ئادام سىمىت

ئادام. سىمىت

ئىقتىساد نەزەرىيەسى تەرەققىياتىدا ئېچىش خاراكتېرلىك تۆھپە قوشقان شەخس ئادام. سىمىت 1723-يىلى شوتلاندىيە نىڭ كىركالدى شەھىرىدە تۇغۇلغان. ياش ۋاقتىدا كامبرىد، ئوكسفورد ئۇنىۋېرسىتېتى دە ئوقۇغان. 1751-1764-يىلغىچە گلازگو ئۇنىۋېرسىتېتىدەە پروفېسسور بولۇپ تۇرغان.

ئۇيغۇرچە ئىسمى ئادام سىمىت
باشقا نامى Adam Smith
يۇرتى كىركالدى شەھىرى
ۋاپات بولغان ۋاقتى 1790-يىلى
خەنزۇچە ئىسمى 亚当·斯密
دۆلەت تەۋەلىكى شوتلاندىيە
تۇغۇلغان ۋاقتى 1723-يىلى
پۈتتۈرگەن مەكتىپى ئوكسفورد ئۇنىۋېرسىتېتى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ئادام. سىمىتئىقتىساد نەزەرىيەسى تەرەققىياتىدا ئېچىش خاراكتېرلىك تۆھپە قوشقان شەخس ئادام سىمىت 1723-يىلى شوتلاندىيە نىڭ كىركالدى شەھىرىدە تۇغۇلغان. ياش ۋاقتىدا كامبرىد، ئوكسفورد ئۇنىۋېرسىتېتى دە ئوقۇغان. 1751-1764-يىلغىچە گلازگو ئۇنىۋېرسىتېتىدە پروفېسسور بولۇپ تۇرغان. بۇ جەرياندا ئۇ ئۆزىنىڭ تۇنجى ئەسىرى «ئەخلاق-پەزىلەت توغرىسىدا» نى ئېلان قىلىپ، ئىلىم ساھەسىدە شۆھرەت قازىنىدۇ. ۋەھالەنكى، ئۇنى مەڭگۈلۈك شۆھرەتكە ئېرىشتۈرگەن ئۇنىڭ بۈيۈك ئەسىرى «مىللىي بايلىقنىڭ خاراكتېرى ۋە سەۋەبلىرى ئۈستىدە تەتقىقات» ھېسابلىنىدۇ. بۇ ئەسەر 1776-يىلى ئېلان قىلىنغان. كىتاب ئوقۇشتىكى زور مۇۋەپپەقىيەت، ئادام سىمىتنىڭ پۈتۈن ھاياتىغا شان-شۆھرەت يەتكۈزدى. ئۇ 1790-يىلى كىركالدى شەھىرىدە ئالەمدىن ئۆتتى. ئۇ ئۆمۈر بويى ئۆيلەنمىگەنىدى. 

ئادام سىمىت ئىقتىساد نەزەرىيەسىگە ئۆزىنى بېغىشلىغان تۇنجى شەخس ئەمەس، بىراق ئۇ مۇكەممەل ئىقتىساد نەزەرىيەسى ياراتقان تۇنجى ئىقتىسادشۇناس، شۇنىڭ بىلەن كېيىنكى ئىقتىسادشۇناسلىققىمۇ ئاساس سېلىپ بەرگەنىدى. شۇڭلاشقا بىز «مىللىي بايلىقنىڭ خاراكتېرى ۋە سەۋەبلىرى ئۈستىدە تەتقىقات»-سىياسىي ئىقتىساد ئۈستىدە ئېلىپ بېرىلغان يېڭى تەتقىقاتنىڭ باشلىنىشى، دەپ ئادىللىق بىلەن ئېيتالايمىز.

«مىللىي بايلىقنىڭ خاراكتېرى ۋە سەۋەبلىرى ئۈستىدە تەتقىقات» نىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىرىنىڭ بىرى شۇكى، ئۇ نۇرغۇنلىغان مۇجىمەل قاراشلارنى ئېنىقلاپ چىققان. ئادام سىمىت ئەركىن رىقابەت قىلىشنى تەشەببۇس قىلىپ، دۆلەت چوقۇم زور مىقداردا ئالتۇن سساقلاشتەك سودا ئەلاچىلىقىنى تەكىتلەشنى تەنقىد قىلغان؛ شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۇ ئۆزىنىڭ بۇ كىتابىدا يەنە يەر-قىممەتنىڭ ئاساسىي مەنبەسى دېگەن كۆز قاراشنى رەت قىلىپ، ئەمگەكنىڭ مۇھىملىقىنى ۋە تەقسىمات ئارقىلىق ئىشلەپچىقىرىشنى كۈچەيتىش ئىدىيەسىنى تەكىتلىگەن ۋە يەنە مۇستەبىت ھۆكۈمەت يولغا قويغان سانائەت ئىشلەپچىقىرىشنى توختىتىش ۋە ئۇنىڭغا توسقۇنلۇق قىلىشتەك ھەر خىل كونا چەكلىمە تەدبىر ۋە ۋاستىلەرگە زەربە بەرگەن.

ئادام. سىمىت«مىللىي بايلىقنىڭ خاراكتېرى ۋە سەۋەبلىرى ئۈستىدە تەتقىقات» نىڭ ئاساسىي ئىدىيەسى مۇنداق: ئەركىن بازار ئۆز-ئۆزىنى تەڭشەش فۇنكىسيەسىگە، جەمئىيەت ياقتۇرىدىغان مەلۇم تۈردىكى ۋە مەلۇم مىقداردىكى تاۋارنى ئىشلەپ چىقىرىشقا ئۆزلۈكىدىن قارىتالايدىغان ئىقتىدارغا ئىگە. مەسىلەن، بازاردا مەلۇم ئېھتىياجلىق تاۋار كەم دەيلى، بۇنداق ئەھۋالدا، تەبىئىيكى ئۇنىڭ باھاسى ئۆسىدۇ؛ بۇ خىل يۇقىرى باھا بۇ خىل تاۋارنى ئىشلەپ چىقىرىدىغان ئادەملەرگە زور پايدا يەتكۈزىدۇ؛ پايدىنىڭ كۆپ بولۇشىدىن باشقا ئىشلەپچىقارغۇچىلارمۇ بۇ خىل تاۋارنى ئىشلەپ چىقىرىشقا بۇرۇلىدۇ. 

ئىشلەپچىقىرىشنىڭ كۆپىيىشى تەبىئىي ھالدا بازاردىكى قىسچىلىق ئەھۋالىنى پەسەيتەلەيدۇ. بۇنىڭدىن باشقا يەنە تاۋارنىڭ كۆپلۈكى، كارخانىلار ئوتتۇرىسىدىكى رىقابەت تاۋارنىڭ باھاسىنى ئىشلەپچىقىرىش تەننەرخى بىلەن بىردەك بولغان «تەبىئىي» سەۋىيىگە چۈشۈشكە مەجبۇرلايدۇ. جەمئىيەتتىكى ھېچقانداق بىر شەخسنىڭ تاۋار قسچىلىق ئەھۋالىنى تەشەببۇسكار ھالدا يوقىتىشنىڭ ھاجىتى يوق. شۇنىڭ بىلەن بۇ قىيىن مەسىلە ھەل بولدى. ئادام سىمىتنىڭ ئېيتىشىچە، ئادەم ھېسىياتلىق ھايۋان، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە تەپەككۇر ۋە ھېسداشلىق بىلەن ئۆز-ئۆزىنى ئىدارە قىلىپ تۇرىدۇ. بۇ خىل ئىككى ياقلىمىلىق ھەم ئىنساننى ئۆز ئارا كۈرەشكە سالىدۇ، ھەم ھەر ئىككى تەرەپ زىيانغا ئۇچرايدىغان كۈرەشنى پەسەيتىش ئۈچۈن كىشىلەرنى ئىجتىمائىي تۈزۈم تۈزەلەيدىغان قىلىدۇ. ھەتتا ئۇلار كۈرۈشنى ئورتاق مەنپەئەتكە ئۆزگەرتەلەيدۇ. ئۇ قايتا-قايتا مۇنداق يازىدۇ: ئۆز مەنپەئىتىنى قوغلىشىدىغان ئادەملەر دائىم «بىر خىل كۆرگىلى بولمايدىغان قول» نىڭ يېتكەلىشى بىلەن ماڭىدۇ. . . شەخسىي ئارزۇسىنى قاندۇرۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا، جەئىيەتكىمۇ ياخشىلىق يەتكۈزسە، ئاخىرى پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ مەنپەئىتىنى ئىلگىرى سۈرگىلى بولىدۇ. 

ئادام سىمىتنىڭ نۇقتىئىنەزىرىنىڭ توغرا-خاتالىقى ئۈستىدە ھازىرچە توختالماي تۇرايلى ھەم ئۇنىڭ نوپۇزى ۋە تەسىرى بۇنىڭدىن كېيىنكى ئىقتىساد نەزەرىيەسىگە قانداق ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرۈشى بىلەنمۇ ھېسابلاشماي تۇرايلى. ئادام سىمىتقا نىسبەتەن، مۇھىم مەسىلە ئۇ نۇرغۇن ئەللەرنىڭ پىلانى ۋە سىياسەتلىرىگە تەسىر كۆرسەتكەنىدى.

ئادام سىمىتنىڭ «مىللىي بايلىقىنىڭ خاراكتېرى ۋە مەسىلىسى ئۈستىدە تەتقىقات» ى تەپسىلىي ۋە ئېنىق يېزىلغان بولۇپ، ئۇنى دۇنياغا تونۇشقانىدى. ئۇ دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى سودىنى مونوپول قىلىۋالىدىغان سودا ئەلاچىلىقىغا قايتا-قايتا زەربە بېرىپ، ئەركىن ۋە ئېچىۋېتىشنى تەشەببۇس قىلاتتى، ھۆكۈمەتنىڭ ئارىلىشىشىغا قارشى تۇراتتى. گومرۇك بېجىنى كېمەيتىش كېرەكلىكىنى تەشەببۇس قىلاتتى. بۇ خىل تەشەببۇس 19-ئەسىردىكى 100 يىل ئىچىدە خەلقئارالىق سىياسەتكە تەسىر كۆرسەتكەنىدى. ھەتتا بۈگۈنكى كۈنگىچە ئۇنىڭ رول كۆرسىتىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلماقتىمىز. 

بىراق، ئادام سىمىتنىڭ ئىقتىسادىي نەزەرىيەسى ۋە ئىدىيىسىنىڭ كۆپ قىسمى كونىراپ كەتتى. ئۇنىڭ يېڭى ئىدىيە ئىگىلىدى. شۇڭلاشقا ئادام سىمىتنىڭ مۇھىملىقى ئۇنىڭ ئىقتىسادىي نەزەرىيەسىنىڭ تۇنجى ئاساسچىسى ئىكەنلىكى بىلەنلا چەكلىنىدۇ. ھالبۇكى، بۇ نەزەرىيەلەر ئەھمىيەت بېرىشمىزگە ۋە تەتقىق قىلىشىمىزغا ئەرزىيدىغان نەزەرىيەلەردۇر.

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (1 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    100%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#