تۇمانلاشتۇرۇپ داۋالاش

تۇمانلاشتۇرۇپ داۋالاش

تۇمانلاشتۇرۇپ داۋالاش  بولسا بىمارغا مۇۋاپىق كېلىدىغان دورىلارنى قائىدە بويىچە قايناق سۇغا چىلاپ، دورا سۇيۇقلۇقىنى قىزىتىپ پارغا ئايلاندۇرۇپ ، ئۇنى مۇۋاپىق كېلىدىغان سايمان ياكى بىرەر قاچىنىڭ ياردىمى بىلەن نەپەس يوللىرى ئارقىلىق شۈمۈرگۈزۈپ، بىر قىسىم نەپەس يوللىرى كېسەللىكلىرى ۋە باش ئاغرىش تۈرىدىكى ھەر خىل تېرە كېسەللىكلىرىنى داۋالاشنى مەقسەت قىلغان ئاددىي داۋالاش ئۇسۇلى.

ئۇيغۇرچە ئىسمى تۇمانلاشتۇرۇپ داۋالاش
خەنزۇچە ئاتىلىشى 雾化吸入

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

تۇمانلاشتۇرۇپ داۋالاشتۇمانلاشتۇرۇپ داۋالاش - بىمارغا مۇۋاپىق كېلىدىغان دورىلارنى قائىدە بويىچە قايناق سۇغا چىلاپ، دورا سۇيۇقلۇقىنى قىزىتىپ پارغا ئايلاندۇرۇپ ، ئۇنى مۇۋاپىق كېلىدىغان سايمان ياكى بىرەر قاچىنىڭ ياردىمى بىلەن نەپەس يوللىرى ئارقىلىق شۈمۈرگۈزۈپ، بىر قىسىم نەپەس يوللىرى كېسەللىكلىرى ۋە باش ئاغرىش تۈرىدىكى ھەر خىل تېرە كېسەللىكلىرىنى داۋالاشنى مەقسەت قىلغان ئاددىي داۋالاش ئۇسۇلى بولۇپ، بۇ ئۇسۇل ئۇيغۇر تېبابىتى كلاسسىك ئەسىرى «ئالقانۇن فىت تىب»دا خېلى بۇرۇنلا كۆرسىتىلگەن، بۇ خىل ئۇسۇلنى مەيلى ئائىلىدە بولسۇن ياكى دوختۇرخانىدا بولسۇن قوللىنىش ئاسان بولۇپ ، ئەگەر ئائىلىدە بولسا ، دورا سۇيۇقلۇقىنى ئېغىزى كىچىكرەك قاچىدىن بىرىگە قۇيۇپ ، قاچا ئېغىزىدىن چىققان دورىنىڭ ھور (پار)نى پۇراش ياكى ئېغىزدىن شۈمۈرۈش ئارقىلىق بۇ مەقسەتكە يەتكىلى بولىدۇ. ئەگەر دوختۇرخانىلاردا بولسا، دورىلارنى مەخسۇس قازان ياكى ياكى قاچىلارغا سېلپ ، قاينىتىپ ، ئۇنىڭ ھورى قازان ياكى قاچىلارغا بېكىتىلگەن نەيچىلەر ئارقىلىق يۈز قىسمىنى بۇسلاش ياكى ئېغىزدىن شۈمۈرگۈزۈش . بۇ خىل داۋالاش ئۇسۇلىمۇ ئۆزى ئاددىي ، ئۈنۈمى يۇقىرى بولغاچقا، ھازىر ھەرقايسى دوختۇرخانىلاردا ھەم ئائىلىلەردە كەڭ قوللىنىلماقتا.

تۇمانلاشتۇرۇپ داۋالاش1) تۇمانلاشتۇرۇپ داۋالاش ئۇسۇلى ئۆزى ئاددىي ، قوللىنىش ئاسان ، ئۈنۈمى يۇقىرى بولغان داۋالاش ئۇسۇلى بولۇپ ، دورىلارنىڭ شۈمۈرۈلۈپ قان تۆمۈر، مۇسكۇل ، توقۇلمىلارغا ئۆتۈشى ئىنتايىن تېز بولغانلىقتىن ، نەپەس يوللىرىدىكى قان ئايلىنىشنى راۋانلاشتۇرۇپ، قان تولۇش ھەم نەپەس يوللىرىدىكى سۇلۇق ئىششىقنى يېنىكلەشتۈرگىلى ھەمدە ياللۇغلىنىشنى پەسەيتكىلى ، سپازما بوشاتقىلى بولىدۇ .  

2) تۇمانلاشتۇرۇپ داۋالاش ئۇسۇلى ئارقىلىق نەپەس يوللىرىدىكى ھەر خىل ئاجرالمىلارنى سۇيۇقلاشتۇرۇپ، بەلغەمنىڭ چىقىرىلىشىنى ئىلگىرى سۈرگىلى بولىدۇ .

 3) تۇمانلاشتۇرۇپ داۋالاش ئۇسۇلى ئارقىلىق شۈمۈرۈلگەن ھور ئىسسىق، نەم بولغانلىقى ئۈچۈن، نەپەس يوللىرىدىكى غىدىقلىنىشنى پەسەيتىپ ، يۆتەلنى يەڭگىللەتكىلى ياكى يۆتەلنى توختاتقىلى بولىدۇ.

4) تۇمانلاشتۇرۇپ داۋالاش ئارقىلىق ھەر خىل باش ئاغرىقلىرىنى ۋە باش قىسمىدىكى ھەر خىل ياللۇغلىنىشلىق كېسەللىكلەرنى داۋالىغىلى بولىدۇ.

5) تۇمانلاشتۇرۇپ داۋالاش ئارقىلىق يۈز تېرىلىرىدىكى ماددا ئالمىشىشنى ياخشىلاپ ، يۈز تېرىلىرىنىڭ ئوزۇقلىنىشىنى كۈچەيتىپ ، يۈزدىكى ھەر خىل داغ، سەپكۈن ، تەمرەتكە ، دانىخورەك، تۈگۈنچەك قاتارلىقلارنى داۋالىغىلى بولىدۇ ۋە يۈز تېرە گۈزەللىكىنى ساقلىغىلى بولىدۇ .[0]￿

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

ئۇيغۇر تېبابىتىگە ئائىت ئەسەرلەرنى ئىزدەش سۇپىسى 

http://uy.idrak.cn/HeripServlet?sandan=6&contentNameId=1124

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#