تۇپراق دىگەن سۆزلۈك كۆپ خىل مەنە تۈرىنى ئىپادىلىگەن، تۆۋەندىكى مەنە تۈرلىرى بويىچە كۆرۈڭ:
  1. تۇپراق (ماددا)
  2. تۇپراق (تىبابەت)
ماددا
تۇپراق

تۇپراق بۆلۈنمەيدىغان كۆپ كاۋاكلىق ئاددى ماددا بولۇپ پۈتكۈل كائىنات جىسىملىرىنى تۈزگۈچى تۆت چوڭ ماددىنىڭ بىرىدۇر. ئۇ ئۆزىگە خاس خۇسۇسىيەت ۋە ئالاھىدىلىككە ئىگە، ئۇ چېچىلاڭغۇ جىسىم بولۇپ يەككە ھالەتتە ھەقىقى بىرلىك ھالىتىنى ساقلايدۇ. سۇنىڭ بىرىكتۈرۈش تەسىرىگە ئۇچرىغاندىن كېيىن ئۆز ئارا بىرىكىپ دانچە ھالىتىگە ۋە مۇرەككەپ شەيئىنىڭ ھالىتىگە كىرىدۇ.

ئۇيغۇرچە تۇپراق
ئىنگىلىسچە soil
تەبىئىيتى قۇرۇق سوغۇق
خەنزۇچە
تۈرى تىبابەت نەزىرىيىسى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

تۇپراق ھەققىدە ئۇيغۇر تىبابىتى كلاسسىك ئەسەرلىرى ۋە تەبىئەتشۇناسلىققا ئائىت ئەسەرلەردە ‹‹ تۇپراق بۆلۈنمەيدىغان ئاددى جىسىم بولۇپ ئۇنىڭ تەبىئى ئورنى ھەممە جىسىملارنىڭ تۆۋىنىدە، ئۇ ئۆز تەبىئىتى بىلەن شۇ ئورۇندا تۇرىدۇ. ئەگەر ئۆز ئورنىدىن ئاجرىسا يەنە شۇ ئورۇنغا قاراپ ھەركەت قىلىدۇ، بۇ تۇپراقنىڭ مۇتلەق ئېغىرلىقىدىندۇر. ئۇ ھەرقانداق نەرسە بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ. ھەرقانداق نەرسىنى ئۇنىڭغا قويسا تۇرىدۇ ›› دەپ كۆرسەتكەن.

ئومۇمەن  تۇپراق بۆلۈنمەيدىغان كۆپ كاۋاكلىق ئاددى ماددا بولۇپ پۈتكۈل كائىنات جىسىملىرىنى تۈزگۈچى تۆت چوڭ ماددىنىڭ بىرىدۇر. ئۇ ئۆزىگە خاس خۇسۇسىيەت ۋە ئالاھىدىلىككە ئىگە، ئۇ چېچىلاڭغۇ جىسىم بولۇپ يەككە ھالەتتە ھەقىقى بىرلىك ھالىتىنى ساقلايدۇ. سۇنىڭ بىرىكتۈرۈش تەسىرىگە ئۇچرىغاندىن كېيىن ئۆز ئارا بىرىكىپ دانچە ھالىتىگە ۋە مۇرەككەپ شەيئىنىڭ ھالىتىگە كىرىدۇ.  ئۇ ھەرقانداق ماددىنىڭ شەكىل ھالىتىنى سۇنىڭ ۋاستىسى ئارقىلىق ساقلايدۇ، باشقا ماددىلارنىڭ ئورنىنى يەنە تۇپراق ساقلايدۇ، ئۇ باشقا ماددىلارنىڭ پارچىلاش، بىرىكتۈرۈش تەسىرىگە ئۇچرايدۇ ھەم باشقا ماددىلارنى تازلاش، سۈزۈش، ماددىنىڭ ھالىتىنى (شەكلىنى ) بارلىققا كەلتۈرۈش ھەم باشقا ماددىلارنىڭ زىچلىقىنى تەڭشەش، ماددىلارنىڭ ھەركەت ھالىتىنى مۇقىملاشتۇرۇش، ماددا ئېنىرگىيىسىنى زاپاس ساقلاش، باشقا ماددىلارنىڭ ئۆز-ئارا مۇناسىۋتىنى ۋاستىلىك ياكى بىۋاستە، نىسپى ياكى مۇتلەق تەڭشەيدۇ، ئۇ باشقا ماددىلارنىڭ ( ئوت، ھاۋا، سۇ) مەركىزىگە جايلاشقان بولۇپ ئۇلار ئارقىلىق ئورىلىپ ( قورشىلىپ ) تۇرىدۇ. ئورۇن جەھەتتىن ھەممىنىڭ ئاستىغا جايلاشقان، ۋەزىن جەھەتتىن مۇتلەق ئېغىر ، كەيپىياتى قۇرۇق سوغۇقتۇر .

تۇپراق تەبىئەت دۇنياسىدىكى بارلىق مەۋجۈدادلارنى تۈزگۈچى تۆت چوڭ ماددىنىڭ بىرى بولۇپ، يۇقىردا ئېيتىپ ئۆتكەندەك روللىرى ئارقىلىق تەبىئەت دۇنياسىدىكى بارلىق مۇرەككەپ شەئىيلەر بىلەن مۇناسىۋەتلىشىدۇ. تۇپراقنى ئارەزى قىسىمىنىڭ خېمىيىلىك تەركىبى ھەرگىز يەككە ھالەتتە مەۋجۈد بولماسىتن مۇئەييەن قانۇنىيەتلەر ئارقىلىق بىرىكىپ، مۇرەككەپ شەيئىلەرنى شەكىللەندۇرىدۇ. ئومۇملاشتۇرپ ئېيتقاندا تۇپراقنىڭ تەركىبىنى ئانئورگانىك (جانسىز ) ماددىلار توپى ۋە ئورگانىك (جانلىقلار) ماددىلار توپى دەپ ئايرىشقا بولىدۇ.

تۇپراقنىڭ ئانئورگانىك ماددىسى دەپ تۇپراقتا مەۋجۈد بولغان ھەرخىل يەككە ياكى نىسپى مۇرەككەپ ھالەتتىكى ئېلمىنتلارغا قارىتىلغان . تۇپراق ئورگانىك ماددىسى دەپ تۇپراقتىكى جانلىق مەۋجۈدادلاردىن كەلگەن ماددىلارغا قارىتىلىدۇ. تەبىئىي تۇپراقتىكى ئورگانىك ماددىلار ئاساسەن تۇپراقتا ئۆسۋاتقان يوقۇرى دەرىجىلىك ئۆسۈملۈكلەر ئۇندى قالسا تۇپراقتا ياشاۋاتقان مېكرو ئورگنىزىم ۋە ھايۋاناتلاردىن كېلىدۇ. ئورگانىك ماددىلارنىڭ تۇپراققا قوشۇلۇش مىقدارى قوشۇلۇش ئورنى، ئۆسۈملۈكلىكلەرنىڭ تۈرىگە قاراپ پەرقلىنىدۇ. ھەرخىل ئۇسۇللار بىلەن تۇپراققا كىرگەن ئورگانىڭ ماددىلار تۇپراقتىكى ھايۋانلارنىڭ خۇسۇسەن تۇپراقتا ياشىغان جاراسىملارنىڭ، ئۈزلۈكسىز پارچىلىشىغا ئۇچىرغانلىقىدىن تۇپراقتىكى ئورگانىڭ ماددىلارنىڭ ھالىتىمۇ ھەرخىل بولىدۇ. ئۇلار يىلتىز، غول يۇپۇرماق قاتارلىق پارچىلانمىغان يېپيىڭى ئورگانىڭ ماددىلار، ۋە يېرىم پارچىلانغان ئورگانىڭ ماددىلار ۋە چىرىندى ماددىلار، ئۇندىن باشقا تىرىك ھايۋانلار، جاراسىملار توپلىرى ھەم تۇپراققا سىڭگەن ئاددى ئورگانىك بىرىكمىلەردىن ئىبارەت. ئۇنىڭ ئىچىدە چىرىندى ماددىلار ئەڭ مۇھىم بولۇپ، تۇپراق ئومۇمىي ئورگانىڭ مىقدارى %85 تىن %95 تىن كۆپرەكىنى ئىگەللەپلە قالماستىن بەلكى ئۇنىڭ خۇسۇسىيىتى تۇراقلىق ، ئاستا پارچىلىنىدۇ، شۇڭا تۇپراقتىكى ئورگانىك ماددىنىڭ ئاساسىي گەۋدىسى ھېسابلىنىپ، تۇپراقنى فىزىكىلىق، خېمىيىلىك ۋە بىئولوگىيلىك خۇسۇسىيىتىگە نىسبەتەن ياخشى تەسىر كۆرسىتىدۇ.

تۇپراق چىرىندى ماددىسى بىر خىل قارا رەڭلىك كوللوئىد ماددابولۇپ، غايەت زور سىرتقى يۈزى مەيدانىغا ئىگە، بۇ سىرتقى يۈزى مەيدانىدا زور مىقداردا مەنپىي زەرەت بولىدۇ.

چىرىندى ماددىنىڭ يېپشتۈرۈش كۈچى، قېتىشىش كۈچى سېغىز دانىچىلارنىڭكىدىن ئاجىز كېلىدۇ. سېغىز دانىچىلارنىڭ سىرتىغا چىرىندى ماددا يېپىشقاندا، سېغىز دانىچىلارنىڭ قېتىشىش كۈچى تېخىمۇ زور دەرىجىدە ئاجىزلايدۇ.شۇڭا چىرىندى ماددا كۆپەيسە، سېغىز تۇپراقنىڭ يېپىشقاقلىقى ئاجىزلاپ، ئىلىنىشچانلىقى ياخشىلىنىدۇ. ئۇنىڭ ئۈسىتگە چىرىندى ماددا تەركىبىدە ئازوت مىقدارى كۆپ بولۇپ، بۇ تۇپراقتىكى ئازوت ئېلېمېنتلار (بېرىلگەن ئازوتلۇق خېمىيىۋى ئوغۇتتىن باشقا) نىڭ بىردىنبىر كېلىش مەنبىئىدۇر.

تۇپراق چىرىندى ماددىسى ئورگانىك قالدۇق جىسىملار ياكى باشقا ئورگانىك ماددىلارنىڭ چىرىندىلىشىشى جەريانىدا شەكىللەنگەن بىر خىل ئالاھىدە يۇقىرى مولېكۇلىلىق ئورگانىك بىرىكمە بولۇپ، ئۇنىڭ مولېكۇلا قۇرۇلمىسى ۋە چىرىندىگە ئايلىنىش جەريانى تېخى ئېنىق تەتقىق قىلىنمىدى. ئادەتتە، چىرىندى ماددىنىڭ مولېكۇلىسى ئارۇماتىك بىرىكمىلەرنىڭ يادروسى، ئازۇتلۇق ئورگانىك بىرىكمە ۋە كاربون سۇ بېرىكمىسىدىن ئىبارەت ئۈچ قىسىمنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ .

بىرىنچى باسقۇچىدا ئورگانىك قالدۇق جىسىملار پارچىلىنىش داۋامىدا چىرىندى ماددا مولېكۇلىلىرىنى ھاسىل قىلىشقا قاتنىشىدىغان كۆپ ئاتوملۇق فېنول، ئازوتلۇق ئورگانىك بىرىكمىلەر (مەسىلەن، پېپتىد قاتارلىقلار) ھاسىل بولىدۇ.

ئىككىنچى باسقۇچتا، ھەرخىل مىكرو ئورگانىزىم (مەسىلەن، باكتىرىيە، پاختىلاتقۇچىلار، سىتروفىتومىسىن مىكروبى قاتارلىقلار) سىكرىتسىيەلەپ چىقىرىدىغان فىنول ئوكسىد ئىنىزىمنىڭ رولى ئارقىلىق كۆپ ئاتوملۇق فىنولنى ئوكسىدلاپ خىنونغا ئايلاندۇرىدۇ. ئۇ ئوخشاش بولمىغان شارائىتتا يەنىمۇ ئىلگىرلەپ بىرىكىپ، مولېكۇلا چوڭ – كىچىكلىكى ئوخشاش بومىغان چىرىندى ماددىلارغا ئايلىنىدۇ. نۇرغۇن تەجرىبىلەر ئارقىلىق ئىسپاتلاندىكى ئورمان ئۆسۇملۇك يېپىچىلىرى بولغان رايوننىڭ سۈيى كۆپ تىزاپلىق (كىسلاتالىق) شارائىتتا شەكىللەنگەن چىرىندى ماددىنىڭ مولېكۇلىسى ئاددى، كىچىكرەك بولىدۇ. سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك يېپىنچىسى تارقالغان رايوننىڭ نېيترال ياكى ئىشقارلىق شارائىتتا شەكىللەنگەن چىرىندى ماددىنىڭ مولېكۇلىسى مۇرەككەپ چوڭراق بولىدۇ. چىرىندى ماددىلارنى كۆپىنچە رەڭگى ۋە ھەرخىل ئېرىتكۈچىلەردە ئېرشچانلىقىغا قاراپ، قارا چىرىندى ماددا، قوڭۇر چىرىندى ماددا، سېرىق چىرىندى كىسلاتا دەپ ئۈچ گۇرۇپپىغا ئايرىشقا بولىدۇ. ئۇلارنىڭ رولى بولسا تۇپراقتىكى ئۆسۈملۈك ۋە مېكرو ئورگانىزىملارنىڭ ياششىغا بىۋاستە تەسىر كۆرسىتىدۇ، ھەم ئانئورگانىك ماددىلارنىڭ ئۆسۈملۈك ۋە مېكرو ئورگانىزىملارغا بولغان تەسىرلىرىنى تەڭشەيدۇ.

ئومۇملاشتۇرۇپ ئېيتقاندا تۇپراق ئورگانىك ۋە ئانئورگانىڭ ماددىلارنىڭ ئۆز ئارا تەسىر كۆرسىتىش مەيدانى ياكى ئورگانىك ۋە ئانئورگانىك ماددىلارنىڭ ئۆز ئارا بىرىكىش ۋە پارچىلىنىش ئورنىدۇر.

يۇقىردا ئېيتىپ ئۆتكەن تۇپراق تەركىبىدىكى ئورگانىك ماددىلار تۇپراقنىڭ سۇنى ساقلىشىغا ئىنتايىن مۇھىم تەسىرلەرنى كۆرسىتىدۇ. ئۇلار زىرائەتلەر ۋە دەل-دەرەخلەرنىڭ يىلتىزىنىڭ نەپەسلىنىشى، ئوزۇقلۇق ماددىلارنى قوبۇل قىلىشى قاتارلىقلارنى ئىلگىرى سۈرۈپ ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ئۆسۈپ تەرەققىي قىلىشىنى، چوڭىيىشىگە پايدىلىق. ئۇندىن باشقا بارلىق ھايۋاناتلار تۇپراق ئۈسىتدە پائالىيەت ئېلىپ بارغاچقا تۇپراقنىڭ ھەرخىل تەسىرلىرىگە  (بولۇپمۇ جۇغراپىيىلىك ئورنىغا) ئۇچراپ ھايۋاناتلارنىڭ دائىرلىك تارقىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ھەم بەدەن قىياپەتلىرىگىمۇ تەسىر كۆرسىتىدۇ. تۇپراق يەنە ئىنسانلارنىڭ پائالىيەت ئېلىپ بارىدىغان مەيدانى بولۇپ، ئۇنىڭ بىلەن ئىنسانلارنىڭ سالامەتلىكى زىچ مۇناسىۋەتلىك، ئۇ جانلىقلارغا زۆرۈر بولغان ئوزۇقلۇقلارنى مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلاردا ساقلايدۇ، تۇپراقنىڭ تۈرى ۋە فىزىكىلىق ھالىتى ئىنسانلارنىڭ تۇرالغۇ ـ جاي ۋە تۇرمۇش شارائىتىغا ئىنتايىن چوڭقۇر تەسىر كۆرسىتىدۇ. تۇپراق ئېكىلوگىيە سېستىمىسىنىڭ مۇھىم بىر تەركىبىي بولۇش سۈپىتى بىلەن ئوزۇقلۇق زەنجىرى ئارقىلىق مېكرو ئورگانىزىملاردىن تارتىپ، ئادەمگىچە ئۆز ئارا بىر –بىرىنى باغلاپ تۇرىدۇ. ئىنسانلارنىڭ كىيىم- كېچەك، يېمەك –ئىچمەك ، تۇرالغۇ ـ جاي ۋە باشقا پائالىيەتلىرىنىڭ ھەممىسى تۇپراق بىلەن بىۋاستە ياكى ۋاستىلىق مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ. جۈملىدىن كۈندىلىك تۇرمۇشتا ئېنىرگىيە سۈپىتىدە پايدىلىنىدىغان كۆمۈر، نېفىت، تەبىئىي گازلارنىڭ ھەممىسى تۇپراقتىن كېلىدۇ. ئۇندىن باشقا ئىنسانلار ۋە باشقا ھايۋاناتلارنىڭ ماددا ئالمىشىش قالدۇق مەھسۇلاتلىرى مۇھىتقا چىقىرىلىپ تۇپراقنىڭ ئۆزگەرتىش تەسىرلىرى ئارقىلىق ئۆسۈملۈكلەر سۈمۈرىدۇ. ئۆسۈملۈكلەرنىڭ بىرىكتۇرۈش نەتىجىسىدە ھەرخىل ئادەم ۋە ھايۋاناتلارنىڭ بەدىنىگە كېرەكلىك بولغان ماددىلارغا ئايلىنىپ يەنە ئادەم ۋە ھايۋاناتلار تەرىپىدىن ئىستىمال قىلىنىپ ئۇلارنىڭ ھاياتلىق پائالىيەتلىرىنى داۋاملاشتۇرىدۇ.

تۇپراقتا ھەم شۇنداق ساقلاش، تازلاش، ئۆزگەرتىش ئىقتىدارى باردۇر.

ئۇندىن باشقا تۇپراقنىڭ سۇنىڭ ئارتۇقچە نەملىكىنى تەڭشەش، ئوتنىڭ ئارتۇق ھارارىتىنى پەسەيتىش، خۇسۇسىيىتى بولۇپ، بۇ خۇسۇسىيەت  ھايۋانات ۋە ئۆسۈملۈكلەرنىڭ مۇھىتقا ماسلىشىش، نورمال پائالىيىنى داۋاملاشتۇرۇشقا نىسبەتەن ئىنتايىن مۇھىم تەسىرلەرنى كۆرسىتىدۇ.

يەنى ئوتنىڭ ئارتۇق ھارارىتىنى پەسەيتىش رولى بولسا، تۇپراقنىڭ قۇياش رادىئاتسىيىسىنى قايتۇش رولىدىن بولغان . ئۇ يەنە قۇياشتىن قوبۇل قىلغان ئىسىقلىقنى مۇۋاپىق مىقداردا تەڭشەپ ئۆسۈملۈك ۋە ھايۋاناتلار بەدىنىگە لايىقلاشتۇرۇپ يەتكۈزۈپ بىر تەرەپتىن ئۇلارنى ئېنىرگىيە بىلەن تەمىنلەيدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن سۇنى ئۆزىگە سۈمۈرۈپ ئۆسۈملۈكلەرگە يەتكۈزۈپ بېرىپ ئۇلارنى ئوزۇقلۇق ماددىلارنى يېتەرلىك قوبۇل قىلىپ نورمال ئۆسۈشىگە كاپالەتلىك قىلىدۇ. ئەگەر تۇپراق ئۆزىنىڭ يۇقارقى رولىنى جارى قىلدۇرمىسا، ئېكىلوگىيلىك سېستىمىنىڭ تەڭپۇڭلىقى بۇزۇلۇپ، ھاياتلىقنى نورمال داۋاملىششى تەسىرگە ئۇچرايدۇ. مانا بۇ تۇپراقنىڭ تەبىئەت دۇنياسى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىدۇر .

تۇپراق پۈتكۈل ئالەم جىسىملىرىنى تۈزگۈچى تۆت چوڭ ماددىنىڭ بىرى بولۇپ، جانلىقلار ۋە جانسىزلارنىڭ شەكىل تۈزۈلىشى، ھەركەت ھالىتى قاتارلىقلار بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك، ئادەم بەدىنى تەبىئەت دۇنياسىدىكى شەيئىلەر بىلەن ئورتاقلىققا ئىگە بىر پۈتۈن گەۋدە بولۇپ،تۇپراق ۋە باشقا ماددىلار (ئوت، ھاۋا، سۇ ) بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك . تۇپراقنىڭ ھەرقايسى سېستىمىلار بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ھەققىدە تۆۋەندە قىسقىچە توختىلىپ ئۆتىمىز.

تۇپراقنىڭ ھەركەت سېستىمىسى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى

تۇپراق پۈتكۈل تەبىئەت دۇنياسىدىكى جىسىملارنى تۈزگۈچى تۆت چوڭ ماددىنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇ ئادەم بەدىنىنى تۈزۈشتىمۇ بىر ماددا سۈپىتىدە ئۆز رولىنى جارى قىلدۇرىدۇ. ھەكىم مۇھەممەت ئەكبەر  ئەرزانى ‹‹ مۇپەررىھۇل قۇلۇب ›› ناملىق كىتابىدا  ‹ سۆڭەك جىسمى قاتتىق بولغان قورۇق ئەزادۇر. چۈنكى ئۇ بەدەندىكى تەبىئىي سەۋدا خىلىتىدىن ئوزۇق ئېلىپ ئۆسىدۇ. ۋە ئۆزىنىڭ تەبىئىي شەكىل ھالىتىنى ساقلايدۇ› دەيدۇ.  ھەركەت سېستىمىسىغا كىرىدىغان ئەزالار سۆڭەك مۇسكۇل پەي- تارامۇش بۇغۇملار بولۇپ، ئۇلار ئىچىدىكى سۆڭەك پىشاڭ (قوپاغۇ ) نىڭ رولىنى ئوينايدۇ. ئۇ بەدەندىكى تەبىئىي سەۋدا خىلىتىدىن ئوزۇق ئېلىپ ئۆزىنىڭ شەكىل ھاتىنى ساقلايدۇ ۋە خىزمىتىنى بېجىرىدۇ. تەبىىي سەۋدا خىلىتى تۇپراقنىڭ بەدەندىكى ۋەكىلى بولۇپ ، تەبىئىي سەۋدا خىلىتىنىڭ بەدەندىكى رولى تۇپراقنىڭ ئالەمدىكى رولى بىلەن مۇتلەق ئوخشاش بولىدۇ. ئەبۇ ناسىر فارابىي ‹‹ فىي كەلامى ۋەھدەت ›› دېگەن كىتابىدا بىردەكلىك نەزىرىيىسىنى ئوتتورغا قويۇپ، ‹ تەڭرى بىلەن تەبىئەت بىردەكلىككە ئىگە ، ئاسمان جىسىملىرى بىلەن زىمىن جىسىملىرى بىردەكلىككە ئىگە، ئالەم بىلەن ئادەم بىردەكلىككە ئىگە، شەيئىلەر بىلەن بىلىش جەريانلىرى ، قانۇنىيەتلەر بىلەن بىلىش ھەقىقەتلىرى بىردەكلىككە ئىگە، تەبىئەت گارمونىيىسى بىلەن جەمىيئەت گارمونىيىسى بىردەكلىككە ئىگە › دەيدۇ.

بۇ نوقتا شۇنى ئىسپاتلايدۇكى، ئادەم بەدىنى بىلەن تەبىئەت جىسىملىرى تۈزۈلۈش ۋە ھەركەت قانۇنىيەتلىرى جەھەتتىن ئىچكى بىردەكلىككە ئىگە، تىبابەت ھەرگىزمۇ ئادەم بەدىنىنىڭ ئىچكى تەڭپۇڭلىقىنى مەقسەت قىلغان تار دائىردىكى ئىلىم بولماستىن پۈتكۈل تەبىئىي ۋە ئىجتىمائىي ھادىسلەرنىڭ يىغىندىسىنىڭ ئادەم بەدىنىگە بولغان تەسىرىنى بىلىش، ۋە ئۇلارنىڭ مۇناسىۋەتلىرىنى ئايدىڭلاشتۇرۇشنى بىشلىشنىڭ لازىملىقىنى ئۆگىتىدىغان ئىلىمدۇر.

ئىبىنسىنا ئۆزىنىڭ ‹‹ تىببى داستان ›› ناملىق كىتابىدا:

‹ گاھىدا دەرت كېلۇر پەسىل زاماندىن،

تۇرار جاي شەھەر ئۆلكە ماكاندىن  ›

دەيدۇ. يەنى كېسەللىنىشنىڭ ۋاقىت بىلەنمۇ مۇناسىۋىتى بارلىقىنى شەرىھلەپ ئۆتىدۇ.

بۇ مەسنەۋىنى بۇ يەردە مىسالغا ئېلىپ چۈشەندۈرۈشتىكى مەقسەت، ئادەم بىلەن ئالەم بىردەكلىكىنى- ئورتاقلىقىنى جانلىق ئىسپاتلاشتىن ئىبارەت .

سۆڭەكنىڭ تەبىئىتى قۇرۇق سوغۇق بولۇپ، بەدەندىكى تەبىئي سەۋدا خىلىتىدىن ئوزۇقلىنىدۇ.

تۇپراق پەي-تارامۇشلار بىلەنمۇ زىچ مۇناسىۋەتلىكتۇر. تۇپراقنىڭ يۇقىردىكى خۇسۇسىيەتلىرى بىلەن ئومۇمىي بەدەندىكى ئەزالارنى بىر بىرى بىلەن باغلاپ تۇرىدۇ. تۇپراقنىڭ ئارەزى قىسمى مىزاج ئالاھىدىلىكىنى ئاساس قىلغان ھالدا نۇرغۇن ئېلمىنتلارنى بىر گەۋدە قىلىپ تۇتۇپ تۇرغان چوڭ گەۋدە. تەبىئىي ھالەتتە تۇپراقتا بار ئېلمىنتلارنىڭ ھەممىسى ئادەم بەدىنىدە ئازدۇر- كۆپتۇر مەۋجۈد . ئۇلار ئۆز ھالىتىدە ( يەككە ھالىتىدە) ياكى باشقىلار بىلەن بىرىككەن ھالىتىدە ( مۇرەككەپ ھالىتىدە ) كائىنات ۋە ئادەم بەدىنىنى تۈزىدۇ. ئۇلارنىڭ مۇنداق تۇتىششى ياكى بىرىكىشى كەيپىيات ھالەتتىكى ئورتاقلىق، ياكى نىسبى ئورتاقلىق ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشىدۇ.

مەسىلەن چاياننى مىسالغا ئالساق، ئۇنىڭ بېشى بىلەن قۇيرۇقىنى سېلىشتۇرساق ئاجايىپ چوڭ پەرقلەر بارلىقىنى بايقايمىز.لېكىن چايان بىر پۈتۈن گەۋدە. پۇتلىرى، بېشى، قۇيرۇقى بىر بىرىنىڭ ۋاستىسى ئارقىلىق تۇتىشىپ بىر پۈتۈن گەۋدىنى ھاسىل قىلىدۇ. تۆت چوڭ ماددىنىڭ بىرىكىش ئالاھىدىلىكى مۇشۇلارغا تامامەن ئوخشاشتۇر. يىغىپ ئېيتقاندا تۇپراق ھەركەت سېستىمىسىدىكى ئەزالار بىلەن يۇقىردا دېيىلىپ ئۆتكەن بارلىق خۇسۇسىيەتلىرى ئارقىلىق بىۋاستە ياكى ۋاستىلىق ھالدا تەسىر كۆرسىتىپ ئۇنىڭ مۇكەممەللىكىنى ساقلايدۇ. مانا بۇ تۇپراقنىڭ ھەركەت سېستىمىسى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىدۇر .

تۇپراقنىڭ نېرۋا سېستىمىسى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى

نېرۋا سېستىمىسى يۇقىردا ئېيتىپ ئۆتكىنىمىزدەك، مەركىزىي نېرۋا سېستىمىسى ۋە ئەترەپ نېرۋا سېستىمىسى دەپ ئىككى قىسىمغا بۆلىنىدۇ.

تۇپراق ئۇلارنى ئۆزىنىڭ خۇسۇسىيەت ئالاھىدىلىكىگە قاراپ، بىر ماددا سۈپىتىدە تۈزۈشكە قاتنىشىدۇ. نېرۋا سېستىمىغا تەئەللۇق ھەممە ئەزالارنىڭ مىزىجى ھۆل سوغۇق بولۇپ، ئۇلارنىڭ خىزمىتى مەلۇم قۇرۇقلۇق ئارقىلىق نورمال بېجىرىلىدۇ. چۈنكى ئەزالارنىڭ سەزگۈرلىكى ئۇنىڭدىكى ھۆللۈك ئارقىلىق تۆۋەنلىتىلىپ، قۇرۇقلۇق ئارقىلىق جانلىنىدۇ ياكى سەزگۈرلىكى ئاشىدۇ. ئۇلارنىڭ نورمال خىزمەتكە ماسلاشقان مىزاجى مۆتىدىلگە مايىل سوغۇقلۇق بىلەن مۆتىدىلگە مايىل قۇرۇقلۇق ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشىدۇ. چۈنكى ئۇلاردىكى خىزمەت شۇنىڭغا لايىقتۇر. شۇنداق بولغاچقا ئۇلارنىڭ مىزاجىنى شۇ ھالەتتە ساقلايدىغان بىردىنبىر ماددا تۇپراقتۇر.

يېقىنقى زامان روھ ۋە قۇۋۋەت توغرىسىدىكى تەتقىقاتلارنىڭ چوڭقۇرلىششىغا ئەگىشىپ، سەۋدا مىزاجلىق ئادەملەرنىڭ مېڭىسىدىكى روھى ۋە قۇۋۋىتى نەپسانىنىڭ قوزغىلىش ۋە تورمۇزلىنىشى باشقا مىزاجلىق ئادەملەرگە قارىغاندا يۇقىرى بولىدىغانلىقى، ئۇنداق مىزاجتىكى ئادەملەرنىڭ روھى ھالتىنىڭ تۇراقلىق بولىدىغانلىقى ئىسپاتلانغان . ئۇ مىزاجتىكىلەرنىڭ ئۇنداق بولىشى، تۇپراقنىڭ ‹‹ باشقا ماددىلارنىڭ ھەركەت ھالىتىنى مۇقىم ساقلايدۇ ›› دېگەن خۇسۇسىيەتتىن كەلگەن . ئىبىنسىنا ‹‹ يۈرەك دورىلىرى ›› ناملىق كىتابىدا ‹قويۇق قاندىن پەيدا بولغان روھ قويۇق، تۇراقلىق بولىدۇ. سۇيۇق قاندىن پەيدا بولغان روھ ئۆتكۈنچە بولىدۇ › دەيدۇ . بۇمۇ سەۋدا مىزاجلىق كىشىلەرنىڭ تۇراقلىق ھالەتتە بولىشىنىڭ بىر دەلىلى.

تۇپراق ئۇندىن باشقا نېرۋا سېستىمىسىدىكى روھ ۋە قۇۋۋەتلەرنىڭ ئايلىنىشىدا مۇناسىۋەتلىك ۋاستىچى ماددىلارنىڭ تەڭپۇڭلىقىنى ساقلاشتا ھەم نېرۋىلارنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئوزۇقلۇق ماددىلارنى ساقلاشتا مۇھىم رول ئوينايدۇ.

ھازىرقى زامان تىببى پەن تېخنىكىسىنىڭ تەرەققى قىلىشىغا ئەگىشىپ نېرۋىلاردىكى ئۆتكۈزۈشچانلىقنى ئۇلاردىكى ئىئون ئالمىشىش ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشىدىغانلىقىنى بۇ ئىئونلارنىڭ يەنە ئورگانىك ئىئون ۋە ئانئورگانىك ئىئون ئىكەنلىكى، ئۇلارنىڭ ئالمىشىش ۋە يەتكۈزىلىشنىڭ ئۆز ئارا بىر بىرىنى شەرت قىلىدىغانلىقى ئىسپاتلىنىۋاتىدۇ. شۇنى ئېنىق ئەسكەرتىپ ئۆتىشكە بولىدۇكى بۇ ئىئون يەتكۈزۈلىش، ساقلاش رولى تۇپراقنىڭ ‹ يەردىكى› ئانئورگانىك ۋە ئورگانىك ماددىلارنىڭ خۇسۇسىيتى بىلەن ئوخشاش رول ئوينايدۇ. مانا بۇ تۇپراقنىڭ نېرۋا سېستىمىسى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىدىن ئىبارەت .

تۇپراقنىڭ قان ئايلىنىش سېستىمىسى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى

ھەكىم سۇلتان ئەلى ‹‹دەسترۇلئىلاج ›› ناملىق كىتابىدا ‹ قان سەۋدا خىلىتىدىن ئوزۇق ئالىدۇ › دەيدۇ. بۇيەكۈن تۇپراقنىڭ سەۋدا خىلىتى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنىڭ سەۋدا خىلىتىنىڭ قان ئايلىنىش سېستىمىسىدىكى ئەزالار بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىگە ئوخشايدىغانلىقىغا بىر ئىشارەتتۇر. يەنە ئېيتىمىزكى تۇپراق قان ئايلىنىش سېستىمىسىدىكى ئەزالارنى تۆت چوڭ ماددىنىڭ بىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن تۈزۈشكە قاتنىشىدۇ.

ھەم ئۇلاردىكى ماددا ئالمىشىشنى تەرتىپكە سالىدۇ. ئۇ قان –تومۇرلارنىڭ ئېلاستىكىلىقىنى ساقلايدىغان ئەڭ مۇھىم ماددا بولۇپ قان بېسىمنىڭ نورمال ساقلىنىشىدا ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينايدۇ. قان بېسىمنىڭ نورمال ساقلىنىشى بەدەندىكى سۇ كوللاگېنلىق ماددا بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. سۇ بىلەن كوللاگېنلىق (يېپىشقاقلىق) ماددىلار قان تومۇرنىڭ ئېلاستىكىلىقىنى ساقلايدىغان مۇھىم ماددىدۇر. تۇپراق قان – تومۇرلارنىڭ ئېلىستىكىلىقى، مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا بارلىق ماددىلارنىڭ شەكىل ھالىتىنى ساقلايدۇ. قان- تومۇردىكى ھۆللۈكنىڭ ئازىيىشى قان- تومۇرلاردىكى قۇرۇقلۇقنىڭ غالىپ كېلىشى دېگەن مەنانى بىلدۈرىدۇ. بۇنداق بولغاندا قان تومۇرنىڭ ئېلاستىكىلىقچانلىقى ئازجىزلاپ كېڭىيىش تارىيىش ھەركىتى توسقۇنلۇققا ئۇچراپ يۇقىرى قان بېسىم، قان –تومۇر چۈرىكلىشىش، قان- تومۇر ياللۇغى ھەم زىيادە سېزىمچانلىققا ئالاقىدا ھەرخىل كېسەللىكلەر كېلىپ چىقىدۇ. ئەگەر تۇپراق ئۆز رولىدىن مەھرۇم قېلىپ قان –تومۇر ئېلاستىكىقى بەك ياخشىلىنىپ كەتسە قان تومۇرنىڭ شەكىل ھالىتى يۇقۇلۇپ، تۆۋەن قان بېسىم ۋە شۇنىڭغا ئالاقىدار بىر قىسىم ئېغىر كېسەللىكلەر كېلىپ چىقىدۇ.

تۇپراق يەنە قان سۇيۇقلىقىنى قىيامىنى تەڭشەيدىغان مۇھىم ماددا بولۇپ، قاننىڭ زىچلىقى سېلىشتۇرما ئېغىرلىقى، چۆكۈش تېزلىكى قاتارلىقلارنى تەڭشەشتە ھەقىقەتەن مۇھىم رول ئوينايدۇ. ئەگەر قان سۇيۇقلۇقى تەركىبىدىكى تۇپراق خۇسۇسىيىتىگە ئالاقىدار ماددىلار تۆۋەنلەپ كەتسە ياكى يۇقالسا قاناشقا مايىللىق، قان سۇيۇقلۇقىنىڭ ئوزۇقلىقى ئازىيىش، قان ئازلىق دېگەندەك بىر قاتار ئالامەتلەر، تېخىمۇ ئېغىر بولغاندا ئاق قان كېسىلى (دەمىل ئەبىيەز) قاتارلىق قورقۇنۇچلۇق كېسەللەر كېلىپ چىقىدۇ. ئۇندىن باشقا قان –تومۇرلارنىڭ ئۆتكۈزۈش ئىقتىدارى ئىنتايىن قالايمىقانلىشىپ، ھەرخىل سۇلۇق ئىششىق، تۇلۇپ قېلىش (ئىمتىلا) غا ئالاقىدار ئالامەتلەر ھەم كېسەللىكلەر كېلىپ چىقىدۇ.

ئەگەر تۇپراق خۇسۇسىيەتلىك ماددىلارنىڭ قاندىكى قويۇقلۇقى ئېشىپ كەتسە قان سۇيۇقلۇقى قويۇقلىشىپ قېلىش، توسۇلۇش، يۇقىرى قان بېىسم قاتارلىق كېسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇ خىل كېسەللىكلەرنىڭ ھەممىسى تۇپراقنىڭ رولىدىن مۇستەسنا تەسەۋۋۇر قىلىش مۇمكىن ئەمەس.

يىغىپ ئېيتقاندا تۇپراق قان ئايلىنشى سېستىمىسىدىكى ئەزالارنىڭ ئېلېستىكىلىقىنى ساقلاش، نورمال ماددا ئالمىشىش پائالىيەتلىرىنى تەرتىپكە سېلىش، قان سۇيۇقلىقىنىڭ قىيامىنى تەڭشەش، ئۇلاردىكى ئوزۇقلۇق ماددىلارنىڭ تەڭپۇڭلىقىغا كاپالەتلىك قىلىش قاتارلىق روللىرى ئارقىلىق تەسىر كۆرسىتىدۇ.

مانا بۇ تۇپراقنىڭ قان ئايلىنىش سېستىمىسى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىدۇر .

تۇپراقنىڭ ھەزىم قىلىش سېستىمىس بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى

ھەزىم قىلىش سېستىمىسىغا تەئەللۇق ئەزالار ، ئېغىزدىن تارتىپ تاكى مەقئەتكىچە بولغان ئەزالارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان بولۇپ ئۇلارنىڭ شەكىل ھالىتى يېمەكلىكلەرنى ھەزىم قىلىشقا ئالاھىدە ماسلاشقان. بۇنىڭ شەكىل ھالىتىنى شۇنداق خىزمەتكە ماسلاشتۇرغىنى تۇپراقتۇر.  ھەكىم مۇھەممەت ئەكبەر ئەرزانى ‹‹ مۇپەررىھۇل قۇلۇب ›› ناملىق كىتابىدا ‹ سەۋدا خىلىتى ئاشقازاننىڭ كىرىش ئېغىزىغا قويۇلۇپ ئىشتىھا پەيدا قىلىدۇ. چىقىش ئېغىزىدا قويۇلۇپ ئاشقازان چىقىش ئېغىزىنىڭ ئېچىلىشىنى پەيدا قلىدۇ › دەيدۇ .

تۇپراق ھەزىم قىلىش ئەزالىرىنى تۆت چوڭ ماددىنىڭ بىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن تۈزۈشكە قاتنىشىدۇ. ھەزىم قىلىش ئەزالىرىدىن تۇپراق بىلەن مۇناسىۋىتى ئەڭ قۇيۇق بولغان ئەزا ـ ئاشقازان بولۇپ، بەدەندىكى تۇپراقنىڭ ۋەكىلى بولغان سەۋدا خىلىتى ئاشقازاننىڭ كىرىش ئېغىزىنى غىدىقلاپ، ئىشتىھا پەيدا قىلىدۇ. ئاشقازاننىڭ چىقىش ئېغىزىنى غىدىقلاپ، كەيلوسقا ئايلانغان يېمەكلىكلەرنىڭ ئاشقازاندىن چىقىرىلىش ئۈچۈن ئۇنى ئاچىدۇ، ھەم ئاشقازاننىڭ لۆمۈلدىمە ھەركىتىنى باشقۇرغۇچى نېرىپلارنى غىدىقلاپ ئاشقازاننىڭ نورمال لۆمۈلدىشىگە كاپالەتلىك قىلىدۇ. ھەرقانداق ئەزادا بولىدىغان تۇتۇش قۇۋۋىتىنىڭ نورمال خىزمەتتە بولىشى مۇۋاپىق قۇرۇقلۇقنى شەرت قىلىدۇ. يېمەكلىكلەرنىڭ ھەزىم قىلىش ئەزالىرىدا تۇرۇشى شۇ ئەزادا بولىدىغان تۇتۇش قۇۋۋىتىنى شەرت قىلىدۇ. بۇ قۇۋۋەت قۇرۇقلۇقنى شەرت قىلىدۇ. بۇ قۇرۇقلۇق دەل تۇپراقنىڭ كەيپىيات جەھەتتىكى قۇرۇقلۇقىدىن ئىبارەت تۇپراق ئۇندىن باشقا ھەزىم قىلىش سېستىمىسىدىكى ماددىلارنىڭ ئالمىششىغا زور تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئوزۇقلۇق ماددىلارنىڭ توشۇلىشى ساقلىنىشى، يەنىلا ئۇنىڭ رولىسىز ئەمەس، شۇنىڭ كونتروللىقى ئاستىدا بولىدۇ.

يىغىپ ئېيتقاندا، تۇپراق ھەزىم قىلىش سېستىمىسى بىلەن يۇقۇردا ئيتقاندەك مۇناسىۋەتكە ئىگە .

تۇپراقنىڭ كۆپىيىش سېستىمىسى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى

كۆپىيىش سېستىمىسى ئىنساننىڭ نەسلىنى داۋام قىلغان سېستىما بولۇپ تۇپراقنىڭ ئۇ سېستىمىدىكى ئەزالار بىلەن تۆۋەندىكىدەك مۇناسىۋىتى بار .

تۇپراق كۆپىيىش سېستىمىسىدىكى ئەزالارنى بىر ماددا سۈپىتىدە تۈزۈشكە قاتنىشىدۇ. بىز يۇقىردا ئېيتىپ ئۆتكىنىمىزدەك تۆت چوڭ ماددا بىر بىرىگە بولغان ئۆزىنىڭ ئالاھىدە ۋە نىسبى تەسىرلىرى ئارقىلىق ئۆز ئارا تۇتىشىپ ئالەم جىسىملىرى ۋە ئادەم بەدىنىدىكى ھەممە ئەزالارنى تۈزىدۇ. ئۇلارنىڭ خۇسۇسىيىتى نورمال فىزىئولوگىيلىك خىزمىتىنى جارى قىلدۇرۇشتا مۇھىم تەسىرلەرنى كۆرسىتىدۇ. ئۇيغۇر تىبابىتىدە ئەۋلادنىڭ ئەجدادقا ئوخشاش ئۇدۇم (ئېرسىيەت) ئالاھىدىلىكىنى تەتقىق قىلىشتا روھ قۇۋۋەت ئالاھىدە ئورۇنغا ئىگە دەپ تەرىپلەيدۇ.  ئۇنىڭ ئۇدۇم ئالاھىدىلىكى توغرىسىدا ھەكىم سۇلتان ئەلى ‹‹ دەسترولئىلاج ›› ناملىق كىتابىدا، ‹ مەنىي ۋە تۇخۇمدا پۈتكۈل ئەزالارنىڭ قۇۋۋىتى بار، شۇڭا ئۇلار ئەۋلادنىڭ پۈتكۈل ئەزالىرىنى ئەجدادقا خاس شەكىللەندۈرىدۇ › دەپ بايان قىلغان. يەنى ئۇلارنىڭ شۇنداق ئۇدۇم ھالەتتە ساقلىنىشى تۇپراق بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك، چۈنكى تۇپراق ‹‹ ھەرقانداق ماددىنىڭ تۇراقلىقىنى ساقلىغۇچى بىردىنبىر ماددىدۇر ››. كۆپىيىش سېستىمىسى ئادەم بەدىنىدىكى ئىقتىدار ۋە تۈزۈلۈش جەھەتتىن باشقا سېستىمىلارغا قارىغاندا ئالاھىدە سېستىما بولۇپ ئۇنىڭ شۇنداق بولىشى باشقا ماددىلارنىڭ ‹‹ خەمىرە ۋە نېرۋىلارنىڭ›› تەڭشىشى ئاستىدا بولىدۇ. بولۇپمۇ نېرۋىلارنىڭ تەڭشىشى ئاساسىي ئورۇندا تۇرىدۇ. ئۇ يەنىلا نېرۋا خىزمىتى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. ئۇ يەنىلا بەدەندىكى تۇپراقنىڭ زاھىرى بولغان سەۋدا خىلىتىنى تەڭشىشى ئاستىدا ئېلىپ بېرىلىدىغان رولىدىن ئىبارەت . كۆپىيىش ئەزالىرى ئاجرىتىپ چىقارغان ھەرخىل خەمىرەلەر يەنىلا تۇپراق خۇسۇسىيەتلىك ئېلمىنتلار بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ.

ئومۇملاشتۇرپ ئېيتقاندا، تۇپراق كۆپىيىش سېستىمىسىدىكى ئەزالىرىنى بىر ماددا سۈپىتىدە تۈزۈشكە قاتنىشىدۇ.ھەم ئەۋلادنىڭ تۇراقلىق داۋاملىششىدا ئۇنىڭ تۇراقلىقىنى ساقلايدۇ. ھەم ئۇ سېستىمىدىكى ئەزالارنىڭ فىزىئولوگىيلىك خىزمىتىنى تەرتىپكە سالىدۇ.  مانا بۇ تۇپراقنىڭ كۆپىيىش سېستىمىسى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىدىن ئىبارەت .

تۇپراقنىڭ نەپەسلىنىش سېستىمىسى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى

تۇپراق نەپەسلىنىش سېستىمىسىدىكى ئەزالارنى تۆت چوڭ ماددىنىڭ بىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن تۈزۈشكە قاتنىشىدۇ. ھەم ئۇ سېستىمىنىڭ شەكىل ھالىتىنى نەپەسلىنىشكە لايىق ساقلايدۇ. تۇپراق ئۇ سېستىمىدىكى بولۇپمۇ كاناي ۋە كانايچىلارنى تۈزگۈچى ئاساسلىق ماددىدۇر.

تۇپراق نەپەس سېستىمىسىدىكى ئەزالارنىڭ ساقلىقى بىلەن بىۋاستە مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ. يەنى ئۇ سىرتقى مۇھىتتىكى چاڭ –توزانلار ئاساسلىقى تۇپراق جىنىستىكى ماددىلار بولۇپ، ئۇلار بىز نەپەسلىنىدىغان ھاۋا تەركىبىدە تەبىئىي ھالەتتە مەلۇم قويۇقلۇقنى ساقلاپ تۇرىدۇ. ئەگەر ئۇنىڭ قويۇقلىقى ئېشىپ چاڭلىق ھاۋا شەكىللەنسە ئۆپكىنىڭ ھەرخىل كېسەللىكلىرى جۈملىدىن چاڭلىق ئۆپكە، ئۆپكە ئېچىلالماسلىق، قاتارلىق كېسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئەگەر قۇيۇقلىقى بەك تۆۋەنلەپ كەتسە كاناي –كانايچىلار ۋە ئۆپكە پۈۋەكچىلىرىنىڭ غىدىقلىنىشى توسقۇنلۇققا ئۇچراپ ئۆپكە پائالىيىتى توسقۇنلۇققا ئۇچراش خارەكتىرلىك ئۆپكە ھاۋالىق ئىشىقى،ئۆپكىگە سۇ چۈشۈش قاتارلىق كېسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

يېقىنقى تەتقىقاتلاردا ئىسپاتلىنىشىچە ئۆپكە سىلىغا گىرىپتار بولغان بىمارلارنىڭ ئۆپكە توقۇلمىلىرىدا سۇ مىقدارى ئازىيىپ ھېستامىننىڭ مىقدارى كۆپىيىپ كېتىدىغانلىقى ئىسپاتلانغان. مانا بۇ ئۆپكىدىكى مۇھىت بىلەن قۇرۇق ياكى ھۆل كەيپىياتنىڭ قانچىلىك يېقىن مۇناسىۋەتتە ئىكەنلىكىنى بىلىشقا بولىدۇ.

ئۇندىن باشقا ئۆپكىگە تارقالغان نېرۋا – قان تومۇرلارنىڭ سەزگۈرلىكى يەنىلا تۇپراق جىنىسلىق ماددىلار ئارقىلىق بولىدۇ. ( بۇنى ئەزا تەلىمىتىدا تەپسىلى سۆزلەيمىز ) ئۆپكە پۈۋەكچىلىرىنىڭ نورمال گاز ئالماشتۇرۇشىمۇ يەنىلا تۇپراق جىنىسلىق ماددىلارنى غىدىقلىشىدىن ئايرىلالمايدۇ. مانا بۇ تۇپراقنىڭ نەپەس سېستىمىسىدىكى ئەزالار بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىدىن ئىبارەت .

تۇپراقنىڭ ئىچكى ئاجرالما بەز سېستىمىس بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى

ئىچكى ئاجرالما بەز سېستىمىسى مەركىزىي ئىچكى ئاجرالما بەز سېستىمىسى ۋە ئەتراپ ئىچكى ئاجرالما بەز سېستىمىسى دەپ ئىككىگە بۆلىنىدۇ. ئۇ سېستىما ئاساسلىقى ئىچىكى مۇھىتنىڭ تەڭپۇڭلىقىنى تەڭشەشتە نېرۋا سېستىمىسىغا ياندىشىپ بىر بىرىنىڭ كەمچىلىكىنى تولۇقلىغان ئاساستا مۇكەممەل ئادەم قۇرۇلمىسىنى تۈزىدۇ ھەم تەڭشەيدۇ. ئۇلارنىڭ ئاساسلىق پائالىيىتى نېرۋا سېستىمىسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ياكى شۇ نېرۋىلارنى غىدىقلايدىغان ماددىلارنى ئاجرىتىپ چىقىرپ، شۇ ماددىنىڭ ۋاستىسى بىلەن ئورگانىزىم خىزمىتىنى تەرتىپكە سېلىشتۇر.

ئىچكى ئاجرالما بەز سېستىمىسى ئاجرىتىپ چىقارغان خەمىرەلەتنىڭ تۈرى ئوتنىڭ ئادەم ئورگانىزىمى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىدە سۆزلەنگەن بىلەن ئوخشاش بولۇپ، بۇ يەردە ئالاھىدە توختىلىپ ئۆتمەيمىز. لېكىن شۇ ماددىنىڭ تەركىبىي دەل تۇپراق جىنىسلىق ماددىلار بولۇپ، ئۇلار شۇ ئەزالارنى تۈزگەندىن سىرت يەنە ئۇ سېستىمىلار ئاجرىتىپ چىقىرىدىغان ماددىلارنى خام ماتىريال بىلەن تەمىنلەيدۇ ھەم خىزمەتنى تەرتىپكە سالىدۇ. شۇ ئارقىلىق مۇكەممەل ئادەم قۇرۇلمىسىنى تۈزۈپ خىزمەتلەرنى تولۇق مۇكەممەل بېجىرىدۇ. مانا بۇ تۇپراقنىڭ ئىچكى ئاجرالما بەز سېستىمىسى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىدىن ئىبارەت .

تۇپراقنىڭ سۈيدۈك ئاجرىتىش سېستىمىسى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى

سۈيدۈك ئاجرىتىپ چىقىرىش سېستىمىسىدىكى ئەزالارنىڭ شەكلى خىزمىتىگە ناھايتى ماسلاشقان، ئۇنداق شەكىلدە بولىشى يەنىلا تۇپراقنىڭ شەكىل ساقلاش رولىدىن بولغاندۇر. بۆرەكنىڭ سۈزۈش شارچە ھەم نەيچىلىرىمۇ مۇئەييەن تېرەڭلىككە ئىگە بولۇپ، بۇنى ساقلىغۇچى دەل تۇپراقتۇر. ئۇندىن باشقا تۇپراق ئۇ سېستىمىدىكى ئەزالارنى بىر ماددا سۈپىتىدە تۈزىدۇ. ھەم مۇھىم روللارنى ئوينايدۇ. بۆرەكتە تۆت قۇۋۋەتنىڭ ھەممىسى بار. لېكىن نورمال خىزمىتىدە جازىبە ۋە دافىئە قۇۋۋىتى ئالاھىدە رول ئوينىغان بولغاچقا، بۇ قۇۋۋەتنىڭ نورماللىقىنى ساقلىغۇچى يەنىلا تۇپراقنىڭ كەيپىياتىدۇر .

ھەكىم مۇھەممەت ئەكبەر ئەرزانى ‹‹ مۇپەررىھۇل قۇلۇب ›› ناملىق كىتابىدا ئەزالاردا بولىدىغان تۆت خىل قۇۋۋەت توغرىسىدا سۆزلەپ ‹ سۈمۈرۈش قۇۋۋىتى بىلەن ھەزىم قىلىش قۇۋۋىتى كۆپىنچە ھۆل سوغۇق كەيپياتتىن ئاجىزلىشىدۇ، تۇتۇش قۇۋۋىتى ھۆللۈك سەۋەبىدىن ئاجىزلىشىدۇ. چىقىرىش قۇۋۋىتى قۇرۇقلۇق سەۋەبىدىن ئاجىزلىششىدۇ › دەيدۇ .

بۇنىڭدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى تۇپراقتىكى قۇرۇقلۇق بۆرەكنىڭ سۈزۈش ئىقتىدارىغا بىۋاستە تەسىر كۆرسىتىدۇ. بۆرەك خىزمىتىگە ماسلاشقان ئاساسىي قۇۋۋەتلەر چىقىرش قۇۋۋىتى بىلەن تۇتۇش قۇۋۋىتى، يەنى بۆرەك قاندىكى بۇزۇق ماددىلارنى چىقىرىش ئۈچۈن ئۇنى سۈزىدۇ. (دىئالىز قىلىدۇ) بۇزۇق ماددىلارنى چىقىرىشى دافىئە قۇۋۋىتى ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشىدۇ. تۇتۇش قۇۋۋىتى بىرخىل ۋاستىچى قۇۋۋەت بولۇپ سۈزگۈچى نەيچىلەردىن ۋە بۆرەك شارچىلىرىدىن ئۆتەلمىگەن ماددىلارنى (ئوزۇقلۇق ماددىلارنى ) چىقارماي تۇتۇپ قېلىشى، توسۇپ قېلىشى ئۈچۈن خىزمەت قىلىشىغان قارىتىلغان. لېكىن بۆرەكنىڭ ئۆزىدە سۈمۈرۈش قۇۋۋىتى ناھايتى ئاجىز بولىدۇ. بۇنداق بولىشى قان جىگەردىن بۆرەككە بۆرەكنىڭ سۈمۈرۈش كۈچى سەۋەبىدىن ئەمەس جىگەرنىڭ دافىئە يەنى چىقىرش كۈچى سەۋەبىدىن مەجبۇرى كېلىدۇ. بۇنداق بولىشى يەنىلا ئۇنىڭدىكى تۇپراقنىڭ رولىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ. مانا بۇ تۇپراقنىڭ سۈيدۈك ئاجرىتىپ چىقىرىش سېستىمىسى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىدىن ئىبارەت.[1][0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#