كۇماراجىۋا

كۇماراجىۋا

 كۇماراجىۋا (مىلادىيە 344-413-يىللار) كۈسەندە تۇغۇلغان (بۈگۈنكى كۇچا ناھىيەسى نىڭ ئەتراپى) بولۇپ، ئۇنىڭ ئاتىسى ھىندىستان دىن كەلگەن، ئىسمى كۇماراتان، ئاپىسى جىۋا بولۇپ كۈسەن پادىشاھىنىڭ سىڭلىسى ئىدى. كۇماراجىۋا شەرقىي جىن سۇلالىسى دەۋرىدە غەربىي يۇرتتىكى ئوقۇمۇشلۇق زات ۋە راھىب، شۇنداقلا ئېلىمىزنىڭ بۇددا دىنى تارىخىدىكى داڭلىق تەرجىمەشۇناس. 

ئۇيغۇرچە ئىسمى كۇماراجىۋا
دۆلەت تەۋەلىكى جۇڭگو
يۇرتى كۈسەن(كۇچا)
ۋاپات بولغان ۋاقتى مىلادىيە 413-يىلى 20-ئاۋغۇست
باھاسى ئاتاقلىق تەرجىمان
باشقا نامى دۆلەت ئۇستازى
مىللىتى ئۇيغۇر
تۇغۇلغان ۋاقتى 344– يىلى
كەسپى بۇددىزىم
تارىخى دەۋرى كۇچا خانلىقى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

كۇماراجىۋا مىلادى 344– يىلى غەربىي يۇرتتىكى كۈسەن خانلىقىدا دۇنياغا كەلگەن. ئاتىسى كۇماراتان ﮬىندىستانلىق بولۇپ، ئەينى چاغدىكى ﮬىندىستاننىڭ مۇﮬىم دۆلەت ئەربابلىرىدىن بىرى ئىدى. ئانىسى جىۋا بولسا كۈسەن خانى ئاقارى پاكنىڭ سىڭلىسى ئىدى. مۇشۇنداق ئەۋزەل ئائىلىۋى مۇﮬىت ۋە ئوخشىمىغان مەدەنىيەتلەر ئۆزئارا ئۇچرىشىپ تۇرىدىغان يىپەك يولىدىكى مۇﮬىم تۈگۈن بولغان كۈسەننىڭ قويۇق مەدەنىي مۇﮬىتى ئۇنى كىچىكىدىن باشلاپلا ئەتراپلىق تەربىيىلىنىش ئاساسىغا ئىگە قىلغان. كۇماراجىۋا توققۇز يېشىدا يەنى مىلادى 353– يىلى ئانىسى جىۋا بىلەن شىمالىي ئەنەتكەك (شىمالىي ﮬىندىستان) كە ئىلىم تەﮬسىل قىلىشقا بارغان. بۇ يەردە ئاتاقلىق بۇددا ئۆلىماسى پانتۇدادۇدىن ﮬىنايانا بۇددىزمى بويىچە ئۈچ يىلدىن ئارتۇق سېستىمىلىق تەلىم ئالغان. ئۇ يەنە ماتېماتىكا، ئاسترونومىيە، تىبابەتچىلىك بىلىملىرىنىمۇ ئۆگەنگەن. 13 يېشىدا كۈسەنگە قايتقان ﮬەم 39 يېشىغىچە كۈسەندە ئىلمىي پائالىيەت ئېلىپ بارغان.

كۇماراجىۋا مىلادىيە 401 – يىلىدىن 413 – يىلىغىچە بولغان 12 يىلدا كېيىنكى چىڭ سۇلالىسىنىڭ پادىشاﮬى ياۋ شىڭنىڭ ئالاﮬىدە تەكلىپىگە ئاساسەن، چاڭئەندە دۆلەت ئۇستازى بولۇش سۈپىتى بىلەن بۇددا نوم– ئەھكاملىرىنى تەرجىمە– تەپسىر قىلىش ۋە شاگىرت تەربىيىلەش ئىشلىرى بىلەن مەشغۇل بولغان.

نەسەبى

ئاتسى كومىرايان مۇھىم دۆلەت ئەربابى، ئانىسى جىۋا بولسا مەشھۇر ئايال تېۋىپ

ئەسەرلىرى

جىۋا ئىچكى بەش ئەزا توغرىسىدا، جىۋا كاپوستاكا، غەربىي دىيار تېۋىپلىرى ئېيتىپ بەرگەن مۇھىم رېتسىپلار

ئىسمىنىڭ خەنزۇچە يېزىلىشى

鸠摩罗什(梵语 Kumārajīva )(公元 344年(甲辰年) ~ 413 年(癸丑年)),音译为鸠摩罗耆婆,又作鸠摩罗什婆,简称罗什。其父名鸠摩罗炎,母名耆婆,属父母名字的合称,汉语的意思为“童寿”。东晋时后秦高僧,著名的佛经翻译家。与真谛(499—569)、玄奘(602~664)、并称为中国佛教三大翻译家。另说还有义净(635—
713)(又说为不空(705—774))并称为四大译经师。

خەلقئارا ترانسىپىكسىيىسى

كۇماراجىۋاKumārajīva (Sanskrit: कुमारजीव; simplified Chinese: 鸠摩罗什; traditional Chinese: 鳩摩羅什; pinyin: Jiūmóluóshí; Wade–Giles: Chiu1 mo2 lo2 shih2) (334–413 CE) was aKuchean Buddhist monk, scholar, and translator. He first studied teachings of the Sarvāstivāda schools, later studied under Buddhasvāmin, and finally became a Mahāyānaadherent, studying the Mādhyamaka doctrine of Nāgārjuna. Kumārajīva settled in Chang'an, which was the imperial capital of China. He is mostly remembered for the prolific translation of Buddhist texts written in Sanskrit to Chinese he carried out during his later life.

كۇماراجىۋاكۇماراجىۋانىڭ زادى قانچە جىلدلىق بۇددا نوم– سۇترالىرىنى تەرجىمە قىلغانلىقى ﮬەققىدە ﮬەر خىل قاراشلار بار. زېڭ يۇنىڭ كۆرسىتىشىچە، 32 پارچە، 300 جىلد، فېڭ چاڭفانىڭ كۆرسىتىشىچە 98 پارچە، 425 جىلد بۇددا نوم – سۇترالىرىنى تەرجىمە قىلغان. 800 دىن كۆپرەك شاگىرت تەربىيىلىگەن. «ﮬەقىقىي ئالەم»، «كۇماراجىۋا تەلىم بايانلىرى»، »ﮬەقىقىي ﮬېكمەتكە بېرىلىش ﮬەققىدىكى سوئاللارغا جاۋاب»، «راﮬىب خۇي يۈەننىڭ 18جەﮬەتلىك سوئالىغا جاۋاب» قاتارلىق ئىجادىي ئەسەرلەرنىمۇ يازغان.

كۇماراجىۋانىڭ ئەڭ زور تۆﮬپىسى يەنىلا تەرجىمە ساﮬەسىدە ئۆز ئىپادىسىنى تاپىدۇ. ئۇ «ۋىمالا كىرتى سۇتراسى»، «ساددا ﮬاراما پوندانىكا سۇتراسى» قاتارلىق تالاي مەشھۇر بۇددا ئەﮬكاملىرىنى تەرجىمە قىلىش بىلەنلا قالماي، يەنە غەربىي يۇرتنىڭ كۆپلىگەن نادىر تىبابەتچىلىك رىسالىلىرىنىمۇ خەنزۇ تىلىغا تەرجىمە قىلغان. بۇنىڭدىن كۇماراجىۋانىڭ ئۇيغۇر تىبابەتچىلىك ساﮬەسىدىنمۇ خەۋەردار ئىكەنلىكىنى ۋە بۇ ساﮬەگە ئىخلاس قىلىدىغانلىقىنىمۇ كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.

كۇماراجىۋانىڭ ئانىسى جىۋا خانىم يالغۇز بۇددا ئىلىم ساﮬەسىدىلا ئەمەس، بەلكى شۇ دەۋرنىڭ تىبابەتچىلىك ساﮬەسىدىمۇ مەشھۇر بولغان تېۋىپ ئىدى. تارىخىي مەلۇماتلاردىن قارىغاندا، جىۋا خانىم «جىۋا بەش ئەزا كېسەللىكلىرى توغرىسىدا» ناملىق ئەسەرنى يازغانلىقى مەلۇم. بۇ ئەسەر ئىچكى بەش ئەزانىڭ نورمال خىزمىتى ۋە ئۇلارنىڭ نورمالسىزلىقىدىن كېلىپ چىققان ﮬەر خىل كېسەللىكلەرنىڭ داۋاسى، ﮬەر خىل دورىلارنىڭ نامى قاتارلىقلار تەپسىلىي يېزىلغان. بۇ ئەسەرنى ئۇيغۇر تىبابەتچىلىك تارىخىدىكى يېزىلغان ۋاقتى بىرقەدەر بۇرۇن، مەزمۇنى خېلى مۇكەممەل بولغان تىبابەتچىلىك رىسالىسى دېيىشكە بولىدۇ.

مىلادىيە 1902– ۋە 1903– يىللىرى گېرمانىيە ئېكسپېدىتسىيىچىلىرىدىن ۋون. لىكوك ۋە ئالبېرت. گرونۋېدىللار تۇرپاندا ئېلىپ بارغان قىدىرىپ تەكشۈرۈش جەريانىدا «جىۋا بەش ئەزا كېسەللىكلىرى توغرىسىدا» نى قېزىۋالغان. ئۇ ئىككى كىتابتىن تۈپلەنگەن قېلىن بىر دەپتەردىن ئىبارەت بولۇپ، دەپتەرنىڭ ئوڭ تەرىپى «جىۋا بەش ئەزا كېسەللىكلىرى توغرىسىدا» دېگەن ئەسەر، تەتۈر تەرىپى «تىببىي رېتسىپلار جەۋﮬىرى» دېگەن ئەسەردىن تەشكىل تاپقان. «جىۋا بەش ئەزا كېسەللىكلىرى توغرىسىدا» cm 13.5*20 ئۆلچەملىك كىتاب بولۇپ، كەمتۈكلىشىپ كەتكەچكە قانچە بەت كېلىدىغانلىقىنى پەرق ئەتكىلى بولمىغان. ﮬازىر ئۇ گېرمانىيىدە ساقلانماقتا.

كۇماراجىۋا ئانىسى جىۋا يازغان «جىۋا بەش ئەزا كېسەللىكلىرى توغرىسىدا» ناملىق خاس ئەسەرنى مىلادىيە 383– يىلى ئەتراپىدا خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلغان.

ئۇنىڭدىن باشقا كۇماراجىۋا يەنە «جىۋا كاپوستا»، 33 جىلدلىق »غەربىي دىيار تېۋىپلىرى ئېيتىپ بەرگەن مۇﮬىم رېتسىپلار»، ئۈچ جىلدلىق «غەربىي دىيار ئەۋلىيالىرىنىڭ مۇﮬىم رېتسېپلىرى»، تۆت جىلدلىق «غەربىي دىياردىكى مەشھۇر تېۋىپلار توپلىغان مۇﮬىم رېتسىپلار»، تۆت جىلدلىق «بۇتساتۋا ناگار جۇنانىڭ دورا رېتسېپلىرى»، ئىككى جىلدلىق «بۇتساتۋا ناگار جۇنانىڭ ئىسرىقلاش ئۇسۇللىرى» ۋە2600 جىلدلىق «ﮬەر يەرلەردىن توپلانغان رېتسىپلار» قاتارلىق تىبابەت رىسالىلىرىنى تەرجىمە قىلغان.

بۇلاردىن «جىۋا بەش ئەزا كېسەللىكلىرى توغرىسىدا» ۋە«جىۋا كاپوستا» دېگەن ئەسەرلەر دۇنخۇاڭدىكى مەخپىي نوم– پۈتۈكلەر ساقلانغان غاردا يېقىنقى دەۋرلەرگىچە ساقلانغان. 19– ئەسىرنىڭ باشلىرىدا چەت ئەل ئېكسپېدىتسىيىچىلىرى تەرىپىدىن گېرمانىيىگە ئېلىپ كېتىلگەن. ﮬازىر گېرمانىيىنىڭ بۇرس ماگىستىرلار ئىنستىتۇتىدا ۋە لوندۇندىكى ﮬىندىستانغا ئائىت ماتېرىياللار كۇتۇپخانىسىدا ساقلانماقتا.

يۇقىرىقىلاردىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، كۇماراجىۋا غەربىي يۇرتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ نادىر تىبابەتچىلىك رىسالىلىرىنى خەنزۇ تىلىغا تەرجىمە قىلىش ئارقىلىق ئۇنى ئوتتۇرا ئىقلىم رايونلىرىغا تونۇشتۇرۇپ، ئوتتۇرا ئىقلىم رايونلىرىنىڭ تىبابەتچىلىك ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا ئۆچمەس تۆﮬپىلەرنى قوشۇش بىلەن بىللە يەنە ئەجدادلىرىمىزنىڭ ئەينى دەۋرلەردىكى گۈللەنگەن تىبابەتچىلىك تارىخىنى مۇﮬىم تارىخىي پاكىتلار بىلەن تەمىن ئەتتى.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (1 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    100%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#