2-دۇنيا ئۇرۇشىدىكى ئەڭ ئۇۋال بولغان 10 چوڭ ھەربىي قوشۇن


چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

1. گېرمانىيە 6-جىتۈەنجۈن (گۇرۇپپىۋى ئارمىيە).

گېرمانىيە 6-جىتۈەنجۈنى ئەسلىدە چېكىنىپ چىقالايتتى، ياكى ياردەمچى قوشۇن يېتىپ كېلىشكە ئاز قالغاندا قورشاۋنى بۆسۈپ چىقىپ كېتەلەيتتى، بىراق ئۇلار ئۇنداق قىلمىدى، گىرلىر ئۇلارنى ئۇدۇللا دوزاخقا يولغا سالدى. كېيىن سوۋىت ئىتتىپاقى ئارمىيەسى ئىككى قېتىم ئۇلارنى تەسلىم بولۇشقا چاقىردى، بىراق ئۇلار رەت قىلدى. بىراق دەل مۇشۇ قارار ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىكى بۇرۇلۇش نۇقتىسى بولۇپ قالدى، چۈنكى 3-ئېمپىرىيەنىڭ تەقدىرى دەل مۇشۇ قوشۇن تەرىپىدىن بەلگىلىنەتتى

2. ياپونىيە مىدۋاي ئارىلى (Midway) ماتورلاشقان قوشۇنى.

ياپونىيەنىڭ بۇ قوشۇنغا تۇتقان پوزىتسىيى بەكلا ئۆزگىچە. ئەگەر پەقەت مۇشۇ قوشۇننى قۇربان قىلىپلا غەلبە قىلغىلى بولىدىغان بولسا ئىش باشقىچە بولاتتى. ئامېرىكا گەرچە مەخپى شىفىرنى يەشكەن بولسىمۇ، بىراق يەنىلا ئۇرۇشتا غەلبە قىلالايدۇ، دېگىلى بولمايىتتى، ياپونلۇقلار چارلىغۇچى ئايروپىلاندا نېمە ئۈچۈن كاشىلا چىققانلىقىنى بىلەلمىدى، نېمە ئۈچۈن ئامېرىكا پاراخوت ئارمىيىسىگە قاراپ ئۇچقان چارلىغۇچى ئايروپىلانلاردىلا كاشىلا چىقىپ ئىككى سائەت كېيىن ئۇچقانلىقىنىڭ سەۋەبىنى بىلمىدى ياكى شۇنى ھىس قىلالمىدى. ياپونلۇقلار چارلىغۇچى ئايروپىلانلاردا كاشىلا چىققانلىق ئاخباراتىنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن، يېرىم سائەت ۋاقىت سەرپ قىلىپ ئاندىن ئاۋىئاماتكا ھۇجۇم قىلىپ كېلىۋاتقان بولۇش ئىھتىمالى بار، دېگەننى كاللىسىغا كەلتۈردى.

ئامېرىكا بومباردىمانچى ئايروپىلانلىرى قانداق قىلىپ ياپونىيەنىڭ چۆكمە پاراخوتقا قارشى ئۇرۇش قىلىش ۋەزىپىسىنى تاماملاپ قوشۇنغا قايتىپ كەلگەن پاراخوتلىرى ئارقىلىق ئاسمانغا كۆتۈرۈلدى؟ سەھەر سائەت 10 دا ياپونىيە ئايروپىلانلىرى چارلاش ۋەزىپىسىنى تاماملاش ئۈچۈن تەييارلىق قىلىپ بولغان، پەقەت بەش مىنۇتتىن كېيىنلا ھەممىسى ھاۋاغا كۆتۈرۈلەلەيىتتى، بىراق ئامېرىكا بومباردىمانچى ئايروپىلانلىرى نېمە ئۈچۈن دەل شۇ ۋاقىتتا پەيدا بولىدۇ؟ ماشىنىلاشقان پاراخوتنى پەقەت ئاۋىئاماتكىلا ئېتىپ چۆكتۈرەلەيدۇ، شۇنداق تۇرۇپ ياپونىيە نېمە ئۈچۈن باشقا پاراخوت ئىشلەتمىدى؟ بۇ دەل تىنچ ئوكيان ئۇرۇشىدىكى بۇرۇلۇش نوقتىسى بولۇپ قالدى.

3. گومىنداڭ ئارمىيىسىنىڭ نەنجىڭنى قوغداپ تۇرىۋاتقان قوشۇنى.

ھەممە ئادەم نەنجىڭنى قوغداپ قالغىلى بولمايدىغانلىقىنى بىلىدۇ، بىراق بۇ جايغا يەنە 100 مىڭ كىشىلىك قوشۇن ئەۋەتىلدى. ئۇلار چىكىنگەندە قۇماندان يوق، قورشاۋنى بۇزۇپ چىقىپ كەتمەكچى بولغاندا پىلان يوق. نەتىجىدە بەزىلىرى قوشۇننى بۆسۈپ چىقتى، بەزىلىرى دەريادىن ئۆتتى، بەزىلىرى خەلقئارا مۇساپىرلار رايونىغا كىردى، ئاخىرىدا ھەممىسى تۇتۇلۇپ ئەسىرگە چۈشتى. بىراق تەلۋە ياپونلار خەلقئارا قانۇنغا پىسەنتمۇ قىلىپ قويماي، 100 مىڭ كىشىلىك قوشۇننى پۈتۈنلەي قىرىپ تاشلىدى. بۇ نېمە دېگەن ئۇۋالچىلىق.

4. ئامېرىكا پيورېل خاربور پورتى (Pearl Harbor) دىكى تىنچ ئوكيان پاراخوت ئەترىتى.

يەتتە ئۇرۇش پاراخوتى ئېغىر زىيانغا ئۇچرىدى، ئۇۋال بولغىنى شۇكى، رادار خېلى بۇرۇنلا ياپونىيە ئارمىيىسىنىڭ ئايروپىلانلىرىنى بايقىغان ئىدى. 1934-يىلى ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيىسى شۇنداق بىر تەجىربە ئىشلەپ، ئايروپىلانلارنىڭ ئۇرۇش پاراخوتىغا ئېغىر زىيان سالالايدىغانلىقىنى ئىسپاتلىغان، بىراق شۇ ۋاقىتتا ئۇلار ياپون ئارمىيىسىگە پىسەنت قىلمىدى، نەتىجىدە يەتتە ئۇرۇش پاراخوتى، باشقا پاراخوتتىن 20 نەچچىسى، پورت قوغداش قىسمى، زەمبىرەك ۋە ئېغىر تىپلىق پىلىمۇتتىن 1000ى قاتتىق زەربىگە ئۇچرىدى.

5. گومىنداڭنىڭ جۇڭگونىڭ خېنەندە تۇرۇشلۇق تاڭئېنبو 37-جىتۈەنجۈنى.

1944-يىلى باھاردا، 300 مىڭ كىشىلىك جۇڭگو ئارمىيىسى ياپونىيە ئارمىيىسى تەرىپىدىن مەغلۇپ قىلىندى، تاپئېنبو گىنرالنىڭ ئۇۋالچىلىقى 36 كۈندە 37 شەھەرنى تارتقۇزۇپ قويۇش ئەمەس، 200 مىڭ كىشىلىك قوشۇنىدىن ئايرىلىپ قالغىنىمۇ ئەمەس، بەلكى خېنەن ئۆلكىسىدىكى پۇقرالارنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچرىغانلىقىدۇر. خېنەن ئۆلكىسىدىكى پۇقرالارنىڭ دۆلەت ئارمىيىسىگە بولغان ئۆچمەنلىكى ياپون ئارمىيىسىنىڭكىدىنمۇ ئېشىپ چۈشىدىغان بولغاچقا، خېنەن دېھقانلىرى جۇڭگو ئارمىيىسى بىلەن ئۇرۇشقان، جۇڭگو ئۇرۇش تارىخىدا بۇنداق ئىشتىن يەنە بىرى بولۇپ باقمىغان ئىدى.

گومىنداڭ ئەسكەرلىرى خېنەن ئۆلكىسىدە مانا مۇنداق ئىشلارنى قىلغان ئىدى: ئەسكەرلەر كوچىلاردا ئۇچرىغان پۇقرالارنى تۇتۇپ باغلاپ قويدى ۋە ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنى پۇل ئېلىپ كېلىپ ئادەمنى ئېلىپ كىتىشكە بۇيرىدى. ھۆكۈمەت بەلگىلىگەن باج تالونلىرى كىشىلەرنىڭ ئىشىك-دەرىزىلىرىنى پۈتۈنلەي ئىگىلىدى، ئەسكەرلەر قاراقچىلار ۋە ئوغرىلار بىلەن تىل بىرىكتۈرۈپ، ھېچ قانداق سەۋەبسىزلا پۇقرالارنى تۇتۇپ سولىدى، ئالدىغا ئۇچرىغانلىرىنى تۇتۇپ ئېلىپ كەتتى ...

1940-يىلىدىن 1944-يىلىغىچە بولغان تۆت يىل ئىچىدە خېنەن ئۆلكىسىدىكى گومانداڭ ئارمىيىسى ياپون ئارمىيىسى بىلەن ھېچ قانداق ئۇرۇش قىلمىدى، ئەكسىچە ياپون ئارمىيىسى بىلەن سودا قىلدى. ئۇرۇش مەزگىلىدە ياپونلۇق بىر مۇخبىر خېنەن پۇقرالىرىنىڭ مۇنداق دېگىنىنى ئاڭلىغان:«مەن ياپون ئارمىيىسىدىنمۇ ۋەھشى بىر قوشۇننى تۇنجى قېتىم بايقىدىم.» گومىنداڭ ئەسكەرلىرى ئۆز خەلقىنى شۇنداق خورلىرى، ئاخىرىدا پۇقرالار 100 مىڭ كىشىلىك قوشۇننى ئۆلۈمگە مەھكۇم قىلدى.

6. ئەنگىلىيە «خۇد» (Hood) ناملىق ئۇرۇش پاراخوت ئەترىتى.

گىرمانىيە «بىسمارك» (Bismarck) ناملىق ئۇرۇش پاراخوتى ئاتقان تۆت زەمبىرەكنىڭ بىرى ئۇدۇل كېلىپ ئوق-دورا ئىسكىلاتىغا تەگدى، بىراق «بىسمارك» ناملىقمۇ ئۇزۇن ئۆتمەي بىر تور پىدانىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراپ چۆكۈپ كەتتى. شۇنىڭ بىلەن بۇ ئىككى پاراخوتنىڭ ئىككىلىسى ئۇۋالچىلىققا ئۇچراپ دېڭىزغا غەرق بولدى. بىراق ئاخىرىدا ئاتلانتىك ئوكيان دېڭىز يۈزى ئۇرۇشىدا ئەنگىلىيە ئارمىيىسى غەلبە قىلدى.

7. ياپونىيە گودال (Guadal) ئارىلى قوشۇنى.

بۇ قوشۇن ھاۋا ئارمىيىسىنىڭ گودال ئارىلىنى قوغداپ قالمايدىغانلىقىنى ئېنىق بىلىپ تۇرۇپمۇ يەنىلا ئەسكەر چىقاردى. شۇنىڭ بىلەن 100 ئادەم بىكارغىلا قۇربان بولدى. كېيىن يەنە 3000 ئەسكەر ئەۋەتىپ، ھەممىسى يەر چىشلىدى، يەنە 20 مىڭ ئادەم ئەۋەتكەن ئىدى، جان تەسلىم قىلدى. 20 مىڭدىن ئارتۇق ئەسكەر قۇربان بولسىمۇ ئۇرۇشتا ئازراق غەلبە قولغا كەلمىگەنلىكىنى ھەممىسى كۆرۈپ تۇرۇپمۇ يەنىلا چىكىنمىدى، ئىككى ئاي تىركەشتى، ئاخىرىدا 50 مىڭ ئادەم جېنىدىن ئايرىلدى، بۇلارنىڭ 30 مىڭى ئاچلىق ئۆلگەن ئىدى.

8. گىرمانىيە مەركىزى جىتۈەنجۈنى.

1941-يىلى سوۋىت ئىتتىپاقى قىش پەسلىنى كۈتىۋالغاندا، ھە دەپ موسكىۋاغا ئەسكەر تارتىۋاتقان گىرمانىيە ئارمىيىسىنىڭ گىنرالى ئۆزلىرى ئۈچۈن قىشلىق كېيىم تەييارلاپمۇ قويمىدى. شۇنىڭ بىلەن دالىدا قالغان گىرمان قوشۇنلىرى سوغۇققا چىدىيالمىدى، قوشۇن ئىلگىرلەشنى توختىتىشقا مەجبۇر بولدى، ئىسكىلاتلارنى چىدىر ئۆيگە ئۆزگەرتتى. بىراق ئىسسىنىش ئۈسكىنىلىرى بولمىغاچقا، ئىسكىلات توڭلاتقۇغا ئايلاندى. شۇنىڭ بىلەن ئەسكەرلەر توڭلاپ ئۆلۈشكە باشلىدى. گىرمانىيە تەرەپ شۇ ۋاقىتتا 80 مىڭ ئادەمنىڭ توڭلاپ ئۆلگەنلىكىنى ئىتراپ قىلغان بولسىمۇ، بىراق ئەمەلىيەتتە 150 مىڭ گىرمان ئەسكىرى شۇ جايدا مۇزلاپ مۇردىغا ئايلانغان ئىدى.

9. سوۋىت ئىتتىپاقى ئارمىيىسى قىرىم قوشۇنى.

سوۋىت ئىتتىپاقى ئارمىيىسى قىرىم قوشۇنى 400 مىڭ كىشىلىك قوشۇن بولسىمۇ، بىراق 1942-يىلى 2-ئايدا گىرمانىيەنىڭ 100 مىڭ كىشىلىك قوشۇنى تەرىپىدىن يېڭىلىپ قالدى، 300 مىڭ ئادەم ئەسىرگە چۈشتى، گەرچە گىرمانىيە ئارمىيىسىنى ھاۋا ئارمىيىسىنىڭ ئايروپىلانلىرى قوغداپ تۇردى، دېگەن تەقدىردىمۇ، ئۇرۇشتا بۇنداق ئۇۋالچىلىققا ئۇچراپ مەغلۇپ بولۇش ھېچ كىمنىڭ كاللىسىدىن ئۆتمەيدۇ، بۇ ئۇرۇش سوۋىت ئىتتىپاقىنىڭ جەنۇبى لىنىيىسى ۋەزىيىتىنى ئۆزگەرتتى.

10. فىرانسىيە تولون پورتى (Toulon port) دىكى فىرانسىيە ئاساسى پاراخوت ئەترىتى.

80 دانە پاراخوت ئىچىدە ئۇرۇش پاراخوتى، چارلىغۇچى پاراخوت، سۇ ئاستى پاراخوتى قاتارلىقلار بار بولۇپ، بۇلارنىڭ ھەممىسى چۆكۈپ كەتتى، بىراق بۇ فىرانسىيەلىكلەر ناھايىتى كۆپ پۇل سەرپ قىلىپ ياساپ چىققان پاراخوت ئىدى، نەتىجىدە بولسا ئۇلار ئۆزلىكىدىنلا چۆكۈپ كەتتى.


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

خەتكۈچلەر:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (12 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    83.3%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    8.3%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    8.3%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#