- پىياز (خام دورا)
- پىياز (كۆكتات)
پىياز
پىياز بولسا ھەممىگە تونۇشلۇق بولغان كۈندىلىك تۇرمۇشتا كۆپ ئىشلىتىدىغان كۆكتاتلارنىڭ بىرى بۇلۇپ، سۈيدۈك ۋە ھەيزنى راۋانلاشتۇرۇش.خۇسۇسىيەتكە ئىگە.
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
1. ئاۋۋال سۈرگە دورىسىنى بىرىپ ئىچىنى تازىلاپ پىياز سۈيىنى كۆزگە تېمىتسا كۆز ياشاڭغۇراش، كۆزگە سۇ چۈشۈشكە مەنپەئەت قىلىدۇ.
2 . پىياز سۈيىنى قۇلاققا تېمىتسا قۇلاق ئېغىرلىقى، قۇلاق غوڭۇلداشقا مەنپەئەت قىلىدۇ.
3. پىيازنى قاينىتىپ ئىچسە، سۈيدۈك تامچىلاپ كېلىشكە پايدا قىلىدۇ،خام يېسە ھەيز ۋە سۈيدۈكنى ھەيدەپ، تەرەتنى يۇمشىتىدۇ قان مېيىنى تۆۋەنلەشتۈرىدۇ..
4. پىيازنىڭ سۈيىگە ھەسەل قوشۇپ ئىچسە، باھنى قۇۋۋەتلەيدۇ، ئوتقا كۆمۈپ پىشۇرۇپ سۈيىنى چىقىرىپ، ھەر خىل ئىششىق، بەھەق ۋە بەرەسكە سۈركىسە پايدا قىلىدۇ.
5. پىياز سۈيىدىن كۈندە ئىككى قوشۇق ئىچىپ بەرسە، يۈرەك كېسەللىرىگە پايدا قىل
6. پىيازنى ئوتقا كۆمۈپ ئىلمان قىلىپ يەرلىك ئورۇنغا تاڭسا ئىششىق قايتۇرىدۇ.
قوروسى پىياز، شەربىتى مۇقەۋۋى باھ.
باھ ئاجىزلىقى، ھۇشسىزلىق، يۈرەك كېسىلى، سۈيدۈك تۇتۇلۇش، ھەيز كەلمەسلىك، كالتە يۆتەل، يۇقۇملۇق ئىچى سۈرۈش، كۆرۈش كۈچى ئاجىزلىقى قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدۇ.
كېلىش مەنبەسى(ئەسەر)
ئۇيغۇر تېبابىتى خام دورىلار ئىلمى بىرىنچى توم(سىناق نۇسخا) شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى. [0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
باشقا ئوقۇشلۇقلار :
ئۇيغۇر تېبابىتىگە ئائىت ئەسەرلەرنى ئىزدەش سۇپىسى
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.