ئىش ئۈستىدە يارىلىنىش تۆلىمى ۋە ھېسابلاش ئۇسۇلى

ئىش ئۈستىدە يارىلىنىش تۆلىمى ۋە ھېسابلاش ئۇسۇلى

ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلار ۋە ئەمگەكچى كۇپ ھاللاردا ئىشتا يارىلىنىش ۋە ئىشتا يارىلىنىش ئەمەسلىگى ھەققىدە تالاش تارتىش قىلىدۇ. بۇ ئەمگەكچىنىڭ جانىجان مەنپەتىگە مۇناسىۋەتلىك مۇھىم مەسىلە بولۇپ قانۇن بويىچە ئەمگەكچىنىڭ ھۇقۇق مەنپەتىنى قۇغداش كېرەك.

ئۇيغۇرچە نامى ئىش ئۈستىدە يارىلىنىش تۆلىمى ۋە ھېسابلاش ئۇسۇلى
خەنزۇچە نامى 工伤赔偿及计算方法

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

گوۋۇيۈەننىڭ «ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتىسى نىزامى» نىڭ 14-ماددىسىغا ئاساسلانغاندا، تۆۋەندىكى ئەھۋال بولغان ئىشچى خىزمەتچىلەر ئىشتا يارىلاندى دەپ بىكىتىلىدۇ.

(1) ئىش ۋاقتىدا ۋە ئىش سۇرۇنىدا ئىش سەۋەبىدىن ھادىسگە ئۇچراپ يارىلانغانلار.

(2) ئىش ۋاقتىنىڭ ئالدى كەينىدە ئىش سۇرۇنىدا ئىشقا تەييارىلىنىش ياكى ئىشنى يىغىشتۇرۇش جەريانىدا ھادىسىگە ئۇچراپ يارىلانغانلار.

(3) ئىش ۋاقتى ۋە ئىش سۇرۇنىدا مەسئۇليىتىنى ئادا قىلىۋىتىپ زوراۋانلىق قاتارلىق تاساددىپى ۋەقەلەرگە ئۇچراپ يارىلانغانلار.

(4) كەسپى كىسەل بولغانلار.

(5) ئىش بىلەن سىرىتىقا چىققاندا، ئىش سەۋەبىدىن يارىلانغانلار ياكى ھادىسىگە ئۇچراپ ئىز دىرىگى بولمىغانلار.

(6) ئىشقا كىلىپ كىلىپ كىتىشتە ئۇزى ئاساسلىق جاۋاپكار بولمىغان قاتناش ھادسى ياكى شەھەردىكى رىلىسلىق قاتناش، يۇلۇچىلار كىمە پاراخۇتى، پويىزدا ھادىسىگە ئۇچراپ يارىلانغانلار.

(7) قانۇن مەمۇرى نىزاملاردا ئىشتا يارىلاندى دەپ بىكىتىش بەلگىلەنگەن باشقا ئەھۋاللار.

 يەنە مۇشۇ نىزامنىڭ 15-ماددىسىغا ئاساسلانغاندا تۆۋەندىكى ئەھۋالىنىڭ بىرى بولغانلارمۇ ئىشتا يارىلاندى دەپ قارىلىدۇ.

(1) ئىش ۋاقتى ۋە ئىش ئۇرنىدا تۇيۇقسىز كىسەل بولۇپ ئۇلۇپ كەتكەن ياكى 48 سائەت ئىچىدە جىددى قۇتقۇزۇش ئۇنۇم بەرمەي ئۆلۈپ كەتكەنلەر.

(2) خەتەردىن، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش قاتارلىق دۆلەت مەنپەتى، جامائەت مەنپەتىنى قۇغداشتا يارىلانغانلار.

(3) ئىشچى خىزمەتچى ئىلگىرى قىسىمدا مەجبۇريەت ئۇتەپ، جەڭدە ۋە ھۇكۇمەت ئىشىدا مېيىپ بولۇپ، ئىنقىلابى مەجرۇھ ھەربىيلەر كىنىشكىسى ئالغان، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنغا بارغاندىن كىيىن كىسىلى قۇزغالغانلار. ئالدىنىقى تارماقنىڭ (1)، (2) تارماقچىلىردىكى ئەھۋالنىڭ بىرى بولغانلىرى مۇشۇ نىزامدىكى بەلگىلىمە بويىچە، ئىشتا يارلىنش سۇغۇرتا تەمىناتىدىن بەھرىمەن بولىدۇ،

(4) تارماقچىدا بەلگىلەنگەن ئەھۋال بولغانلىرى مۇشۇ نىزامدىكى بەلگىلىمە بويىچە، بىر يۇلىلا بىرىلىدىغان مېيىپلىق ياردەم پۇلىدىن باشقا ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتا تەمىناتىدىن بەھرىمەن بولىدۇ. 

مۇشۇ نىزامنىڭ 14-، 15- ماددىسىدا بەلگىلەنگەن ئەھۋاللار بولسىمۇ لىكىن تۆۋەندىكى ئەھۋالنىڭ بىرى بولغانلىرىنى ئىشتا يارىلاندى دەپ قاراشقا ياكى ئىشتا يارىلاندى دەپ بىكتىشكە بولمايدۇ.

(1) قەستەن جىنايەت ئۇتكۇزگەنلەر.

(2) ھاراق ئىچىپ مەسىت بولغانلار ياكى زەھەر چەككەنلەر.

(3) ئۇزىنى مېيىپ قىلىۋالغانلار ياكى ئۇلىۋالغانلار. ئىشچى خىزمەتچى ئىشتا يارىلانغاندىن كىيىن ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ھادىسە يۇز بەرگەن كۇندىن باشلاپ 30 كۇن ئىچىدە ئىشتا يارلىشنى بىكىتىپ بىرىشنى ئىلتىماس قىلشى لازىم. ئەگەر ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ئىشتا يارىلىنىشنى بىكىتىپ بىرىشنى ئىلتىماس قىلمىسا ئىشتا يارىلانغۇچى ۋە ئۇنىڭ يىقىن تۇققانلىرى ھادىسە يۇز بەرگەن كۇندىن باشلاپ بىر يىل ئىچىدە ئىشتا يارىلىنىشنى بىكىتىپ بىرىشنى ئىلتىماس قىلىشى كېرەك. ئىشتا يارىلىنىشنى بىكىتىپ بىرىشنى ئىلتىماس قىلىشتا تۆۋەندىكى ماتىرياللارنى تاپشۇرىشى كېرەك. ئىشتا يارىلىنىشنى بىكتىپ بىرىشنى ئىلتىماس قىلىش جەدىۋىلى، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن بىلەن بولغان ئەمگەك مۇناسىۋتى بارلىقىغا دائىر ئىسپات. داۋلاش دىئاگنۇز ئىسپاتى ياكى كەسپى كىسەللىك ئىسپاتى قاتارلىقلار. ئىشتا يارىلاندى دەپ قارالغاندا ئىشلىگەن ئۇرنى ۋە ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتا فۇندى تۆۋەندىكى تۆلەملەرنى تۆلەيدۇ. ئىش ئۈستىد يارىلانغۇچى ئۆلمىگەن ئەھۋالدا مۇنداق ھىسابلىنىدۇ:

داۋالاش ھەققى

داۋالاش ھەققى. بۇ ھەق ئىش ئۈستىدە يارىلانغۇچى كىسىلىنى داۋالاتقان ئەمەلى تالۇن بويىچە چىقىم قىلىپ بىرىلىدۇ. ئىشچى خىزمەتچى داۋالاش مۇلازىمەت كىلىشىمى ئىمزالىغان داۋالاش ئاپپاراتىدا داۋالىنىشى كېرەك. جىددى ئەھۋالدا يىقىن ئەتىراپتىكى داۋالاش ئاپپاراتىدا داۋالىنىشى لازىم. ئىشتا يارىلانغانلارنى داۋالاش خىراجىتىنىڭ ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتىسىدىكى دىئاگنۇز قۇيۇش ۋە داۋالاش تۇر مۇندەرىجىسى، ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتىسىدىكى دۇرا مۇندەرىجىسى، ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتىسىدكى كىسەلخانا مۇلازىمەت ئۇلچىمىگە ئۇيغۇن كەلگەنلىرى ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتا فۇندىدىن چىقىم قىلىنىدۇ. ئشچى خىزمەتچى داۋالاش ئاپپاراتىدا سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۇرۇسە شۇ خىراجەتنىڭ بەلگىلىمىگە ئۇيغۇن كەلگەنلىرنى سۇغۇرتا فۇندى تۇلەيدۇ. ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتىسىدىكى دىئاگنۇز قۇيۇش ۋە داۋالاش تۇر مۇندەرىجىسىنى، ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتىسىدىكى دۇرا مۇندەرىجىسىنى، ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتىسىدكى كىسەلخانا مۇلازىمەت ئۇلچىمىنى گۇۋۇيەننىڭ ئىجتىمايى سۇغۇرتا مەمۇرى تارمىقى، گۇۋۇيۇننىڭ سەھىيە مەمۇرى تارمىقى، يىمەكلىك دۇرا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارمىقى، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى نازارەت قىلىپ قىلىپ باشقۇرۇش تارمىقى بەلگىلەيدۇ.

تاماق ياردەم پۇلى

تاماق ياردەم پۇلى. داۋالاش ئاپپاراتىنىڭ ئىسپاتىدىكى كۇن سانىغا قاراپ ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتا فۇندىدىن چىقىم قىلىنىدۇ. ئەگەر دۇختۇرنىڭ تەكلىپى بىلەن ئۇزۇقلۇق كۇچەيتىشكە تۇغرا كەلسە بۇمۇ تۇلىنىدۇ. چىقىم قىلىش كۇنكىرىت ئۇلچىمىنى شۇ رايۇندىكى خەلق ھۇكۇمىتى بەلگىلەيدۇ.

 قاتناش ھەققى

قاتناش ھەققى. بۇ دۇختۇخانىدىن يۇتكەلگەن ۋە دۇختۇرخانىغا ئىلىپ كىلنگەن قاتناش ھەققىنى كۇرسىتىدۇ. بۇ ھەق شۇ ئىشچى ئىشلىگەن ئىدارىدىكى ئىشچىلارنىڭ خىزمەت مۇناسىۋتى بىلەن سىرىتقان چىققاندىكى قاتناش ھەققى ئۆلچىمى بويىچە بىرىلىدۇ. قاتناش ھەققىگە ئۆلچەملىك تالۇن ئىلىش كېرەك. ئەگەر ئىشتا يارىلانغۇچى دۇختۇرخانىدىن يۇتكەلگەندە دۇختۇرخانىدا بىر ئادەم قاراشقا تۇغرا كەلسە بۇمۇ تۇلەپ بىرىلىدۇ. بۇ ھەق ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتا فۇندىدىن چىقىم قىلىنىدۇ.

مېيىپلىق سايمان پۇلى

مېيىپلىق سايمان پۇلى. بۇ ئىشتا يارىلانغان ئىشچى خىزمەتچى كۇندۇلۇك تۇرۇمۇش ۋە ياكى ئىشقا ئورۇنلىشىش ئىھتىياجى ئۇچۇن، ئەمگەك ئىقتىدارىنى باھالاش كۇمۇتىتىنىڭ ئىتىراپ قىلىشى بىلەن يالغان قۇل پۇت، شەكىل تۇزگۇچ، يالغان كۇز، يالغان چىش، ماتۇرسىز چاقلىق ئورۇندۇق قاتارلىقلارنى كۇرسىتىدۇ. بۇ سايمانلار ئاساسلىقى دۇلىتىمىزدە ئىشلەنگەن سايمانلارنى كۇرسىتدۇ. بۇ خىراجەتنى ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتا فۇندى تۇلەيدۇ.

ئىشتىن تۇختاپ داۋالانغاندىكى مائاش ۋە تەمىناتى

ئىشتىن تۇختاپ داۋالانغاندىكى مائاش ۋە تەمىناتى. بۇ شۇ ئىشچىنىڭ ئەسلى ئورۇندا ئىشلەۋاتقان ۋاقتىدىكى مائاشى ۋە تەمىناتى بىلەن ئۇخشاش بولىدۇ. بۇ مەزگىلدە ئىدارسى قاراشقا ئادەم ئەۋەتىشى كېرەك. ئەگەر ئادەم ئەۋەتمىسە قارىغۇچىلارنىڭ ئىش ھەققى بويىچە قاراش ھەققى تۆلىشى كېرەك. قارىغۇچىنىڭ كىرىمى بولسا ئىشتىن قىلىش ھەققىنى ھىسابلىغانغا ئۇخشاش ھىسابلىسا بولىدۇ. ئەگەر قاراشقا شۇ جايدىكى قاراش ئىشى بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلارنى ئىشلەتكەن بولسا قاراش ئىشى بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلارنىڭ شۇ جايدىكى ئىش ھەققى بۇيىچە ھىسابلانسىمۇ بولىدۇ. قارىغۇچى ئادەتتە بىر كىشى بولسا بولىدۇ، لىكىن دۇختۇرخانىنىڭ ياكى باھالاش ئورۇنلىرنىڭ پىكرىدە قارىغۇچى ئادەم سانى باشقىچە بىكىتىلگەن بولسا شۇ بويىچە بولىدۇ. ئادەتتە ئىشتىن تۇختاپ داۋالىنىش ۋاقتى 12 ئايدىن ئېشىپ كىتىشكە بولمايدۇ. ئەھۋالى ئالاھىدە بولۇپ ئۇزارتىشقا تۇغراكەلسە شۇ جايدىكى ئەمگەك ئىقتىدارىنى باھالاش ئورۇنلىرنىڭ بىكىتىشى بىلەن مۇۋاپىق ئۇزارىتسا بولىدۇ، لىكىن يەنە ئۇزارتىلغان ۋاقىت 12 ئايدىن ئىشىپ كىتىشكە بولمايدۇ. ئىشتا يارىلانغۇچى داۋالاش ئاياغلىشىپ مېيىپ دەپ بىكىتىلگەندە مائاش ۋە تەمىناتى تۇختىلىپ مېيىپلىق تەمىناتى بېرىلىدۇ. ئەگەر يەنىلا داۋالىنىشقا تۇغرا كەلسە ئىشتا يارىلىنىش سۇغورتا تەمىناتى بويىچە ھەق بېرىلىدۇ.

ھالىدىن خەۋەر ئىلىش خىراجىتى

ھالىدىن خەۋەر ئىلىش خىراجىتى. ئىشتا يارىلانغان ئىشچى خىزمەتچى مېيىپ دەپ بىكتىلگەندىن كىيىن ھەم ئەمگەك ئىقتىدارنى باھالاش كۇمۇتىتى ھالىدىن خەۋەر ئىلىش كېرەكلىگىنى بىكىتكەندىن كىيىن بۇ ھەق سۇغۇرتا فۇندىدىن بىرىلىدۇ. ھالىدىن خەۋەر ئىلىش خىراجىتى ئۈچ خىل دەرىجىگە قاراپ ھىسابلىنىدۇ. ئەمگەك ئىقتىدارنى باھالاش كۇمىتىتى، ۋە ئەدىلىيىلىك باھالاش ئورۇنلىرى «ھاجىتىدىن چىقالماسلىق»، «ئاساسەن ھاجىتىدىن چىقالماسلىق»، «قىسمەن ھاجىتىدىن چىقالماسلىق» دەپ ئۇچ خىل باھالايدۇ. ھاجىتىدىن چىقالماسلىق دەرىجىسگە شۇ رايۇندىكى ئىش ئورنىدىكى ئىشچىلارنىڭ ئالدىنقى يىللىق ئۇتتۇرچە ئايلىق ئىش ھەققىنىڭ %50 بويىچە، ئاساسەن ھاجىتىدىن چىقالماسلىق دەرىجىسگە شۇ رايۇندىكى ئىش ئۇرنىدىكى ئىشچىلارنىڭ ئالدىنقى يىللىق ئۇتتۇرچە ئايلىق ئىش ھەققىنىڭ %40 بويىچە، قىسمەن ھاجىتىدىن چىقالماسلىق دەرىجىسگە شۇ رايۇندىكى ئىش ئورنىدىكى ئىشچىلارنىڭ ئالدىنقى يىللىق ئۇتتۇرچە ئايلىق ئىش ھەققىنىڭ %30 بويىچە ھالىدىن خەۋەر ئىلىش خىراجىتى بىرىلىدۇ. بۇ پۇل ئەھۋالغا قاراپ ھەر ئايدا ياكى بىر يۇلىلا بىرىلىدۇ. ئەڭ ئۇزۇن بىرىش ۋاقتى 20 يىلدىن ئاشمايدۇ. يەنى ئىشتا يارىلانغۇچى ئەگەر ئورۇن بىلەن ئەمگەك مۇناسىۋتنى ئاياغلاشتۇرسا بۇ پۇلنى بىراقلا بىرىدۇ، ئەگەر ئاياغلاشتۇرمىسا ھەر ئايدا بەرسىمۇ بولىدۇ.

مېيىپلىق ياردەم پۇلى

مېيىپلىق ياردەم پۇلى ئادەتتە مۇنداق ھىسابلىنىدۇ. ئىشتا يارىلانغان ئىشچى خىزمەتچىلەردىن 1-دەرىجىلىكتىن 4-دەرىجىلىككىچە مېيىپ دەپ باھالانغانلىرى ئەمگەك مۇناسىۋتىنى ساقلاپ قالىدۇ، ئىش ئۇرنىدىن چىكىنىدۇ ۋە تۆۋەندىكىىچە تەمىناتتىن بەھرىمەن بولىدۇ. 1-دەرىجىلىك مېيىپقا شۇ ئىشچى مائاشىنىڭ 27 ئايلىقى، 2-دەرىجىلىك مېيىپقا شۇ ئىشچى مائاشىنىڭ 25 ئايلىقى، 3-دەرىجىلىك مېيىپقا شۇ ئىشچى مائاشىنىڭ 23 ئايلىقى، 4-دەرىجىلىك مېيىپقا شۇ ئىشچى مائاشىنىڭ 21 ئايلىقى بۇينچە مېيىپلىق ياردەم پۇلى بىرىلىدۇ. ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ئىشچى خىزمەتچىنىڭ ئاساسى داۋالىنىش سۇغۇرتىسىنى تاپشۇرىدۇ. ئىشچى خىزمەتچى 5-دەرىجىلىك ۋە 6-دەرىجىلىك مېيىپ دەپ باھالانغانلىرى ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن بىلەن ئەمگەك مۇناسىۋتىنى ساقلاپ قالغانلىرنى، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن مۇۋاپىق ئىشقا ئورۇنلاشتۇرىدۇ. ئورۇنلاشتۇرۇش قىيىن بولغانلارغا ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن مېيىپلىك قۇشۇمچە پۇلىنى ئايمۇ ئاي بىرىدۇ، ئۇلار ئۇچۇن تۇرلۇك سۇغۇرتىلارنى تاپشۇرىدۇ. ئىشتا مېيىپ بولغان ئىشچى خىزمەتچىنىڭ ئىلتىماسى بىلەن ئەمگەك مۇناسىۋتىنى ئاخىرلاشتۇرسىمۇ بولىدۇ. 5–دەرىجىلىك مېيىپقا شۇ ئىشچى مائاشىنىڭ 18-ئايلىق مائاشى، 6-دەرىجىلىك مېيىپقا شۇ ئىشچى مائاشىنىڭ 16-ئايلىق مائاشى، 7- دەرىجىلىك مېيىپقا شۇ ئىشچى مائاشىنىڭ 13 ئايلىق، 8-دەرىجىلىك مېيىپقا شۇ ئىشچى مائاشىنىڭ 11 ئايلىق مائاشى مائاشى، 9- دەرىجىلىك مېيىپقا شۇ ئىشچى مائاشىنىڭ 9 ئايلىق مائاشى، 10-دەرىجىلىك مېيىپقا شۇ ئىشچى مائاشىنىڭ 7ئايلىق مائاشى بۇينچە بىرىلىدۇ. مېيىپلىق ياردەم پۇلى ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتا فۇندىدىن چىقىم قىلىنىدۇ.

مېيىپلىق قۇشۇمچە پۇلى

مېيىپلىق قۇشۇمچە پۇلى. مېيىپلىق قۇشۇمچە پۇلى ئىشتا يارىلانغۇچى ئىشتا يارلىنىپ 1-دەرىجىدىن 4-دەرىجىگىچە مېيىپ دەپ باھالىنىپ ئىش ئۇرنى بىلەن ئەمگەك مۇناسىۋتىنى ساقلاپ قىلىپ ئالىدىغان پۇلنى كۇرسىتىدۇ. بۇ مۇنداق ھىسابلىنىدۇ. 1-دەرىجىلىك مېيىپقا شۇ ئىشچى مائاشىنڭ %90 تى، 2-دەرىجىلىك مېيىپقا شۇ ئىشچى مائاشىنڭ %85 تى، 3-دەرىجىلىك مېيىپقا شۇ ئىشچى مائاشىنڭ %80 تى، 4-دەرىجىلىك مېيىپقا شۇ ئىشچى مائاشىنڭ %75 تى، 5-دەرىجىلىك مېيىپقا شۇ ئىشچى مائاشىنڭ %700 تى، 6-دەرىجىلىك مېيىپقا شۇ ئىشچى مائاشىنڭ %60 تى، بويىچە بىرىلىدۇ. 5- 6-دەرىجىلىك مېيىپلار ئەمگەك مۇناسىۋتىنى ساقلاپ قالسا، ئىش ئورنى مۇۋاپىق ئورۇن بىلەن تەمىنلىيەلمىسە يۇقۇردىكى تۆلەمگە ئىرىشەلەيدۇ. يەنى 5- ۋە 6-دەرىجىلىك مېيىپ بولۇپ ئورۇن بىلەن ئەمگەك مۇناسىۋتىنى ساقلاپ قالىدىغان، ئورون مۇۋاپىق ئىش ئورنى بەرسە ئىشتا يارىلانغۇچى ھۆددىسىدىن چىقالمايدىغان ئەھۋالدا ئالىدىغان ھەقنى كۆرسىتىدو. يۇقۇرىدا دىيىلگەن «مائاش » شۇ رايۇندىكى ئىش ئۇرنىدىكى ئىشچىلارنىڭ ئۇتتۇرچە مائاشى ۋە ئىستىمال چىقىمىغا قاراپ مۇۋاپىق ھىسابلىنىدۇ. دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك مەسىلە شۇكى 5-6-دەرىجىلىك مېيىپقا مېيىپلىق قۇشۇمچە پۇلى بىرىشتە ئىشتا يارىلانغۇچى ئورۇن بىلەن ئەمگەك مۇناسىۋتىنى ساقلاپ قىلىشى، ھەمدە ئورۇن مۇۋاپىق ئىشقا ئورۇنلاشتۇرالمىغان بولۇشى كېرەك. بۇ پۇل ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتا فۇندىدىن بىرىلىدۇ.

بىر قېتىملىق داۋالىنىش پۇلى ۋە مېيىپلىق ئىشقا ئورۇنلىشىش ھەققى

بىر قېتىملىق داۋالىنىش پۇلى ۋە مېيىپلىق ئىشقا ئورۇنلىشىش ھەققى. بۇ ھەقنى بىرىشنىڭ ئالدىنقى شەرتى بولسا ئىشتا يارىلانغۇچى ئۇزى ئەمگەك مۇناسىۋتىنى ئاياغلاشتۇرۇشنى ئىلتىماس قىلغان بولىشى يەنى 5-ۋە 6-دەرىجىلىك مېيىپلار ئۇزى ئەمگەك مۇناسىۋتىنى ئاياغلاشتۇرۇشنى ئىلتىماس قىلغان بولىشى ۋە ئەمگەك مۇناسىۋتى ئاخىرلاشقان بولۇشى كېرەك. 7-دەرىجىدىن 10-دەرىجىگىچە بولغان مېيىپلار ئەمگەك تۇختامى ئاياغلاشقان ياكى ئىشچى ئاياغلاشتۇرۇشنى ئىلتىماس قىلغان، ئەمگەك مۇناسىۋتى ئاياغلاشقان بولىشى كېرەك. بۇ ئۆلچەم ھەرقايسى رايۇنلارنىڭ ئۇخشىمايدۇ. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنىنىڭ ئەمگەك سۇغۇرتا نىزامىنى يۇلغا قۇيۇش چارىسىگە ئاساسەن بۇ ئۆلچەم مۇنداق بولىدۇ. 5-دەرىجىلىك مېيىپقا بىر يۇلىلا بىرىلىدىغان داۋالىنىش پۇلى مۇشۇ رايۇندىكى ئۇخشاش كەسىپتىكى ئىش ئۇرنىدىكى ئىشچىلارنىڭ ئالدىنقى يىللىق ئۇتتۇرچە مائاشىنىڭ 11 ئايلىقى بويىچە، بىر يۇلىلا بىرىلىدىغان ئىشقا ئورۇنلىشىش ياردەم پۇلى ئۇرنىدىكى ئىشچىلارنىڭ ئالدىنقى يىللىق ئۇتتۇرچە مائاشىنىڭ 27 ئايلىقى بويىچە، بىر يولىلا بىرىلىدىغان داۋالىنىش پۇلى يۇقۇرقى ئۇسۇل بويىچە 6-دەرىجىلىك مىيپقا 10ئايلىق مائاش، 7-دەرىجىلىك مېيىپقا 9ئايلىق مائاش، 8-دەرىجىلىك مېيىپقا 8 ئايلىق، 9–دەرىجىلىك مېيىپقا 7 ئايلىق مائاش، 10-دەرىجىلىك مېيىپقا 6 ئايلىق مائاش بىرىلىدۇ. بىر يۇلىلا بىرىلىدىغان مېيىپلىق ئىشقا ئورۇنلىشىش پۇلى (مۇشۇ رايۇندىكى ئۇخشاش كەسىپتىكى ئىش ئۇرنىدىكى ئىشچىلارنىڭ ئالدىنقى يىللىق ئۇتتۇرچە مائاشى بويىچە) يۇقۇرقى ئۆلچەم بويىچە 5- دەرىجىلىك مېيىپقا 27 ئايلىق مائاشى، 6-دەرىجىلىك مېيىپقا 24-ئايلىق مائاشى، 7-دەرىجىلىك مېيىپقا 21 ئايلىق مائاشى، 8-دەرىجىلىك مىيىقا 18 ئايلىق مائاشى، 9-دەرىجىلىك مېيىپقا 15 ئايلىق مائاشى، 10-دەرىجىلىك مېيىپقا 12 ئايلىق مائاشى بويىچە ھىسابلاپ بىرىلىدۇ. ئەگەر ئىشتا يارىلانغۇچى قانۇندا بەلگىلەنگەن دەم ئىلىش يىشىغا تۇشۇشقا 5 ياش قالغان بولسا ئايرىم بىر تەرەپ قىلنىدۇ. يەنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنىنىڭ ئەمگەك سۇغۇتا نىزامىنى يۇلغان قۇيۇش چارسىگە ئاساسەن بىجىرىلدۇ. مائاش شۇ ئۆلكە ئاپتۇنۇم رايۇننىڭ سىتاسىتكا تارماقلىرى ئىلان قىلغان ئىش ئۇرنىدىكى ئىشچىلارنىڭ مائاشىنى ئاساس قىلسىمۇ شۇ ئىشچىنىڭ ئەمىلى ئىلىۋاتقان مائاشىنى ئاساس قىلسىمۇ بولىدۇ. بىر قىتىملىق داۋالىنىش ھەققى ۋە مېيىپلىق ئىشقا ئورۇنلىشىش ھەققىنىڭ نىڭ كۇنكىرىت ئۇلچىمنى ئۇلكىلىك ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق، بىۋاستە قاراشلىق خەلق ھۇكۇمەتلىرى قەرەللىك ئۇزگەرتىدۇ ۋە بىكىتىدۇ.

زىيانلانغۇچى ئۆلگەن ئەھۋالدا

زىيانلانغۇچى ئۆلگەن ئەھۋالدا مۇنداق ھىسابلىنىدۇ:

1. دەپنە پۇلى شۇ رايۇندىكى ئىش ئورنىدىكى ئىشچى خىزمەتچىلەرنىڭ ئالدىنقى يىللىق ئوتتوورچە ئايلىق مائاشى بويىچە 6 ئايلىق بىرىلىدۇ. ئەگەر 1-دەرىجىدىن 4-دەرىجىگىچە مېيىپ بولۇپ ئىشتىن تۇختاپ داۋالىنىش مەزگىلدە ۋە شۇ مۇددەت تۇشقاندىن كىيىن ئۇلۇپ كەتسىمۇ دەپنە پۇلىغا ئىرىشىدۇ. بۇ پۇل ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتا فوندىدىن بىرىلىدۇ.

2. يېقىن تۇققانلىرنى بېقىش نەپىقە پۇلى بۇ پۇل ئادەتتە ئۇلۇپ كەتكەنلەرگە ۋە 1-دەرىجىدىن 4-دەرىجىگىچە مېيىپ بولۇپ داۋالىنىش مۇددىتى تۈگىگەندىن كىيىن ئۇلۇپ كەتكەنلەرنىڭ يىقىن تۇققانلىرغا بىرىلىدۇ.

 بۇ ھەقنى بىرىشنىڭ ئۆلچىمى مۇنداق :

1. جۆرىسىنىڭ ئەمگەك ئىقتىدارى بولماسلىق ۋە ئۇلگۇچىنىڭ ھايات ۋاقتىدىكى ئىش ھەققىگە تايىنىدىغان بولۇش

2. ئەر جۆرە بولسا 60 ياشتىن ئاشقان بولۇش ئايال جۆرە بولسا 55 ياشتىن ئاشقان بولۇش

3. ئىشتا يارىلانغۇچىنىڭ پەرزەنتى بولسا 18 ياشتىن تۆۋەن بولۇش.

باشقا تۇققانلىرىنىڭ بۇ پۇلنى ئىلىش شەرتى؛

1. ئىشتا ئۆلگۈچى ھايات ۋاقتىدا ئاساسلىق باققان بولۇش؛

2. ئەمگەك ئىقتىدارى بولماسلىق؛

3. روھى كىسەل بولۇش

 4. ئەگەر ئۇلگۇچى ھايات ۋاقتىدا ئاتا ئانىسى ئۇلۇپ كىتىپ، ياكى ئۇلارنىڭ ئەمگەك ئىقتىدارى بولماي قېين ئاتا (60 ياشتىن يۇقۇى بولۇشى) قېين ئانىسىنى (55 ياشتىن يۇقۇرى بولۇشى) بىقىۋاتقان بولسا

 5. ئۆلگۇچىنىڭ ئاتا ئاتا ئانسى ئۇلۇپ كەتكەن ياكى ئەمگەك ئىقتىدارى بولماي 18 ياشتىن تۆۋەن پەرزەنىتلەر بولسا، قىيناتا قىيئانىسى ئۇلۇپ كىتىپ ياكى ئەمگەك ئىقتىدارى بولماي 18 ياشتىن نەۋرىلەر بولسا.

 ئۇلار ئادەتتە جۇرىسگە شۇ ئىشچى مائاشىنىڭ %40، باشقا يقىن تۇققىنىغا شۇ ئشچى مائاشىنىڭ %30، ئۇندىن باشقا شۇ ئىشچى خىزمەتچى ھايات ۋاقتىدا ئاساسلىق باققان ئىگە چاقىسز، يىتىم بالىلارغا يۇقۇردىكى ئۇلچەم ئاساسىدا %10 قۇشۇپ بىرىلسە بولىدۇ. ئىشچى خىزمەتچى سىرىتقا ئىش ئۇرنىنڭ ئىشى بىلەن چىقىپ ۋەزىپە ئىجرا قىلىۋىتىپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ۋەزىپىسى ئىجرا قىلىۋىتىپ، يۇقاپ كەتسە ئىز دىرىگى بولمىسا، سوت مەھكىمسى ئۆلدى دەپ جاكارلىسىا مائاشى ئىش ئۇرنى تەرىپىدىن تۇت ئاي داۋاملىق بىرىلىپ ئاندىن تۇختىلىپ، ئۇلارنىڭ باقىدىغان تۇققانلىرغا بىقىش نەپىقە پۇلى بىرىلىدۇ. يۇقۇردا دىيىلگەن «مائاش» شۇ رايۇندىكى ئىش ئۇرنىدىكى ئىشچىلارنىڭ ئۇتتۇرچە مائاشى كۇرسىتىدۇ. بۇ پۇل ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتا فۇندىدىن بىرىلدۇ. بۇ يەردە دىيلگەن يىقىن تۇققانلار «ئىشتا ئۇلگەن ئىشچى خىزمەتچىلەرنىڭ يىقىن تۇققانلىرى دائىرسى ھەققدىكى بەلگىلىمە» گە ئاساسەن مۇنداق بولىدۇ؛ جۇرىسى، پەرزەنتى، ئاتا ئانىسى، ئاتا تەرەپ بۇۋا مۇمىسى، ئانا تەرەپ بۇۋا مۇمىسى نەۋرىسى، قىز نەۋرە ۋە ئوغۇل نەۋرىللىرنى كۇرسىتىدۇ. بۇ پۇل ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتا فوندىدىن بىرلىدۇ.

3. ئىشتا ئۆلگەنلىك تۇلۇقلىما پۇلى ئالدىنقى يىللىق دۆلىتىمىز شەھەر بازار ئاھالىلىرنىڭ بىر يىللىق كىرىمىنىڭ 20 ھەسسىسى بويىچە بىرىلىدۇ. بۇ پۇل ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتا فۇندىدىن بىرىلدۇ.

4. ئىشچىنىڭ ئىز دىرىگى بولمىغان ئەھۋالدىكى تۆلەم: ئىشچى خىزمەتچى ئىش ئورنىنىڭ ئىشى بىلەن سىرىتقا چىقىپ ياكى ۋەزىپە ئىجرا قىلۋىتىپ، جىددى قۇتقۇزۇش ۋەزىپىسى ئىجرا قىلۋىتىپ يۇقاپ كەتسە، ئىزى دىرىگى بولمىسا سوت مەھكىمسى ئۆلدى دەپ جاكارلىسىا يۇقۇرقى 3-تارماقتىكى ئۇلچەم بويىچە پۇل بىرىىلىدۇ. ئىشچى خىزمەتچى ئىش ئورنىنىڭ ئىشى بىلەن سىرىتقا چىقىپ ياكى ۋەزىپە ئىجرا قىلۋىتىپ، جىددى قۇتقۇزۇش ۋەزىپىسى ئىجرا قىلۋىتىپ يۇقاپ كەتسە، شۇ ئىش يۇز بەرگەندىن باشلاپ 3 ئاي مائاشى بىرلىدۇ. 4-ئىيىدىن باشلاپ مائاش تۇختىلىدۇ. يىقىن تۇققانلىرغا ئايمۇ ئاي يىقىن تۇققانلىرنى بىقىش نەپىقە پۇلى بىرىلىدۇ. قىيىنچىلىق ئىغىر يىقىن تۇققانلارغا ئىشتا ئۇلۇش تۆلىمىنىڭ %50 نى ئالدىن بەرسە بولىدۇ.[0]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#