غارىقۇن
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
غارىقۇن بولسا كۆپ تۆشۈكلۈك زەمبۇرۇغلار ئائىلىسىدىكى ئۆسۈملۈك ئاچچىق ئاق تۇۋاق ياكى دورىغا ئىشلىتىدىغان قاتمۇ – قات تۆشۈكلۈك زەمبۇرۇغنىڭ باكتېرىيە تېنىدۇر. ئات تۇيىقىسىمان، رەڭگى ئاق، پۇرىقى بىر ئاز ئۆتكۈر،ۋەزنى يەڭگىل كېلىدۇ ،ئېلىمىزنىڭ كۆپلىگەن جايلىرىدىن جۈملىدىن شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىن ھەمدۇ جەنۇبىي ۋە ئوتتۇرا ياۋروپادىكى دۆلەتلەردىن چىقىدۇ.
غەيرىي تەبىئىي سەپرا، سەۋدا ۋە بەلغەم خىلتلىرىنى سۈرۈش، ئۆپكە- كاناينى قۇۋۋەتلەپ، ئۇنىڭدىكى بۇزۇۇق ماددىلارنى تازىلاش، قاتتىق ئىششىقلارنى يۇمشىتىش، يەل تارقىتىش، ھەر تۈرلۈك قۇلۇنجىنى يوقىتىش، جىگەر ۋە بۆرەكنىڭ توسالغۇلىرىنى ئېچىش، سۈزگۈچى دورىلارنىڭ تەسىرىنى كۈچەيتىش، سۈيدۈك ۋە ھېيىزنى راۋانلاشتۇرۇش، ئېغىزنى خۇش پۇراق قىلىش، زەھەر قايتۇرۇش، يۈرەك، مېڭە، نېرۋا ۋە پەيلەرنى كۈچلەندۈرۈش، غەيرىي تەبىئىي بەلغەم خىلىتىدىن بولغان تەپلەرنى يوقىتىش.
ئەكىس تەسىرى
گالدا بوغۇلۇش پەيدا قىلىدۇ، شۇنىڭغا دىققەت قىلىش كېرەككى، گوللاندىيە دورا كىتابىدا، غارىقۇن قورۇغۇچى خۇسىيەتكە ئىگە بولۇپ، شىلىمشىق سۇيۇقلۇقلارنى يوقىتىدۇ، سۈيدۈك ۋە ھېيىزنى راۋان قىلىدۇ، زۇكام، سوغۇق تېگىشتىن بولغان باش ئاغرىقى، ئاشقازان سوۋۇپ كېتىشتىن بولغان شىلىمشىق سۇيۇقلۇقلار كۆپىيىش، كۆكرەك ۋە باشنىڭ سوغۇقتىن بولغان ئاغرىقلىرى، تال ئاغرىقى، سېرىقلىق چۈشۈش قاتارلىقلارغا پايدا قىلىدۇ، بۇنى بېرىشتە سۇپۇپ تەييارلاىپ 1.5~3 گرامغىچە ياكى دەملەنمە ھالدا ئالتە گرامغىچە بېرىلىدۇ، غارىقۇننىڭ كۆڭۈل ئېلىشتۈرۈش خۇسۇسىيىتى بولغىنى ئۈچۈن ئۇنى ئەڭ ياخشىسى قوۋزاقدارچىن، زەنجىۋىل، قەلەمپۇر، لاچىندانە قاتارلىق خۇش پۇراق دورىلار بىلەن ئىشلىتىش پايدىلىق دەپ يېزىلغان.
ئاساسلىقى ئاتسىدوم ئاگارىكوم (Sgric acid)، ئاتسىدوم بىئورىكوئىكوم ( Eburicoic acid)، ئاتسىدوم سولفورىنكوم (Sulfurenic acid) قاتارلىقلار بار.
بۇنى ئىشلەتكەندە سوقماستىن، قىل ئەلگەككە سۈركەپ، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ ئىشلىتىلىدۇ. شۇنداق قىلغاندا ئۇنىڭ يۇمشاق قىسىملىرى ئەلگەكتىن ئۆتىدۇ، زەھەرلىك قىسىملىرى ئەلگەكتە قالىدۇ، بۇ سوقۇلمايدۇ، چۈنكى سوقسا ئىشلىتىدىغان قىسىملىرى بىلەن ئېلىپ تاشلانغان تىرناق شەكلىدىكى زەھەرلىك قىسىملىرى ئارىلىشىپ كېتىدۇ.
غارىقۇن1 . غاپەسنى كابىلە ھېلىلىسى، پاۋانىيا ۋە مەستىكى بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ سۇپۇپ قىلىپ يەپ بەرسە پايدا قىلىدۇ.
2. غاپەس 10 گرام، ھېلىلە 5 گرام، مەستىكىدىن 10 گرام ئېلىپ، قائىدە بويىچە قاينىتىپ ئىچسە، شەقىقە ۋە قىزىتمىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
3. غارىقۇت تالقىنىنى ئۈزۈپ شەربىتىگە ئارىلاشتۇرۇپ، غار – غار قىلسا، گۈل ئىشىشقى ۋە چىش مىلىكى بوشاشقا مەنپەت قىلىدۇ.
4. غارىقۇت 10 گرام، رۇم بەدىيان 10 گرام، دورىلارنى سوقۇپ سۇپۇپ قىلىپ ئىچسە، كونا يۆتەل ۋە زىققىغە مەنپەئەت قىلىدۇ.
5. ئىككى گرام غارىقۇنغا ئۈچ يېرىم گرام رەۋەن قوشۇپ يەپ بەرسە، سەرئى، جىگەر ۋە ئاشقازان كېسەللىكلىرىگە پايدا قىلىدۇ.
6. غارىقۇننى سىركەنجىۋىل بىەن قوشۇپ يەپ بەرسە، يەرقانغا پايدا قىلىدۇ.
7. غارىقۇننى ئاسارۇن ۋە ھەسەل بىلەن قوشۇپ يەپ بەرسە، بۆرەك ۋە دوۋساقتىكى تاشلارنى پارچىلايدۇ، بۆرەك ۋە بەل ئاغرىقىغا پايدا قىلىدۇ.
8. غارىقۇننى ئەفسەنتىن ۋە ھەسەل قوشۇپ داۋاملىق ئىستېمال قىلسا، ھەر خىل ئىششىقلارنى ياندۇرىدۇ.
9. غارىقۇننى چايناپ شۈمۈرۈپ بەرسە، ئاشقازان ئاغرىقى، ئاچچىق كېكىرىش، ئاشقازان ئېغىزىغا تاماق تۇرۇپ قېلىش قاتارلىقلار ئۈچۈن ئوبدان پايدا قىلىدۇ، بۇ قۇستۇرۇش ئۈچۈنمۇ ئىشلىتىلىدۇ. بۇنى ھاشارات چىقىۋالغان ئورۇنغا سۈركىسە، ئاغرىقنى پەسەيتىدۇ.
ھەببى غارىقۇن، سۇپۇپى غارىقۇن
قەۋزىيە، ئىستىسقا، يەرقان، ئۈچەي قۇرتى ھەمدە بەھەق، بەرەس قاتارلىق تېرە كېسەللىكلىرىگە ئىشلىتىلىدۇ.
كېلىش مەنبەسى(ئەسەر)
ئۇيغۇر تېبابىتى خام دورىلار ئىلمى بىرىنچى توم (سىناق نۇسخا) شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى.[0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.