كۆك قۇتان

كۆك قۇتان

كۆك قۇتان چوڭ تىپتىكى قىرغاق قۇشلىرى تۈرىگە تەۋە بولۇپ ، ئاساسلىق سۇ بويلىرىدا ياشايدۇ . ئۇنىڭ باش ، بويۇن ، پۇتى ۋە تۇمشۇقى ئۇزۇن ، ئەمما بەدىنى ئورۇق كۆرۈنىدۇ . 

نامى كۆك قۇتان
لاتىنچە ئاتىلىشى Ardea cinerea
ئۇرۇقدېشى كۆك قۇتان
تۈرى كۆك قۇتان
خەنزۇچە ئاتىلىشى 苍鹭
تۈركۈمى لەيلەكسىمانلار ئەترىتى
سىنىپى قۇشلار سىنىپى
چەتئەلچە نامى Grey Heron

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

كۆك قۇتان ئۇنىڭ باش، بويۇن، پۇتى ۋە تۇمشۇقى ئۇزۇن ، ئەمما بەدىنى ئورۇق كۆرۈنىدۇ . ئەركەك كۆك قۇتاننىڭ بەدەن ئېغىرلىقى 942 گرامدىن – 1825 گرامغىچە، چىشى كۆك قوتاننىڭ بەدەن ئېغىرلىقى 1030 گرامدىن – 1750 گرامغىچە كېلىدۇ.

ئەركەك كۆك قوتاننىڭ بەدىنىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 750 مىللىمېتىردىن – 1052 مىللىمېتىرغىچە، چىشىسىنىڭ 750 مىللىمېتىردىن – 1000 مىللىمېتىرغىچە كېلىدۇ ؛ ئەركەك كۆك قۇتاننىڭ تۇمشۇقىنىڭ ئۇزۇنلىقى 106 مىللىمېتىردىن – 127 مىللىمېتىرغىچە، چىشىسىنىڭ 100 مىللىمېتىردىن – 130 مىللىمېتىرغىچە كېلىدۇ.

ئەركەك كۆك قوتاننىڭ قانىتىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 375 مىللىمېتىردىن – 460 مىللىمېتىرغىچە ، چىشىسىنىڭ 415 مىللىمېتىردىن – 460 مىللىمېتىرىغىچە كېلىدۇ.

 ئەركەك كۆك قوتاننىڭ قۇيرۇقىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 154 مىللىمېتىردىن – 185 مىللىمېتىرغىچە ، چىشىسىنىڭ 140 مىللىمېتىردىن – 175 مىللىمېتىرغىچە كېلىدۇ ؛ ئەركەك كۆك قوتاننىڭ پۇتىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 137 مىللىمېتىردىن – 160 مىللىمېتىرغىچە ، چىشىسىنىڭ 135 مىللىمېتىردىن – 160 مىللىمېتىرغىچە كېلىدۇ .

كۆ قۇتانكۆك قۇتان چوڭ تىپتىكى قىرغاق قۇشلىرى تۈرىگە تەۋە.

ئاساسلىق سۇ بويلىرىدا ياشايدۇ .

كۆك قۇتانكۆك قوتان دۆلىتىمىزنىڭ ھەر قايسى جايلىرىغا تارقالغان. 

چەت ئەللەردە بولسا، ئافرىقا قىتئەسى، ماداغاسقار، ياۋرۇپا – ئاسىيا چوڭ قۇرۇقلۇقىغا ، ئەنگلىيىنىڭ لوندوندىكى ئۈچ ئارىلىدىن يىراق شەرق دېڭىز قىرغاقلىرىغىچە ۋە ساخالىن ئارىلى ۋە ياپونىيە ، جەنۇبتا چاۋشيەن ، مۇڭغۇلىيە ، ئىراق ، ئىران ، ھىندىستان ، جۇڭگو ۋە ئوتتۇرا جەنۇبىي يېرىم ئارالدىكى بەزى دۆلەتلەرگە تارقالغان.

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

1.

شىنخۇا تورى ئۇيغۇرچە قانىلى

http://uyghur.news.cn/20120428/c_131557758.htm

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#