جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ سۇ بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش قانۇنى

سۇ بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش قانۇنى

«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ سۇ بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش قانۇنى» 1984-يىل 5-ئاينىڭ 11-كۈنى 6-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 5-يىغىنىدا ماقۇللانغان، 1996-يىل 5-ئاينىڭ 15-كۈنى 8-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 19-يىغىنىنىڭ «<جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ سۇ بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش قانۇنى> غا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارارى»غا ئاساسەن تۈزىتىلگەن.

ئۇيغۇرچە نامى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ سۇ بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش قانۇنى
ماقۇللانغان ۋاقتى 1984-يىل 5-ئاينىڭ 11-كۈنى
خەنزۇچە نامى 中华人民共和国水污染防治法

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

1984-يىل 5-ئاينىڭ 11-كۈنى 6-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 5-يىغىنىدا ماقۇللانغان، 1996-يىل 5-ئاينىڭ 15-كۈنى 8-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 19-يىغىنىنىڭ «<جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ سۇ بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش قانۇنى> غا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارارى»غا ئاساسەن تۈزىتىلگەن.

 1-باب ئومۇمىي پرىنسىپ

    1-ماددابۇ قانۇن سۇ بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىپ ۋە تىزگىنلەپ، مۇھىتنى ئاسراپ ۋە ياخشىلاپ، كىشىلەرنىڭ تەن سالامەتلىكىنى كاپالەتلەندۈرۈپ، سۇ بايلىقىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىشقا كاپالەتلىك قىلىپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش مەقسىتىدە تۈزۈلدى.

    2-ماددابۇ قانۇن جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى تەۋەسىدىكى دەريا، كۆل، قانال، ئۆستەڭ، سۇ ئامبىرى قاتارلىق يەر ئۈستى سۈيى ۋە يەر ئاستى سۈيىنىڭ بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەشكە تەتبىقلىنىدۇ.

    دېڭىز-ئوكيان بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە تىزگىنلەش باشقا قانۇندا بەلگىلىنىدۇ، بۇ قانۇن تەتبىقلانمايدۇ.

    3-ماددا گوۋۇيۈەننىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى ۋە يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتى سۇ مۇھىتىنى ئاسراش خىزمىتىنى پىلانغا كىرگۈزۈپ، سۇ بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش چارە-تەدبىرلىرىنى قوللىنىشى كېرەك.

    4-ماددا ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ مۇھىت ئاسراش تارمىقى سۇ بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى بىر تۇتاش نازارەت قىلىپ باشقۇرىدىغان ئورگاندۇر.

    ھەر دەرىجىلىك قاتناش تارماقلىرىنىڭ سۇ قاتنىشى مەمۇرىي ئورگىنى كېمە-پاراخوتلارنىڭ بۇلغىنىشىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرىدىغان ئورگاندۇر.

    ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ سۇ باشقۇرۇش تارمىقى، سەھىيە مەمۇرىي تارمىقى، گىئو قېزىلما تارمىقى، شەھەر مەمۇرىيىتىنى باشقۇرۇش تارمىقى ۋە مۇھىم دەريا سۇ مەنبەسىنى قوغداش ئاپپاراتى ئۆز مەسئۇلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، مۇھىت ئاسراش تارمىقىغا ماسلىشىپ، سۇ بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرىدۇ.

    5-ماددا بارلىق ئورۇن ۋە شەخسلەرنىڭ مۇھىت ئاسراش مەسئۇلىيىتى ھەمدە سۇ مۇھىتىنى بۇلغايدىغان، ئۇنىڭغا زىيان يەتكۈزىدىغان قىلمىشلارنى نازارەت قىلىش ۋە پاش قىلىش ھوقۇقى بار.

    سۇ بۇلغىنىش خەۋپىدىن بىۋاسىتە زىيانغا ئۇچرىغان ئورۇن ۋە شەخس خەۋپ يەتكۈزگۈچىدىن خەۋپنى تۈگىتىش ۋە زىيان تۆلىمى بېرىشنى تەلەپ قىلىشقا ھوقۇقلۇق.

2-بابسۇ مۇھىتىنىڭ سۈپەت ئۆلچىمى ۋە بۇلغىما چىقىرىش ئۆلچىمىنى بېكىتىش

    6-ماددا گوۋۇيۈەننىڭ مۇھىت ئاسراش تارمىقى دۆلەتنىڭ سۇ مۇھىتى سۈپەت ئۆلچىمىنى بېكىتىدۇ.

    ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى سۇ مۇھىت سۈپىتى دۆلەت ئۆلچىمىدە بەلگىلەنمىگەن تۈرلەردە يەرلىك قوشۇمچە ئۆلچەم بېكىتسە بولىدۇ ھەمدە ئۇنى گوۋۇيۈەننىڭ مۇھىت ئاسراش تارمىقىغا ئەنگە ئالدۇرىدۇ.

    7-ماددا گوۋۇيۈەننىڭ مۇھىت ئاسراش تارمىقى سۇ مۇھىت سۈپىتى دۆلەت ئۆلچىمى ۋە دۆلەتنىڭ ئىقتىساد، تېخنىكا شارائىتىغا ئاساسەن بۇلغىما چىقىرىش دۆلەت ئۆلچىمىنى بېكىتىدۇ.

    ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى سۇ بۇلغىمىسى چىقىرىش دۆلەت ئۆلچىمىدە بەلگىلەنمىگەن تۈرلەردە سۇ بۇلغىمىسى چىقىرىش يەرلىك ئۆلچىمىنى بېكىتسە بولىدۇ. سۇ بۇلغىمىسى چىقىرىش ئۆلچىمىدە بەلگىلەنگەن تۈرلەردە سۇ بۇلغىمىسى چىقىرىش دۆلەت ئۆلچىمىدىنمۇ قاتتىق ئۆلچەم بېكىتسە بولىدۇ. يەرلىك سۇ بۇلغىمىسى چىقىرىش يەرلىك ئۆلچىمىنى گوۋۇيۈەننىڭ مۇھىت ئاسراش تارمىقىغا ئەنگە ئالدۇرۇش شەرت.

    بۇلغىمىسى چىقىرىش يەرلىك ئۆلچىمى بولغانلىكى سۇغا بۇلغىما چىقىرىدىغانلار بۇلغىمىسى چىقىرىش يەرلىك ئۆلچىمىنى ئىجرا قىلىشى كېرەك.

    8-ماددا گوۋۇيۈەننىڭ مۇھىت ئاسراش تارمىقى ۋە ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى سۇ بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش تەلىپى ۋە دۆلەتنىڭ ئىقتىساد، تېخنىكا شارائىتىغا ئاساسەن، مۇۋاپىق پەيتتە، سۇ مۇھىتى سۈپەت ئۆلچىمى ۋە بۇلغىما چىقىرىش ئۆلچىمىنى تۈزۈش كېرەك.

3-باب سۇ بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش

    9-ماددا گوۋۇيۈەننىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى ۋە يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتى سۇ بايلىقىنى ئېچىپ پايدىلىنىش ۋە تەڭشەشتە بىر تۇتاش پىلانلاپ تەڭ ئېتىبار بېرىشى، دەريالارنىڭ مۇۋاپىق ئېقىن مىقدارى ۋە كۆل، سۇ ئامبىرى، شۇنىڭدەك يەر ئاستى سۇلىرىنىڭ مۇۋاپىق سۇ ئورنىنى، سۇنىڭ تەبىئىي تازىلىنىش ئىقتىدارىنى قوغدىشى كېرەك.

    10-ماددا سۇ بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەشتە ۋادى ياكى رايون بويىچە بىر تۇتاش پىلانلاش كېرەك. دۆلەت بېكىتكەن مۇھىم دەريا ۋادىسىنىڭ سۇ بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش پىلانىنى گوۋۇيۈەننىڭ مۇھىت ئاسراش تارمىقى، پىلان مەسئۇل تارمىقى، سۇ باشقۇرۇش تارمىقى قاتارلىق ئالاقىدار تارماقلار ۋە ئالاقىدار ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى بىلەن بىرلىكتە تۈزۈپ گوۋۇيۈەنگە تەستىقلىتىدۇ.

    باشقا ئۆلكە، ناھىيە ھالقىغان دەريا ۋادىسىنىڭ سۇ بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش يىرىك پىلانىنى دۆلەت بېكىتكەن مۇھىم دەريا ۋادىسىنىڭ سۇ بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش يىرىك پىلانىغا ۋە شۇ يەرنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا ئاساسەن، ئۆلكە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇھىت ئاسراش تارمىقى، سۇ باشقۇرۇش تارمىقى قاتارلىق ئالاقىدار تارماقلار ۋە ئالاقىدار يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى بىلەن بىرلىكتە تۈزۈپ، گوۋۇيۈەنگە ياكى ئۆلكە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىگە تەستىقلىتىدۇ. ناھىيە ھالقىسىمۇ ئۆلكە ھالقىمايدىغان باشقا دەريا ۋادىسىنىڭ سۇ بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش يىرىك پىلانىنى شۇ ئۆلكە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتى گوۋۇيۈەنگە ئەنگە ئالدۇرىدۇ.

    تەستىقلىتىلغان سۇ بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش يىرىك پىلانى سۇ بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى تۈپ ئاساستۇر، يىرىك پىلانغا تۈزىتىش كىرگۈزۈشتە ئەسلىي تەستىقلىغان ئورگانغا تەستىقلىتىش شەرت.

    ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى قانۇن بويىچە تەستىقلانغان دەريا ۋادىسىنىڭ سۇ بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش يىرىك پىلانىغا ئاساسەن، شۇ مەمۇرىي رايوننىڭ سۇ بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش يىرىك پىلانىنى تۈزۈشنى تەشكىللىشى ھەمدە ئۇنى شۇ مەمۇرىي رايوننىڭ خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنىڭ ئوتتۇرا، ئۇزاق مەزگىللىك ۋە يىللىق پىلانىغا كىرگۈزۈشى كېرەك.

    11-ماددا گوۋۇيۈەننىڭ ئالاقىدار تارمىقى ۋە يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتى سانائەت ئورۇنلاشتۇرمىسىنى مۇۋاپىق پىلانلاپ، سۇ بۇلغانغان كارخانىلارنى تەرتىپكە سېلىپ ۋە تېخنىكا جەھەتتە ئۆزگەرتىپ، ئۇنىۋېرسال ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش تەدبىرى قوللىنىپ، سۇدىن قايتا پايدىلىنىش ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇشى، بايلىقتىن مۇۋاپىق پايدىلىنىشى، كېرەكسىز سۇ ۋە بۇلغىما چىقىرىش مىقدارىنى ئازايتىشى كېرەك.

    12-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى مەشھۇر مەنزىرىلىك رايون، مۇھىم بېلىقچىلىق ۋە باشقا ئىقتىساد، مەدەنىيەت قىممىتىگە ئىگە جايلاردىكى سۇ مۇھاپىزەت رايونىنى بەلگىلىسە بولىدۇ ھەمدە تەدبىر قوللىنىپ، مۇھاپىزەت رايونىدىكى سۇنى بەلگىلەنگەن پايدىلىنىش تۈرىدىكى سۈپەت ئۆلچىمىگە ئۇيغۇنلاشتۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىدۇ.

    13-ماددا سۇغا بىۋاسىتە ياكى ۋاسىتىلىك بۇلغىما چىقىرىدىغان قۇرۇلۇش تۈرى ۋە باشقا سۇ ئۈستى ئەسلىھەسىنى يېڭىدىن ياساش، كېڭەيتىش ۋە ئۆزگەرتىشتە دۆلەتنىڭ قۇرۇلۇش تۈرلىرىدە مۇھىت ئاسراشنى باشقۇرۇشقا ئالاقىدار بەلگىلىمىلىرىگە رىئايە قىلىش شەرت.

    قۇرۇلۇش تۈرىنىڭ مۇھىت تەسىرى دوكلاتىدىكى قۇرۇلۇش تۈرى كەلتۈرۈپ چىقىرىش ئېھتىمالى بولغان سۇ بۇلغىنىشنى ۋە ئېكولوگىيىلىك مۇھىتقا كۆرسىتىدىغان تەسىر توغرىسىدىكى باھا، بېكىتكەن ئالدىنى ئېلىش تەدبىرىنى بەلگىلەنگەن تەرتىپ بويىچە ئالاقىدار مۇھىت ئاسراش تارمىقىغا تەستىقلىتىش شەرت. قانال، ئۆستەڭ، سۇ ئامبىرى قاتارلىق سۇ قۇرۇلۇشلىرىغا بۇلغىما چىقىرىش ئېغىزى قويۇشتا، سۇ قۇرۇلۇشىنى باشقۇرغۇچى ئالاقىدار تارماقنىڭ ماقۇللۇقىنى ئېلىش كېرەك.

    قۇرۇلۇش تۈرىدىكى سۇ بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئەسلىھەسى ئاساسىي گەۋدە قۇرۇلۇشى بىلەن تەڭ لايىھىلىنىشى، تەڭ قۇرۇلۇشى، تەڭ ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈشى كېرەك، سۇ بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش ئەسلىھەسىنى مۇھىت ئاسراش تارمىقىغا تەكشۈرتۈش شەرت. بەلگىلەنگەن تەلەپكە يەتمىگەن قۇرۇلۇش تۈرىنى ئىشقا كىرىشتۈرۈشكە ياكى ئىشلىتىشكە بولمايدۇ.

    مۇھىت تەسىرى دوكلاتىدا شۇ قۇرۇلۇش تۈرى بار جايدىكى ئورۇن ۋە ئاھالىنىڭ پىكرى بولۇشى كېرەك.

14-ماددا سۇغا بىۋاسىتە ياكى ۋاسىتىلىك بۇلغىما چىقىرىدىغان كارخانا، كەسپىي ئورۇنلار گوۋۇيۈەننىڭ مۇھىت ئاسراش تارمىقىنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن، ئۆزى تۇرۇشلۇق جايدىكى مۇھىت ئاسراش تارمىقىغا ئۆزىنىڭ بۇلغىما چىقىرىش ئەسلىھەسى، بىر تەرەپ قىلىش ئەسلىھەسى ۋە نورمال مەشغۇلات شارائىتىدا چىقىرىدىغان بۇلغىما تۈرى، مىقدارى ۋە قويۇقلۇق دەرىجىسىنى مەلۇم قىلىپ تىزىملىتىشى ھەم سۇ بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەشكە مۇناسىۋەتلىك تېخنىكىلىق ماتېرىياللارنى بېرىشى كېرەك.

    ئالدىنقى ماددىدا بەلگىلەنگەن بۇلغىما چىقارغۇچى ئورۇنلار چىقىرىدىغان سۇ بۇلغىما تۈرى، مىقدارى ۋە قويۇقلۇق دەرىجىسىدە زور ئۆزگىرىش بولسا، ئۇنى ۋاقتىدا مەلۇم قىلىش كېرەك. سۇ بۇلغىمىسىنى بىر تەرەپ قىلىش ئەسلىھەسىنىڭ نورمال ئىشلەش ھالىتىنى ساقلاش شەرت، سۇ بۇلغىمىسىنى بىر تەرەپ قىلىش ئەسلىھەسىنى چۇۋۇۋېتىدىغانلار ياكى بىكار قويىدىغانلار ئالدى بىلەن ئۆزى تۇرۇشلۇق جايدىكى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇھىت ئاسراش تارمىقىغا تەستىقلىتىشى شەرت.

    15-ماددا كارخانا، كەسپىي ئورۇنلاردىن سۇغا بۇلغىما چىقارغانلىرى دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە بۇلغىما چىقىرىش ھەققى تاپشۇرۇشى كېرەك، دۆلەت ياكى يەرلىكنىڭ بەلگىلىمىسىدىكى بۇلغىما چىقىرىش ئۆلچىمىدىن ئاشۇرۇۋەتكەنلىرى دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە ئۆلچەمدىن ئاشۇرۇپ بۇلغىما چىقىرىش ھەققى تاپشۇرۇشى لازىم.

    بۇلغىما چىقىرىش ھەققى ۋە ئۆلچەمدىن ئاشۇرۇپ بۇلغىما چىقىرىش ھەققىنى بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەشكە ئىشلىتىش شەرت، باشقا ئىشقا ئىشلىتىۋېلىشقا يول قويۇلمايدۇ.

    ئۆلچەمدىن ئاشۇرۇپ بۇلغىما چىقىرىدىغان كارخانا، كەسپىي ئورۇنلار يىرىك پىلان تۈزۈپ تىزگىنلىشى ھەم تىزگىنلەش يىرىك پىلانىنى ئۆزى تۇرۇشلۇق جايدىكى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇھىت ئاسراش تارمىقىغا ئەنگە ئالدۇرۇشى لازىم.

    16-ماددا ئۆلكە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى سۇ بۇلغىمىسى چىقىرىش ئۆلچىمىگە يەتكۈزۈلگەندىمۇ، دۆلەت بەلگىلىگەن سۇ مۇھىتى سۈپەت ئۆلچىمىگە يەتمىگەن سۇغا ئاساسلىق بۇلغىما چىقىرىش ئومۇمىي مىقدارىنى كونترول قىلىش تۈزۈمىنى يولغا قويسا بولىدۇ ھەمدە بۇلغىما چىقىرىش مىقدارىنى ئازايتىش ۋەزىپىسى بار كارخانىلاردا ئاساسلىق بۇلغىما چىقىرىش ئومۇمىي مىقدارىنى بېكىتىش تۈزۈمىنى يولغا قويىدۇ. كونكرېت چارىسىنى گوۋۇيۈەن بەلگىلەيدۇ.

    17-ماددا گوۋۇيۈەننىڭ مۇھىت ئاسراش تارمىقى گوۋۇيۈەننىڭ سۇ باشقۇرۇش تارمىقى ۋە ئالاقىدار ئۆلكە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى بىلەن بىرلىكتە، دۆلەت بېكىتكەن مۇھىم دەريا ۋادىسىدىكى سۇلارنىڭ ئىشلىتىلىش رولى ۋە ئالاقىدار جايلارنىڭ ئىقتىسادىي، تېخنىكا شارائىتىغا ئاساسەن، شۇ مۇھىم دەريا ۋادىسىدىكى سۇنىڭ ئۆلكە چېگرىسىدىكى قىسمىغا تەتبىقلىنىدۇ. سۇ مۇھىتى سۈپەت ئۆلچىمىنى بەلگىلەپ، گوۋۇيۈەنگە تەستىقلىتىپ يولغا قويسا بولىدۇ.

    18-ماددا دۆلەت بەلگىلىگەن مۇھىم دەريا ۋادىسىدىكى سۇ بايلىقىنى ئاسرىغۇچى خىزمەت ئاپپاراتى ئۆزى تۇرۇشلۇق ۋادىدىكى سۇنىڭ ئۆلكە چېگرىسىدىكى قىسمىنىڭ سۇ مۇھىتى سۈپەت ئەھۋالىنى كۆزىتىشكە مەسئۇل بولىدۇ ھەم كۆزىتىش نەتىجىسىنى گوۋۇيۈەننىڭ مۇھىت ئاسراش تارمىقى ۋە گوۋۇيۈەننىڭ سۇ باشقۇرۇش تارمىقىغا ۋاقتىدا دوكلات قىلىدۇ، گوۋۇيۈەننىڭ تەستىقى بىلەن ۋادى سۇ بايلىقىنى ئاسراش رەھبەرلىك ئاپپاراتى قۇرغانلىرى كۆزىتىش نەتىجىسىنى ۋادى سۇ بايلىقىنى ئاسراش رەھبەرلىك ئورگىنىغا ۋاقتىدا دوكلات قىلىدۇ.

    19-ماددا شەھەردىكى پاسكىنا سۇنى يىغىپ بىر تەرەپ قىلىش كېرەك.

    گوۋۇيۈەننىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى ۋە يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتى شەھەر سۇ مەنبەسىنى ئاسراش ۋە شەھەردىكى سۇ بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەشنى شەھەر قۇرۇلۇشى يىرىك پىلانىغا كىرگۈزۈشى، شەھەر سۇ چىقىرىش تۇرۇبا تورى قۇرۇشى ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈشى، پىلانلىق ھالدا شەھەردىكى پاسكىنا سۇنى يىغىپ بىر تەرەپ قىلىش ئەسلىھەلىرىنى قۇرۇشى، شەھەر سۇ مۇھىتىنى ئۇنىۋېرسال تۈزەشنى كۈچەيتىشى لازىم.

    شەھەردىكى پاسكىنا سۇنى يىغىپ بىر تەرەپ قىلىش ئەسلىھەلىرى دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە بۇلغىما چىقارغۇچىلارغا پاسكىنا سۇنى بىر تەرەپ قىلىش ھەقلىق مۇلازىمىتى قىلىپ، پاسكىنا سۇنى بىر تەرەپ قىلىش ھەققى ئېلىپ، پاسكىنا سۇنى يىغىپ بىر تەرەپ قىلىش ئەسلىھەلىرىنىڭ نورمال ئىشلىشىگە كاپالەتلىك قىلىدۇ. شەھەردىكى پاسكىنا سۇنى يىغىپ بىر تەرەپ قىلىش ئەسلىھەلىرىگە پاسكىنا سۇ چىقىرىپ، پاسكىنا سۇنى بىر تەرەپ قىلىش ھەققى تاپشۇرغانلار بۇلغىما چىقىرىش ھەققى تاپشۇرمايدۇ. يىغىۋېلىنغان پاسكىنا سۇنى بىر تەرەپ قىلىش ھەققى شەھەردىكى پاسكىنا سۇنى يىغىپ بىر تەرەپ قىلىش ئەسلىھەسىنى سېلىشقا ۋە ئۇنىڭ ئىشلىتىشىگە سەرپ قىلىنىشى شەرت، باشقا ئىشقا ئىشلىتىۋېلىشقا بولمايدۇ.

    شەھەردىكى پاسكىنا سۇنى يىغىپ بىر تەرەپ قىلىش ئەسلىھەلىرىنىڭ پاسكىنا سۇنى بىر تەرەپ قىلىش ھەققىنى ئېلىش، باشقۇرۇش ۋە ئىشلىتىش كونكرېت چارىسىنى گوۋۇيۈەن بەلگىلەيدۇ.

20-ماددا ئۆلكە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى قانۇن بويىچە تۇرمۇش يەر ئۈستى ئىچىملىك سۇ مەنبەسى مۇھاپىزەت رايونىنى بېكىتسە بولىدۇ. تۇرمۇش يەر ئۈستى ئىچىملىك سۇ مەنبەسى مۇھاپىزەت رايونى 1-دەرىجىلىك مۇھاپىزەت رايونى ۋە باشقا دەرىجىلىك مۇھاپىزەت رايونىغا بۆلۈنىدۇ. تۇرمۇش يەر ئۈستى ئىچىملىك سۇ مەنبەسىنىڭ سۇ ئېلىش ئېغىزى ئەتراپىدىن بەلگىلىك سۇ ۋە قۇرۇقلۇق رايونىنى 1-دەرىجىلىك مۇھاپىزەت رايونى قىلىپ بېكىتىشكە بولىدۇ. تۇرمۇش يەر ئۈستى ئىچىملىك سۇ مەنبەسى 1-دەرىجىلىك مۇھاپىزەت رايونىدىن باشقا بەلگىلىك سۇ ۋە قۇرۇقلۇق رايونىنى باشقا دەرىجىلىك مۇھاپىزەت رايونى قىلىپ بېكىتىشكە بولىدۇ. ھەر دەرىجىلىك مۇھاپىزەت رايونلىرىنىڭ ئېنىق جۇغراپىيىلىك پاسىلى بولۇشى لازىم.

    تۇرمۇش يەر ئۈستى ئىچىملىك سۇ مەنبەسى 1-دەرىجىلىك مۇھاپىزەت رايونىدىكى سۇغا پاسكىنا سۇ چىقىرىش مەنئى قىلىنىدۇ.

    تۇرمۇش يەر ئۈستى ئىچىملىك سۇ مەنبەسى 1-دەرىجىلىك مۇھاپىزەت رايونىدا ساياھەت قىلىش، سۇ ئۈزۈش ۋە تۇرمۇش ئىچىملىك سۈيىنى بۇلغاش ئېھتىمالى بولغان باشقا ھەرىكەتلەر مەنئى قىلىنىدۇ.

    تۇرمۇش يەر ئۈستى ئىچىملىك سۇ مەنبەسى 1-دەرىجىلىك مۇھاپىزەت رايونىدا سۇ بىلەن تەمىنلەش ئەسلىھەسى ۋە سۇ مەنبەسىنى ئاسراش بىلەن مۇناسىۋەتسىز قۇرۇلۇشلارنى يېڭىدىن سېلىش ۋە كېڭەيتىپ سېلىش مەنئى قىلىنىدۇ.

    تۇرمۇش يەر ئۈستى ئىچىملىك سۇ مەنبەسى 1-دەرىجىلىك مۇھاپىزەت رايونىدا قويۇلغان بۇلغىما چىقىرىش ئېغىزىنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى گوۋۇيۈەن بەلگىلىگەن ھوقۇق دائىرىسىدە سۈرۈك ئىچىدە چۇۋۇشقا ياكى تىزگىنلەشكە بۇيرۇيدۇ.

    تۇرمۇش يەر ئاستى ئىچىملىك سۇ مەنبەسىنى ئاسراشنى كۈچەيتىش لازىم.

    تۇرمۇش ئىچىملىك سۇ مەنبەسىنى ئاسراشنىڭ كونكرېت چارىسىنى گوۋۇيۈەن بەلگىلەيدۇ.

    21-ماددا تۇرمۇش ئىچىملىك سۇ مەنبەسى ئېغىر بۇلغىنىپ، سۇ بىلەن تەمىنلەش بىخەتەرلىكىگە خەۋپ يەتكەن جىددىي پەيتتە، مۇھىت ئاسراش تارمىقى تەڭ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تەستىقى بىلەن، مەجبۇرلايدىغان جىددىي تەدبىر قوللىنىشى، جۈملىدىن ئالاقىدار كارخانا، كەسپىي ئورۇنلارنى بۇلغىما چىقىرىشنى ئازايتىشقا ياكى توختىتىشقا بۇيرۇشى لازىم.

    22-ماددا كارخانىلار خام ئەشيادىن پايدىلىنىپ، ئۈنۈمى يۇقىرى، بۇلغىما چىقىرىش مىقدارى ئاز بولغان پاكىز ئىشلەپ چىقىرىش ھۈنىرىنى قوللىنىشى ھەم باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، سۇ بۇلغىمىلىرىنىڭ پەيدا بولۇشىنى ئازايتىشى كېرەك.

    دۆلەت سۇ مۇھىتىنى ئېغىر بۇلغايدىغان قالاق ئىشلەپ چىقىرىش ھۈنىرى ۋە ئۈسكۈنىلىرىنى شاللىۋېتىش تۈزۈمىنى يولغا قويىدۇ.

    گوۋۇيۈەننىڭ ئىقتىساد ئۇنىۋېرسال مەسئۇل تارمىقى گوۋۇيۈەننىڭ ئالاقىدار تارمىقى بىلەن ئالدىنقى تارماقتا بەلگىلەنگەن سۈرۈك ئىچىدە قوللىنىش مەنئى قىلىنغان سۇ مۇھىتنى ئېغىر بۇلغىغۇچى ھۈنەر مۇندەرىجىسى ۋە سۈرۈك ئىچىدە ئىشلەپ چىقىرىش، سېتىش، ئىمپورت قىلىش، ئىشلىتىش مەنئى قىلىنغان سۇ مۇھىتىنى ئېغىر بۇلغىغۇچى ئۈسكۈنىلەر مۇندەرىجىسىنى ئېلان قىلىدۇ.

    ئىشلەپچىقارغۇچىلار، ساتقۇچىلار، ئىمپورت قىلغۇچىلار ياكى ئىشلەتكۈچىلەر گوۋۇيۈەن ئىقتىساد ئۇنىۋېرسال مەسئۇل تارمىقى بىلەن گوۋۇيۈەننىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى بەلگىلىگەن سۈرۈك ئىچىدە ئالدىنقى تارماقتا بەلگىلىگەن مۇندەرىجىگە كىرگۈزۈلگەن ئۈسكۈنىلەرنى ئىشلەپچىقىرىش، سېتىش ۋە ئىمپورت قىلىشنى ياكى ئىشلىتىشنى توختىتىشى شەرت. ئىشلەپچىقىرىش ھۈنىرى قوللىنىدىغانلار گوۋۇيۈەن ئىقتىساد ئۇنىۋېرسال مەسئۇل تارمىقى گوۋۇيۈەننىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى بىلەن بىرلىكتە بەلگىلىگەن سۈرۈك ئىچىدە، ئالدىنقى تارماقتا بەلگىلەنگەن مۇندەرىجىدىكى ھۈنەرنى ئىشلىتىشنى توختىتىشى كېرەك.

    ئالدىنقى ئىككى ماددىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن شاللىۋېتىلگەن ئۈسكۈنىلەرنى باشقىلارنىڭ ئىشلىتىشىگە ئۆتۈنۈپ بېرىشكە بولمايدۇ.

    23-ماددا سۇ بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش تەدبىرى بولمىغان خىمىيىلىك قەغەز بوتقىسى ئىشلەيدىغان، باسىدىغان، بويايدىغان، رەڭ ياسايدىغان، كۆن-خۇرۇم ئىشلەيدىغان، ئېلېكترلىك ھەل بېرىدىغان، نېفىت ئايرىيدىغان، دېھقانچىلىق دورىسى ئىشلەيدىغان ۋە سۇ مۇھىتىنى ئېغىر دەرىجىدە بۇلغايدىغان باشقا كىچىك كارخانىلارنى يېڭىدىن قۇرۇشنى مەنئى قىلىدۇ.

24-ماددا سۇنى ئېغىر دەرىجىدە بۇلغايدىغان بۇلغىما چىقارغۇچى ئورۇنلارنى سۈرۈك ئىچىدە تۈزەتكۈزۈش كېرەك.

    مەركەزگە ياكى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىگە بىۋاسىتە قاراشلىق كارخانا، كەسپىي ئورۇنلارنىڭ تۈزەش سۈرۈكىنى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇھىت ئاسراش تارمىقى پىكىر قويۇپ، تەڭ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتى قارار قىلىدۇ. شەھەرلىك، ناھىيىلىك ياكى شەھەر، ناھىيە دەرىجىلىكتىن تۆۋەن خەلق ھۆكۈمىتىگە قاراشلىق كارخانا، كەسپىي ئورۇنلارنىڭ تۈزەش سۈرۈكىنى شەھەرلىك، ناھىيىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇھىت ئاسراش تارمىقى پىكىر قويۇپ، تەڭ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتى قارار قىلىدۇ. بۇلغىما چىقىرىدىغان ئورۇن تۈزەش ۋەزىپىسىنى قەرەلىدە ئورۇندىشى كېرەك.

    25-ماددا ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇھىت ئاسراش تارمىقى ۋە ئالاقىدار نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارماقلىرى باشقۇرۇش دائىرىسىدىكى بۇلغىما چىقارغان ئورۇنلارنى نەق مەيداندا تەكشۈرۈشكە ھوقۇقلۇق، تەكشۈرۈلگۈچى ئورۇن ئەھۋالنى ئەينەن ئىنكاس قىلىشى، زۆرۈر ماتېرىياللارنى بېرىشى كېرەك. تەكشۈرگۈچى ئورگاننىڭ تەكشۈرۈلگۈچى ئورۇننىڭ تېخنىكا مەخپىيىتى ۋە كەسپىي مەخپىيىتىنى ساقلاش مەسئۇلىيىتى بار.

    26-ماددا مەمۇرىي رايون ھالقىغان سۇ بۇلغىنىش ماجىرالىرىنى ئالاقىدار يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى كېڭىشىپ ھەل قىلىشى ياكى ئۇلارغا ئورتاق يۇقىرى دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتى كېلىشتۈرۈپ ھەل قىلىشى كېرەك.

4-باب يەرئۈستى سۈيى بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش

    27-ماددا تۇرمۇش ئىچىملىك سۇ مەنبەسى، مەشھۇر مەنزىرىلىك جايلاردىكى سۇ، مۇھىم بېلىقچىلىق سۇلىرى ۋە باشقا ئالاھىدە ئىقتىسادىي، مەدەنىيەت قىممىتى بولغان سۇ مۇھاپىزەت رايونى ئىچىدە يېڭىدىن بۇلغىما چىقىرىش ئېغىزى قويۇشقا بولمايدۇ. مۇھاپىزەت رايونى ئەتراپىغا يېڭىدىن بۇلغىما چىقىرىش ئېغىزى قويماقچى بولغانلار مۇھاپىزەت رايونىدىكى سۇنى بۇلغىماسلىققا كاپالەتلىك قىلىشى شەرت.

    بۇ قانۇن ئېلان قىلىنىشتىن بۇرۇن ياسالغان بۇلغىما چىقىرىش ئېغىزلىرىدىن چىقىرىدىغان بۇلغىما دۆلەت ئۆلچىمى ياكى يەرلىك ئۆلچەمدىن ئېشىپ كەتكەنلىرىنى تۈزەش كېرەك. ئىچىملىك سۇ مەنبەسىگە خەۋپ يەتكۈزىدىغان بۇلغىما چىقىرىش ئېغىزلىرىنى يۆتكىۋېتىش لازىم.

    28-ماددا بۇلغىما چىقارغۇچى ئورۇندا ھادىسە ياكى باشقا تاسادىپىي ۋەقە يۈز بېرىپ، چىقىرىلغان بۇلغىما نورمال ئۆلچەمدىن ئېشىپ كېتىپ، سۇ بۇلغىنىش ھادىسىسى كۆرۈلسە ياكى كۆرۈلۈش ئېھتىمالى بولسا، دەرھال جىددىي تەدبىر قوللىنىپ، سۇ بۇلغىنىش خەۋپىگە ۋە زىيىنىغا ئۇچراش ئېھتىمالى بولغان ئورۇنلارنى ۋاقتىدا خەۋەرلەندۈرۈش ھەمدە شۇ جايدىكى مۇھىت ئاسراش تارمىقىغا دوكلات قىلىش شەرت. كېمە-پاراخوت بۇلغىنىش ھادىسىسى پەيدا قىلسا، يېقىن ئەتراپتىكى سۇ قاتنىشى مەمۇرىي ئورگىنىغا دوكلات قىلىپ، تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىشنى قوبۇل قىلىشى كېرەك.

    بېلىقچىلىق بۇلغىنىش ھادىسىسى كېلىپ چىقسا، بېلىقچىلىق مەمۇرىي نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئاپپاراتىنىڭ تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىشىنى قوبۇل قىلىش كېرەك.

    29-ماددا سۇغا ماي، كىسلاتا، ئىشقار ياكى ئۆتكۈر زەھەرلىك كېرەكسىز سۇيۇقلۇق چىقىرىش مەنئى قىلىنىدۇ.

    30-ماددا سۇدا ماي ياكى زەھەرلىك بۇلغىما قاچىلانغان ۋە ساقلانغان ماشىنا ۋە قاچىلارنى يۇيۇپ تازىلاش مەنئى قىلىنىدۇ.

    31-ماددا تەركىبىدە سىماب، كادمىي، ئارسېن، خروم، قوغۇشۇن، سئاند، سېرىق فوسفور قاتارلىقلار بولغان ئېرىشچان كۈچلۈك زەھەرلىك تاشلاندۇقلارنى سۇغا چىقىرىش، تۆكۈش ياكى بىۋاسىتە يەر ئاستىغا كۆمۈش مەنئى قىلىنىدۇ.

    ئېرىشچان كۈچلۈك زەھەرلىك تاشلاندۇق بار سورۇنلاردا سۇدىن، سىڭىشتىن، ئېقىپ كېتىشتىن ساقلىنىش تەدبىرلىرىنى قوللىنىش شەرت.

    32-ماددا سۇغا سانائەت داشقىلى، شەھەر ئەخلىتى ۋە باشقا تاشلاندۇقلارنى چىقىرىش ۋە تۆكۈش مەنئى قىلىنىدۇ.

    33-ماددا دەريا، كۆل، قانال، ئېرىق-ئۆستەڭ، سۇ ئامبارلىرىنىڭ ئەڭ يۇقىرى سۇ ئورنى سىزىقىدىن تۆۋەن ساھىل ۋە قىرغاقلارغا قاتتىق تاشلاندۇق ۋە باشقا بۇلغىمىلارنى دۆۋىلەپ قويۇش، ساقلاش مەنئى قىلىنىدۇ.

    34-ماددا سۇغا رادىئوئاكتىپلىق قاتتىق تاشلاندۇق ياكى تەركىبىدە يۇقىرى ۋە ئوتتۇراھال رادىئوئاكتىپ ماددا بولغان كېرەكسىز سۇ چىقىرىش ياكى تۆكۈش مەنئى قىلىنىدۇ.

    سۇغا تەركىبىدە تۆۋەن رادىئوئاكتىپلىق ماددا بار كېرەكسىز سۇنى چىقىرىش دۆلەتنىڭ رادىئوئاكتىپلىق ماددىلاردىن ساقلىنىشقا دائىر بەلگىلىمىسى ۋە ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن بولۇشى شەرت.

35-ماددا سۇغا كېرەكسىز ئىسسىق سۇ چىقارغاندا، تەدبىر قوللىنىپ، سۇ تېمپېراتۇرىسىنى سۇ مۇھىتى سۈپەت ئۆلچىمىگە ئۇيغۇنلاشتۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىش، ئىسسىقلىقتىن بۇلغىنىش خەۋپىنىڭ ئالدىنى ئېلىش لازىم.

    36-ماددا تەركىبىدە كېسەللىك قوزغىغۇچى مىكروب بار پاسكىنا سۇ چىقارغاندا، دېزىنفېكسىيىلەپ بىر تەرەپ قىلىش شەرت؛ ئۇنى دۆلەتنىڭ ئالاقىدار ئۆلچەملىرىگە يەتكەندىن كېيىن چىقىرىشقا بولىدۇ.

    37-ماددا يەر سۇغىرىش ئۆستەڭلىرىگە سانائەت كېرەكسىز سۈيى ۋە شەھەر پاسكىنا سۈيى چىقارغاندا، تۆۋەن ئېقىمغا ئەڭ يېقىن سۇ ئېلىش نۇقتىلىرىدىكى سۇ سۈپىتىنى يەر سۇغىرىش سۇ سۈپىتى ئۆلچىمىگە ئۇيغۇنلاشتۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

    سانائەت كېرەكسىز سۈيى ۋە شەھەر پاسكىنا سۈيىدىن پايدىلىنىپ يەر سۇغىرىشتا، تۇپراق، يەر ئاستى سۈيى ۋە يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش لازىم.

    38-ماددا دېھقانچىلىق دورىسىنى ئىشلىتىشنى دۆلەتنىڭ دېھقانچىلىق دورىسىنى بىخەتەر ئىشلىتىشكە ئالاقىدار بەلگىلىمە ۋە ئۆلچەملىرىگە ئۇيغۇنلاشتۇرۇش كېرەك.

    ۋاقتى ئۆتۈپ كۈچىدىن قالغان دېھقانچىلىق دورىلىرىنى توشۇش، ساقلاش ۋە بىر تەرەپ قىلىشتا، باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، سۇ بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش لازىم.

    39-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ دېھقانچىلىقنى باشقۇرۇش تارمىقى ۋە باشقا ئالاقىدار تارماقلىرى تەدبىر قوللىنىپ، دېھقانچىلىق بىلەن شۇغۇللانغۇچىلارنىڭ خىمىيىۋى ئوغۇت ۋە دېھقانچىلىق دورىسىنى ئىلمىي، مۇۋاپىق ئىشلىتىشىگە يېتەكچىلىك قىلىپ، خىمىيىۋى ئوغۇت ۋە دېھقانچىلىق دورىسىنىڭ زىيادە ئىشلىتىلىشىنى كونترول قىلىپ، سۇ بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش لازىم.

    40-ماددا كېمە-پاراخوتلارنىڭ تەركىبىدە ماي بولغان پاسكىنا سۇ ۋە تۇرمۇش پاسكىنا سۇلىرىنى چىقىرىشنى كېمە-پاراخوتنىڭ بۇلغىما چىقىرىش ئۆلچىمىگە ئۇيغۇنلاشتۇرۇش شەرت. دېڭىز-ئوكيان قاتنىشى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان پاراخوتلار ئىچكى دەريا ۋە پورتلارغا كىرگەندە، پاراخوتنىڭ ئىچكى دەرياغا بۇلغىما چىقىرىش ئۆلچىمىگە ئەمەل قىلىش كېرەك.

    پاراخوتتىكى قالدۇق ماي، كېرەكسىز مايلارنى يىغىۋېلىش شەرت، ئۇنى سۇغا چىقىرىش مەنئى قىلىنىدۇ.

    پاراخوتتىكى ئەخلەتلەرنى سۇغا تۆكۈش مەنئى قىلىنىدۇ.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#