جىيا يېزىسى

جىيا يېزىسى

جىيا يېزىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى خوتەن شەھىرى گە 10 كىلومېتىر كېلىدىغان جايغا جايلاشقان.

ئۇيغۇرچە نامى جىيا يېزىسى
دۆلىتى جۇڭگو
مەمۇرىي رايون شەكلى يېزا
يەر مەيدانى 30 مىڭ 300 مو
كىلىماتى تىپىك قۇرۇقلۇق تىپىدىكى قۇرغاق چۆل كىلىماتى
خەنزۇچە ئاتىلىشى 吉亚乡
ئۆلكىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى
تەۋە رايون خوتەن شەھىرى
نوپۇسى 19603 ئادەم
پىنيىنچە يېزىلىشى jí yà xiāng

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

جىيا يېزىسىجىيا يېزىسى خوتەن شەھىرىگە 10 كىلومېتىر كېلىدىغان جايغا جايلاشقان. بوستانلىق قىسمىنىڭ جەنۇبتىن شىمالغا ئۇزۇنلۇقى 17 كىلومېتىر، شەرقتىن غەربكە ئوتتۇرىچە كەڭلىكى 4 كىلومېتىر، تېرىلغۇ يەر كۆلىمى 30 مىڭ 300 مو، كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان تېرىلغۇ يەر كۆلىمى 1.03 مو. قاتنىشى قۇلاي، بايلىقى مول. ئەسلىدە لوپ ناھىيە تەۋەسىدە بولۇپ ۋاكالەت نومۇرى 653224200، 2006-يىلى خوتەن شەھىرىنىڭ باشقۇرۇش تەۋەلىكىگە ئايرىپ بېرىلگەن.

قاراشلىقىدا تاۋىغاز كەنتى، سۇيا ئۈجمىلىك كەنتى، ئوتۇنچى يولى كەنتى، كۇچا كەنتى، سۇيالەڭگەر كەنتى، باشلەڭگەر كەنتى، قۇمباغ كەنتى، ھېلىماتام كەنتى، جىلغا ئېرىق كەنتى، قوتاز مەھەلە كەنتى، ئاق مەھەللە كەنتى، شاقى مەھەللە كەنتى، ئازنازا كەنتى، تېرەكلىك كەنتى، كىرپە مەھەللە كەنتى، مەدرىس بويى كەنتى، كالتە تۈگمەن كەنتى، باش تۈگمەن كەنتى قاتارلىق  18 كەنت ئاھالە كومىتېتى، 82 كەنت ئاھالە گۇرۇپپىسى بار.

پۈتۈن يېزا تەۋەسىدە 4415 ئائىلىلىك بار، ئومۇمىي نوپۇسى 19603 ئادەم. ئەرلەر 10281 ئادەم، ئاياللار 9322 ئادەم، بۇنىڭ ئىچىدە شەھەر نوپۇسى 350 ئادەم، يېزا نوپۇسى 18688 ئادەم. ئۇيغۇر لار 19558 ئادەم، ئومۇمىي نوپۇسنىڭ %99.77 نى ئىگەللىگەن، خەنزۇ لار 44 ئادەم، ئومۇمىي نوپۇسنىڭ  %0.22 نى ئىگەللىگەن، قازاق بىر ئادەم، ئومۇمىي نوپۇسنىڭ %0.01 نى ئىگەللىگەن، سىرتتىن كەلگەن ۋاقىتلىق ئولتۇرىدىغان كۆچمە 138 ئادەم.

جىيا يېزىسىنىڭ چېگرا ئىچىدىكى يەرلەرنىڭ جەنۇبى ئېگىز، شىمالى پەس، دېڭىز يۈزىدىن ئوتتۇرىچە ئېگىزلىكى 300 مېتىر، ھاۋاسى نەم، قۇم-بوران كۆپ، تىپىك قۇرۇقلۇق تىپىدىكى قۇرغاق چۆل كىلىماتىغا تەۋە، يىللىق ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى ℃11.5، يىللاردىن بۇيانقى يىللىق ئوتتۇرىچە يېغىن مىقدارى 32 مىللىمىتىر، قىروسىز مەزگىلى 212 كۈن. دەريا بويلىرىغا جايلاشقان بولغاچقا، يەر ئۈستى سۈيى بىرقەدەر مول، يىلىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 40 مىليون كۇب مېتىر سۇ بۆلۈپ، ئېقىپ چىققان بۇلاق سۈيى تەخمىنەن 15 مىڭ كۇب مېتىر.

جىيا يېزىسىيېزا ئوتتۇرا مەكتەپ 2 گە، باشلانغۇچ مەكتەپ 10 غا، ئوقۇغۇچىسى 3860 نەپەرگە، ئوقۇتقۇچى، ئىشچى-خىزمەتچىلەر 238 ئادەمگە يەتكەن. خوتەن ۋىلايەتلىك پىلانلىق تۇغۇت ئېتىبار سىياسەتلىرىنى نۇقتىلىق تەشۋىق قىلىشتىكى ئۈلگە كۆرسىتىش ئورۇنلىرىنىڭ بىرى، ھازىر يېزا بويىچە پىلانلىق تۇغۇتتا گۇۋاھنامە ئالغان ئائىلە 187 گە يەتكەن، نوپۇسنىڭ تەبىئىي كۆپىيىش نىسبىتى ‰9.14. توققۇز يېزا دەرىجىلىك مەدەنىي ئورۇندىن 16 سى، ۋىلايەت دەرىجىلىك مەدەنىي ئورۇندىن 3 بار. دوختۇرخانا بىر، يېزا ھەمكارلىشىپ داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا قاتناشقانلارنىڭ سانى 18538 ئادەمگە يەتكەن، سۇغۇرتىغا قاتنىشىش نىسبىتى %98 كە يەتكەن. شەھەر تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتىدىن بەھرىمەن بولغۇچىلار 217 گە يەتكەن، يېزىلاردىكى تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتىدىن بەھرىمەن بولغۇچىلار 2459 گە يەتكەن. 2006-يىلى 800 ئائىلىلىك يەر تەۋرەشكە چىداملىق ئۆي سالغان، 2009-يىللىق پىلاندا يەر تەۋرەشكە چىداملىق ئۆينى 800 گە يەتكۈزۈش پىلانلانغان.

جىيا يېزىسى تىپىك يېزا ئىگىلىك يىزىسى، قىلىنغان كىرىمى ئاساسلىق يېزا ئىگىلىك ۋە ئائىلە قول ھۈنەرۋەنچىلىكىدىن كەلگەن، يەر ئۈنۈمسىز، قۇمساڭ تۇپراق، ئاشلىق زىرائەتلىرىدىن ئاساسلىقى بۇغداي، كۆممىقوناق تېرىلىدۇ، ئىقتىسادىي زىرائەتلەردىن كېۋەز تېرىشنى ئاساس قىلغان، ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ئاز مىقداردا ياغلىق دانمۇ تېرىلىدۇ. 2011-يىلى ئىجتىمائىي ئىگىلىكنىڭ ئىشلەپچىقىرىش قىممىتى 7259.39 مىڭ يۈەنگە يەتكەن، بۇنىڭ ئىچىدە 1- كەسىپنىڭ مەھسۇلات قىممىتى 5040 مىڭ يۈەن، 2-كەسىپنىڭ مەھسۇلات قىممىتى 1060.14 مىڭ يۈەن، 3-كەسىپنىڭ قوشۇلما قىممىتى 1195.25 مىڭ يۈەنگە يەتكەن. كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ساپ كىرىمى 4002 يۈەنگە يېتىپ، 2011-يىلىدىكىدىن 324 يۈەن ئاشقان، ئېشىش نىسبىتى %8.8 بولغان. كەنت كوللېكتىپ ئىقتىسادىي جۇغلانمىسى 296 مىڭ يۈەنگە يەتكەن.

يېزا بويىچە بىر پارتكوم ۋە 25 ئاساسىي قاتلام پارتىيە ياچېيكىسى، كەنت پارتىيە ياچېيكىسى 19، مەكتەپ ياچېيكا 3، دوختۇرخانىسى ياچېيكىسى 1، پېنسىيىگە چىققان كادىرلار پارتىيە ياچېيكىسى 1، ئورگان پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ 1. پارتىيە ئەزالىرى 489 نەپەر، ئەر پارتىيە ئەزالىرى 417 نەپەر، ئايال پارتىيە ئەزاسى 72 نەپەر، يېزا پارتىيە ئەزالىرى 359 نەپەر، دۆلەت كادىرلىرى پارتىيە ئەزالىرى 130 نەپەر، «ئۈچ پېشقەدەم» 75 نەپەر، پېشقەدەم كادىرلار 25 نەپەر، پېشقەدەم پارتىيە ئەزاسى 49 نەپەر، ۋىلايەت دەرىجىلىك پېشقەدەم نەمۇنىچىلار 1 نەپەر، «ئۈچ ياش» 4373 نەپەر، كەنت كادىرلىرى 119 نەپەر، بىرىنچى ۋەزىپىدىكىلەر 38 نەپەر، مۇئاۋىن ۋەزىپىدىكىلەر 81 نەپەر، ئورگان كادىرلىرى 44 نەپەر، پونكىت كادىرلىرى 41 نەپەر. كەنت ئاھالە كومىتېتى 19، يېڭىدىن سېلىنغان كەنت ئاھالە كومىتېتى 12، «بەشتە ياخشى» كەنت پارتىيە ياچېيكىسى 6، «بەشتە ياخشى» مەكتەپ پارتىيە تەشكىلاتلىرى 3، «ئامما رازىي پونكىت» 4 كە يەتكەن.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#