كوفېي ئانناننىڭ نوبېل تېنچلىق مۇكاپاتى نۇتۇقى

كوفېي ئانناننىڭ نوبېل تېنچلىق مۇكاپاتى نۇتۇقى

بۇ نۇتۇق 2001-يىللىق نوبېل تېنچلىق مۇكاپاتى ساھىبى كوفېي ئانناننىڭ نوبېل تېنچلىق مۇكاپاتى نۇتۇقى بۇلۇپ، 2011-يىلى 12-ئاينىڭ 10-كۈنى نوبېل مۇكاپاتىنى تارقىتىش مۇراسىمىدا سۆزلەنگەن. 


ئۇيغۇرچە نامى كوفېي ئانناننىڭ نوبېل تېنچلىق مۇكاپاتى نۇتۇقى
سۆزلەنگەن ۋاقتى 2011-يىلى 12-ئاينىڭ 10-كۈنى
خەنزۇچە نامى 安南的诺贝尔和平奖获奖演说
نۇتۇق سۆزلىگۈچى ئاننان

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

كوفېي ئانناننىڭ نوبېل تېنچلىق مۇكاپاتى نۇتۇقىكوفىي ئاننان 1938-يىلى 4-ئاينىڭ 8-كۈنى، غەربىي ئافرىقا دۆلىتى گانانىڭ كۇماسى شەھىرىدە دۇنياغا كەلگەن. ئىلگىرى ئامېرىكا ماسساچۇسېتس شتاتى تەبىئىي پەن ۋە سانائەت پەنلىرى ئىنىستىتۇتىنىڭ باشقۇرۇش ئىدارە قىلىش ئىلمىي بويىچە ماگېستىرلىق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن، 1962-يىلى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئافرىقا ئىقتىسادىي كوممېتىتىدا ئىشلىگەن. 1974-يىلى ب د ت نىڭ قاھىرەدە تۇرۇشلۇق جىددىي ھەربىي قوشۇنىنىڭ ھەق تەلەپ ئىشلىرى قوماندانى ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان. 20-ئەسىرنىڭ 80-يىللىرىنىڭ بېشىدا، ئاننان ب د ت باش شىتابىغا يۆتكىلىپ، ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ، كادىرلار ۋە مالىيە بۆلۈمىنىڭ رەھبەرلىك خىزمەتلىرىنى ئىشلىگەن. 1986-يىلى ب د ت نىڭ ياردەمچى كاتىباتلىقىغا تەيىنلىنىپ، كادىرلار نازارىتى خىزمىتىنى ئۆتىگەن. 1990-يىلى پارىس قۇلتۇقى ئۇرۇشى پارتىلىغاندىن كېيىن، ئاننان ب د ت گۇرۇپىسىغا رەھبەرلىك قىلىپ، ئىراق بىلەن «نېفىتقا ئاشلىق تېگىشىش» سۆھبىتى ئۆتكۈزگەن. 1996-يىلى 12-ئاينىڭ 17-كۈنى، ئاننان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ 7-نۆۋەتلىك باش كاتىپلىقىغا سايلانغان ھەمدە 2006-يىلى 12-ئاينىڭ 31-كۈنىگىچە ۋەزىپە ئۆتىگەن. 2001-يىلى 10-ئايدا، ئاننان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بىلەن بىرلىكتە نوبېل تېنچلىق مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.

كوفېي ئانناننىڭ نوبېل تېنچلىق مۇكاپاتى نۇتۇقى ئاننان تېخىمۇ تەرتىپلىك ۋە تېخىمۇ تېنچ  بولغان دۇنيا قۇرۇپ چىقىشقا مۇناسىۋەتلىك نۇرغۇن خىزمەتلەرنى ئۆتىگەن. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا نىسبەتەن، نوبېل مۇكاپاتى كوممېتىتى يەنە مۇنداق دەپ كۆرسەتتى، نۆۋەتتە، بۇ تەشكىلات ئۆزى باشچىلىق قىلىپ، دۇنياغا تېنچلىق ۋە بىخەتەرلىك ئېلىپ كېلىش ئۈچۈن تىرىشقان ھەمدە خەلقئارالىق كۈچلەرنى ئويغىتىپ، دۇنيادىكى ھەرخىل سىياسىي، ئىجتىمائىي ۋە مۇھىت سىناقلىرىنى ئوڭۇشلۇق ئۆتكەن.

كوفېي ئانناننىڭ نوبېل تېنچلىق مۇكاپاتى نۇتۇقىپادىشاھ ئالىيلىرى، ھەرقايسى جانابلار، نورۋىگىيە نوبېل كوممېتىتىنىڭ ھۆرمەتلىك ھەيئەتلىرى، خانىملار، ئەپەندىملەر:

بۈگۈن، بىر قىز بوۋاق ئافغانىستاندا تەۋەللۇت بولدى. ئۇنىڭ ئانىسى بۇ قىزىنى ئۇنى قۇچىقىغا ئېلىپ پەپىلەپ، تەربىيىلەپ، كۆيۈنۈپ ھالىدىن خەۋەر ئېلىپ باقىدۇ ــــ خۇددى دۇنيانىڭ ھەرقانداق بىر يېرىدىكى ھەرقانداق بىر ئانىغا ئوخشاش. ئىنسانىيەتنىڭ بۇ تۇغما خاراكتېرىدىكى ئەڭ تۈپ قىلمىشىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، كىشىلەردە بۆلۈنۈش، پارچىلىنىش بولماسلىقى كېرەك ئىدى. ئەمما، بىر بوۋاقنىڭ بۈگۈنكىدەك ئافغانىستاندا تۇغۇلۇشى، ئۇنىڭ ئاشۇ باياشات تۇرمۇشنى رېئاللىققا ئايلاندۇرالىدىغان كىشىلەرگە تۈپتىن ئوخشىمايدىغان باشقا بىر خىل تۇرمۇشقا يۈز تۇتقانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. بۇ خىل تۇرمۇش بىزدىننەچچە ئەسىر كەينىدىكى تۇرمۇش. بۇ قىزنىڭ تۇرمۇش شارائىتى، مۇشۇ يەردە ئولتۇرغانلىرىمىز ئۈچۈن، بەئەينى بىر ۋەھشىيلىك.

گەرچە مەن بۇيەردە ئافغانلىق بىر كىچىك قىزنى تىلغا ئالغان بولساممۇ، ئەمما بۇنىڭ سېررالېئونلۇق بىر كىچىك قىزنى ياكى كىچىك ئوغۇل بالىنى تىلغا ئېلىش بىلەن ھېچقانداق ماھىيەتلىك ئوخشىماسلىق يوق. بۈگۈنكى كۈندە دۇنيادىكى باي-كەمبەغەل ئارىسىدىكى غايەت زور ھاڭنى بىلمەيدىغان كىشى يوق. بۇنداق باي-كەمبەغەل تەبىقىيلىشىشنى كەمبەغەللەرگە زورلاپ تېڭىش، ئادىمىيلىك ئىززەت-غورۇر، ئەڭ ئاساسىي ئەركىنلىك، بىخەتەرلىك، يېمەكلىك ۋە مائارىپ تەربىيىسىدىن قاتارلىقلاردىن بەھىرلىنىشى بىزدىن تۆۋەن بولمىغان شۇ كىشىلەرنىڭ يۇقىرىقى ھوقۇقلىرىنى تارتىۋالدى. بۈگۈن، ھېچكىممۇ ئۆزىنى، ئىنسانىيەتنىڭ مۇشۇ قىلمىشلار ئۈچۈن قانچىلىك بەدەل تۆلىگەنلىكىنى بىلمەيمەن دېيەلمەيدۇ. شۇنداق بولسىمۇ بىزنىڭ بىلمەيدىغىنىمىز شۇكى: بۇ بەدەللەرنى ھەرگىزمۇ مۇشۇ كەمبەغەل كىشىلەرلا تۆلىمەيدۇ. ئەڭ ئاخىرىدا، پۈتكۈل ئىنسانىيەت مۇشۇنىڭ بەدىلىنى تۆلەيدۇ ـــ مەيلى غەرب، مەيلى شىمال، مەيلى باي، مەيلى گاداي، پۈتۈن ئىرق ۋە پۈتۈن دىندىكى ئەر-ئاياللارنىڭ ھەممىسى تۆلەيدۇ.

كۆز ئالدىمىزدا، ھەقىقىي پاسىل چېگرا ھەرگىزمۇ دۆلەت بىلەن دۆلەت ئارىسىدا ئەمەس، بەلكى كۈچلۈكلەر بىلەن ئاجىزلارنىڭ ئوتتۇرىسىدا، ئەركىنلەر بىلەن قۇللار ئارىسىدا، فېئوداللار بىلەن تۆۋەن قاتلام ئاممىسى ئارىسىدا. بۈگۈنكى يەرشارىدا، ھەرقانداق بىر پاسىل تام مەلۇم رايوندىكى ئىنسانپەرۋەرلىك تەھدىتى ياكى كىشىلىك ھوقۇق تەھدىتىنى دۇنيادىكى باشقا بىر رايوندىكى دۆلەت بىخەتەرلىك خەۋپىدىن ئايرىپ، يېگانە قىلىپ قويالمايدۇ.

ئىلىم-پەن ئالىملىرى بىزگە مۇنداق دېدى: تەبىئەت دۇنياسى شۇ قەدەر تار ھەم ئۆز-ئارا بېقىنىدىچىلىق مۇناسىۋەتتىكى، خۇددى ئامازون ئىسسىق بەلباغ يامغۇرلۇق ئورمىنىدىكى بىر كېپىنەك قانىتىنى مۇنداقلا قېقىپ قويسا، يەرشارىنىڭ يەنە بىر تەرىپىدە شىددەتلىك بىر مەيدان بوران-چاپقۇن كۆتۈرۋېتىدىغاندەك. بۇ خىل پىرىنسىپ «كېپىنەك ئېففىكتى» دەپ ئاتىلىدۇ. بۈگۈن، بىز بەلكىم باشقا ھەرقانداق ۋاقىتتىكىدىن بەكرەك ئېنىق ھالدا شۇنى ئايدىڭلاشتۇرۇۋالدۇقكى، ئىنسانىيەت پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان دۇنيادا، چوقۇم «كېپىنەك ئېففىكتى»مىز بار ـــ مەيلى ياخشى بولسۇن ۋە ياكى يامان بولسۇن، ھەركىم ئۆزى قىلغان ئەسكىلىكنى ئۆزى تارتىدۇ.

خانىملار، ئەپەندىلەر:

بىز توپ-زەمبىرەكلەر دەرۋازىسىنى بېسىپ ئۆتۈپ ئۈچىنچى بىر مىڭ يىلغا كەلدۇق. 11-سېنتەبىر تېروررىزىم ئۇشتۇمتۇت ھۇجۇمىدىن كېيىن، مۇبادا بىزنىڭ نەزىرىمىز تېخىمۇ روشەن بولىدىغان بولسا، مۇبادا بىز تېخىمۇ يىراقنى كۆرىدىغان بولساق ــــ بىز شۇنى چۈشەنگەن بولاتتۇقكى، ئىنسانىيەت ئايرىۋەتكىلى بولمايدىغان بىر پۈتۈن گەۋدە. يېڭى بىر خەۋپ ھەرگىزمۇ ئىرق، دۆلەت ۋە رايوننىڭ ئوخشىمىغان ئەھۋالىغا قاراپ مۇئامىلەقىلمايدۇ. كۆپچىلىكنىڭ ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي ئوررۇن پەرقىنىڭ مەيلى قانچىلىك ئاسمان-زېمىن پەرق قىلىشىدىن قەتئىينەزەر، ھەربىرىمىزنىڭ كۆڭلىگە ۋەھىمە ئېلىپ كېلەلەيدۇ. بارلىق كىشىلەر، مەيلى ياشلار ياكى ياشانغانلار بولسۇن، ئۇلارنىڭ كۈلپەتلىك چاغلار ۋە بەختىيار چاغلاردىكى بىزنىڭ ئۇيۇشۇشۇش كۈچىمىزگە بولغان چۈشەنچىسى تېخىمۇ چوڭقۇرلىشىدۇ.

كىشىلەر بۇرۇن پۈتۈن يەرشارىنىڭ تېنچلىقى ۋە گۈللىنىشى قەدەم-باسقۇچ بىلەن تەدرىجىي ئەمەلگە ئاشىدۇ، دەپ تونۇيتتى، ئەمما 21-ئەسىرنىڭ بوسۇغىسىدىكى زوراۋانلىق كىشىلەرنىڭ بۇ خىيالىنى بۇزۇپ تاشلىدى. بىز بۇ ھەقىقەتكە كۆزىمىزنى يۇمۇۋالساق بولمايدۇ. بىز چوقۇم ئۇنىڭغا جىددىي قارىشىمىز كېرەك.

20-ئەسىر بەلكىم ئىنسانىيەت تارىخىدىكى ئەڭ ئازاب-ئوقۇبەتلىك ئەسىر بولۇشى مۇمكىن. بۇ دەۋر سان-ساناقسىز توقۇنۇشلارغا، ئىسىم-نامسىز جاپاللارغا، تەسەۋۋۇر قىلىشقا بولمايدىغان جىنايى قىلمىشلارغا تولغان بىر دەۋر. بىرىنىڭ كەينىدىن بىرى ئۇلىشىپ كەلگەن، دائىملا ئېرراتسىئوناللىققا تولغان ئۆچمەنلىك ۋە گۇمانغا ئۇچراش، ئېغىر تەكەببۇرلۇق ھەمدە ھوقۇق ۋە ئېنىرگىيىگە بولغان تېزگىلىگىلى بولمايدىغان نەپسنىڭ كەينىگە كىرىش، بىر مەنپەئەتدار گۇرۇھ ياكى دۆلەتنىڭ باشقا مەنپەئەتدار گۇرۇھ ۋە دۆلەتكە نىسبەتەن ئېلىپ بارغان ئۇچىغا چىققان زوراۋانلىق ھەرىكەتلىرى قاتارلىقلار. بۇ كىرزىسلارغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن، دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ رەھبەرلىرى 20-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا باش قوشۇپ، ھەرقايسى دۆلەتلەر ئارىسىدىكى ئىتتىپاقلىقنى تارىختا مىسلى كۆرۈلمىگەن دەرىجىدە چوڭقۇرلاتتى ۋە كېڭەيتتى.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدىن ئىبارەت بۇ سەھنە ۋەزىيەت ئېھتىياجى بىلەن بارلىققا  كەلدى، بۇ يەردە، ھەرقايسى دۆلەتلەر بىرلىشىپ ئىنسانىي ئىززەت-غورۇرنى ۋە قىممىتىنى قوغدىسا بولىدۇ. بۇ يەردە، ھەرقايسى دۆلەتلەر بىر نىيەتتە ھەمكارلىشىپ، قانۇننى كۈچەيتسە، كەمبەغەللەرنى ئېتىراپ قىلىپ ھەمدە ئۇلارنىڭ ئېھتىياجىنى قامدىسا، ئىنسانىيەتنىڭ ۋەھشىيلىكى ۋە ئاچكۆزلىكىنى توسىسا، ئېنىرگىيە مەنبەلىرىنى ۋە تەبىئەت گۈزەللىكىنى قوغدىسا، ئەر-ئاياللار باراۋەرلىكىنى ھىمايە قىلسا، كېيىنكى ئەۋلادلار ئۈچۈن بىخەتەر، خاتىرجەم تۇرمۇش مۇھىتى قۇرسا بولىدۇ.

بىز 20-ئەسىرنىڭ سىياسىي كۈچىنى داۋاملاشتۇردۇق، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا 20-ئەسىرنىڭ پەن-تېخنىكا كۈچىگە ۋارىسلىق قىلدۇق، مۇبادا بىز ئۇلاردىن پايدىلىنىشنى خالايدىغان بولساق، بۇ كۈچلەر بىزنىڭ نامراتلىقنى، نادانلىقنى ۋە كېسەللىكنى يېڭىشىمىزغا تامامەن قادىردۇر.

21-ئەسىردە، مەن، ب د ت بۇرچىغا مۇنداق ئېنىقلىما بېرىلىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن: «ئىرق ئايرىماي، دىن ئايرىماي، ھەر بىر ھاياتلىقنىڭ مۇقەددەسلىكى ۋە ئىززەت-غورۇرىنى يېڭى باشتىن، تېخىمۇ چوڭقۇر ھالدا تونۇش.» بۇ بۇرچ بىزدىن دۆلەت رامكىسىدىن ھالقىپ كېتىشنى، مىللەت ۋە كوللېكتىپ ئارىسىغا چوڭقۇر چۆكۈپ مەسىلە تەھلىل قىلىشىمىزنى تەلەپ قىلىدۇ. بىز شەخسلەرنىڭ كۈندۈلۈك تۇرمۇش شارائىتىنى ياخشىلاشقا چوقۇم ئىلگىرىكى ھەرقانداق ۋاقىتتىن بەكرەك كۆڭۈل بۆلىشىمىز كېرەك. چۈنكى، شۇ ئايرىم شەخىس دۆلەت ۋە كوللېكتىپنىڭ خاراكتېرىنى بەرپا قىلغان ۋە  مەناگە ئىگە قىلغان. بىز چوقۇم مۇشۇ ئافغان قىزىدىن باشلاپ، شەخىس ھاياتىنى قۇتقۇزۇشنىڭ پۈتۈن دۇنيانى قۇتقۇزۇش بولىدىغانلىقىنى تونۇپ يېتىشىمىز كېرەك.

ئۆتكەنكى بەش يىلدا، مەن دائىم «ب د ت ئاساسىي قانۇنى»نىڭ باشلىنىشىدىكى نەچچە خەتنى ئويلاپ قالىمەن: «بىزنىڭ ئاۋام». ئەمما بىزنىڭ ھەمىشە تونۇپ يېتەلمەيدىغىنىمىز شۇكى: «بىزنىڭ ئاۋام»نىڭ ھايات تۇرغان شۇ كىشىلەردىن تەركىب تاپىدىغانلىقى. سەل  مۇشۇ ھايات تۇرغان كىشىلەرنىڭ ئۆزىنىڭ ئەڭ ئاساسىي بولغان ھوقۇقىغا بولغان دەۋا تەلىپىمۇ شۇ ئاتالمىش دۆلەت ۋە مىللەتنىڭ مەنپەئەتى قاتارلىق ئابىستىراكىت ئۇقۇملارنىڭ قۇربانىغا ئايلىنىپ كېتىپ بارىدۇ.

بىز بىر ئادەمنى ئۆلتۈرۈۋەتكەن ۋاقتىمىزدا، بۇنىڭ سەۋەبى ئۇنىڭ نېمە ئىش قىلغانلىقى ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭ مۇنداق خىلدىكى ئادەم ئىكەنلىكىدىن بولغان ۋاقىتتا، دەل ئىرق يوقىتىشنىڭ پەردىسى ئېچىلغان ۋاقىت بولىدۇ. خوشنا بىلەن خوشنىلار ئۆزئارا ھۇجۇم قىلىشقىنىدا، دەل ئىرق تازىلاش ھەرىكىتى باشلانغان ۋاقىت بولىدۇ. بىر بالىنىڭ مائارىپ تەربىيىسى قۇبۇل قىلىشتىن ئىبارەت ئەڭ تۈپكى ھوقۇقى تارتىۋېلىنغاندا، دەل نامراتلىق تۇغۇلغان ۋاقىت بولىدۇ. بىر ھاياتلىقنىڭ ئىنسانىي غورۇرىي ماس ھالدىكى ھۆرمەتكە ئېرىشەلمەيدىكەن، ئۇنداقتا بۇ ھال ھامان پۈتۈن مىللەتنىڭ زور كىرزىسىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

بۇ يېڭى ئەسىردە، بىزنىڭ بارلىقىمىز چۈشىنىش دېگەن بۇ سۆزدىن باشلىنىشى كېرەك: تېنچلىق دۆلەت ۋە خەلققىلا مەنسۇپ بولۇپ قالماي، يەنە مۇشۇ كوللېكتىپتىكى ھەربىر ئايرىم شەخسكىمۇ تەۋە. دۆلەتنىڭ ھۆكۈمرانلىق ھوقۇقىي ھەرگىزمۇ كىشىلىك ھوقۇققا تاجاۋۇز قىلىشتىكى باھانە-سەۋەب بولۇپ قالسا بولمايدۇ، تېنچلىققا ئېھتىياجلىق ھەربىر كىشى چوقۇم ئەمەلىي تۇرمۇشتا تېنچلىقنى ھېس قىلىپ تۇرۇشى كېرەك، يەنى: تېنچلىق چوقۇم ھەقىقىي،قول بىلەن تۇتقىلى، كۆز بىلەن كۆرگىلى بولىشى كېرەك. بىزنىڭ تېنچلىققا شۇنچە تەلپۈنىشىمىزدىكى سەۋەب: ئۇ ئىنسانىيەت چوڭ ئائىلىسىدىكى ھەر بىر ئەزانىڭ ئىززەت-غورۇرلۇق ۋە بىخەتەر ياشىشىنىڭ ئالدىنقى شەرتى.

كىشىلىك ھوقۇق ئافغان خوتۇن-قىزلىرىغا ياكى ئافرىقا بالىلىرىغا نىسبەتەن تولىمۇ مۇھىم. ئۇ يەنە ياۋروپا ھەم ئامېرىكىدىكى سىرتتىن كۆچۈپ كەلگۈچىلەرگە ۋە ئاز سانلىق مىللەتلەرگە قارىتا ئوخشاشلا مۇھىم. كىشىلىك ھوقۇق نامراتلارغا نىسبەتەن تېخىمۇ مۇھىم، بايلارغا نىسبەتەن كام بولسا بولمايدۇ؛ كىشىلىك ھوقۇق تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەرنىڭ بىخەتەرلىكى ئۈچۈن زۆرۈر، تېنچلىق تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ بىخەتەرلىكى ئۈچۈن ئەڭ تۈپ ئاساس.

بۇ ئەسىردە، ب د ت نىڭ جارى قىلدۇرغان ھەر تەرەپلىمە رولىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، كەلگۈسىدىكى ب د ت چوقۇم ئالدى بىلەن تۆۋەندىكى ئۈچ ھالقىلىق فۇنكىسسىيىنى ئۆز ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك: نامراتلىقنى يوقىتىش، توقۇنۇشتىن ساقلىنىش ھەمدە دېموكراتىيىنى ئىلگىرى سۈرۈش. پەقەت نامراتلىق يىلتىزىدىن قۇرۇتۇلغان دۇنيادىلا، ھەر بىر كىشى ئۆزىنىڭ ئەڭ يۇقىرى قىممەتتىكى رولىنى جارى قىلدۇرالايدۇ. پەقەت كىشىلىك ھوقۇق ئېتىراپ قىلىشقا ئېرىشكەن دۇنيادىلا ھەرخىل پارچىلىنىشلار سىياسىي ۋاستىلەر ئارقىلىق راۋانلىشىدۇ ۋە ھەل بولىدۇ. پەقەت كۆپ قۇتۇپلاشقا ھۆرمەت ۋە باراۋەرلىك دېئالوگىنىڭ ئۈستىگە قۇرۇلغان دېموكراتىك چوڭ كەيپىياتىدىكى دۇنيادىلا، سۆز قىلىش ئەركىنلىكى، ئاپتونومىيە ھەمدە تەشكىلاتلارغا ئۇيۇشۇش ئەركىنلىكىدىن سۆز ئاچقىلى بولىدۇ.

 مەن ب د ت باش كاتىپلىق ۋەزىپىسىنى ئۈستىمگە ئالغان مەزگىللەردە، مەن ئىنساننى، بىز ئېلىپ بارغان بارلىق خىزمەتلەر ـــ توقۇنۇشتىن ساقلىنىشتىن تارتىپ كىشىلىك ھوقۇقنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقىچە ـــ نىڭ يادروسى قىلىشنى مەقسەت قىلىپ كەلدىم. مېنىڭ ب د ت دا ئېلىپ بارغان  بارلىق خىزمەتلىرىمنىڭ ئۆلچەم-مىزانى شەخسىي تۇرمۇش سەۋىيىسىنى ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇنلاشتۇرۇش ۋە ئۇنى ئۈزلۈكسىز تەرەققىياتقا ئىگە قىلىشقا كاپالەتلىك قىلىش ئىدى.

دەل مانا مۇشۇنداق روھقا ئاساسەن، مەن تەۋازۇلۇق بىلەن يۈز يىللىق نوبېل تېنچلىق مۇكاپاتىنى قۇبۇل قىلدىم. 40 يىل ئىلگىرىكى بۈگۈنكى كۈندە، 1961-يىلىدىكى بۇ مۇكاپات تۇنجى بولۇپ ب د ت نىڭ باش كاتىپىغا بېرىلگەن ئىدى ـــــ ئەمما، ئەلۋەتتە ئۇ چاغدا مۇكاپاتقا ئېرىشكۈچى يوق ئەھۋال ئاستىدا مۇكاپات تارقىتىلغان ئىدى، چۈنكى مۇكاپاتقا ئېرىشكۈچى داگ ھاممار سېكوجولىد ئوتتۇرا ئافرىقىنىڭ تېنچلىقى ئۈچۈن ھاياتىدىن ئايرىلغان ئىدى. يەنە دەل شۇ كۈندە، 1960-يىللىق نوبېل تېنچلىق مۇكاپاتى تۇنجى بولۇپ بىر ئافرىقىلىققا بېرىلگەنىدى ــــ ئالبېرت لۇتۇلى، جەنۇبىي ئافرىقىدا تۇنجى بولۇپ ئىر ئايرىمچىلار بىلەن بولغان كۈرەش باشلامچىلىرىدىن بىرى. ماڭا نىسبەتەن ئېيتقاندا، بىر ئافرىقىلىق ياش بولۇش سۈپىتىم بىلەن، 1961-يىلى نوبېل تېنچلىق مۇكاپاتى تارقىتىلغاندىن كېيىن نەچچە ئاي ئۆتۈپ ب د ت غا كىردىم ھەمدە ئۆزۈمنىڭ بۇ يەردىكى كەسىپ ھاياتىمنى باشلىدىم. مەن پۈتكۈل ھاياتىمدىكى خىزمەت جەريانىدا، يۇقىرىقى ئىككى شەخىسنى ئۈلگە قىلىشنى مەقسەت قىلىپ كەلدىم.

بۇ شان-شەرەپكە ئېرىشىش پەقەت مەن يالغۇز ئادەمنىڭ ئەجرى ئۈچۈن ئەمەس. بۇ مۇكاپات تاپشۇرۇۋېلىش مۇنبىرىدا تۇرغانمۇ يالغۇز مەن ئەمەس. مەن ئاشۇ ب د ت نىڭ ھەر قايسى بۆلۈملىرىدە جان-دىل بىلەن خىزمەت قىلىۋاتقان خىزمەتداشلىرىمغا ۋە پۈتۈن دۇنيانىڭ ھەرقايسى بۇلۇڭلىرىدىكى يولداشلىرىمغا ۋەكىللىك قىلىمەن. ئۇلار بىزنىڭ ئورتاق ئېتىقادىمىز ئۈچۈن ـــــ نۇرغۇنلىغان ئورۇنلاردا، ئۇلار ئۆز ھاياتىنىڭ خەۋپكە ئۇچرىشىغا قارىماي تېنچلىق ئۈچۈن ئىسسىق جانلىرىنى بېغىشلىماقتا ـــ مەن چىن كۆڭلۈمدىن نوبېل كوممېتىتىدىكى ھەربىر ئەزاغا بۇ يۈكسەك شان-شەرەپ ئۈچۈن سەمىمىي تەشەككۈرۈمنى بىلدۈرىمەن. مەن يەنە ئائىلەمدىكىلەرنىڭ مەن ئۈچۈن تۆلىگەن بەدەللىرىگە ۋە ۋەدىلىرىگە رەھمىتىمنى بىلدۈرىمەن. ئىلگىرى ماڭا تەلىم بەرگەن ۋە يول كۆرسەتكەن ھەرقايسى چوڭ قىتئەلەردىكى دوستلىرىمغا رەھمەت ئېيتىمەن ــــ ئۇلارنىڭ ئارىسىدا بەزىلىرى ئاللىبۇرۇن ئالەمدىن ئۆتتى، دەل شۇلار بولغاچقىلا، مەن ب د ت دا ئۆزۈم تالىغان يولنى بويلاپ ماڭالىدىم، كۆپچىلىككە مۇلازىمەت قىلىدىغان يولدا مېڭىپ كېلەلىدىم. مەن ئەڭ سەمىمىي تەشەككۈرۈمنى شۇلارغا بېغىشلايمەن.

 ئۇرۇش قوراللىرىغا ھەمدە ئۇرۇش مۇھاكىمىسىگە تولغان دۇنيادا، نوبېل كوممېتىتى تېنچلىقنى ھىمايە قىلىشتا كام بولسا بولمايدىغان ئورگانغا ئايلاندى. پاجىئەلىكى شۇكى، دۇنيادا تېنچلىق ئۈچۈن تەسىس قىلىنغان مۇكاپاتلار بەكمۇ ئاز. كۆپ ساندىكى دۆلەتلەردە ئۇرۇش خاتىرە سارىيى ۋە خاتىرە مۇنارلىرى بار، قەھرىمانلىق ئۇرۇشلارنى مەدھىيلەيدىغان مىس ھەيكەللەر ۋە زەپەر دەرۋازىلىرى بار. ئەمما تېنچلىقنى مەدھىيلەيدىغان نامايىش يوق. تېنچلىقنى تەبرىكلەيدىغان ئوردىلار يوق.

پەقەت نوبېل تېنچلىق مۇكاپاتىلا بار ــــ ئۇ ئالەمدە تەڭدىشى يوق ئەكىس ساداسى ۋە نوپۇزى بىلەن تېنچلىققا بولغان ئۈمىدى ۋە جاسارىتىنى ئىپادىلىدى. پەقەت يەككە شەخسلەرنىڭ تېنچلىققا، ئىنسانىي غورۇرغا ۋە بىخەتەرلىككە بولغان ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش ۋە چۈشىنىش ئارقىلىقلا، بىز بۈگۈنكى كۈندىكى ب د ت نىڭ بىزگە ئاتا قىلغان شەرىپىگە يۈز كېلەلەيمىز ھەمدە ب د ت نىڭ دەسلەپكى قۇرغۇچىلىرىنىڭ غايىلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرالايمىز. ب د ت دىكى بارلىق خىزمەتچى خادىملار تېنچلىقنى ئىستەشتىن ئىبارەت ئۇلۇغ ۋەزىپىنى ئۆز زىممىسىگە يۈكلىشى كېرەك، ھەر كۈنى، دۇنيانىڭ ھەر بىر بۇلۇڭلىرىدا، بىزنىڭ ب د ت خىزمەتچى خادىملىرىمىز تېنچلىقنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئۆزى قول سېلىپ خىزمەت ئىشلىمەكتە.

بۇلارنىڭ ئارىسىدىكى بىرنەچچەيلەن، بۇلارنىڭ ئىچىدە ئاياللارمۇ، ئەپەندىلەرمۇ بار، بۈگۈن بىز بىلەن بىرلىكتە بۇ يەردە يىغىلدى. ئۇلارنىڭ ئچىدىكى، مەسىلەن، نۆۋەتتە كونگو دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاساسىي بىخەتەرلىكنى قولغا كەلتۈرۈشىگە ياردەم قىلىۋاتقان سېنېگاللىق ھەربىي كۆزەتكۈچىمىز بار؛ كوسوۋونىڭ قانۇن تۈزۈلمىسى ئۆزگەرتىشىگە ياردەم بېرىۋاتقان بىر نەپەر ئامېرىكا خەلق ساقچىسى مەسلىھەتچىمىزمۇ بار؛ ئېكۋاتوردىن كەلگەن بىر نەپەر ب د ت بالىلار فوندىنىڭ بالىلارنى قوغداش مەخسۇس خادىمىمىز بار، ئۇ ھازىر كولومبىيىدىكى ئاسانلا ئازابقا دۇچار بولىدىغان ئاھالىسىنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنى ھىمايە قىلىشىغا كۈچ قوشىۋاتىدۇ؛ جۇڭگودىن كەلگەن دۇنيا ئاشلىق زاپىسى مەھكىمىسىنىڭ ئەمەلدارى بولسا، نۆۋەتتە چاۋشيەن خەلقىنى ئاشلىق بىلەن تەمىنلەشنىڭ ئامالىنى قىلىۋاتىدۇ.

ھۆرمەتلىك مېھمانلار:

ھەقىقەتنى قولىدا تۇتىدىغان ئادەم پەقەت بىرسىلا بار، دۇنيا ئىللىتىنىڭ رېتسىپى پەقەت بىر خىللا، ۋە ياكى ئىنسانىيەتنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرىدىغان ئامال پەقەت بىرىلا بار، مانا مۇشۇنداق قاراشلار ئۆتكەنكى تارىختا بىزگە زور زىيانكەشلىك ئېلىپ كەلدى ــــ بولۇپمۇ ئالدىنقى ئەسىردە. بۈگۈن، داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان ئىرق توقۇنۇشى دۇنيانىڭ ھەر يەرلىرىدە خالىغانچە ئەسكىلىكقىلماقتا. ئەمما، كىشىلەر ئاستا-ئاستا شۇنى چۈشىنىۋاتماقتا: ئىنسانىيەت ئىرقىنىڭ كۆپ خىللىقى، ھەتتا سۆزلەشكەندىمۇ كېرەكلىك بولىدىغان ئەمەلىي شارائىت، ھەمدە دېئالوگ ئارقىلىق مەۋجۇت بولۇشنىڭ ئاساسى.

ھەر بىركىشىنىڭ ھۆرمەتلەشكە تېگىشلىك ئىكەنلىكىنى، ھەممىسىنىڭ ئۆز غورۇرىنى قوغداش ھوقۇقىنىڭ بارلىقىنى، بۇنىڭ ئىنسانىيەت ماھىيىتىنىڭ ئېھتىياجى ئىكەنلىكىنى بىز ئەزەلدىن بۈگۈنكىگە ئوخشاش چوڭقۇر چۈشىنىپ يېتىپ باققان ئەمەسمىز. بىز، ئىنسان ئوخشىمىغان مەدەنىيەت، ئوخشىمىغان ئۆرپ-ئادەت ۋە ئوخشىمىغان ئەسلىمىلەرنىڭ مەھسۇلى ئىكەنلىكىنى، ئۆزئارا ھۆرمەتلەشنىڭ بىزنىڭ ئۆگىنىشىمىزگە ۋە مەدەنىيەتنى تەتقىق قىلىشىمىزغا پايدىلىق ئىكەنلىكىنى، مۇبادا  بىز ناتونۇش بىلەن تونۇشنى بىر-بىرىگە سىڭدۈرۈۋېتەلەيدىغان بولسا، بىزنىڭ ئەمەلىي كۈچىمىزنىڭ ئاشىدىغانلىقىنى ئايدىڭلاشتۇرماقتىمىز.

 ھەربىر خىل ئۇلۇغ دىنىي ئېتىقاد ۋە ئەنئەنىلەر ئىچىدە، كىشىلەر ھامان كەڭ قورساقلىق ۋە ئۆز ئارا چۈشىنىشكە بولغان قىممەت قارىشىنى ئۇچرىتىدۇ. مەسىلەن، «قۇرئان»دا بىزگە مۇنداق دېيىلگەن: «بىز بىر ئەر ۋە بىر ئايالدىن سىلەرنى ياراتتۇق، ھەمدە سىلەرنى نۇرغۇن مىللەت ۋە قەبىلىلەرگە بۆلدۇق، شۇنىڭ ئۈچۈن سىلەر ئۆزئارا چۈشىنىشىڭلار كېرەك.» يەھۇدىيلارنىڭ رىۋايەتلىرىدە «ئۆزگىنى ئۆزۈڭنى سۆيگەندەك سۆي» دېگەندەك تەلىملار ھەم بار.

خىرىستىئان دىنىنىڭ «ئىنجىل»ىدا مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ئىدىيىلەر ئەكىس ئەتكەن، بۇ ئىدىيە-ئاڭلار بىزنى دۈشمىنىمىزنىمۇ سۆيۈشىمىز ھەمدە ئىزچىل تۈردە بىزنى ھالاك قىلىشنى ئويلاۋاتقان كىشىلەر ئۈچۈن دۇئا قىلىشىمىزغا دەۋەت قىلغان. ھىندى دىنى بىزگە ساۋاق بېرىپ: «ھەقىقەت پەقەت بىرلا، ئەمما ئۇ ھەرخىل ئىسىملار بىلەن ئاتىلىدۇ» دەيدۇ. بۇددا دىنى كىشىلەرنى مېھرى-شەپقەتلىك بولۇشقا ئۈندەيدۇ.

بىز ھەربىرىمىزنىڭ ئۆزىمىزنىڭ ئېتىقادىي ۋە ياكى ئەنئەنىلىرىمىز ئۈچۈن پەخىرلىنىدىغان ھوقۇقىمىز بار. كىشىلەر، ئۆزىگە تەۋە بولغاننى باشقىلارغا تەۋە بولغانلار بىلەن توقۇشتا دەپ ئويلايدۇ. بۇ خىل ئىدىيە خاتالا بولۇپ قالماستىن، يەنە تولىمۇ خەتەرلىك. بۇ خىل ئىدىيە ھېلىمۇ ساناقسىز، توختاۋسىز ئاغرىنىشلارنى ۋە توقۇنۇشلارنى كەلتۈرۈپ چىقىپ، كىشىلەرنى ئازدۇرۇپ تەڭرىنىڭ نامىغا داغ تەككۈزۈشتىن ئىبارەت چوڭ گۇناھقا پاتقۇزدى.

ئەمەلىيەتتە بىزنىڭ بۇنداق قىلىشىمىزنىڭ قىلچە ھاجىتى يوق. ئوخشىمىغان ئېتىقاد ۋە مەدەنىيەتتىكى كىشىلەر دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئورتاق ھايات كەچۈرىدۇ، ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى زور كۆپچىلىكىنىڭ كۆپ خىل سالاھىيىتى بار، بۇ سالاھىيەتلەر بىزنى ھەرخىل ھەر شەكىلدىكى كوللېكتىپلار بىلەن زىچ باغلاپ تۇرىدۇ. ئۆزىمىزنىڭ دىنىنى ۋە مەدەنىيىتىنى سۆيگەن ۋاقىتتا ـــ بىزنىڭ ئۆزىمىزنىڭ دىنى ۋە مەدەنىيىتىگە ئوخشىمايدىغان كىشىلەر ھەمدە ئۇ دىن ۋە مەدەنىيەتنىڭ ئۆزىگە نەپرەتلىنىپ يۈرىشىمىزنىڭ قىلچە ھاجىتى يوق. بىز باشقا دىن ۋە مەدەنىيەتنى ئۆگەنگەن چاغلىرىمىزدىمۇ، ئۇلارنىڭ دىنىي ئەقىدىلىرىگە ھۆرمەت قىلىشىمىز كېرەك. شۇندىلا بىزنىڭ ئېتىقادىمىز ۋە مەدەنىيىتىمىز كىشىلەر تەرىپىدىن ئېتىراپ قىلىنىدۇ ھەم تەرەققىي قىلىدۇ.

ئەمما، مۇبادا دىنىي ئەركىنلىك، سۆز قىلىش ئەركىنلىك، تەشكىلاتلارغا ئويۇشۇش ئەركىنلىكى ۋە قانۇن ئالدىدىكى ئاساسىي باراۋەرلىك  بولمىغان بولمىسا، بۇلارنىڭ ھەممىسى قۇرۇق گەپتىن باشقا نەرسە ئەمەس. ئەمەلىيەتتە، ئالدىنقى ئەسىرنىڭ ساۋاقلىرى بىزگە مۇنداق دېدى: شەخسنىڭ ئىززەت-ھوقۇقى قەيەردە دەپسەندە قىلىنىدىكەن ۋە تەھدىتكە ئۇچرايدىكەنئۇ يەردىكى پۇقرالار ھۆكۈمەتنىڭ سايلاملىرىغا قاتنىشىش ھوقۇقى بولمايدۇ ۋە ياكى ئۆزلىرىنىڭ خاھىشى بويىچە ھۆكۈمەتنى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ، يېڭى ھۆكۈمەت تىكىلىيەلمەيدۇ ــــ ئۇنداقتا، توقۇنۇشلارمۇ بۇلارنىڭ كەينىدىن ئەگىشىپلا كېلىدۇ، ھالبۇكى بۇلارغا بەدەل تۆلەيدىغانلار يەنىلا شۇ ئاددىي پۇقرالار بولىدۇ. ئۇلارنىڭ ھاياتى نابۇت بولىدۇ، ئۇلارنىڭ گۈزەل ماكانىمۇ نابۇت بولىدۇ.

دېموكراتىيىنىڭ توسالغۇسىنى مەدەنىيەت ۋە دىن دېگەندىن كۆرە، ئاشۇ ھاكىمىيەت بېشىدىكىلەرنىڭ ئۆز ئورنىنى قوغداشتىكى كۈچلۈك ئارزۇسى دېگەن ياخشى. بۇ خىل ئەھۋال ئەمدىلا كۆرۈلىۋاتقىنى يوق، ياكى دۇنيانىڭ مەلۇم بىر يېرىدىلا كۆرۈلگەن ئەھۋال ئەمەس. ھەرخىل مەدەنىيەتتىكى كىشىلەر تېنچلىققا ھەرخىل ئوخشىمىغان يۈكسەك قىممەتلەرنى ئاتا قىلغان. ئۆزلىرىنىڭ تۇرمۇشىغا زىچ باغلانغان قارارلاردا، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭمۇ بايان قىلىش ھوقۇقىنىڭ بولىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ.

ب د ت نىڭ ئەزالىرى دۇنيانىڭ ھەممە يېرىگە دېگۈدەك تارقالغان، ھەممە كىشىنىڭ باراۋەر بولغان قىممەت ئاساسىنىڭ ئۈستىگە قۇرۇلغان. بىز ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ، ئىنسانىيەتنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن مۇشۇنداق بىر ئورگاننى تەسىس قىلىشىمىز تېخى يېقىنقى ئىش. بۇ خەلقئارالىق، كام بولسا بولمايدىغان، ئىنسانىيەتنىڭ ئىلگىرىلىشىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان بۇ تەشكىل بىلەن، مەنپەئەتكە بولغان بىردەك تونۇش ۋە ئۆز ئارا ھەمكارلىققا بولغان ئىزدىنىش ئارقىلىق، ب د ت كۆپچىلىك ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ. شۈبھىسىزكى، بۇ ھەم نوبېل مۇكاپاتى كوممېتىتىنىڭ نېمە ئۈچۈن، ئۇ «يۈز يىللىق خاتىرە پەيتلىرىدە، دۇنياغا، ب د ت ئارقىلىق دۆلەتلەر ئارىسىدا بولغان سۆھبەت، يەرشارىلاشقان تېنچلىق ۋە ھەمكارلىققا بارىدىغان بىردىنبىر يول» دېيىشىنىڭ سەۋەبى.

مەن، نوبېل كوممېتىتىنىڭمۇ پۈتۈن دۇنياغا جەڭ ئېلان قىلىشتىن ئىبارەت بۇ ساھەدە، دۇنيا سىنىپلىرىنىڭ ھەمكارلىقىدىن باشقا ھېچقانداق تاللاش يولى يوقلىقىنى تونۇپ يەتكەنلىكىگە ئىشىنىمەن. بەزى دۆلەتلەر قانۇن بىلەن ئىدارە قىلىشقا بۇزغۇنچلىق قىلىدىكەن، شەخسنىڭ پۇقرالىق ھوقۇقىغا دەخلى-تەرۇز قىلىدىكەن، بۇ دۆلەتلەر ئۆزلىرىنىڭ دۆلىتىگە نىسبەتەن تەھدىت بولۇپ قالماستىن، بەلكى ئۆز خوشنىلىرىنىڭمۇ تەھدىتىگە ئايلىنىدۇ، ھەتتا پۈتۈن دۇنيانى ھالاك قىلىدۇ. نۆۋەتتە بىزگە لازىم بولغىنى تېخىمۇ ئەلا بولغان باشقۇرۇش ــــ قانۇنلۇق، دېموكراتىيىلىك ھۆكۈمرانلىق، پەقەت مۇشۇنداق بولغان ھۆكۈمرانلىقلا ھەر بىر شەخسنىڭ ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇشىنى، ھەر بىر دۆلەتنىڭ گۈللىنىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرالايدۇ.

پادىشاھ ئالىيلىرى، ھەرقايسى جانابلار، نورۋىگىيە نوبېل كوممېتىتىنىڭ ھۆرمەتلىك ھەيئەتلىرى، خانىملار، ئەپەندىملەر:

كۆپچىلىك بۈگۈن مەن نۇتۇقۇمنىڭ بېشىدا تىلغا ئېلىپ ئۆتكەن ھېلىقى ئافغانلىق قىزنى ئەسلەپ ئۆتكەيسىلەر. ئۇ قىزنىڭ ئانىسى گەرچە پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن ئۇ قىزنى قوغدىماقچى بولسىمۇ، ئۇنى تەربىيىلىمەكچى  بولسىمۇ، ئۇ قىزنىڭ ئۆزىنىڭ بەش ياشلىق ۋاقتىنى كۆرەلمەسلىك ئېھتىمالى بار. ئۇنىڭ بەش ياشقىچە ئۆمۈر كۆرەلىشى ياكى كۆرەلمەسلىكى مۇشۇ ئولتۇرغان كۆپچىلىككە ئورتاق بولغان ئىنسانپەرۋەرلىككە بولغان بىر قېتىملىق سىناق ــــ بىزنىڭ ئېتىقادىمىزنى، ئىشەنچىمىزنى سىنايدىغان ــــ بىز ئۆز قېرىنداشلىرىمىغا نىسبەتەن ئۆز مەسئۇلىيىتىمىزنى ئادا قىلىشىمىز كېرەك. بۇ بىردىنبىر مۇھىم سىناقتۇر.

بۇ كىچىك قىزنى يۈرۈگىمىزگە ئويۇۋېلىش، بىزنى، تېخىمۇ ئۇلۇغ نىشانغا ـــ نامراتلىقنى يېڭىش، توقۇنۇشتىن ساقلىنىش، كېسەللىكنى داۋالاپ ساقايتىش ـــ ئاستا-ئاستا، قەدەممۇ قەدەم يېقىنلاشتۇرىدۇ، ھەتتا ئۇنى رېئاللىققا ئايلاندۇرۇش بوسۇغىسىغا ئېلىپ بارىدۇ. ئەمەلىيەتتە، بۇ نىشانلار ئويلىغىنىمىزدەك ئۇنچىلىك يىراقتا، قول يەتمەس يەردە ئەمەس ـــ ئۇلار قولىمىزنى سۇنساقلا يېتىدىغان يەردە. چۈنكى، دۆلەت ۋە مىللەت، ئىدىيە-ئاڭ ۋە گەپ-سۆزنىڭ ئىپادىلىنىشى ياكى ئۇقۇم ئاستىدا تۇرغىنى ئېغىر كۈلپەت ئىچىدىكى شەخسلەرنىڭ تەقدىرى. بۇ يېڭى ئەسىردە، ئۇلارغا ئەكىس يانىدىغىنى ب د ت نىڭ بۇرچى.

كۆپچىلىككە رەھمەت.  [0]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#