- يېڭى كەنتى ()
- يېڭى كەنتى (قورغاس ناھىيەسى داشىگۇ يېزىسى)
يېڭى كەنتى
يېڭى كەنتى شىنجاڭ ئاقسۇ ۋىلايىتى شايار ناھىيەسى شايار بازىرى نىڭ باشقۇرۇش قارمىقىدىكى مەمۇرىي كەنت بۇلۇپ، ئەتراپىدىكى جەنۇبىي خەلق يولى، چىنباغ كەنتى، شىمالىي سايباغ يولى قاتارلىق رايونلار بىلەن بىر بازارنىڭ باشقۇرۇش قارمىقىدا.
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
يېڭى كەنتى شىنجاڭ ئاقسۇ ۋىلايىتى شايار ناھىيەسى شايار بازىرى نىڭ باشقۇرۇش قارمىقىدىكى مەمۇرىي كەنت بۇلۇپ، ئەتراپىدىكى خەلق جەنۇبىي يولى، چىنباغ كەنتى، شىمالىي سايباغ يولى قاتارلىق رايونلار بىلەن بىر بازارنىڭ باشقۇرۇش قارمىقىدا. كەنتىنىڭ كىلماتى مۆتىدىل، مەنزىرىسى گۈزەل، تۆت پەسىلى ئېنىق، ئادەملىرى ياخشى، ئۆرپ-ئادەتلىرى ئاددىي-ساددا.
يېڭى كەنتى ناھىيە بازىرىنىڭ شىمال تەرپىگە جايلاشقان بۇلۇپ، ئىقتىسادىي تەرەققىي قىلغان، قاتنىشى قولايلىق.
كەنت ئىچىدىكى كارخانىلاردىن قاتتىق ماتېرىيال چەكلىك شىركىتى، كونسېرۋا زاۋۇتلىرى، ماشىنىلاشقان خىش زاۋۇتى، باتارىيە شىركىتى، ھاراق زاۋۇتى، چىگە مەھسۇلاتلىرىنى ياساش زاۋۇتى قاتارلىقلار بار.
ئاساسلىق يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىدىن گىلاس، چۈجگۈن قوناق، تاتلىق ياڭيۇ، پىچەكگۈل، كۆكچېچەك، قۇرغاق قارىئۆرۈك، شاپتۇل، ئالما، نەشپۈت، ئۆرۈك، توغاچ شاپتۇل، ئەينۇلا، ئالۇچا قاتارلىقلار بار.
يېڭى كەنتى ئىچىدىكى قېزىلما بايلىقلىرىدىن ئاليۇمىن توپىسى، ئاليۇمىن قاتارلىقلار بار.
ئورۇنلاردىن يېڭى كەنتى پارتىيە ياچېيكىسى، يېڭى كەنتى بالىلار يەسلىسى، يېڭى كەنتى خەلق ئەسكەرلىرى لىيەنى، يېڭى كەنتى ئاشلىق ئامبىرى، يېڭى كەنتى ئاھالىلەر كومتېتى، يېڭى كەنتى باشلانغۇچ مەكتەپ، يېڭى كەنتى رادىئو ئۇزېلى، يېڭى كەنتى شىپاخانىسى قاتارلىق ئورۇنلار بار. [0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.