فېرمات فرانسىيە نىڭ جەنۇبىدا تۇغۇلغان بولۇپ، ئۇنىۋېرسىتېتتا قانۇن ئۆگەنگەن، كېيىن ئادۋوكاتلىقنى كەسىپ قىلغان ۋە پارلامېنت ئەزالىقىغا سايلانغان

ئۇيغۇرچە ئىسمى فېرمات
دۆلەت تەۋەلىكى فرانسىيە
ۋاپات بولغان ۋاقتى 1665-يىل 1-ئاينىڭ 12-كۈنى
چەتئەلچە نامى Pierre de Fermat
خەنزۇچە ئىسمى 皮埃尔·德·费马
تۇغۇلغان ۋاقتى 1601-يىل 8-ئاينىڭ 17-كۈنى
كەسپى ئادۋوكات ۋە ئىشتىن سىرتقى ماتىماتىكا ئالىمى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

17-ئەسىردىكى فرانسىيە لىك بىر ماتېماتىك بىر قىيىن ماتېماتىكا مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، كېيىنكى ماتېماتىكلارنى ئىلاجسىز قويىدۇ، بۇ ئادەم فېرمات (1601 -1665) تۇر. بۇ مەسىلە مۇنداق: 2 «n بولغاندا، nz=ny+nx نىڭ مۇسبەت پۈتۈن سان يېشىمى بولمايدۇ. بۇ ماتېماتىكىدا فېرمات چوڭ تېئورېمىسى دەپ ئاتالغان. بۇ مەسىلىنى ئىسپاتلاپ مۇئەييەنلەشتۈرۈش ياكى ئىنكار قىلىش ھەققىدە، تارىختا نەچچە قېتىم مۇكاپات بېرىلىدىغان جاۋاب تەلەپ قىلىنغانلىقتىن، بىرنەچچە دەۋرنىڭ ئەڭ مۇنەۋۋەر ماتېماتىكلىرى ئۇنى تەتقىق قىلدى، بىراق 300 نەچچە يىل ئۆتۈپ كەتتى، تا ھازىرغىچە يا ئىسپاتلانمىدى، يا ئاغدۇرۇۋېتىلمىدى. زامانىۋى ئېلېكترونلۇق كومپيۇتېر ئىشلىتىلىپمۇ، ئاران 41000000 ≤n بولغاندا، فېرمات چوڭ تېئورېمىسىنىڭ توغرىلىقى ئىسپاتلاندى. شۇڭا ئۇ ماتېماتىكا قىيىن مەسىلىلىرى ئىچىدىكى ئاز ئۇچرايدىغان بىر سىرنى قالدۇرۇپ كەتكەن.

فېرمات فرانسىيە نىڭ جەنۇبىدا تۇغۇلغان بولۇپ، ئۇنىۋېرسىتېتتا قانۇن ئۆگەنگەن، كېيىن ئادۋوكاتلىقنى كەسىپ قىلغان ۋە پارلامېنت ئەزالىقىغا سايلانغان. فېرمات ئىشتىن سىرتقى ۋاقىتلىرىنىڭ ھەممىسىنى پەلسەپە، ئەدەبىيات، تارىخ، قانۇنغا ئوخشاش كىتابلارنى ئوقۇشقا سەرپ قىلغان. ئۇ 30 ياشقا كىرگەندە ماتېماتىكىغا ئىشتىياق باغلاپ قالغان، 64 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتكەنگە قەدەر نۇرغۇن ئۇلۇغ بايقاشلارغا ئېرىشكەن. بىراق، ئۇ ئىنتايىن ئاز ماقالە ئېلان قىلغان، ئاساسەن دوستلىرى بىلەن قىلىشقان خەت-ئالاقىدە ئۆزىنىڭ ئىدىيىسىنى ئاشكارىلىغان، فېرمات ئۆلگەندىن كېيىن، ئۇنىڭ ئوغلى فېرماتنىڭ خاتىرىسى ۋە تەستىقىي ئىزاھلىرىنى رەتلەش ئارقىلىق ئۇنىڭ ئىدىيىسىنى قازىدۇ، بەختكە يارىشا فېرماتتا» كىتاب ئوقۇغاندا قەلەم تەۋرىتىدىغان «ئادەت بار بولۇپ، ئوقۇغان كىتابلىرىنىڭ ھەممىسىگە ئۇنى-بۇنى سىزىپ يېزىپ قويغان، بەتنىڭ ھاشىسىغا بەرگەن باھاسىنىمۇ پۈتۈپ قويغان. ئۇ ھۆكۈمەت ئىشىدىن سىرتقى چاغلاردا ماتېماتىكا بىلەن مەشغۇل بولغان ھەمدە مول نەتىجە قازانغان. كېيىنكى ماتېماتىكلار ئۇنىڭ نۇرغۇن قىياسلىرى ۋە دادىل ئىجادىيەتلىرىدىن نۇرغۇن نەپكە ئېرىشىپ، ئۇنى» ئىشتىن سىرتقى ماتېماتىكلار پادىشاھى» دەپ تەرىپلەشكەن.

فېرماتنىڭ ماتېماتىكىغا قوشقان تۆھپىسى: دېكارت بىلەن بىرلىكتە ئانالىتىك گېئومېتىرىيە ى بارلىققا كەلتۈرگەن؛ ئەگرى سىزىقنىڭ ئۇرۇنمىسىنى سىزىش ئۇسۇلىنى ئىجاد قىلىپ، دىففېرېنسىئال-ئىنتېگرالنى كەشىپ قىلغۇچىنىڭ بىرى بولغان نيۇتون تەرىپىدىن دىففېرېنسىئال-ئىنتېگرال ئىدىيەسىنىڭ پېشۋاسى دەپ ئاتالغان؛ قىممىتى بار قىياسلارنى ئوتتۇرىغا قويۇش ئارقىلىق، پۈتۈن سانلار توغرىسىدىكى نەزەرىيە − سان نەزەرىيەسىنىڭ تەرەققىيات يۆنىلىشىنى كۆرسىتىپ بەرگەن. ئۇ يەنە، شىشىخال تاشلاپ قىمار ئويناشتا ئۇتۇش-ئۇتتۇرۇشنىڭ قانۇنىيىتىنى تەتقىق قىلىپ، كلاسسىك ئېھتىماللىق نەزەرىيىسىنىڭ ئاساسچىلىرىدىن بىرى بولۇپ قالغان.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

1.

بەيدۇ قامۇسى

http://baike.baidu.com/view/6303430.htm

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#