئىبارەت. مەن ئۇنىڭ ھوقۇنى ئۆتكۈزۈپ بېرىش ۋە تاپشۇرۇۋېلىش جەريانىدا بۇ خىل روھنى ساقلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە مەن ئەلۋەتتە بۇنىڭ تىرامپ ئەپەندىمنىڭ ئۆزىنىڭ زۇڭتۇڭلۇق ھاياتىنى باشلاش شەكلى بولۇش قېلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

مەن بۈگۈن يەنە ئۆمىكىدىمكىلەرگە مەيۈسلەنمەسلىكنى تاپىلىدىم، چۈنكى ئۇلار كۈنسايىن تىرىشىپ ئىشلەيدۇ، دائىم ئىشتىن باش كۆتۈرمىگەچكە، ئۇلارنى بىلىدىغان ئادەممۇ يوق. ئۇلارنىڭ ئورگانلىرىنىڭ ئىچكى قىسمىدا، ھەممەيلەن بىلىدىغان سىياسىي ساھەدە خىزمەت قىلىپ، ھۆكۈمەتنى تېخىمۇ ياخشى ئۆزگىرىشكە باشلاپ، ئەل رايىنى تېخىمۇ ياخشى ئىنكاس قىلىپ، تېخىمۇ ياخشى ئۈنۈم يارىتىپ، خەلققە تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىۋاتقانلار، بۇ ئارقىلىق تېخىمۇ كۆپ كىشىگە ياردەم بېرىۋاتقانلار بار. بۇ خىل كۆرۈنەرلىك خىزمەتلەر كېيىنكى نۆۋەتلىك زۇڭتۇڭغا سەككىز يىل بۇرۇنقىدىن تېخىمۇ كۈچلۈك، تېخىمۇ گۈزەل بىر دۆلەتنى قالدۇرغۇسى.

شۇڭا، بۇ سايلامدا كىمنىڭ غەلىبە قىلىشىدىن قەتئىينەزەر، بۇ ئىزچىل تۈردە بىزنىڭ بۇرچىمىز بولىدۇ. تۇنجى كۈنىدىن باشلاپ بۇ دەل بىزنىڭ بۇرچىمىزدۇر. ئۆمىكىمىزدىكى ھەربىرەيلەن ئۇلارنىڭ ھەربىر ئىشىدىن چەكسىز پەخىرلىنىشى كېرەك، مەن پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا يولۇقتۇرغان، بۇ خىل ئىلگىرىلەشنى تىرىشىپ جۇلالاندۇرۇۋاتقان ئامېرىكىلىقلاردىن چەكسىز پەخىرلىنىمەن. مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچىلار، جىددىي قۇتقۇزۇش ئۆيىدىكى دوختۇرلار، ئىگىلىك تىكلەش ۋە خادىملىرىغا ياخشىلىق قىلىش ئۈچۈن ھالسىراپ قالغان كىچىك شىركەتلەر، ھەرقايسى ئىشتاتلاردىكى ئانىلار، ئاتىلار، ئائىلە ۋە چېركاۋلاردا ئېلىپ بېرىلغان بارلىق مۇھىم خىزمەتلەر قوشما ئىشتاتلارنىڭ يۈكسەك تەرەققىياتى ئۈچۈن تۆلەنگەن بەدەللەر ھېسابلىنىدۇ.

شۇڭا، بۇ بىر مەيدان ئۇزاققا سوزۇلغان، يەڭمەك مۈشكۈل بولغان سايلام جېڭى. ئامېرىكىدىكى قېرىنداشلار بۈگۈن تولىمۇ خۇشال، نۇرغۇن كىشىلەر ئۇنچە خۇشال ئەمەس، بۇ دەل سايلامنىڭ ماھىيىتى، بۇ دەل دېموكراتىيەنىڭ ماھىيىتى. كۈرەش جاپالىق، بەزىدە تالاش-تارتىشلار زورىيىپ كېتىدۇ، ۋارقىراش-جارقىراشلار پەلەككە يېتىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەممە ئىشلار دائىم كىشىنى كۆڭۈلنى خۇش قىلىۋەرمەيدۇ.

ئەمما تۇنجى قېتىم سىياسىي پائالىيەتلەرگە قاتناشقان ياشلار بۇ قېتىمقى نەتىجىدىن ئۈمىدسىزلەنگەن بولۇشى مۇمكىن، مەن سىلەرنىڭ مەيۈسلەنمەسلىكىڭلارنى، جاھاندىن نارازى بولماسلىقىڭلارنى، ئۆزۈڭلارنى يارامسىز دېمەسلىكىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن. خۇددىن ھىلارى كىلىنتون بۈگۈن چۈشتە دېگىنىدەك، كۈرەش قىلىشقا ئەرزىسىلا كۈرەش قىلىش كېرەك. بەزىدە مۇنازىدە ئۇتتۇرۇپ قويۇشىڭىز، بەزىدە سايلامدا ئۇتتۇرۇپ قويۇشىڭىز مۇمكىن.

كۆپچىلىك دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىيات يولىنىڭ ئەگرى-توقايلىققا تولغانلىقىنى بىلىدۇ. بەزىدە قىسمەن كىشىلەر ئالغا ئىلگىرىلەۋاتقاندەك ھېس قىلسا، بەزىلەر ئارقىدا قالغاندەك ھېس قىلىدۇ. بۇ ئانچە چوڭ مەسىلە ئەمەس، مەنمۇ ئىلگىرى سايلامدا مەغلۇب بولۇپ باققان.

سىياسىي بەزىدە مانا مۇشۇنداق بولىدۇ. بىز تىرىشىپ ئۆزىمىزنىڭ توغرا ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىماقچى بولدۇق، ئاندىن كۆپچىلىك بېلەت تاشلىغانىدى. كېيىن، بىز ئۇتتۇرغانىدۇق. بىز ئۆزىمىزنىڭ خاتالىقلىرى ئىچىدىن ئۆگىنىپ، خاتالىقلىرىمىز ئۈستىدە ئويلىنىشىمىز، ئۆزىمىزنىڭ دىل يارىمىزغا نەزەر سېلىپ، ئۈستىمىزدىكى چاڭ-توزانلارنى قېقىۋېتىپ، رىقابەت مەيدانىغا قايتىپ كېلىپ، ئىشلارنى داۋاملاشتۇرۇشىمىز كېرەك. كېيىنكى قېتىم بىز تېخىمۇ تىرىشىمىز.

مۇھىمى شۇكى، ئالغا ئىلگىرىلىشىمىزنىڭ ئاساسى ئۆزىمىزنىڭ قېرىنداشلىرىغا ئىشىنىشتۇر. بۇ شۇنىڭ ئۈچۈنكى، بۇ خىل ئۆزئارا ئىشىنىشنىڭ ئاساسى دېموكراتىيەنى ھاياتى كۈچكە ئىگە قىلىدىغان ۋە ئۈنۈملۈك يۈرۈشتۈرىدىغان ھالقا. دۆلىتىمىز دەل مۇشۇنداق ھالەتتە 240 يىل ئالغا ئىلگىرىلىدى. بىز دەل مۇشۇنداق دۇنيادىكى پاسىللارنى بۇزۇپ، ئەركىنلىكنى كېڭەيتىپ كەلدۇق. بىز دەل مۇشۇنداق دۆلەت قۇرۇلغان چاغدىكى ھوقۇقنى بارلىق پۇقرالارغا بېرىۋەتتۇق. بىز دەل مۇشۇنداق يولدا مېڭىپ كەلدۇق.

شۇ ۋەجىدىن مەن شۇنىڭغا ئىشىنىمەنكى، ئامېرىكىلىق بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، بىز بۇ ئاجايىپ سەپەرگە قەدەم باسقانىكەنمىز، ئاخىرىنى چىقىرالايمىز. مەن ئۆزۈمنىڭ بارلىق ئىمكانىيىتىم بىلەن كېيىنكى نۆۋەتلىك زۇڭتۇڭنىڭ بۇ نۇقتىنى ئۇتۇقلۇق تاماملىشىغا كاپالەتلىك قىلىشنى ئۈمىد قىلىمەن. مەن ئىلگىرىمۇ دېگەن، مېنىڭچە بۇ خىزمەت مارافونچە يۈگۈرۈش مۇسابىقىسىگە ئوخشايدۇ. سىز كېلىپ كالتەكنى ئېلىپ، بار كۈچىڭىز بىلەن يۈگۈرىسىز، كالتەكنى تاپشۇرىدىغان چاغدا يەنە يىراقراق يۈگۈرۈپ، ئازراق بولسىمۇ ئىلگىرىلەشنى ئويلايسىز. مەن شۇنداق دەيمەنكى، بىز بۇ نۇقتىنى قىلالىدۇق، مەن كالتەكنى ئۆتكۈزۈپ بېرىشنىڭ ئوڭۇشلۇق بولۇشنى ئۈمىد قىلىمەن، چۈنكى بىز ئاخىرىدا يەنىلا بىر كوللېكتىپقا تەۋە.

كۆپچىلىككە رەھمەت!  [0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#