كىم جوڭئۇننىڭ دادىسىنىڭ دەپنە مۇراسىمىدا سۆزلىگەن نۇتۇقى

كىم جوڭئۇننىڭ دادىسىنىڭ دەپنە مۇراسىمىدا سۆزلىگەن نۇتۇقى

بۇ دۇنيادىكى ئەڭ ياش دۆلەت رەھبىرى كىم جوڭئۇننىڭ دادىسى كىم جوڭئىلنىڭ دەپنە مۇراسىمىدا سۆزلىگەن نۇتۇقى بۇلۇپ، قىسقا، ئەمما قاراتمىلىقى كۈچلۈك نۇتۇقلارنىڭ بىرى.

ئۇيغۇرچە نامى كىم جوڭئۇننىڭ دادىسىنىڭ دەپنە مۇراسىمىدا سۆزلىگەن نۇتۇقى
سۆزلىگۈچى كىم جوڭئۇن
خەنزۇچە نامى 金正恩在父亲的葬礼上的演讲

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

كىم جوڭئۇننىڭ دادىسىنىڭ دەپنە مۇراسىمىدا سۆزلىگەن نۇتۇقىبىز بىر قەھرىمانىمىزدىن ئايرىلدۇق. 

ئەمما بۇ مەغلۇبىيەتتىن دېرەك بېرەمدۇ؟ ياق، بۇ پەقەتلا بىر باشلىنىش. 

ئامېرىكىغا سېلىشتۇرغاندا، چاۋشيەن دېموكراتىك خەلق جۇمھۇرىيىتىمىزنىڭ دۆلەت كۈچى ئۇلارنىڭ دۆلەت كۈچىنىڭ 30 دىن بىرىگىمۇ توغرا كەلمەيدۇ، ئەمما بىز يەنىلا كەسكىنلىك بىلەن ئۇلارغا رىقابەت ئېلان قىلدۇق، بۇ نېمە ئۈچۈن؟

ھەرقايسىڭلار، چاۋشيەن دېموكراتىك خەلق جۇمھۇرىيىتىمىز ئۈچۈن ھەققانىي كۈرەش قىلىۋاتىسىلەر! بۇ نۇقتا بۇ يەردىكى ھەممەيلەنگە ئىنتايىن ئېنىق. 

بىز ئۇرۇش قاينىمىغا كىرىپ قالدۇق، دۆلەت نائىلاج پارچىلاندى. 

ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئامېرىكىنىڭ ھوقۇق كۈچى دۇنياغا كېڭىيىپ، ھۆكۈمرانلىق قىلىۋاتقىلى 50 يىلدىن ئاشتى. شىمالىي قىسىمدا تۇرۇۋاتقان بىز ئىلگىرى ئامېرىكىغا بىرلىككە كېلىش تەلىپىمىزنى نەچچە رەت ئوتتۇرىغا قويغان بولساقمۇ، ئەمەلگە ئاشمىغانىدى.

چاۋشيەن دېموكراتىك خەلق جۇمھۇرىيىتى ئىنسانىيەتنىڭ ئەركىنلىكى ئۈچۈن كۈرەش قىلىدۇ، شۇڭا تەڭرى بىزنى تاشلىۋەتمەيدۇ. 

مېنىڭ ئاتام، يەنى ھەرقايسىڭلارنىڭ ھۆرمەتلىك ئۇلۇغ داھىيسى، باش شۇجى كىم جوڭئىل ۋاپات بولدى، نېمە ئۈچۈن؟

يېڭى دەۋردىكى زوراۋانلىق بىزنىڭ مۇشۇنداق ئاساسىي ئىدىيەگە ئىگە پۇقرالىرىمىزغا مەنسۇپ، بۇ تارىخنىڭ مۇقەررەرلىكى.

شۇڭا، بىز چوقۇم ئۆزىمىزنىڭ بىر جۈپ قولى بىلەن بۇ ئۇرۇش ۋەزىيىتىنى يارىتىشىمىز كېرەك. بىز بۇ رەھىمسىز دۇنيادا مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشتا، ئازاب-ئوقۇبەتلەرنى بىرلىكتە قوبۇل قىلىشىمىز ھەمدە ئۆزىمىزنىڭ مەدەنىيىتىمىزنى بەرپا قىلىشىمىز كېرەك. 

باش شۇجى كىم جوڭئىل ئېيتقاندەك، بۇ ئىنسانىيەتنىڭ ئىسلاھاتى بىز پىرولتارىيات سىنىپىدىن باشلىنىدۇ. ئەمما، ئاشۇ ئامېرىكىنىڭ قارىغۇ چاشقانلىرى ئۆزلىرىنىڭ ئىنسانىيەتنى ئىدارە قىلىش ھوقۇقىنى قوغداش ئۈچۈن قارشىلىق كۆرسىتىۋاتىدۇ.

ھەرقايسىڭلارنىڭ قېرىنداشلىرى ئامېرىكىنىڭ رەھىمسىز سۈيتقەستلىرىدە ئۆلۈپ كەتكەن. بۇ قىساسنى نېمە بولۇشىدىن قەتئىينەزەر ئۇنتۇپ قالساق ھەرگىز بولمايدۇ.

بۇ باش شۇجى كىم جوڭئىلنىڭ بىزگە بەرگەن بېشارىتى.

ھازىر، بىز ئۆزىمىزنىڭ غەزەپ-نەپرىتىمىزنى مۇجەسسەملەپ، ئامېرىكىغا زەربە بېرىپ، ھەقىقىي غەلىبىنى قولغا كەلتۈرۈشىمىز كېرەك. 

پەقەت غەلىبە قىلساقلا، ئۇرۇشتا ئۆلۈپ كەتكەنلەرنىڭ روھىنى ئەمىن تاپقۇزالايمىز.

بىز بىر مۇنەۋۋەر مىللەت بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن يەنە ئىنسانىيەتنى قۇتقۇزۇشتەك ئۇلۇغ مەسئۇلىيەتنى زىممىمىزگە ئېلىشىمىز كېرەك. 

كىم جوڭئۇن

كىم جوڭئۇن كىم جوڭئۇن 1983-يىلى 1-ئاينىڭ 8-كۈنى تۇغۇلغان. ھازىر چاۋشيەننىڭ ئالىي رەھبىرى، چاۋشيەن دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەھبىرى، چاۋشيەن ئەمگەك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 1-شۇجىسى، چاۋشيەن ئەمگەك پارتىيەسى مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ باشلىقى، چاۋشيەن دېموكراتىك خەلق جۇمھۇرىيىتى دۆلەت مۇداپىئە كومىتېتىنىڭ 1-باشلىقى، چاۋشيەن ئارمىيەسىنىڭ ئالىي قوماندانى. كىم جوڭئۇن چاۋشيەننىڭ 2-ئەۋلاد ئالىي رەھبىرى كىم جوڭئىلنىڭ كەنجى ئوغلى، 1-ئەۋلاد ئالىي رەھبىرى كىم ئېرسىننىڭ نەۋرىسى. 

كىم جوڭئىل

كىم جوڭئىلكىم جوڭئىل 1941-يىلى 2-ئاينىڭ 16-كۈنى تۇغۇلۇپ، 2011-يىلى 12-ئاينىڭ 17-كۈنى ۋاپات بولغان. ئۇ چاۋشيەننىڭ 2-ئەۋلاد ئالىي رەھبىرى. ئۇ ھايات ۋاقتىدا چاۋشيەن ئەمگەك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، چاۋشيەن دۆلەت مۇداپىئە كومىتېتىنىڭ باشلىقى، چاۋشيەن خەلق ئارمىيەسىنىڭ ئالىي قوماندانى، چاۋشيەن ئەمگەك پارتىيەسى مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىېتىنىڭ باشلىقى ئىدى. كىم جوڭئىل چاۋشيەننىڭ دۆلەت قۇرغۇچى رەھبىرى كىم ئېرسىننىڭ چوڭ ئوغلى. ئۇ شەكلەن سايلام ئارقىلىق دادىسىنىڭ ئالىي رەھبەرلىك ئورنىغا ۋارىسلىق قىلىپ، چاۋشيەنگە 17 يىل ھۆكۈمرانلىق قىلغان. [0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#