ئادۋوكاتلىق ئورنىنى باشقۇرۇش چارىسى

ئادۋوكاتلىق ئورنى باشقۇرۇش چارىسى

ئادۋوكاتلىق ئورنىنى باشقۇرۇش چارىسى (2008-يىل 7-ئايىنىڭ 18-كۈنى ئەدلىيە مىنىسترلىقىنىڭ111-نومۇرلۇق پەرمانى بىلەن ئېلان قىلىنغان).

ئۇيغۇرچە نامى ئادۋوكاتلىق ئورنىنى باشقۇرۇش چارىسى
باشقا نامى ئادۇۋكاتخانىنى باشقۇرۇش چارىسى
ئېلان قىلغان ئورۇن جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيتى ئەدلىيە مىنىستىرلىكى
ھۆججەت نومۇرى ئەدلىيە مىنىستىرلىقى 111-نومۇرلۇق بۇيرۇقى
ماقۇللانغان ۋاقتى 2008-يىلى 5-ئاينىڭ 28-كۈنى
خەنزۇچە نامى 律师事务所管理办法
ئىمزا قويۇپ تارقاتقۇچى 吴爱英
تۈزتىپ ئېلان قىلغان ئورۇن جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيتى ئەدلىيە مىنىستىرلىكى
تۈزتىلگەن ھۆججەت نومۇرى ئەدلىيە مىنىستىرلىقى 125-نومۇرلۇق بۇيرۇقى
تۈزتىپ ماقۇللانغان ۋاقتى 2012-يىلى 9-ئاينىڭ 18-كۈنى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

1-باب ئومۇمىي پرىنسىپ

1-ماددا بۇ چارە ئادۋوكاتلىق ئورنىنىڭ قورۇلۇشىنى قېلىپلاشتۇرۇش،  ئادۋوكاتلىق ئورنىغا بولغان نازارەتچىلىك ۋە باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش مەقسىتىدە «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئادۋوكاتلار قانۇنى» (تۆۋەندە «ئادۋوكاتلار قانۇنى» دەپ قىسقارتىلىدى) ۋە باشقا قانۇن— نىزاملارنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە چىقىرىلدى.

2-ماددا ئادۋوكاتلىق ئورنى ئادۋوكاتلار ئادۋوكاتلىق قىلىدىغان ئاپپارات، ئادۋوكاتلىق ئورنى قانۇن بويىچە قۇرۇلۇشى ۋە ئادۋوكاتلىق قىلىش ئىجازىتىگە ئېرىشىشى كېرەك.

3-ماددا ئادۋوكاتلىق ئورنى كەسپىي پائالىيىتىنى قانۇن بويىچە قانات يايدۇرۇشى، ئىچكى باشقۇرۇش ۋە ئادۋوكاتلارنىڭ ئادۋوكاتلىق قىلىشقا بولغان نازارەتىلىكنى كۈچەيتىشى، مۇناسىپ قانۇن جاۋابكارلىقىنى قانۇن بويىچە ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك. ھەرقانداق تەشكىلات ۋە شەخسنىڭ  ئادۋوكاتلىق ئورنىنىڭ كەسپىي پائالىيەتلىرىگە قانۇنسىز ئارىلىشىشقا،  ئادۋوكاتلىق ئورنىنىڭ قانۇنىي ھوقۇق مەنپەئىتىگە زىيان سېلىشىغا يول قويۇلمايدۇ.

4–ماددا ئەدلىيە مەمۇرىي ئورگىنى «ئادۋوكاتلار قانۇنى» ۋە مۇشۇ چارىنىڭ ،بەلگىلمىسى بويىچە  ئادۋوكاتلىق ئورنىغا نازارەتچىلىك، يېتەكچىلىك قىلىدۇ. ئادۋوكاتلار جەمئىيىتى «ئادۋوكاتلار قانۇنى»، جەمئىيەت نىزامنامىسى ۋە ساھە ئۆلچىمى بويىچە باشقۇرىدۇ.

2-باب ئادۋوكاتلىق ئورنىنى قۇرۇش شەرتى

5-ماددا ئادۋوكاتلىق ئورنىنى ئادۋوكاتلار ھەمشېرىك قۇرسا ياكى دۆلەت مەبلەغ سېلىپ قۇرسا بولىدۇ.

ھەمشېرىكلەر ئادۋوكاتلىق ئورنى ئادەتتىكى ھەمشېرىك ياكى پەۋقۇلئاددە ئادەتتىكى ھەمشېرىك شەكلىدە قۇرۇلسا بولىدۇ.

6-ماددا ئادۋوكاتلىق ئورنى قۇرۇشتا تۆۋەندىكى ئاساسىي شەرتلەرنى ھازىرلاش كېرەك.

(1) نامى، تۇرۇشلۇق ئورنى ۋە نىزامنامىسى بولۇش؛

(2) «ئادۋوكاتلار قانۇنى» ۋە مۇشۇ چارىدىكى بەلگىلىمىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان ئادۋوكاتلىرى بولۇش؛

(3) قۇرغۇچىسى كەسىپ بىلەن مەلۇم مۇددەت شۇغۇللانغان ۋە مەخسۇس كەسپىي ئادۋوكات بولۇش ھەمدە قۇرۇشنى ئىلتىماس قىلىشتىن ئىلگىرىكى ئۈچ يىل ئىچىدە ئادۋوكاتلىق قىلىشىنى توختىتىش جازاسى بېرىلمىگەن.

(4) مۇشۇ چارىدە بەلگىلەنگەن مىقدارغا يەتكەن مۈلكى بولۇش؛

7-ماددا ئادەتتىكى ھەمشېرىكلەر  ئادۋوكاتلىق ئورنى قۇرۇشتا مۇشۇ چارىنىڭ 6-ماددىسىدا بەلگىلەنگەن شەرتلەرگە ئۇيغۇن بولغاندىن سىرت، يەنە تۆۋەندىكى شەرتلەر ھازىرلىنىشى شەرت؛

(1) يازما ھەمشېرىك ؛

(2) ئۈچتىن ئارتۇق ھەمشېرىك قۇرغۇچى بولۇش؛

(3) قۇرغۇچىسى كەسىپ بىلەن شۇغۇللانغىنىغا ئۈچ يىلدىن ئاشقان ھەمدە مەخسۇس كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنالايدىغان ئادۋوكات بولۇش؛

(4) خەلق پۇلى ھېسابىدا 300مىڭ يۈەندىن ئارتۇق مۈلكى بولۇش؛

8-ماددا پەۋقۇلئاددە ئادەتتىكى ھەمشېرىكەر  ئادۋوكاتلىق ئورنى  قۇرۇشتا مۇشۇ چارىنىڭ 6-ماددىسىدا بەلگىلەنگەن شەرتلەرگە ئۇيغۇن بولغاندىن سىرت، يەنە تۆۋەندىكى شەرتلەر ھازىرلىنىشى شەرت؛

(1) يازما ھەمشېرىك كېلىشىمى؛

(2) 20 دىن ئارتۇق ھەمشېرىك قۇرغۇچىسى بولۇش؛

(3)قۇرغۇچىسى كەسىپ بىلەن شۇغۇللانغىنىغا ئۈچ يىلدىن ئاشقان ھەمدە كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنلەيدىغان ئادۋوكات بولۇش؛

(4) خەلق پۇلى ھېسابىدا 10 مىليون يۈەندىن ئارتۇق مۈلكى بولۇش؛

9-ماددا شەخسلەر  ئادۋوكاتلىق ئورنى قۇرۇشتا مۇشۇ چارىنىڭ 6-ماددىسىدا بەلگىلەنگەن شەرتلەرگە ئۇيغۇن بولغاندىن سىرت يەنە تۆۋەندىكى شەرتلەر ھازىرلىنىشى شەرت؛

(1) قۇرغۇچىسى كەسىپ بىلەن شۇغۇللانغىنىغا بەش يىلىدىن ئاشقان ھەمدە مۇشۇ كەسىپ بىلەن مەخسۇس شۇغۇللىنالايدىغان ئادۋوكات بولۇش؛

(2) خەلق پۇلى ھېسابىدا 100مىڭ يۈەندىن ئارتۇق مۈلكى بولۇش؛

10–ماددا دۆلەت مەبلىغى بىلەن قۇرۇلغان ئادۋوكاتلىق ئورنى «ئادۋوكاتلار قانۇنى» دا بەلگىلەنگەن ئادەتتىكى شەرتلەرگە ئۇيغۇن بولغاندىن سىرت، ئاز دېگەندە ئىككى نەپەر «ئادۋوكاتلار قانۇنى» نىڭ بەلگىلىمىسىگە ئۇيغۇن ھەمدە كەسىپ بىلەن مەخسۇس شۇغۇللىنالايدىغان ئادۋوكات بولۇشى كېرەك. 

دۆلەت مەبلەغ چىقىرىپ قۇرىدىغان  ئادۋوكاتلىق ئورنىنى شۇ جايدىكى ناھىيە دەرىجلىك ئەدىلىيە مەمۇرىي ئورگىنى تەييارلىق قىلىپ قۇرىدۇ.قۇرۇشقا ئىجازەت بېرىشتىن ئىلگىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى شتات بېرىشى،خىراجەت بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىشى شەرت.

11-ماددا ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك ئەدلىيە مەمۇرىي ئورگىنى شۇنى جاينىڭ ئىقتساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ ئەھۋالى ۋە ئادۋوكاتلىق ئىشلىرىنىڭ تەرەققىيات ئېھتىياجى بويىچە، مۇشۇ چارىدە بەلگىلەنگەن ئادەتتىكى ھەمشېرىك  ئادۋوكاتلىق ئورنى، پەۋقۇلئاددە ئادەتتىكى ھەمشېرىك  ئادۋوكاتلىق ئورنى ۋە شەخسلەر  ئادۋوكاتلىق ئورنى قۇرۇشتا زۆرۈر بولغان مۈلۈكنىڭ مىقدارى مۇۋاپىق تەڭشەپ، ئەدلىيە مىنىستىرلىقىگە مەلۇم قىلىپ تەستىقلانقاندىن كېيىن يولغا قويسا بولىدۇ.

12-ماددا ئادۋوكاتلىق ئورنى قۇرۇشتا ئىلتىماس قىلغان نامى ئەدلىيە مىنىستىرلىقىنىڭ  ئادۋوكاتلىق ئورنىنىڭ نامىنى باشقۇرۇشقا .ئائىت بەلگىلىمىسىگە ئۇيغۇن بولۇشى ھەمدە قۇرۇشنى ئىلتىماس قىلىش ئىجازەىتى ئېلىشتىن ئىلگىرى بەلگىلىمە بويىچە نام تىزىملىكىنى بېجىرىش كېرەك.

13-ماددا ئادۋوكاتلىق ئورنى مەسئۇلىنىڭ نامزاتىنى قۇرۇش ئىجتىماىتىنى ئىلتماس قىلغاندا تەكشۈرۈپ تەستىقلىغۇچى ئورگاننىڭ تەكشۈرۈپ تەستىقلىشىغا بىرلىكتە مەلۇم قىلىشى لازىم. ھەمشېرىكلەر  ئادۋوكاتلىق ئورنىنىڭ مەسئۇلى شۇ  ئادۋوكاتلىق ئورنىنىڭ ھەمشېرىكلىرى ئىچىدىن سايلام ئارقىلىق ۋۇجۇدقا كەلتۈرۈلۈشى لازىم؛دۆلەت مەبلەغ بىلەن قۇرۇلغان ئادۋوكاتخىانىنىڭ مەسئۇلىنى شۇنى  ئادۋوكاتلىق ئورنىدىكى ئادۋوكاتلار كۆرسىتىپ، تۇرۇشلۇق جايىدىكى ناھىيە دەرىجىلىك ئەدلىيە مەمۇرىي ئورگىنىنىڭ ماقۇللۇقىنى ئالىدۇ.

شەخىسىيلەر  ئادۋوكاتلىق ئورنىنىڭ قۇرغۇچىسى شۇ  ئادۋوكاتلىق ئورنىنىڭ مەسئۇلى بولىدۇ.

14-ماددا ئادۋوكاتلىق ئورنىنىڭ نىزامنامىسى تۆۋەندىكى مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئېلىشى كېرەك:

(1) ئادۋوكاتلىق ئورنىنىڭ نامى ۋە تۇرۇشلۇق ئورنى؛

(2) ئادۋوكاتلىق ئورنىنىڭ مەقسىتى؛

(3) ئادۋوكاتلىق ئورنىنىڭ تەشكىلىي شەكلى؛

(4) قۇرۇش مۈلكىنىڭ مىقدارى ۋە كېلىش مەنبەسى 

(5) ئادۋوكاتلىق ئورنىنىڭ مەسئۇلىنىڭ مەسئۇلىيىتى، ۋۇجۇدقا كەلتۇرۇش ۋە ئۆزگەرتىش تەرتىپى؛

(6) ئادۋوكاتلىق ئورنىنىڭ تەدىبر بەلگىلەش، باشقۇرۇش ئاپپاراتىنىڭ تەسسىس قىلىنىش مەسئۇلىيىتى؛

(7) شۇ ئادۋوكاتلىق ئورنىدىكى  ئادۋوكاتلارنىڭ ھوقۇقى ۋە مەجبۇرىيىتى؛

(8) ئادۋوكاتلىق ئورنىنىڭ كەسپى، ھەق ئېلىش، مالىيە، تەقسىمات قاتارلىقلارغا ئائىت ئاساسىي باشقۇرۇش تۈزۈملىرى؛

(9) ئادۋوكاتلىق ئورنىنىڭ تاقىۋېلىش سەۋەبلىرى، تەرتىپى، شۇنىڭدەك ھېساباتنى ئېنىقلاش چارىسى؛

(10) ئادۋوكاتلىق ئورنىنىڭ نىزامنامىسىنى چۈشەندۈرۈش، تۈزىتىش تەرتىپى؛

(11) ئەسكەرتىشىگە تېگىشلىك باشقا ئىشلار؛

ھەمشېرىكلەر ئادۋوكاتلىق ئورنىنى قۇرۇشتا، ئۇنىڭ نىزامنامىسىغا ھەمشېرىكلەرنىڭ ئىسىم-فامىلىسى، چىقارغان مەبلىغىنىڭ مىقدارى ۋە مەبلەغ چىقىرىش شەكلى يېزىلىشى كېرەك.

 ئادۋوكاتلىق ئورنىنىڭ نىزامنامىسىنىڭ مەزمۇنى مۇناسىۋەتلىك قانۇن-نىزام ۋە قائىدىلەرگە زىت كەلسە بولمايدۇ.

 ئادۋوكاتلىق ئورنىنىڭ نىزامنامىسى ئۆكلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك ئەدلىيە مەمۇرىي ئورگىنى ئادۋوكاتلىق ئورنى قۇرۇشنى تەستىقلاش قارارى چىقىرىلغان كۈندىن باشلاپ كۈچكە ئىگە بولىدۇ.

15-ماددا ھەمشېرىك كېلىشىمىگە تۆۋەندىكى مەزمۇنلار ئېنىق يېزىلىشى كېرەك:

(1) ھەمشېرىكلەر جۈملىدىن ئىسىم-فامىلىسى، ئولتۇرۇشلۇق جايى، كىملىك نومۇرى، ئادۋوكاتلارنىڭ كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىش تارىخى قاتارلىقلار؛

(2) ھەمشېرىكلەرنىڭ چىقارغان مەبلىغىنىڭ مىقدارى ۋە مەبلەغ چىقىرىش شەكلى؛

(3) ھەمشېرىكلەرنىڭ ھوقۇقى، مەجبۇرىيىتى؛

(4) ھەمشېرىكلەر ئادۋوكاتلىق ئورنىنىڭ مەسئۇلىنىڭ مەسئۇلىيىتى، ۋۇجۇدقا كەلتۈرۈش، ئۆزگەرتىش تەرتىپى؛

(5) ھەمشېرىكلەر يىغىنىنىڭ مەسئۇلىيىتى، كېڭىشىش قائىدىسى قاتارلىقلار؛

(6) ھەمشېرىكلەرنىڭ پايدىنى تەقسىم قىلىش ۋە قەرزىنى ئۈستىگە ئېلىش شەكلى؛

(7) ھەمشېرىكلەرنىڭ ھەمشېرىككە كىرىش، چېكىنىش ھەمدە رويخەتتىن ئۆچۈرۈش شەرتلىرى ۋە تەرتىپى؛

(8) ھەمشېرىكلەر ئارىسىدىكى تالاش-تارتىشنى ھەل قىلىش ئۇسۇلى ۋە تەرتىپى، ھەمشېرىك كېلىشىمىگە خىلاپلىق قىلىشتا ئۈستىگە ئالىدىغان جاۋابكارلىق؛ 

(9) ھەمشېرىك كېلىشىمىنى چۈشەندۈرۈش، تۈزىتىش تەرتىپى؛

(10) ئەسكەرتىشكە تېگىشلىك باشقا ئىشلار؛

  ھەمشېرىك كېلىشىمىنىڭ مەزمۇنى مۇناسىۋەتلىك قانۇن-نىزام ۋە قائىدىلەرگە زىت كەلسە بولمايدۇ.

ھەمشېرىكلەر كېلىشىمى بارلىق ھەمشېرىكلەر كېلىشىپ بىرلىككە كەلگەن ھەمدە ئىمزا قويغان، ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك ئەدلىيە مەمۇرىي ئورگىنى ئادۋوكاتلىق ئورنى قۇرۇشقا رۇخىسەت قىلىش قارارى چىقارغان كۈندىن باشلاپ كۈچكە ئىگە بولىدۇ.

3-باب ئادۋوكاتلىق ئورنى قۇرۇش ئىجازەت تەرتىپى

16-ماددا ئادۋوكاتلىق ئورنى قۇرۇش ئىجازەت بېرىشتە رايون بار شەھەر دەرىجىلىك ياكى بىۋاسىتە قاراشلىق شەھىرنىڭ رايونلۇق (ناھىيەلىك) ئەدلىيە مەمۇرىي ئورگىنى قۇرۇش ئىلتىماسىنى قوبۇل قىلىدۇ ھەمدە ئۇنى دەسلەپكى تەكشۈرۈپ ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق ئەدلىيە مەمۇرىي ئورگىنىنىڭ تەكشۈرۈپ، قۇرۇشىغا رۇخىسەت قىلىش-قىلماسلىق توغرىسىدا قارار چىقىرىشىقا يوللايدۇ.

17-ماددا ئادۋوكاتلىق ئورنى قۇرۇشنى ئىلتىماس قىلىشتا تۇرۇشلۇق جايدىكى رايون بار شەھەر دەرىجىلىك ياكى بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرنىڭ رايونلۇق (ناھىيەلىك)ئەدلىيە مەمۇرىي ئورگىنىغا تۆۋەندىكى ماتېرىياللارنى تاپشۇرۇشى كېرەك:

(1) قۇرۇش ئىلتماسى؛

(2) ئادۋوكاتلىق ئورنىنىڭ نامى، نىزامنامىسى؛

(3) قۇرغۇچىلارنىڭ ئىسىم-فامىلىسى، قىسقىچە تارىخى، سالاھىيەت ئىسپاتى، ئادۋوكاتلىق گۇۋاھنامىسى، ئادۋوكاتلىق ئورنى مەسئۇلىنىڭ نامزاتى؛

(4) ئولتۇرۇشلۇق ئىسپاتى؛

(5) مۈلۈك ئىسپاتى.

ھەمشېرىكلەر  ئادۋوكاتلىق ئورنى قۇرۇشتا يەنە ھەمشېرىك كېلىشىمىنى تاپشۇرۇشى كېرەك.

دۆلەت مەبلىغى بىلەن ئادۋوكاتلىق ئورنى قۇرۇشتا، تۇرۇشلۇق جايدىكى ناھىيە دەرىجىلىك  خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى بەرگەن شتات ئاجرىتىپ بېرىش، خىراجەتنى كاپالەتلەندۈرۈش توغرىسىدىكى تەستىق ھۆججىتىنى كۆرسىتىشى كېرەك.

قۇرۇشتا ئىجازەت بېرىشنى ئىلتىماس قىلغاندا، ئىلتىماس قىلىش جەدۋىلىنى (ئادۋوكاتلىق ئورنى قۇرۇشنى ئىلتىماس قىلىش تەستىقلاش جەدۋىلىنى)ئەينەن تولدۇرۇشى كېرەك.

18-ماددا رايون بار شەھەر دەرىجىلىك ياكى بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەرنىڭ رايونلۇق (ناھىيەلىك) ئەدلىيە مەمۇرىي ئورگىنى ئىلتىماس قىلغۇچىنىڭ ئادۋوكاتلىق ئورنى قۇرۇش توغرىسىدىكى ئىلتىماسىنى تۆۋەندىكى ئەھۋال بويىچە ئايرىم-ئايرىم ھالدا بىر تەرەپ قىلىشى كېرەك: 

(1) ئىلتىماس قىلىش ماتېرىياللىرى تولۇق، قانۇندا بەلگىلەنگەن شەكىلگە ئۇيغۇن بولسا قوبۇل قىلىشى كېرەك؛ 

(2) ئىلتىماس قىلىش ماتېرىياللىرى تولۇق بولمىسا ياكى قانۇندا بەلگىلەنگەن شەكلىگە ئۇيغۇن بولمىسا شۇ مەيداننىڭ ئۆزىدە ياكى ئىلتىماسنى قوبۇل قىلغان كۈندىن باشلاپ بەش كۈن ئىچىدە تولۇقلاشقا تېگىشلىك بارلىق مەزمۇنلارنى ئىلتىماس قىلغۇچىغا بىر قېتىمدىلا ئۇقتۇرۇپ قويۇش لازىم.ئىلتماس قىلغۇچى تەلەپ بويىچە تولۇقلىسا قوبۇل قىلىنىدۇ؛ مۇددىتى ئۆتۈپ كېتىپ ئۇقتۇرمىسا، ئىلتىماس قىلىش ماتېرىياللىرىنى تاپشۇرۇۋالغان كۈندىن باشلاپ قوبۇل قىلىندى، دەپ قارىلىدۇ؛

(3) ئىلتىماس قىلغان ئىش قانۇندا بەلگىلەنگەن شەرتلەرگە روشەن ھالدا چۈشمىسە ياكى ئىلتىماس قىلغۇچى تولۇقلاشنى رەت قىلسا، ئالاقىدار ماتېرىياللارنى تولۇقلاشقا ئىلاج بولمىسا، قوبۇل قىلمايدۇ ھەمدە ئىلتىماس قىلغۇچىغا سەۋەبنى يازمىچە چۈشەندۈرۈشى كېرەك. 

19-ماددا ئىلتماسنى قوبۇل قىلغان ئەدلىيە مەمۇرىي ئورگىنى قوبۇل قىلىشنى قارار قىلغان كۈندىن باشلاپ 20كۈن ئىچىدە ئىلتىماس ماتېرىياللىرىنى تەكشۈرۈپ بولۇشى لازىم. 

 تەكشۈرۈش جەريانىدا، قۇرۇلماقچى بولغان ئادۋوكاتلىق ئورنى تۇرۇشلۇق جايدىكى ناھىيە دەرىجىلىك ئەدلىيە مەمۇرىي ئورگىنىنىڭ پىكىرىنى ئالسا بولىدۇ؛تەكشۈرۈپ دەلىللەشكە تېگىشلىك ئالاقىدار ئەھۋاللاردا ئىلتىماس قىلغۇچىدىن ئالاقىدار ئىسپات ماتېرىياللار بىلەن تەمىنلەشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ، تەكشۈرۈپ دەلىللەشنى ناھىيە دەرىجىلىك ئەدلىيە مەمۇرىي ئورگىنىغا ھاۋالە قىلسىمۇ بولىدۇ.

تەكشۈرۈش ئارقىلىق ئادۋوكاتلىق ئورنى قۇرۇش ئىلتماسىنىڭ قانۇندا بەلگىلەنگەن شەرتكە توشىدىغان— توشمايدىغانلىقى، ماتېرىياللارنىڭ چىن — چىن ئەمەسلىكى، تولۇق — تولۇق ئەمەسلىكى، توغرىسىدا تەكشۈرۈش پىكىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇش ھەمدە تەكشۈرۈش پىكىرى ۋە بارلىق ئىلتىماس قىلىش ماتېرىياللىرىنى ئۆكلىك، ئاپتونوم  رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك ئەدلىيە مەمۇرىي ئورگىنىغا يوللاپ بېرىش كېرەك.

20-ماددا ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك ئەدلىيە مەمۇرىي ئورگىنى ئىلتىماس قىلغۇچى ئورگان مەلۇم قىلغان تەكشۈرۈش پىكىرى ۋە بارلىق ئىلتماس قىلىش ماتېرىياللىرىنى تاپشۇرۇۋالغان كۈندىن باشلاپ 10 كۈن ئىچىدە تەكشۈرۈپ، ئادۋوكاتلىق ئورنى قۇرۇشتا رۇخىسەت قىلىش ياكى قىلماسلىق قارارى چىقىرىشى كېرەك. 

  قۇرۇشتا رۇخىسەت قىلغان بولسا، قارار قىلغان كۈندىن باشلاپ 10 كۈن ئىچىدە ئىلتىماس قىلغۇچىغا ئادۋوكاتانىنىڭ كەسىپكارلىق   گۇۋاھنامىسىنى بېرىشى كېرەك.   

 رۇخىسەت قىلمىغان بولسا، ئىلتىماس قىلغۇچىغا سەۋەبنى يازمىچە چۈشەندۈرۈشى كېرەك.

21-ماددا ئادۋوكاتلىق ئورنىنىڭ كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىش گۇۋاھنامىسى رەسمىي نۇسخا ۋە قوشۇمچە نۇسخا، دەپ ئايرىلىدۇ. رەسىمىي نۇسخىسى ئىش بېجىرىش ئورنىغا ئېسىلىدۇ. قوشۇمچە نۇسخىسى تەكشۈرۈشكە ئىشلىتىلىدۇ. رەسمىي نۇسخىسى بىلەن قوشۇمچە نۇسخىسى ئوخشاش قانۇنىي كۈچكە ئىگە. 

ئادۋوكاتلىق ئورنىنىڭ كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىش گۇۋاھنامىسىغا يېزىلىدىغان مەزمۇنى، ياساش شەكلى، گۇۋاھنامىنىڭ نومۇرىنى تۈزۈش چارىسىنى ئەدلىيە مىنىستىرلىقى بەلگىلەيدۇ، كەسىپكارلىق گۇۋاھنامىسىنى ئەدلىيە مىنىستىرلىقى بىلەن تۇتاش ياسايدۇ. 

22-ماددا ئادۋوكاتلىق ئورنى قۇرۇشنى ئىلتىماس قىلغۇچى كەسىپكارلىق  گۇۋاھنامىسىنى ئالغاندىن كېيىن 60 كۈن ئىچىدە، ئالاقىدار بەلگىلىمە بويىچە تامغا ئۇيدۇرۇشى، بانكىدا ئىسچوت ئېچىشى، باج تىزىملاش رەسمىيىتىنى بېجىرىشى،  ئادۋوكاتلىق ئورنىنىڭ كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىشىنى باشلاشقا دائىر تۈرلۈك تەييارلىق خىزمەتلەرنى ئورۇندىشى ھەمدە ئويغان  ئادۋوكاتلىق ئورنىنىڭ تامغىسى،مالىيە تامغىسى ۋە ئاچقان بانكا ئىسچوتىنى تۇرۇشلۇق جايىدىكى رايون بار شەھەر دەرىجىلىك ياكى بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەردىكى رايونلۇق (ناھىيەلىك) ئەدلىيە مەمۇرىي ئورگىنىغا ئەنگە ئالدۇرۇشى كېرەك.

23-ماددا تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى كۆرۈلسە،  ئادۋوكاتلىق ئورنىنى قۇرۇشقا رۇخىسەت قىلغان ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك ئەدلىيە مەمۇرىي ئورگىنى ئەسلىدىكى قۇرۇشقا رۇخىسەت قىلىش قارارىنى كۈچتىن قالدۇرىدۇ،  ئادۋوكاتلىق ئورنىنىڭ كەسىپكارلىق گۇۋاھنامىسىنى قايتۇرۇۋالىدۇ ھەمدە كۈچتىن قالدۇرىدۇ:

(1) ئىلتماس قىلىغۇچى ئالدامچىلىق، پارىخورلۇق قىلىشتەك ناتوغرا ۋاسىتىلەردىن پايدىلىنىپ قۇرۇشقا رۇخىسەت قىلىش قارارىنى ئېلىۋالغان بولسا؛

(2) قانۇندا بەلگىلەنگەن شەرتلەرگە توشمايدىغان ئىلتىماسقا ياكى قانۇندا بەلگىلەنگەن تەرتىپكە خىلاپ ھالدا قۇرۇش قارارى چىقارغان بولسا؛

4-باب ئادۋوكاتلىق ئورنىنى ئۆزگەرتىش ۋە تاقىۋېتىش

24-ماددا ئادۋوكاتلىق ئورنى نامىنى،مەسئۇلنى، نىزامنامىسىنى، ھەمشېرىك كېلىشىمىنى ئۆزگەرتىشتە تۇرۇشلۇق جايىدىكى رايون بار شەھەر دەرىجىلىك ياكى بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەردىكى رايونلۇق (ناھىيەلىك)ئەدلىيە مەمۇرىي ئورگىنى تەكشۈرگەندىن كېيىن ئەسلىدە تەكشۈرگەن ئورگاننىڭ تەستىقلىشىغا مەلۇم قىلىشى كېرەك.كونكرېت چارىسى ئادۋوكاتلىق ئورنى قۇرۇشقا رۇخىسەت قىلىش تەرتىپى بويىچە بېجىرىلىدۇ.

ئادۋوكاتلىق ئورنى تۇرۇشلۇق جايى، ھەمشېرىكنى ئۆزگەرتىشتە، ئۆزگەرتكەن كۈندىن باشلاپ 15 كۈن ئىچىدە تۇرۇشلۇق جايىدىكى رايون بار شەھەر دەرىجىلىك ياكى بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەردىكى رايونلۇق (ناھىيەلىك)ئەدلىيە مەمۇرىي ئورگىنى ئەسلىي تەستىقلىغان ئورگانغا مەلۇم قىلىپ ئەنگە ئالدۇرۇشى لازىم. 

25-ماددا ئادۋوكاتلىق ئورنى تۇرۇشلۇق جاينى ناھىيە، رايون بار شەھەر،  بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەردىن ھالقىپ ئۆزگەرتىشتە ئۇنىڭ كۈندىلىك نازارەت قىلىش باشقۇرۇشقا مەسئۇل ئەدلىيە مەمۇرىي ئورگىنى ئۆزگەرتىشكە تېگىشلىك بولسا، ئەنگە ئېلىش رەسمىيىتى بېجىرگەندىن كېيىن، ئۆزى تۇرۇشلۇق جايدىكى رايون بار شەھەر دەرىجىلىك ئەدلىيە مەمۇرىي ئورگىنى ياكى بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك ئەدلىيە مەمۇرىي ئورگىنى ئالاقىدار ئۆزگىرىش ئەھۋالىنى ئادۋوكاتلىق ئورنى كۆچۈپ بارىدىغان جايدىكى ناھىيە دەرىجىلىك ئەدلىيە مەمۇرىي ئورگىنىغا ئۇقتۇرۇش قىلىشى كېرەك.

ئادۋوكاتلىق ئورنى تۇرۇشلۇق جاينى باشقا ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرگە يۆتكىمەكچى بولسا، ئەسلىدىكى ئادۋوكاتلىق ئورنىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، يېڭىدىن ئادۋوكاتلىق ئورنى قۇرۇش تەرتىپى بويىچە بېجىرىشى لازىم 

26-ماددا ئادۋوكاتلىق ئورنى ھەمشېرىكنى ئۆزگەرتىش، جۈملىدىن يېڭى ھەمشېرىكنى قوبۇل قىلىش، ھەمشېرىكنىڭ ھەمشېرىكلىلتىن چېكىنىش، ھەمشېرىك قانۇندا بەلگىلەنگەن سەۋەبلەر ياكى ھەمشېرىكلەر يىغىنىنىڭ قارارى بىلەن رويخەتتىن ئۆچۈرۈلىدۇ.

يېڭى ھەمشېرىك مەخسۇس كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئادۋوكاتلار ئىچىدىن ۋۇجۇدقا كەلتۈرۈلۈشى ھەمدە ئۈچ يىلدىن ئارتۇق كەسىپ بىلەن شۇغۇللانغان بولۇشى لازىم، لېكىن ئەدلىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باشقىچە بەلگىلىمىسى بارلىرى بۇنىڭ سىرتىدا.ئالتە ئايدىن يۇقىرى كەسىپنى توختىتىش جازاسى بېرىلگەن بولۇپ، جازا مۇددىتى توشقىنىغا ئۈچ يىل بولمىغان ئادۋوكاتلارنىڭ ھەمشېرىك بولۇشىغا بولمايدۇ.

 ھەمشېرىك ھەمشېرىكلىكتىن چېكىنسە، رويخەتتىن ئۆچۈرۈلسە، ئالاقىدار مالىيە، ھوقۇق مەنپەئىتى، قەرزنى ئۈستىگە ئېلىش قاتارلىق ئىشلىرىنى شۇ  ئادۋوكاتلىق ئورنىنىڭ نىزامنامىسى ۋە ھەمشېرىك كېلىشىمى بويىچە بىر تەرەپ قىلىش كېرەك.

ھەمشېرىك ئۆزگىرىشى سەۋەبلىك ھەمشېرىك كېلىشىمىنى ئۈزىتىشكە توغرا كەلسە، تۈزىتىلگەندىن كېيىنكى ھەمشېرىك كېلىشىمىنى مۇشۇ چارىنىڭ 24-ماددىسىنىڭ 1-تارمىقىدىكى بەلگىلىمە بويىچە تەستىقلاشقا يوللاش كېرەك.

27-ماددا تەشكىلىي شەكلىنى ئۆزگەرتىدىغان ئادۋوكاتلىق ئورنى كەسپىنى ئۇلاش، مال-مۈلۈكنى بىرتەرەپ قىلىش، قەرزنى ئۈستىگە ئېلىشتەك ئىشلارنى قانۇن بويىچە ئۆزى بىرتەرەپ قىلىشى ھەمدە نىزامنامە، ھەمشېرىك كېلىشىمىنى مۇناسىپ تۈزەتكەندىن كېيىن،مۇشۇ چارىنىڭ 24-ماددىسىنىڭ 1-تارمىقىدىكى بەلگىلىمە بويىچە ئۆزگەرتىشنى ئىلتىماس قىلىشى كېرەك. 

28-ماددا ئادۋوكاتلىق ئورنى ئايرىلىش، بىرلەشتۈرۈۋېتىش سەۋەبلىك ئەسلىدىكى  ئادۋوكاتلىق ئورنىنى ئۆزگەرتىش ياكى ئەسلىدىكى  ئادۋوكاتلىق ئورنىنى رويخەتتىن ئۆچۈرۈپ، يېڭى ئادۋوكاتلىق ئورنى قۇرۇشقا توغرا كەلسە،  ئادۋوكاتلىق ئورنىنىڭ كەسىپىنى ئۇلاش، خادىملىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇش، مال-مۈلۈكىنى بىرتەرەپ قىلىش، قەرزىنى ئۈستىگە ئېلىشتەك ئىشلارنى قانۇن بويىچە بىرتەرەپ قىلىپ بولغاندىن كېيىن، ئايرىش كېلىشىمىنى ياكى بىرلەشتۇرۇش كېلىشىمى قاتارلىق ئىلتماس ماتېرىياللىرىنى تاپشۇرۇپ، مۇشۇ چارىنىڭ مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلىرى بويىچە بېجىرىش كېرەك. 

29-ماددا قۇرۇلغىنىغا ئۈچ يىلدىن ئاشقان ھەمدە 20دىن ئارتۇق كەسىپىي ئادۋوكاتى بولغان ئادۋوكاتلىق ئورنى شۆبە قۇرۇشتا شۆبە قۇرماقچى بولغان جايدىكى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك ئەدلىيە مەمۇرىي ئورگىنىنىڭ تەكشۈرۈشىدىن ئۆتكۈزۈلۈشى شەرت. ئادۋوكاتلىق ئورنىنىڭ شۆبىسىنى باشقۇرۇش چارىسى ئايرىم تۈزۈلىدۇ.

30-ماددا تۆۋەندىكى ئەھۋالنىڭ بىرى كۆرۈلگەن  ئادۋوكاتلىق ئورنىنى تاقىۋېتىش كېرەك:

(1)قانۇندا بەلگىلەنگەن قۇرۇش شەرتىگە توشمايدىغان بولۇپ، سۈرۈك ئىچىدە ئوڭشاپمۇ شەرتنى ھازىرلىيالمىغانلار؛

(2) ئادۋوكاتلىق ئورنىنىڭ كەسىپكارلىق گۇۋاھنامىسى قانۇن بويىچە بىكار قىلىنغانلار؛

(3) تارقىلىپ كېتىشىنى ئۆزى قارار قىلغانلار؛

(4) قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردا تاقىۋېتىش بەلگىلەنگەن باشقا ئەھۋاللار؛

ئادۋوكاتلىق ئورنى قۇرۇشقا رۇخىسەت قىلىنغاندىن كېيىن ئالتە ئاي ئىچىدە ئىش باشلىمىسا ياكى نورمال سەۋەبى بولماي تۇرۇپ كەسپىي پائالىيىتىنى توختاتقىنىغا بىريىل توشقان بولسا ئۆزلۈكىدىن توختىدى، دەپ قارىلىپ تاقىۋېتىش كېرەك.

ئادۋوكاتلىق ئورنى كەسىپنى توختىتىش جازالاش مۇددىتى توشۇشتىن ئىلگىرى تارقىلىپ كېتىشنى ئۆزى قارار قىلسا بولمايدۇ.

31-ماددا ئادۋوكاتلىق ئورنىنى تاقىۋېتىش سەۋەبى كۆرۈلگەندىن كېيىن جەمئىيەتكە ئېلان چىقىرىشى، مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلەر بويىچە ھېساباتنى ئېنىقلىشى، مال-مۈلۈك بۆلۈش، قەرزنى قايتۇرۇشتەك ئىشلارنى قانۇن بويىچە بىرتەرەپ قىلىشى كېرەك. كەسىپكارلىق گۇۋاھنامىسىنى بىكار قىلىش سەۋەبلىك تاقىۋېتىلسە، شۇ جازالاش قارارىنى چىقارغان ئەدلىيە مەمۇرىي ئورگىنى جەمئىيەتكە ئېلان قىلىدۇ. باشقا ئەھۋاللار سەۋەنلىك تاقىۋېتىلىپ ئادۋوكاتلىق ئورنى ئېلان قىلىشىنى رەت قىلسا، رايون بار شەھەر دەرىجىلىك ياكى بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەرىدكى رايونلۇق (ناھىيەلىك) ئەدلىيە مەمۇرىي ئورگىنى جەمئىيەتكە ئېلان قىلىدۇ.

ئادۋوكاتلىق ئورنىدا تاقىۋېتىش سەۋەبى كۆرۈلگەندىن كېيىن، يېڭى كەسىپ قوبۇل قىلىشقا بولمايدۇ.

ئادۋوكاتلىق ئورنى ھېساباتنى ئېنىقلاش ئاخىرلاشقاندىن كېيىنكى 15 كۈن ئىچىدە تۇرۇشلۇق جايدىكى رايون بار شەھەر دەرىجىلىك ياكى بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەردىكى رايونلۇق (ناھىيەلىك) ئەدلىيە مەمۇرىي ئورگىنىغا رويخەتتىن ئۆچۈرۈش ئىلتىماسى، ھېساباتنى ئېنىقلاش دوكلاتى شۇ ئادۋوكاتلىق ئورنىنىڭ كەسىپكارلىق گۇۋاھنامىسى، شۇنىڭدەك باشقا مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللارنى، تاپشۇرۇشى، شۇ ئەدلىيە ئىدارىسى تەكشۈرۈش پىكىرىنى ئوتتۇرغا قويغاندىن كېيىن بارلىق رويخەتتىن ئۆچۈرۈشنى ئىلتىماس قىلىش ماتېرىيالىغا قوشۇپ ئەسلىدە تەستىقلىغان ئورگاننىڭ تەكشۈرۈپ، رويخەتتىن ئۆچۈرۈش رەسمىيىتىنى بېجىرىشكە مەلۇم قىلىشى كېرەك.

ئادۋوكاتلىق ئورنى رويخەتتىن ئۆچۈرۈلسە،ئۇنىڭ ئۇنىڭ كەسپىي ئارخىپى، مالىيە ھېساباتى، شۇ  ئادۋوكاتلىق ئورنىنىڭ تامغىسىنى باشقۇرۇشنى ئۆتكۈزۈپ بېرىش، بىرتەرەپ قىلىش ئالاقىدار بەلگىلىمە بويىچە بېجىرىلىدۇ. 

5-باب ئادۋوكاتلىق ئورنىنىڭ كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىش ۋە باشقۇرۇش قائىدىسى

32-ماددا ئادۋوكاتلىق ئورنى «ئادۋوكاتلار قانۇنى» ۋە مۇناسىۋەتلىك قانۇن-نىزام، قائىدە ھەمدە كەسىپ ئۆلچىمى بويىچە كەسىپنى باشقۇرۇش ۋە باشقا ئىچكى باشقۇرۇش تۈزۈملىرىنى ئورنىتىشى ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈشى، شۇ  ئادۋوكاتلىق ئورنىدىكى ئادۋوكاتلارنىڭكەسىپ ھەرىكىتىگە قوبۇل قىلىشى كېرەك.

ئادۋوكات ئادۋوكاتلىق ئورنىنىڭ نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى قوبۇل قىلىشى كېرەك.

33-ماددا ئادۋوكات كەسىپ قوبۇل قىلىشتا، بېجىرىشتە ئادۋوكاتلىق ئورنى ھاۋالىنى بىرتۇتاش قوبۇل قىلىدۇ، ھاۋالە قىلغۇچى بىلەن يازمىچە ھاۋالە توختامى تۈزىدۇ.

ئادۋوكاتلىق ئورنى كەسىپ قوبۇل قىلىشتا، مەنپەئەت توقۇنۇشنى تەكشۈرۈشى، شۇ ئادۋوكاتلىق ئورنى بېجىرىدىغان كەسىپ، شۇنىڭدەك ھاۋالە قىلغۇچىنىڭ مەنپەئىتى بىلەن توقۇنۇشۇپ قالىدىغان كەسىپىنى بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا قوبۇل قىلماسلىقى كېرەك.

34-ماددا ئادۋوكاتلىق ئورنى كەسىپىي پائالىيەتلەرنى تەشكىللەپ قانات يايدۇرۇشتا شۇ  ئادۋوكاتلىق ئورنىدىكى ئادۋوكاتنىڭ قانۇن بويىچە كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىشقا، قانۇن ياردىمى مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىشىغا يېتەكچىلىك قىلىشى، چوڭ، چىگىش دېلولارنى كوللېكتىپ مۇزاكىرە قىلىش ۋە يوليورۇق سوراش، دوكلات قىلىش تۈزۈمى ئورنىتىشى، ئادۋوكاتنىڭ كەسىپ پائالىيىتى داۋامىدا قانۇن-نىزام قائىدىگە رىئايە قىلىش، كەسىپ ئەخلاقى ۋە كەسىپ ئىنتىزامىغا رىئايە قىلىش ئەھۋالىغا نازارەتچىلىك قىلىشى، سېزىلگەن مەسىلىلەرنى ۋاقىتىدا تۈزىتىشى كېرەك.

35-ماددا ئادۋوكاتلىق ئورنى ئالاقىدار بەلگىلىمە بويىچە بىرتۇتاش ھەق ئېلىشى،ھەق ئېلىشنى باشقۇرۇش تۈزۈمى ئورنىتىشى ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈشى، قائىدىگە خىلاپ ھەق ئېلىشقا دائىر پاش قىلىش ۋە ئەرزنى ۋاقتىدا تەكشۈرۈپ بىرتەرەپ قىلىشى كېرەك.

ئادۋوكاتلىق ئورنى بەلگىلىمە بويىچە مالىيە باشقۇرۇش تۈزۈمى ئورنىتىشى ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈشى، مۇۋاپىق تەقسىمات تۈزۈمى ۋە رىغبەتلەندۈرۈش مېخانىزمى ئورنىتىشى ۋە يولغا قويۇشى كېرەك.

ئادۋوكاتلىق ئورنىلار قانۇن بويىچە باج تاپشۇرۇشى كېرەك.

ئادۋوكاتلىق ئورنى قانۇن مۇلازىمىتىدىن باشقا تىجارەت بىلەن شۇغۇللانسا بولمايدۇ.

36-ماددا ھەمشېرىكلەر  ئادۋوكاتلىق ئورنى ۋە دۆلەت مەبلىغى بىلەن قۇرۇلغان ئادۋوكاتلىق ئورنى بەلگىلىمە بويىچە تەكلىپ قىلىپ ئىشلەتكەن ئادۋوكات ۋە ياردەمچى خادىملار ئۈچۈن ئىشسىزلىق، قېرىغاندا كۈتۈنۈش، داۋالىنىش قاتارلىق ئىجتىمائىي سۇغۇرتا بېجىرىپ بېرىشى كېرەك.

شەخسىيلەر  ئادۋوكاتلىق ئورنى تەكلىپ قىلغان ئادۋوكات ۋە ياردەمچى خادىملارغا ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلىمە بويىچە ئىجتىمائىي سۇغۇرتا بېجىرىپ بېرىش كېرەك.

37-ماددا ئادۋوكاتلىق ئورنى بەلگىلىمە بويىچە كەسىپ خېيىم-خەتىرى، كەسىپىي تەرەققىيات، ئىجتىمائىي كاپالەت قاتارلىق فوندىلارنى ئورنىتىشى كېرەك.

ئادۋوكاتنىڭ كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىش مەسئۇلىيەت سۇغۇرتىسىغا قاتنىشىشنىڭ كونكرېت چارىسى ئايرىم بەلگىلىنىدۇ.

38-ماددا ئادۋوكات قانۇنغا خىلاپ ھالدا كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىپ ياكى سەۋەنلىك ئۆتكۈزۈپ دەۋالاشقۇچىغا زىيان يەتكۈزسە، شۇ ئادۋوكات تۇرۇشلۇق ئادۋوكاتلىق ئورنى تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ.ئادۋوكاتلىق ئورنى تۆلەم بەرگەندىن كېيىن، قەستەنلىك ياكى چوڭ سەۋەنلىك قىلمىشى بار ئادۋوكاتتىن تۆلىتىۋالسا بولىدۇ؛ ئادەتتىكى ھەمشېرىك  ئادۋوكاتلىق ئورنىنىڭ ھەمشېرىكى  ئادۋوكاتلىق ئورنىنىڭ قەرزى ئۈچۈن 

39-ماددا ئادۋوكاتلىق ئورنىنىڭ مەسئۇلى  ئادۋوكاتلىق ئورنى ياكى دۆلەت مەبلىغى بىلەن قۇرۇلغان  ئادۋوكاتلىق ئورنىنىڭ تەدىبر بەلگىلەش ئاپپاراتى؛ شەخسىيلەر  ئادۋوكاتلىق ئورنى چوڭ-چوڭ تەدىبر بەلگىلەشتە تەكلىپ قىلغان ئادۋوكاتلارنىڭ پىكىرىنى تولۇق ئېلىشى كېرەك. 

ئادۋوكاتلىق ئورنى شۇ  ئادۋوكاتلىق ئورنىنىڭ نىزامنامىسى بويىچە مۇناسىپ باشقۇرۇش ئاپپاراتى قۇرۇپ ياكى مەخسۇس باشقۇرۇش خادىملارىنى سەپلەپ شۇ ئادۋوكاتلىق ئورنى مەسئۇلىنىڭ كۈندىلىك باشقۇرۇش خىزمىتىگە ياردەملىشسە بولىدۇ.

40-ماددا ئادۋوكاتلىق ئورنى شۇ  ئادۋوكاتلىق ئورنىدىكى ئادۋوكاتلارغا بولغان كەسىپ ئەخلاقى ۋە كەسىپ ئىنتىزامى تەربىيىسىنى كۈچەيتىشى، كەسىپ ئۆگىنىش ۋە تەجرىبە ئۆگىنىش پائالىيىتىنى تەشكىللەپ قانات يايدۇرۇشى، ئادۋوكاتلارنىڭ كەسپىي جەھەتتىن تەربىيلىنىش ۋە داۋاملىق تەربىيە ئېلىشقا قاتنىشىشقا شارائىت يارىتىپ بېرىشى كېرەك.

41-ماددا ئادۋوكاتلىق ئورنى قىلغان شىكايەتنى تەكشۈرۈپ بىرتەرەپ قىلىش تۈزۈمى ئورنىتىپ، شۇ ئادۋوكاتلىق ئورنى ئادۋوكاتلىرىنىڭ كەسپى پائالىيىتى داۋامىدىكى قانۇن، قائىدىگە خىلاپ قىلمىشلىرىنى ۋاقىتىدا تەكشۈرۈپ بىرتەرەپ قىلىشى، تۈزىتىشى كېرەك. ئۈستىدىن شىكايەت قىلىنغان ئادۋوكاتقا مەمۇرىي جازا بېرىش ياكى ساھە بويىچە جازالاشقا تېگىشلىك دەپ قارىسا، ئۆزى تۇرۇشلۇق جايدىكى ناھىيە دەرىجىلىك ئەدلىيە مەمۇرىي ئورگىنىغا ياكى ئادۋوكاتلار جەمئىيىتىگە دوكلات قىلىشى كېرەك.

يىللىق تەكشۈرۈشتە لاياقەتلىك بولمىغان ياكى شۇ  ئادۋوكاتلىق ئورنىنىڭ نىزامنامىسى، شۇنىڭدەك باشقۇرۇش تۈزۈمىگە ئېغىر خىلاپلىق قىلغان ئادۋوكاتلىق ئورنى ئۇنىڭ بىلەن بولغان تەكلىپ قىلىش مۇناسىۋىتىنى بېكار قىلىۋېتىشى ياكى ھەمشېرىكلەر يىغىنى ئارقىلىق ئۇنى رويخەتتىن ئۆچۈرۈشى، بىرتەرەپ قىلىش نەتىجىسىنى تۇرۇشلۇق جايىدىكى ناھىيە دەرىجىلىك ئەدلىيە مەمۇرىي ئورگىنى ۋەئادۋوكاتلار جەمئىيىتىگە ئەنگە ئالدۇرۇشى كېرەك.

 ھەمشېرىك بولغان ئادۋوكاتقا ئالتە ئايدىن يۇقىرى كەسىپنى توختىتىش جازاسى بېرىلسە، جازالاش قارارى كۈچكە ئىگە بولغان كۈنىدىن باشلاپ جازا مۇددىتى توشقاندىن كېيىن ئۈچ يىل ئىچىدە ھەمشېرىك بولسا بولمايدۇ.

42-ماددا ئادۋوكاتلىق ئورنى ئادۋوكاتنىڭ كەسىپنى يىللىق تەكشۈرۈش تۈزۈمىنى ئورنىتىشى، بەلگىلىمە بويىچە شۇ  ئادۋوكاتلىق ئورنىدىكى ئادۋوكاتلارنىڭ كەسپى ئىپادىسى ۋە كەسپىي ئەخلاقى، كەسپى ئىنتىزامغا رىئايە قىلىش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ، دەرىجىسىنى باھالاپ بېكىتىشى، مۇكاپاتلاش ۋە جازالاشنى يولغا قويۇشى، ئادۋوكاتنىڭ كەسىپى ئارخىپىنى ئورنىتىشى كېرەك.

43-ماددا ئادۋوكاتلىق ئورنى ھەر يىلنىڭ بىرىنچى پەسلىدە ئۆزى تۇرۇشلۇق جايدىكى ناھىيە دەرىجىلىك ئەدلىيە مەمۇرىي ئورگىنى رايون بار شەھەر دەرىجىلىك ئەدلىيە مەمۇرىي ئورگىنىغا شۇ  ئادۋوكاتلىق ئورنىنىڭ ئالدىنقى يىللىق كەسىپ ئەھۋالى دوكلاتى ۋە ئادۋوكاتلارنىڭ كەسىپ تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى تاپشۇرۇشى كېرەك. بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەردىكى  ئادۋوكاتلىق ئورنىنىڭ كەسىپ ئەھۋالى ۋە كەسىپ تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى تۇرۇشلۇق جايىدىكى رايونلۇق (ناھىيەلىك)ئەدلىيە مەمۇرىي ئورگىنىغا تاپشۇرۇپ، ئەدلىيە مەمۇرىي ئورگىنىنىڭ يىللىق تەكشۈرۈشنى قوبۇل قىلىشى كېرەك. يىللىق تەكشۈرۈش، سىناشنىڭ كونكرېت چارىسىنى ئەدلىيە مىنىستىرلىقى بەلگىلەيدۇ. 

44-ماددا ئادۋوكاتلىق ئورنى بەلگىلىمە بويىچە ئارخىپ باشقۇرۇش تۈزۈمى ئورنىتىشى ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈشى، بېجىرگەن كەسپىي ئارخىپ ۋە مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللارنى ۋاقىتىدا ئارخىپلاشتۇرۇپ ياخشى ساقلىشى كېرەك.

45-ماددا ئادۋوكاتلىق ئورنى شۇ  ئادۋوكاتلىق ئورنىنىڭ كەسىپ ئىجازەتنامىسىنى ياخشى ساقلىشى، قانۇن بويىچە ئىشلىتىشى لازىم، ئۆزگەرتىپ ياسىۋېلىشىغا، ئارىيەتكە، ئىجارىگە بېرىشكە بولمايدۇ، يوقىتىپ قويسا ياكى بۇزۇپ قويسا، ئۆزى تۇرۇشلۇق جايىدىكى ناھىيە دەرىجىلىك ئەدلىيە مەمۇرىي ئورگىنىغا ۋاقتىدا دوكلات قىلىشى، تۇرۇشلۇق جايىدىكى رايون بار شەھەر دەرىجىلىك ياكى بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەردىكى رايونلۇق (ناھىيەلىك)ئەدلىيە مەمۇرىي ئورگىنى ئارقىلىق ئەسلىي تەكشۈرگەن ئورگانغا تولۇقلاپ تارقىتىپ بېرىشىنى ياكى ئالماشتۇرۇپ تارقىتىپ بېرىشىنى ئىلتىماس قىلىشى كېرەك. ئادۋوكاتلىق ئورنى كەسىپكارلىق ئىجازەتنامىسىنى يوقىتىپ قويسا شۇ جايىدىكى گېزىتتە ئېلان بېرىپ، يوقاپ كەتكەنلىكى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلىشى كېرەك.

ئادۋوكاتلىق ئورنىنىڭ ئىجازىتى بىكار قىلىنىپ، كەسىپ ئىجازەتنامىسىنى بىكار قىلىش جازاسى بېرىلگەنلىرى تۇرۇشلۇق جايدىكى ناھىيە دەرىجىلىك ئەدلىيە مەمۇرىي ئورگىنىغا كەسىپ ئىجازەتنامىسىنى تاپشۇرۇشى كېرەك.

ئادۋوكاتلىق ئورنىغا كەسىپنى توختىتىپ تەرتىپكە سېلىش جازاسى بېرىلسە، جازالاش قارارى كۈچكە ئىگە بولغاندىن دەرىجىلىك ئەدلىيە مەمۇرىي ئورگىنىغا ساقلاش ئۈچۈن تاپشۇرۇشى كېرەك.

6-باب ئەدلىيە مەمۇرىي ئورگىنىنىڭ نازارەتچىلىكى ۋە باشقۇرۇشى

46-ماددا ناھىيە دەرىجىلىك ئەدلىيە مەمۇرىي ئورگىنى شۇ مەمۇرىي رايون ئىچىدىكى  ئادۋوكاتلىق ئورنىڭ كەسپى پائالىيىتىنى كۈندىلىك نازارەت قىلىدۇ باشقۇرىدۇ، تۆۋەندىكى مەسئۇلىيەتلەرنى ئادا قىلىدۇ:

(1) ئادۋوكاتلىق ئورنىنىڭ كەسپىي پائالىيەتلەرنى قانات يايدۇرۇش جەريانىدىكى قانۇن— نىزام ۋە قائىدىگە رىئايە قىلىش ئەھۋالىغا نازارەتچىلىك قىلىش؛

(2) ئادۋوكاتلىق ئورنىنىڭ كەسپى ۋە ئىچكى باشقۇرۇش تۈزۈمىنى ئورنىتىش ۋە ئۇنى يولغا قويۇش ئەھۋالىغا نازارەتچىلىك قىلىش؛

(3) ئادۋوكاتلىق ئورنىنىڭ قانۇنىدا بەلگىلەنگەن قۇرۇش شەرتلەرىنى ساقلاپ كەلگەنلىكى، شۇنىڭدەك ئۆزگىرىش ئەھۋالىنى مەلۇم قىلىپ تەستىقلاش ياكى ئەنگە ئالدۇرۇشنى ئىجرا قىلىش ئەھۋالىغا نازارەتچىلىك قىلىش؛

(4) ئادۋوكاتلىق ئورنىنىڭ ھېساباتىنى ئېنىقلاش، رويخەتتىن ئۆچۈرۈشنى ئىلتماس قىلىش ئەھۋالىغا نازارەتچىلىك قىلىش؛

(5) ئادۋوكاتلىق ئورنىنىڭ ئادۋوكاتلارنىڭ كەسىپنى يىللىق تەكشۈرۈش ۋە يىللىق كەسپى خۇلاسىسىنى مەلۇم قىلىش ئەھۋالىغا نازارەتچىلىك قىلىش؛

(6) ئادۋوكاتلىق ئورنى ئۈستىدىن قىلىنغان پاش قىلىش، ئەرزنى قوبۇل قىلىش؛

(7) ئادۋوكاتلىق ئورنىنىڭ بېرىلگەن مەمۇرىي جازاسىنى ئىجرا قىلىش ۋە تۈزىتىش ئەھۋالىغا نازارەتچىلىك قىلىش؛ 

(8) ئەدلىيە مىنىستىرلىقى ۋە ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك ئەدلىيە مەمۇرىي ئورگىنى بەلگىلەنگەن باشقا مەسئۇلىيەتلەر.

ناھىيە دەرىجىلىك ئەدلىيە مەمۇرىي ئورگىنى كۈندىلىك نازارەتچىلىك قىلىپ باشقۇرۇش جەريانىدا،  ئادۋوكاتلىق ئورنىنىڭ كەسپى ۋە ئىچكى باشقۇرۇش جەھەتتە ساقلانغان مەسىلىلەرنى سەزسە، تەكشۈرۈپ دەلىللىسە، ئادۋوكاتلىق ئورنى مەسئۇلى ياكى مۇناسىۋەتلىك ئادۋوكات بىلەن ئاگاھلاندۇرۇش سۆھبىتى ئۆتكۈزۈپ، تۈزىتىشكە بۇيرۇشى ھەمدە ئۇنىڭ تۈزىتىش ئەھۋالىغا نازارەتچىلىك قىلىشى كېرەك؛ ئادۋوكاتلىق ئورنىنىڭ قانۇنغا خىلاپ قىلمىشىغا قانۇن بويىچە مەمۇرىي جازا بېرىشكە تېگىشلىك، دەپ قارىسا، بىر دەرىجە يۇقىرى ئەدلىيە مەمۇرىي ئورگىنىغا جازا بېرىش تەكلىپى بېرىشى؛ ساھە بويىچە جازا بېرىشكە تېگىشلىك،دەپ ، قارىلسا، ئادۋوكاتلار جەمئىيىتىنىڭ بىرتەرەپ قىلىشىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىشى كېرەك. 

47-ماددا رايونىدىكى شەھەر دەرىجىلىك ئەدىلىيە مەمۇرىي ئورگىنى تۆۋەندىكى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىدۇ:

(1) شۇ مەمۇرىي رايون ئىچىدىكى  ئادۋوكاتلىق ئورنىلارنىڭ كەسپى پائالىيىتى ۋە تەشكىلىي قۇرۇلۇش، قوشۇن قۇرۇلۇشى، تۈزۈم قۇرۇلۇشى ئەھۋالىنى ئىگىلەپ، ئادۋوكاتلىق خىزمىتىنى كۈچەيتىشنىڭ تەدىبرى ۋە چارىسىنى تۈزۈپ چىقىش؛

(2) بىر دەرىجە تۆۋەن ئەدلىيە مەمۇرىي ئورگىنىنىڭ نازارەتچىلىك قىلىپ باشقۇرۇش خىزمىتىگە يېتەكچىلىك، نازارەتچىلىك قىلىش،  ئادۋوكاتلىق ئورنىنى مەخسۇس تۈر بويىچە نازارەتچىلىك قىلىش ۋە ئۇنى تەكشۈرۈش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇشقا تەشكىللەش،  ئادۋوكاتلىق ئورنىنىڭ چوڭ شىكايەت قىلغان دېلوسىنى تەكشۈرۈپ بىرتەرەپ قىلىش خىزمىتىگە يېتەكچىلىك قىلىش؛

(3) ئادۋوكاتلىق ئورنىنى تەقدىرلەش؛ 

(4) ئادۋوكاتلىق ئورنىنىڭ قانۇنغا خىلاپ قىلمىشىغا قانۇندا بەلگىلەنگەن ھوقۇقى بويىچە جازا بېرىش؛قانۇن بويىچە كەسىپكارلىق گۇۋاھنامىسىنى بىكار قىلىش جازاسى بېرىشكە تېگىشلىك بولسا، بىر دەرىجە يۇقىرى ئەدلىيە مەمۇرىي ئورگىنىغا جازالاش تەكلىپى بېرىش؛

(5) ئادۋوكاتلىق ئورنىنى يىللىق تەكشۈرۈش، سىناش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇشقا تەشكىللەش؛

(6) ئادۋوكاتلىق ئورنىنى قورۇشىنى، ئۆزگەرتىشنى تەكشۈرۈپ تەستىقلاش ياكى ئەنگە ئېلىش،  ئادۋوكاتلىق ئورنىنىڭ شۆبىسىنى قۇرۇش، شۇنىڭدەك كەسىپ ئىجازەتنامىسىنى رويخەتتىن ئۆچۈرۈشكە ئائىت ئىشلارنى بېجىرىش؛

(7) شۇ مەمۇرىي رايون ئىچىدىكى  ئادۋوكاتلىق ئورنىنىڭ چوڭ-چوڭ ئۇچۇرلىرىنى ئاشكارىلاش خىزمىتىگە مەسئۇل بولۇش؛

(8) قانۇن-نىزاملاردا بەلگىلەنگەن باشقا مەسئۇلىيەتلەر.

بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەردىكى رايونلۇق (ناھىيەلىك) ئەدلىيە مەمۇرىي ئورگىنى ئالدىنقى تارماقتا بەلگىلەنگەن ئالاقىدار مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالىدۇ.

48-ماددا ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك ئەدلىيە مەمۇرىي ئورگىنى تۆۋەندىكى تۆۋەندىكى نازارەتچىلىك قىلىپ باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىدۇ:

(1) شۇ مەمۇرىي رايون ئىچىدىكى  ئادۋوكاتلىق ئورنىلارنىڭ تەرەققىيات پىلانى ۋە ئالاقىدار سىياسەتلەرنى تۈزۈش،  ئادۋوكاتلىق ئورنىلارنى باشقۇرۇشتا ئائىت قائىدە خاراكتېرلىك ھۆججەتلەرنى تۈزۈش؛

(2) شۇ مەمۇرىي رايون ئىچىدىكى  ئادۋوكاتلىق ئورنىلارنىڭ تەشكىلىي قۇرۇلۇشى، قوشۇن قۇرۇلۇشى، تۈزۈم قۇرۇلۇشى ۋە كەسىپنى قانات يايدۇرۇش ئەھۋالىنى ئىگىلەش؛

(3) تۆۋەن دەرىجىلىك ئەدلىيە مەمۇرىي ئورگىنىنىڭ نازارەت قىلىپ، باشقۇرۇش خىزمىتىگە نازارەتچىلىك قىلىش ۋە يېتەكچىلىك قىلىش، ئادۋوكاتلىق ئورنىنىڭ مەخسۇس تۈر بويىچە نازارەتچىلىك قىلىش، تەكشۈرۈش ۋە يىللىق تەكشۈرۈش خىزمىتىگە يېتەكچىلىك قىلىش؛

(4) ئادۋوكاتلىق ئورنىلارنى تەقدىرلەش پائالىيىتىنى تەشكىللەش؛

(5) ئادۋوكاتلىق ئورنىنىڭ قانۇنىغا ئېغىر ھالدا خىلاپلىق قىلىش ھەرىكىتىگە قارىتا قانۇن بويىچە كەسىپ ئىجازىتى كىنىشكىسىنى بىكار قىلىش جازاسى بېرىش، بىر دەرىجە تۆۋەن ئەدلىيە مەمۇرىي ئورگىنىنىڭ مەمۇرىي جەھەتتىن جازالاش خىزمىتىگە نازارەتچىلىك قىلىش، مەمۇرىي قايتا قاراپ چىقىش ۋە شىكايەتكە ئائىت دېلولارنى بېجىرىش؛

(6) ئادۋوكاتلىق ئورنىنى قورۇشىنى، ئۆزگەرتىشنى تەكشۈرۈپ تەستىقلاش ياكى ئەنگە ئېلىش،  ئادۋوكاتلىق ئورنىنىڭ شۆبىسىنى قۇرۇش، شۇنىڭدەك كەسىپ ئىجازەتنامىسىنى رويخەتتىن ئۆچۈرۈشكە ئائىت ئىشلارنى بېجىرىش؛

(7) شۇ مەمۇرىي رايون ئىچىدىكى  ئادۋوكاتلىق ئورنىنىڭ چوڭ-چوڭ ئۇچۇرلىرىنى ئاشكارىلاش خىزمىتىگە مەسئۇل بولۇش؛

(8) قانۇن— نىزاملاردا بەلگىلەنگەن باشقا مەسئۇلىيەتلەر.

49-ماددا ھەر دەرىجىلىك ئەدلىيە مەمۇرىي ئورگانلىرى ۋە ئۇنىڭ خادىملىرى  ئادۋوكاتلىق ئورنىنى نازارەتچىلىك قىلىپ باشقۇرۇشتا ئادۋوكاتلىق ئورنىنىڭ قانۇن بويىچە كەسىپ بېجىرىشكە دەخلى قىلىشىغا،  ئادۋوكاتلىق ئورنىنىڭ قانۇنىي ھوقۇق مەنپەئىتىگە دەخلى-تەرۇز قىلىشىغا، ئادۋوكاتلىق ئورنى ۋە ئادۋوكاتلاردىن پۇل-مال تەلەپ قىلىشقا ياكى قوبۇل قىلىشقا، باشقا نەپ ئېلىشقا بولمايدۇ.

50-ماددا ئەدلىيە مەمۇرىي ئورگىنى ئىجازەت بېرىش ۋە باشقۇرۇش پائالىيىتىگە بولغان قاتلام بويىچە نازارەتچىلىكنى كۈچەيتىشى، بەلگىلىمە بويىچە خىزمەتكە ئالاقىدار ستاتىستىكا، يوليورۇق سوراش، دوكلات قىلىش، بېجىرىشكە نازارەتچىلىك قىلىشتەك تۈزۈملەرنى ئورنىتىشى كېرەك.

ئادۋوكاتلىق ئورنىنىڭ ئىجازەتنى يولغا قويۇش، يىللىق تەكشۈرۈپ سىناش ياكى مۇكاپاتلاش— جازالاشقا مەسئۇل ئەدلىيە مەمۇرىي ئورگىنى، ئىجازەت قارارى، تەكشۈرۈش نەتىجىسى ياكى مۇكاپاتلاش— جازالاش ئەھۋالىنى تۆۋەن دەرىجىلىك ئەدلىيە مەمۇرىي ئورگىنىغا ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىشى ھەمدە بىر دەرىجە يۇقىرى ئەدلىيە مەمۇرىي ئورگىنىغا دوكلات قىلىشى كېرەك.

51-ماددا ئەدلىيە مەمۇرىي ئورگىنى ئادۋوكاتلار جەمىئىيىتىگە بولغان يېتەكچىلىكنى كۈچەيتىشى، ئادۋوكاتلار جەمئىيىتىنىڭ «ئادۋوكاتلار قانۇنى» ۋە جەمئىيەت نىزامنامىسى، ساھە ئۆلچىمى بويىچە  ئادۋوكاتلىق ئورنىنىڭ ساھە بويىچە  ئادۋوكاتلىق ئورنىنىڭ ئۆزىنى ئۆزى باشقۇرۇش، مەمۇرىي باشقۇرۇش بىلەن ساھە بويىچە ئۆزىنى ئۆزى باشقۇرۇش بىرلەشتۈرۈلگەن ماسلاشتۇرۇش، ھەمكارلىشىش مېخانىزمى ئورنىتىشى ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈشنى قوللىشى كېرەك.

52-ماددا ھەر دەرىجىلىك ئەدلىيە مەمۇرىي ئورگانلىرى شۇ مەمۇرىي رايون ئىچىدىكى  ئادۋوكاتلىق ئورنىنىڭ تەشكىلى، قوشۇن، كەسپىي ئەھۋالىنىڭ ستاتىستىكا ماتېرىيالى، يىللىق باشقۇرۇش خىزمىتىنىڭ خۇلاسىسىنى بىر دەرىجە يۇقىرى ئەدلىيە مەمۇرىي ئورگىنىغا يوللاپ بېرىشى كېرەك.

53-ماددا ئەدلىيە مەمۇرىي ئورگىنىنىڭ خىزمەتچى خادىملىرى  ئادۋوكاتلىق ئورنىنى قۇرۇش ئىجازىتى بېرىش ۋە نازارەتچىلىك قىلىش، باشقۇرۇش پائالىيىتىنى يولغا قويۇش داۋامىدا خىزمەت ھوقۇقىدىن كەلسە-كەلمەس پايدىلىنىپ، خىزمەتتە بىپەرۋالىق قىلىپ شەكىللەندۇرسە جىنايى جاۋابكارلىقى قانۇن بويىچە سۈرۈشتۈرۈلىدۇ؛ جىنايەتكە توشمىغانلارغا مەمۇرىي جازا بېرىلىدۇ.

7-باب قوشۇمچە پرىنسىپ

54-ماددا ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك ئەدلىيە مەمۇرىي ئورگىنى مۇشۇ چارىگە ئاساسەن،كونكرېت يولغا قويۇش بەلگىلمىسىنى تۈزۈپ، ئەدلىيە مىنىستىرلىقىىگە ئەنگە ئالدۇرسا بولىدۇ.

55-ماددا بۇ چارە ئېلان قىلىنغان كۈندىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ، ئىلگىرى ئەدلىيە مىنىستىرلىقى تۈزگەن ئادۋوكاتلىق ئورنىنى باشقۇرۇشقا دائىر قائىدە خاراكتېرلىك ھۆججەتلەر بۇ چارىگە زىت كېلىپ قالسا، مۇشۇ چارە ئۆلچەم قىلىنىدۇ.[0]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#