كونىستانتىنپولنىڭ ئىشغال قىلىنىشى

كونىستانتىنپولنىڭ ئىشغال قىلىنىشى

شەرقى رىم ئىمپىرىيەسىنىڭ پايتەختى كونىستانتىنپول ياۋروپا ۋە ئاسىيادىن ئىبارەت ئىككى قىتئەنىڭ چىگرىسى بولغان بوسپورۇس بوغۇزىنىڭ جەنوبىدا بولۇپ ، ئۇچ تەرىپى سۇ بىلەن ئورالغان، كەينى تەرىپى قۇرۇقلۇق بىلەن تۇتىشىدۇ.

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار


 كونىستانتىنپولنىڭ يەر تۇزۇلىشى خەتەرلىك. ئۇنىڭ ئۇستىگە شەرقى رىملىقلارنىڭ ئۇزۇن يىللاردىن بېرى پىلانلاپ ياسىغان قورغىنى بولۇپ ، پولات قالقاندەك ناھايىتى مۇستەھكەم ئىدى. ئۇنى ھۇجۇم قىلىپ ئېلىش ھەقىقەتەن قۇرۇق خىيال ئىدى. بىراق 15-ئەسىردىكى بىر قېتىملىق ئۇرۇشتا ئۇ كۈتۇلمىگەن يەردىن ئوسمانلىي تۇركلىرى تەرپىدىن ئىشغال قىلىندى. بۇ ئۇرۇش ئوتتۇرا ئەسىر تارىخىدىكى ئەڭ كەسكىن بولغان ئۇرۇشلارنىڭ بىرى ئىدى.



  ئۇرۇش باشلىنىشتىن ئىلگىرى ئىككى تەرەپ ئۆزلىرىنىڭ زور تۇركۇمدىكى ئادەم ۋە ماددى كۇچىنى توپلاپ، تولۇق تەييارلىق قىلدى. تۇرك پادىشاھى مۇھەممەدⅡ   بولسا 200مىڭ كىشلىك قوشۇن، 300جەڭ كېمىسى تەييارلاپ كونىستانتىنپولنى چىۋىن ئۇچۇپ چىقالمايدىغان دەرىجىدە قورشاپ ، شەھەرنى بويسۇندۇرپ، ئۇنى ئىسلام دىنىنىڭ مەركىزىگە ئايلاندۇرۇش ئىرادىسىدە بولدى. كونىستانتىنپولدىكى خەلق ۋە قوشۇن شەھەر بىلەن ھايات ماماتتا تەڭ بولۇشقا قەسەم ئىچىشتى. شەھەرنىڭ غەربىدىكى ئىككى قەۋەت سېپىنىڭ تېشىغا چوڭقۇر خەندەكلەرنى ئويدى. شەھەرنىڭ شىمالىدىكى ئالتۇن بۇرجەك قولتۇقىنىڭ كىرىش ئېغىزىغا ناھايىتى توم زەنجىرلەنى سۇ يۇزىگە تارتىپ، ھەرقانداق كېمە كىرەلمەيدىغان قىلدى.شەھەرنىڭ شەرق تەرپىدىكى دۇشمەن ئاسانلىقچە يېقىن كېلەلمەيدىغان يەرگە ئۇلار پۇختا قورغانلارنى سېلىشىتى. مۇشۇنداق جىددى كەيپىياتتا 1453-يىلى4-ئاينىڭ 6-كۇنى ئۇرۇش رەسمى باشلاندى.



    تۇركلەر ئالدى بىلەن غەرپ تەرەپتىن شىددەتلىك ھۇجۇم قىلدى.ئۇلار ئوقى500كىلوگىرام كېلىدىغان زەمبىرەكلەردە شەھەر سېپىلىنى توپقا تۇتتى. ئاندىن دەرەخ -ياغاچلارنى سۆرىشىپ، چوڭ ياغاچ تۇڭلارنى دومىلىتىشىپ خەندەكلەرنى تولدۇرماقچى بولۇشتى. بىراق شەھەردىكىلەرنىڭ توپ-ئوقلىرىغا دۇچ كېلىپ ،چېكىندى.

  شەھەرنى ھۇجۇم قىلىپ ئالالمىغاندىن كېيىن ، تۇركلەر لەخمە كولاپ، شەھەر سېپىلىدىن ئۆتۇپ، شەھەرئىچىگە كىرمەكچى بولدى. بىراق لەخمىنى كولاپ بولمايلا يەرلىك خەلق تەرپىدىن بايقىلىپ قېلىندى . شۇنىڭ بىلەن ئۇلار پارتىلاتقۇچ بومبىلاردا لەخمىنى پارتىلىتىپ كۆمىۋەتتى. بۇ ئۇسۇلنىڭ ئاقىمىغىنىنى كۆرگەن تۇركلەر مۇنار ھارۋا بىلەن شەھەرگە ھۇجۇم قىلدى. يەنى ھارۋا ئۇستىگە مۇنار ياساپ، سىرتىنى قېلىن كالا خۇرۇمىلىرى بىلەن ئۇچ قەۋەت قىلىپ ئورايتتى.ھارۋىغا يەنە توپچىلار، ئوقياچىلار يوشۇرۇنغانىدى. يەنە بىردىن غالتەكلىك شوتا بار ئىدى. ئۇلار ھارۋا بىلەن شەھەرگە يېقىنلاشقاندا سېپىلنى قوغداۋاتقان قوشۇن ئوت بىلەن ھۇجۇم قىلىپ ، ھارۋىلارنى كۆيدۇرىۋەتتى. خادا ياغاچلار بىلەن شوتىلارنى ئىتىرىپ ئۆرىۋېتىشتى. بۇنىڭىدىمۇ تۇركلەر مەغلۇپ بولۇشتى.

  قايتا - قايتا مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن سۇلتان مۇھەممەد كونىستانتىنپولغا قايتىدىن ھۇجۇم قىلشىنىڭ پىلانىنى تۇزدى. ئۇلار شەھەرنىڭ شىمالىدىكى ئالتۇن بۇرجەك قولتۇقىدا سۇ يۇزىنىڭ كەڭ ئەمەسلىكىنى بايقىدى. رىملىقلار ئاساسلىق تۆمۇر زەنجىرلەردىن پايدىنلىپ ھۇجۇمنى توسماقچى بولۇشقانىدى. ئەگەر تۆمۇر زەنجىرلەردىن ئايلىنىپ ئۆتۇپ، سۇ يولى بىلەن تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلىنسا ، دۇشمەن قىلچە تەييارلىقسىز ھالەتتە شەھەرنى ئالغىلى بولاتتى. بىراق كېمىلەر قانداق قىلىپ تۆمۇر زەنجىرلەردىن ئايلىنىپ ئۆتۇپ،سېپىل ئاستىغا بارغىلى بولىدۇ؟ بۇ بىر كاللا قاتۇرىدىغان مەسىلە ئىدى. سۇلتان مۇھەممەد ۋە ئۇنىڭ قول ئاستىدىكىلىرى ئۇزاق ئويلنىپ قالتىس ئامالدىن بىرنى ئويلاپ تاپتى.

  ئۇلار گېنويەلىك سودىگەرلەر تۇرۇشلۇق گالاتىيە بازىرىغا بېرىپ ، ناھايىتى كۆپ سوۋغا سالاملار بىلەن ئۇيەردىكى سودىگەرلەرنى سېتىۋالدى. شۇنىڭ بىلەن سودىگەرلەر تۇركلەرنىڭ بازارنىڭ شىمالدا قۇرۇقلۇقتىكى كېمە ئوقۇرى (船槽، قاملاشتۇرۇپ تەرجىمە قىلالمىدىم) ياتقۇزۇشىغا قوشۇلدى. بۇ ئوقۇر قېلىن ياغاچ تاختايلاردىن ياسالغانبولۇپ يوقىرىدىن تۆۋەنگە سېرىلىدىغان قىلىپ ياسالغان. ئوقۇريۇزىگە ناھايىتى قېلىن قىلىپ كالا -قوي مايلىرى سۈرۇلگەنىدى. مۇشۇ ئوقۇردىن پايدىنىلىپ تۇركلەر بىر كېچىدىلا 80جەڭ كېمىسىنى ئالتۇن بۇرجەك قولتۇقىنىڭ يان تەرىپىگە يۆتكىۋالدى ھەمدە ئۇيەردە لەيلىمە كۆۋرۇك قۇرۇپ ، توپ-زەمبىرەكلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، كونىستانتىنپولغا يېڭدىن ھۇجۇم قوزغاشتى.

  گۇمبۇرلىگەن توپ -زەمبىرەك ئوقلىرىنىڭ شەھەرنىڭ شىمالىدا ياڭراۋاتقىنىنى كۆرگەن ئەسكەرلەر داڭ قېتىپ قېلىشتى. ئۇلار ئۇخلاپ چۇشىدىمۇ ئالتۇن بۇرجەك قولتۇقى تەرەپتىن تۇرك ئەسكەرلىرىنىڭ پەيدا بولىشىنى ئويلاپ باقمىغانىدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئالدىراپ تېنەپ ئىككى سەپتىن ياردەمگە ئەسكەر يۆتكەشتى. غەرپ تەرەپتىكى مۇداپىئەنى گېنويەلىك ئەسكەرلەرگە تاپشۇردى. بۇنىڭ بىلەن رىم قوشۇنلىرىنىڭ ئەسكىرى كۇچى چېچىلدى، ئۇنىڭ ئۇستىگە غەربى تەرەپنى قوغداۋاتقان گېنويەلىك ئەسكەرلەر يەر شارائىتى بىلەن تونۇش بولمىغاچقا، مۇداپىئە خەتەر ئىچىدە قالدى. تۇركلەر ئۇزلۇكسىز توپ-زەمبىرەك بىلە ھۇجۇم قىلىپ غەرپ تەرەپتىكى سېپىلدىن بىر چوڭ يوچۇق ئاچتى. 

  غەلبىنىڭ كۆز ئالدىدا ئىكەنلىكىنى كۆرگەن سۇلتان مۇھەممەدⅡ   قەلبىدىكى خوشاللىقنى يوشۇرالمىغان ھالدا « باتۇرلار، تەقۋادار مۇسۇلمانلار ! سېپىلدىن چوڭ بىر يوچۇق ئېچىلدى،مەن سىلەرگە ناھايىتى باي شەھەرنى- قەدىمقى رىمىنىڭ پايتەختى، دۇنيانىڭ مەركىزىنى تەغدىم قىلىمەن، خالىغىنىڭلارچە ئېلىڭلار، سىلەر يانچۇقلىرى تومپايغان كاتتا بايلاردىن بولۇپ كېتىسىلەر، باتۇرلار ھۇررا!»دەپ ۋاقىرىدى.



    تۇركلەر شەھەرگە شىددەت بىلەن ھۇجۇم باشلىدى، بىراق شەھەر ئىچىدىكى پۇقرا ۋەئەسكەرلەر جان تىكىپ قارشىلىق كۆرسىتىپ تۇركلەر بىلەن جەڭ قىلدى. تۇركلەر ئىككى قېتىم ھۇجۇم قىلىپمۇ ئالالمىدى. ئاخىرى سۇلتان مۇھەممەد ئۆزى باشلامچىلىق قىلىپ ھۇجۇم قوزغاپ باستۇرۇپ كىردى. كونىستانتىنپول قولدىن كەتتى.

    كونىستانتىنپولنىڭ ئىقتىدارسىز پادىشاھى تۇركلەرنىڭ بايرىقى سېپىل ئۇستىگە قادالغاندا ، جەڭ قىلىش جۇرئىتىنى يوقىتىپ، كىيىمىنى ئالماشتۇرۇپ ، ئالاقزادە بولغا ھالدا قاچتى. يولدا بىر قانچە بۇلاڭ-تالاڭ قىلىۋاتقان تۇرك ئەسكەرلەر تەرىپىدىن ئۆلتۇرۇلدى. ئۇزۇن ئۆتمەي ئوسمانلى تۇركلىرىنىڭ پايتەختى كونىستانتىنپولغا كۆچۇرۇلۇپ كېلىندى ھەمدە شەھەرنىڭ نامى ئىستانبول (ئىسلام شەھىرى) دەپ ئۆزگەرتىلدى. بۇ نام ھازىرغىچە ئىشلىتىلىپ كېلىنمەكتە. كونىستانتىنپولنىڭ قولدىن كېتىشى مىڭ نەچچە يۇز يىل داۋام قىلغان ۋىزانتىيە (رىم ) ئىمپىرىيەسىنىڭ ھالاك بولغانلىقىدىن دېرەك بەردى.


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

1.

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

1 نومۇر (1 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    0%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    100%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#