چاۋجۇ شەھىرى
چاۋجۇ گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىنىڭ شەرقىگە جايلاشقان داڭلىق مۇھاجىرلار يۇرتى. قەدىمكى شەھەر سۇڭ سۇلالىسىدىن باشلاپ بىنا قىلىنغان، ھازىر دۇڭمېن دەرۋازا راۋىقى ۋە سېپىلنىڭ بىر قىسمى مۇكەممەل ساقلانماقتا.
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
چاۋجۇ شەھىرىچاۋجۇ گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىنىڭ شەرقىگە جايلاشقان داڭلىق مۇھاجىرلار يۇرتى. قەدىمكى شەھەر سۇڭ سۇلالىسىدىن باشلاپ بىنا قىلىنغان، ھازىر دۇڭمېن دەرۋازا راۋىقى ۋە سېپىلنىڭ بىر قىسمى مۇكەممەل ساقلانماقتا. شەھەر ئىچىدىكى نەنمېن رايونىدا مىڭ، چىڭ سۇلالىلىرى دەۋرىدىكى نۇرغۇن تۇرالغۇ ۋە ئىبادەتخانىلار بولۇپ، چاۋجۇ بىناكارلىقىنىڭ ئەنئەنىۋى ئۇسلۇبىنى ساقلاپ قالغان.
چاۋجۇ شەھىرى ئىككى رايۇن ۋە بىر ناھىيە دەرجىلىك رايۇن،بىر ناھىيەدىن تەركىپ تاپقان.ئۇلار :راۋ پىڭ ناھىيەسى،شىياڭچىياۋ رايۇنى،
چاۋئەن رايۇنى،فېڭ شى رايۇنى.
چاۋجۇ تىلىدا ، خەلق ئارىسىدا لاۋخۇا دەپمۇ ئاتىلىدۇ، خەنزۇ تىلىدىكى سەككىز چوڭ تىل سىستېمىسى دىيالىكىتلىرىنىڭ بىرى ، فۇجيەن تىل سىستېمىسىغا كىرىدۇ . ئىنتايىن زور ئىپادىلەش كۈچىگە ئىگە ، كۆپ مەنە تەركىبى ساقلىنىپ كەلمەكتە ، شۇنىڭ بىلەن بارغانسېرى كۆپلىگەن تىلشۇناسلار دىققىتىنى تارىتتى.
چاۋجۇشەھەر رايونىدا كەييۇەن ئىبادەتخانىسى، خۇلۇشەن قىيا تاش ئويمىلىرى، سۇڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى فارفور خۇمدىنى خارابىسى، فېڭخۇاڭ(سۇمۇرغ) مۇنارى، كۇڭزى ئىبادەتخانىسى، خەنۋېنگۇڭ ئىبادەتخانىسى، خەنبى راۋىقى قاتارلىق مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى بار. شەھەر رايونىنىڭ غەربىي جەنۇبىدا ساڭفۇشەن تېغىنى مەركەز قىلغان مەشھۇر ئاسارئەتىقىلەر رايونى بار.
خەنشەن ئۇنۋېرستىتى 2013 - يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپ بىر ، مەخسۇس ئوقۇتقۇچى 770 كىشى ئوقۇغۇچىسى 16427 ئادەم . باشلانغۇچ مەكتەپ 648 ، باشلانغۇچ مەكتەپلەردىكى ئوقۇغۇچى سانى 184 مىڭ ئادەم ، باشلانغۇچ مەكتەپلەردىكى مەخسۇس ئوقۇتقۇچى سانى 9926ئادەم ، باشلانغۇچ مەكتەپكە قوبۇل قىلىنغان ئوقۇغۇچى سانى 35277 ؛ تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ 91 ، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلار سانى 103 مىڭ كىشى ، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپلەردىكى مەخسۇس ئوقۇتقۇچى سانى 7394 ئادەم ، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش سانى 30590 ؛ ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ 35 ، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتىكى ئوقۇغۇچى سانى 77800 كىشى ؛ تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش سانى 24864 ، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ باسقۇچىدىكى مائارىپ بويىچە مەكتەپكە كىرىش ئومۇمىي نىسبىتى % 89 كە يەتتى ؛ قېلىپلاشتۇرۇش بالىلار باغچىسى جەمئىي204 ، دۆلەت باشقۇردىغان بالىلار باغچىسى 247 ، باغچىدىكى بالىلار سانى 964000 ئادەم .
شەھەر رايونىدا كەييۇەن ئىبادەتخانىسى، خۇلۇشەن قىيا تاش ئويمىلىرى، سۇڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى فارفور خۇمدىنى خارابىسى، فېڭخۇاڭ(سۇمۇرغ) مۇنارى، كۇڭزى ئىبادەتخانىسى، خەنۋېنگۇڭ ئىبادەتخانىسى، خەنبى راۋىقى قاتارلىق مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى بار. شەھەر رايونىنىڭ غەربىي جەنۇبىدا ساڭفۇشەن تېغىنى مەركەز قىلغان مەشھۇر ئاسارئەتىقىلەر رايونى بار. ئەنئەنىۋى چاۋجۇ مۇزىكىسى، تىياتىرى ۋە قول ھۈنەر بۇيۇملىرىنىڭ تەيۋەن، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيادا تەسىرى بار.
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.